بلۇز دىگىنىمىز ناخشا ۋە چالغۇلاردا كۆك ئاھاڭنى (blue note) ئاساس قىلغان مۇزىكا تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. بلۇز ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى ئافرىقىلىق-ئامىرىكا كومېتىتلىرىنىڭ روھانى ناخشىلىرى، ئەمگەك ناخشىلىرى ۋە ئېتىز جىرلىرى ۋە قوشاق ئېتىش شەكلىدىكى خەلىق ناخشىلىرىدىن پەيدا بولغان. مۇزىكا تېكىستلەردە كۆك ئاھاڭنى ۋە چاقرىققا-جاۋاب(call-and- response) ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئافرىقىنىڭ تەسىرىنى بېلدۈرىدۇ. بىلۇس كېيىنكى ئامىرىكا ۋە غەرىبنىڭ ئاممىباب مۇزىكىلىرىغا(popular music) زور تەسىر كۆرسەتكەن، يەنە جەز، رېزىم ۋە بلۇز، روكنرول، بلۇگىراس، خېپ-خوپ ۋە باشقا ئاممىباب مۇزىكىلارنىڭ يىلتىزىغا ئايلانغان. بلۇزدىگەن بۇ سۆزىنى كۆك ئالۋاستىغا باغلاشقا بولىدۇ، بۇنىڭ مەنىسى چۈشكۈنلەشكەن روھ، قايغۇ ۋە ئازابنى بىلدۈرىدۇ. بىلۇس سۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باغلىنىشىنى جىئورجى كولمان(george colman)نىڭ 1798-يىلى ئورۇنلانغان ئېپىزوتى كۆك ئالۋاستىدىن تېپىشقا بولىدۇ. بىلۇس سۆزى بۇ ئېپىزوتتا جۆيلۈش ۋە ساقچى دىگەن سۆزلەرنىڭ ئورنىغا ئېيۇفېمىزىم(euphemisim) ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. " ئېيۇفېمىزىم دىگىنىمىز- مەسىلەن، ئۆلدى دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئالەمدىن ئۆتتى دىگەننى ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇيغۇرچىدا بۇنى بىلىدىغانلار بولسا ئەسكەرتىپ قويغاي" . گەرچە بىلۇس سۆزى ئافرىقىلىق-ئامىرىكا مۇزىكىلىرىدا ئشلىتىلىپ كېلىۋاتقىنىغا ئۇزاق بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ 1912-يىلى خارىت ۋاند( hart wand)نىڭ داللاس بىلۇسى(dallas blues) بىرىنچى قېتىملىق نەشىر ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بلۇز ئېجادىيىتى بولۇپ قېلىشى بىلەن ھەقىقى رەسمىيلەشكەن. تېكىسلەردە بۇ سۆز دائىم دېگۈدەك قايغۇلۇق كەيپىياتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ يەردە بىر قانچە خۇسۇسىيەتلەر بارلىق بلۇزغا ئورتاق، چۈنكى بۇ ئۇسلۇب ئۆزگىچە بولغان ئورۇنلاش ئالاھىدىلىكىدىن شەكىللەنگەن. قانداق بولمىسۇن بلۇزنىڭ بەزى بىر خۇسۇسىيەتلىرى ھازىرقى زامان بلۇزى ئېجاد قىلىنىشتىن ئۇزۇن زامانلار بۇرۇن پەيدا بولغان. دەسلەپكى بلۇزدەك مۇزىكىلا ر بولسا چاقرىق-جاۋاب جىرلىرى بولغان بولۇپ بىر خىل فۇنكىسيىلىك ئىپادىلەشنى بىلدۈرگەن...بۇ دېگىنىمىز بىر خىل تەڭكەش ۋە خارمونىكىدىن خالى بولغان، قىسمەن مۇزىكا قۇرۇلما قېلىپلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان شەكىلنى كۆرسىتىدۇ.