روك & رول داڭلىقلارخانىسى(Rock and Roll Hall of Fame) 
يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان روك داڭلىقلارخانىسىغا كىرىش سالاھىيىتى ئەمەلىيەتتە بولسا،غەرب روك ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇكاپاتلاش يىغىلىشى ھېسابلىنىدۇ .بۇ فوندى تەشكىلاتى 1983-يىل قۇرۇلغان بولۇپ ،بىرىنچى نۆۋەتلىك مۇكاپاتلاش يىغىلىشى 1986-يىلى ئۇيۇشتۇرۇلغان.ئامېرىكا ئاممىباب كۈيلەرنى باھالايدىغان گېرەيمى مۇكاپىتىغا قارىغاندا، روك داڭلىقلارخانىسى مۇكاپاتلاش يىغىلىشى ناھايىتى مۇھىم ۋە داغدۇغىلىق ئىلىپ بېرىلىدۇ.ئۇنىڭدا ئاساسلىقى كۈيچىلەرنىڭ روك تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىر دائىرىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ،ئۇلارنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ روشەن ھالدا تاماشىبىنلارغا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.بۇ خانىغا كىرگەنلەر،چوقۇم دەسلەپكى ئالبومى تارقىتىلغان ۋاقىتتىن، نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ۋاقىتقىچە بولغان ئارلىق 25يىل بولۇشى،ئۇنىڭدىن باشقا چوقۇم روك ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولۇشى ،ھەمدە روك تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان بۇلىشى كېرەك.ئارقىدىن روك تارىخ تەتقىقاتچىلىرىدىن تەركىب تاپقان باھالىغۇچىلار بەشتىن يەتتىگىچە نامزاتنى سايلاپ چىقىدۇ،ئاخىرىدا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق،ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەنلەرنى روك داڭلىقلارخانىسىغا كىرگۈزىدۇ.( روك ئەند رول داڭلىقلارخانىسى)باشقا مۇكاپاتلاش يىغىلىشىغا سېلىشتۇرغاندا ،روك ئېقىمىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ،مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ناخشىچىلارلا مۇكاپاتلىنىپ قالماستىن،ئۇلاردىن باشقا يەنە تېكىست يازغۇچى، كومپوزىتور ،ئۈنگە ئالغۇچى ۋە كۈي موخبۇرى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
تۆۋەندە نامزاتلىققا كۆرسىتىش شەرتلىرى: (performers) چوقۇم دەسلەپكى ئالبومى تارقىتىلغان ۋاقىتتىن، نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ۋاقىتقىچە بولغان ئارلىق 25يىل بولۇشى،ئۇنىڭدىن باشقا چوقۇم روك ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولۇشى كېرەك. روك تارىخ تەتقىقاتچىلىرىدىن تەركىب تاپقان باھالىغۇچىلار بىلەن 1000 ئادەمدىن تەركىب تاپقان روك تەتقىقاتچىلارنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق ،ئاخىرىدا بەشتىن يەتتىگىچە نامزاتنى سايلاپ چىقىدۇ. (non-performers) روك تارىخىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن تېكىست يازغۇچى،كومپوزىتور،ئۈن ئالغۇچى ،كۈي موخبۇرى ۋە كەسىپ ئىچىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (early influences) روك پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئادەملەر،بىراق ئۇلارنىڭ كۈيلىرى روكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن،ھەمدە كېيىنكىلەرنىڭ ئىجادىيىتىگە ئىلھام بولغانلار. (side men) 2000-يىلدىن كېيىن كېلىپ چىققان يېڭى ئېقىمدىكىلەر،ھەمدە ئاساسى ئېقىمدىكىلەرنىڭ كەينىدە تۇرۇپ،ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلار.
|