بۇرۇنقى بىلۇس شەكلى بولسا قۇللار ئېتىزىدىن ئاڭلىنىدىغان جىر ۋە توۋلاشلار ئىدى، كېيىن " ھىسى تەركىبلەرگە تولغان يالغۇز كىشلىك ناخشىا"غا كېڭەيگەن. بۈگۈنكى كۈندىكى بلۇز بولسا ئاۋاز بىلەن گېتارنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشغا ئۆزگەرگەن، ياۋرۇپانىڭ خارمونىكىلىق قۇرۇلمىسى ۋە ئافرىقىنىڭ چاقرىق-جاۋاب ئەنئەنىسىنى ئاساس قىلغان مۇزىكا ئۇسلۇبى دەپ قارىلىدۇ. نۇرغۇن بلۇز تەركىبلىرىنى ،يەنە چاقرىق-جاۋاب ۋە كۆك ئاھاڭنىڭ ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلارنى ئافرىقا مۇزىكىسدىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ. كيىنىچىرەك بلۇز ئۆزىگە ئېفيوپىيە ھاۋاسى، مەددالىق، قاراتەنلىكلەرنىڭ روھانى مۇزىكىلىرىدىن تەركىبلەرنى يېققان، بۇلار يەنە چالغۇلۇق ۋە خارمونىكىلىق تەڭكەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بلۇز بۇ دەۋردىن باشلاپ ھەرخىل ھەرخىل قۇرۇلمىلارنى ئىپادىلەشكە باشلىغان. شۇ چاغدىكى لېد بەللى(lead belly)ۋە ھىنىرى توماس(henry thomas)لارنىڭ كۆچۈرمەئۈنلىرىدىن بۇلارنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ. تونېك'1'(tonic), سۇبدومېنانت4(subdominant)', دومېنانت ئاكورىت5(dominant chord) لەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن 12، 8 ۋە 16كىچىك بۆلەكلىك قۇرۇلمىلار شۇ چاغدىكى ئورتاق قوللىنىلىدىغان شەكىلگە ئايلانغان. (مۇزىكا نەزەرىيىسدىن خەۋىرى بارلارنىڭ يۇقۇرقى ئاتالغۇلارغا ئۇيغۇرچە چۈشەنچە بېرىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن) بلۇزنىڭ دەسلەپكى تېكىسىت شەكلى ئاساسەن تاق لېنىيىلىك بولۇپ تۆت قىېتىم قايتىلىناتتى. پەقەت كېيىنچە ھازىرقى ناھايتتى ئوموملاشقان قۇرۇلما، يەنە بىر لېنىيە بىر قېتىم قايتىلىنىدىغان كەينىدىن تاق لېنىيىلىك خاتىمە ئەگىشىپ كېلىدىغان شەكىل ئۆلچەمگە ئايلاندى. بۇ لېنىيىلەر دائىم مىلودىيەگە قارىغاندا رېتىملىق گەپ قىلشقا ئوخشاشىراق ئېتىلاتتى. بلۇز كۆپ ۋاقىتلاردا ئەركىن بايان قىلش ئۇسۇلىنى تاللايتتى. ناخشىچى دائىم ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيانىڭ رەھىمىسىز رىئاللىقىدىن پەيدا بولغان ئازاپلىرىنى بايان قىلاتتى، مۇھەببەتتىن ئايرىلىش، بىر ساقچىنىڭ ۋەھشىلىكى،بىر ئاق تەنلىكنىڭ قول ئاستىدىكى بېسىم ۋە ئېغىر كۈنلەرگە ئوخشاش ۋەقەلەر تېما قىلىناتتى. گەرچە بلۇز بىر خىل ئازاپ ۋە ئېزىلىشنى ئەسلەتسىمۇ لېكىن بەزى چاغلاردا قىزىقارلىق ۋە شەھۋانى مەزمۇنلارغا ئېگە بولۇپ قالىدۇ.... Rebecca, Rebecca, get your big legs off of me, Rebecca, Rebecca, get your big legs off of me, It may be sending you baby, but it's worrying the hell out of me بلۇزنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر مەلۇمات يوق، ئادەتتە 1870-يىللاردىن 1900-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بارلىققا كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. شۇ چاغدىكى مەمفېس بلۇزىنى ئېجاد قىلغۇچى ۋېلىيام كىرېستوفىر خەندي بىلۇسنىڭ چالغۇلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە سېمفونىيەلىك ئوركىستىرلاشتۇرۇش قاتارلىق تۆھپىلىرى بىلەن بلۇزنى ئاممىبابلاشتۇرغان. شۇڭا ئۇ" بلۇزنىڭ ئاتىسى" دىگەن نامغا مۇيەسسەر بولغان.  w.c .handy ۋىليام كىرىستوفىر خەندي ئۈن ئېلىش شىركەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ سەھرا بىلۇس ئورۇنلىغۇچىلىرىدىن بو كارتىر(bo carter), قارىغۇ لېمون جېففىرسىن(blind lemon jefferson), لوننىيە جونسون(lonnie joknson), تامپا رەد(tampa red) ۋە بىلايىند بىلەيك(blind blake)لەر ئافرىقلىق-ئامرىكىلىقلار ئارىسىدا تونۇلۇشقا باشلىدى. سيلۋېستىر ۋېۋىر(sylvester weaver) گېتار سىرغىتىش(slide guitar) ئۇسلۇبىنى بىرىنچى ئاۋازغا ئالغۇچى بولدى. شۇ چاغدىكى گېتتار سىرغىتىش ئۇسۇلى بولسا پېچاغنىڭ تىغى ۋە پوتۇلكىنىڭ بوينىنى گېتتار تارىسغا تەككۈزۈش ئارقىلىق پەدە چىقىرىلاتتى. كېيىن گېتتار سىرغىتىش دېلتا(delta)بىلۇسنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ قالدى. 1920يىللىر دەسلەپكى ئۈنگە ئېلىنىغان بلۇز ئىككى كاتىگورىيەگە ئايرىلغان، يەنە ئەنئەنىۋى سەھرا بلۇزى ۋە شەھەر بلۇزى(urban blues).  روبىرىت جونسون robert Johnson دېلتا بلۇزغا ئاساس سالغۇچى،يۇقرىداقويۇلۇۋاتقىنى ئۇنىڭ داڭلىق ئەسىرى تۆت كوچا بلۇزى (crossroad blues) بۇگي-ۋۇگي(boogie-woogie)بولسا 1930-يىللىرى ۋە 1940-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىكى شەھەر بلۇزنىڭ مۇھىم ئۇسلۇبى ئىدى. بۇگي-ۋۇگي چېكاگودا جېممي يانسىي(jimmy yancey) ۋە بۇگي-ۋۇگي ئۈچ پېشۋاسى ئالبىرىت ئاممونىس(albert ammons), پېت جونسون(pete johnson)ۋە مېئاد لۇكىس لۇئېس(meade lux lewis) تەرىپىدىن ئېجاد قىلىنغان. 1940-يىللاردا سەكلىمە بلۇز(jump blues) ئۇسلۇبى تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. سەكلىمە بلۇز تەسىر قىلغان ئېلىمېنتلار چوڭ ئانسامبىل مۇزىكىسى ، ساكىسفوننىڭ ۋە شۇنىڭدەك مىس كاناي چالغۇلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ، گېتتارنىڭ رېتىملىق قىسمىدا جەزچە ۋە يۇقرى تېمپولىق ئاۋازنىڭ ھاسىل قىلىنىشى، ناخشىنىڭ دېكلاماتسىيەچە ئېيتىلىشى قاتارلىقلار. لۇئېس جوردان(louis jordan) ۋە چوڭ جوئى تۇرنىر(big joe turner)لارنىڭ ئاھاڭلىرى كېيىچە روكنرول ، رېتىم ۋە بلۇزلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 1950-يىللاردا ئېلىكتىرونلۇق بلۇزنىڭ يېڭى ئۇسلۇبلىرى چېكاگو، دېتىرويىت ۋە سايىنت لۇئىس قاتارلىق شەھەرلەردە ئوموملىشىشقا باشلىدى. ئېلىكتىرونلۇق بلۇزدا ئېلىكتىر گېتتار، ئېلىكتىر باس ،دۇمباق ۋە خارمونىكا(ئېغىز گارمونى) ئىشلىتىلەتتى. شۇ چاغدىكى ماددي ۋوتىرىس ۋە ئەلمورە جەيمىس( Muddy Waters and Elmore James ) ئېلىتىر گېتتار سىرغىتىشتا يېڭلىق يارىتش بىلەن داڭ چىقارغان ئېدى. بى.بى كېڭ(b.b king)ۋە فىرىددى كېڭ(freddie king) لەر سىرغىما گېتتار چالمىسىمۇ ئېلكتىرونلۇق بلۇز گېتتارغا زور تەسىر كۆرسەتكەن گېتتارچىلاردۇر.ئۇنىڭدىن سىرىت ماددي ۋوتىرىس بىلەن خوۋلېن ۋولف(howlin wolf) ئۆزلىرىنىڭ زىل ئاۋازى بىلەن تونۇلغان ئېدى.  ماددي ۋوتىرىس  ب ب كېڭ باسچى ۋە كومپوزېتور ۋېللى دېكسون(willie dixon) چېكاگو بلۇز سەھنىسىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان، ئۇ شۇ دەۋىردىكى نۇرغۇنلىغان تىپىك بلۇز ناخشىلىرنى يازغان ۋە مۇزىكىسىنى ئېجاد قىلغان. كىشىلەرگە ئېنتايىن تونۇش بولغانلىرىدىن ماددي ۋوتىرىس ئۈچۈن يېزىپ بەرگەن ھۇچي-كۇچي كىشى(hoochie-coochie man) ۋە سېنى سۆيۈشنى خالايمەن(i just want to make love to you) ، خوۋلېن ۋولفقا يىزىپ بەرگەن wang dang doodle ۋە كەينى ئشىكتىكى ئادەم( back door man)قاتارلىقلار بار. 1950-يىللاردا بلۇز ئامىرىكا ئاممىباب مۇزىكىسىغا زورتەسىر كۆرسەتتى. شۇ چاغدىكى روكابېللىنىڭ(rockabilly) تەرەققىياتىغىمۇ قىسمەن تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. داڭلىق مۇزىكانتلاردىن بو دېدىلىي(bo diddely) ۋە چاك بەرري(chuck berry)لار چېكاگو بىلۇسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغاندىن كېيىن ئۆزىلىرىنىڭ قىزغىن ئىشتىياقلىق ئورۇنلاش ئۇسلۇبى بىلەن بلۇزنىڭ قايغۇلۇق تەرىپىدىن بۆلۈنۈپ چىققان. دېدىلىي ۋە بەررىينىڭ ئورۇنلاش ئۇسۇلى بلۇزدىن روكىنرولغا ئۆزگىرەشكە تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق سەۋەب بولغان. ئېلۋېس پىرەسلى(elvis presley) ۋە بېل خالى(bill haley)لار بولسا سەكلىمە بلۇز ۋە بۇگي-ۋۇگينىڭ تەسرىگە بەكرەك ئۇچرىغان. ب.ب كېڭ ئۆزىنىڭ گېتتار ماھارىتى بىلەن بلۇزنىڭ پادىشاھى دىگەن نامنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەنگىلىيچە بلۇز ئۇسلۇبى بولسا فىلېتۋۇد ماك(fleedwood mac), جون مايال ۋە بىلۇس بىرەيكىس(John mayall and blusebreakers), رولېڭ سىتونىس(the rolling stones)،ھويلا قۇشى( the yardbirds), ۋە كىرېم(cream) لارنىڭ دېلتا ۋە چېكاگو بلۇز ئەنئەنىلىرىنى ئورۇنلىشى ئارقىسىدا شەكىللىنىپ تەرەققى قىلغان.1960-يىلنىڭ دەسلىۋىدە ئەنگىلىيە بلۇز مۇزىكانتلىرى ئامىرىكا بلۇز روك سەنئەتكارلىرىغا ئېلھاملارنى بەرگەن. مەسىلەن جەنىس جوپلېن(janis joplin) ۋە allman brothers قاتارلىقلار بۇلاردىن ئېلھام ئالغان.لەد زەپلېن(led zeppelin)مۇ دەسلەپكى يىللىرىدا شۇنىڭدەك ئەنئەنىۋى بلۇز ناخشىلارنى ئورۇنلىغان. خىيالى روك چالىدىغان قاراتەنلىك دەپ ئاتالغان جېمې خېندىرىكىس(jimi hendrix) ناھايىتتى يۇقۇرى گېتتار ماھارىتىگە ئېگە ئېدى. يۇقرىدىكى ۋە باشقا سەنئەتچىلەر ئارقىلىق بلۇز مۇزىكىسى روك مۇزىكىسىنڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى. 1960-يىللاردا بلۇزنىڭ غەرىپچە ئۇسلۇبى مەجېك سام(magic sam)، مەجېك سىلېم(magic slim) ۋە ئوتېس رۇش(otis rush)لار تەرىپىدىن چېكاگودا پەيدا بولۇشقا باشلىدى.ئالبىرىت كېڭ، باددي گاي(buddy guy), لۇسىر ئالېسۇن(luther allison)لار ئاساسلىق گېتتار ئاۋازىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈش ئارقىلىق غەرىپچە بلۇز ئۇسلۇبىدا ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تىكلىگەن. 1970-يىللىرى تېكساس روك-بلۇز ئۇسلۇبى گېتتارنىڭ بىر ۋاقىتتىلا سولو ۋە رېتىم رولىنى تەڭ ئۆتىشى بىلەن پەيدا بولۇشقا باشلىغان. بۇ خىلدىكى تېكساس ئۇسلۇبى ئەنگىلىيە روك-بلۇز ھەركىتىنىڭ تەسرىگە ئۇچرىغان.شۇ چاغدىكى تېكساس ئۇسلۇبىنىڭ ئاساسلىق سەتئەتكارلىرى بولسا، جوننىي ۋېنتېر(johnny winter), سىتېۋ رەي ۋوھان(stevie ray vaughan), ئاجايىپ چاقماق قۇشى( the fabulous thunderbirds) ۋە ز ز توپ(z z top)لاردۇر. ئۇلار سەپىرىنى 1970-يىللار باشلىغان بولسىمۇ لېكىن يەنە بىر دەۋىر يېتىپ كەلگۈچە دۇنياۋى شۆھرەتكە ئېرىشەلمىگەن.  ستېۋ رەي ۋوھان بلۇز مۇزىكىسىنىڭ ئۇسلۇبى، مۇزىكا قۇرۇلمىسى(12كىچىك بۆلەك)، مېلوديىسى ۋە بلۇزنىڭ ئاھاڭ پەدىسى(scale) روكىنرول، جەز، رېتىم ۋە بلۇز(R&B), ئاممىباب مۇزىكا(پوپ) قاتارلىق مۇزىكىنىڭ باشقا تۈرلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. داڭلىق جەز، سەھرا ۋە روك ئورۇنلىغۇچىلىرى بولغان لۇئىس ئامىستىروڭ(louis armstrong), دۇكى ئېلىڭتون(duke ellington), مايلىس دەيۋىس(miles davis), بوب دايلىن(bob dylan), ئاق تاغىل(white strips)قاتارلىقلار ناھايتتى داڭلىق بلۇز مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاپ ئۈنگە ئالغان.  دۇكى ئېلىڭتون، ئۇ گەرچە بىر جەز سەنئەتچىسى دەپ تونۇلغان بولسىمۇ بلۇز قۇرۇلمىسىنى ناھايتتى كۆپ قوللىناتتى...... بلۇزنىڭ ئاھاڭ پەدىسى(scale) يەنە نۇرغۇن ئاممىباب ناخشىلاردا ئىشلىتىلگەن، مەسلەنگە: خارولد ئارلىن(harold arlen)نىڭ كېچىدىكى بلۇز( blues in the night), بلۇز جىرلىرى(blues ballads) نىڭ سېنى سۆيگەندىن باشلاپ(since i fell for you) ۋە ماڭا سۆيگۈدەك بىرسىنى ئەۋەتكىن(please send me someone to love)قاتارلىقلارنى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. يەنە تېخى ئوركىستىرلىق( كاناي ۋە تار چالغۇلۇق مۇزىكا) ئەسەرلەردىمۇ بلۇز ئاھاڭ پەدىسىنىڭ تەسىرىنى تاپقىلى بولىدۇ، مەسىلەن، جئورجى گىرىشۋېن(george gershwin) نىڭ قايغۇدىكى قىزغىن ھاياجان(Rhapsody in blue) ۋە ف دىكى رېتىم ئۆزگىرىشى( concerto in F) ......  |