ئىزچىلار بلوگى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ: مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ، جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملىقىنى قوغداش ھەممە كىشنىڭ مەسئۇلىيىتى. دۆلەتنىڭ قانۇن نىزاملىرىغا، بىخەتەرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا، جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملىقىغا زىيان يەتكۇزىدىغان ھەرقانداق مەزمۇندىكى يازمىنى ئۆچۇرۇپ تاشلايدۇ، ھەمدە يۇقارقىدەك قانۇنسىز قىلمىشلارنى بىردەك قارشى تۇرىدۇ ۋە توسىدۇ،

  • 2011-10-16

    سىمسىز روتېر بولمىسىمۇ لەپتوپ ۋە يانفوندا WiFi ئارقىلىق تورغا بىمالال

    سىمسىز روتېر بولمىسىمۇ لەپتوپ ۋە يانفوندا WiFi ئارقىلىق تورغا بىمالال

     

    ھازىرقى لەپتوپ، يانفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئاساسەن WiFi سىمسىز تور كارتىسى سەپلەنگەن، ئائىلىلەردىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن، بىر دانە سىمسىز روتېر سېتىۋېلىپ، تورنى ئورتاق ئىشلىتىش كىشىگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما، ناۋادا مەكتەپنىڭ ئوغۇچىلار ياتىقى، مېھمانخانا ياكى باشقىلارنىڭ ئۆيىدە بولساق، خالىغان جايدا روتېر ئارقىلىق كۆپ خىل ئەسلىھەلەرنى تورغا چېتىپ تەڭ ئىشلىتىش شارائىتى بولۇشى ناتايىن، بۇ ۋاقىتتا سىز بەلكىم «ناۋادا ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بىر دانە سىمسىز روتېر بولغان بولسا نەقەدەر قولاي بولار ئىدى ھە» دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن.

    ئەمەلىيەتتە، سىزدە پەقەت بىر دانە سىمسىز تور كارتىسى سەپلەنگەن ھەمدە Windows7 قاچىلانغان لەپتوپ بولسىلا، Connectify ناملىق يۇمشاق دېتالنى قاچىلاش ئارقىلىق خاتىرە كومپيۇتېرنى بىر دانە سىمسىز روتېرغا ئايلاندۇرالايسىز ھەمدە WiFi ئارقىلىق يانفون ياكى باشقا لەپتوپلاردىمۇ تەڭلا تورغا چىقىش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز، ئاجايىپ قولايلىق. Connectify بولسا ناھايىتى قالتىس بىر يۇمشاق دېتال! پۈتۈنلەي ھەقسىز، ھېچقانداق چەكلىمىسى يوق، خاتىرە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئىشلىتىش قىممىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۇنداق ياخشى بىر يۇمشاق دېتالنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىز ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ!

     

    Connectify نىڭ رولى
    Connectify نىڭ مەشغۇلات كۆرۈنمە يۈزى ئىنتايىن ئاددى، ئۇنىڭ ھېچقانچە ئارتۇق تەڭشەكلىرى يوق، پەقەت باسقۇچلار بويىچە سىمسىز تورنىڭ نامى، پارولى ھەمدە سىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان تورغا ئۇلىنىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تەڭشەپ بەرسىڭىزلا، سىزنىڭ سۆيۈملۈك لەپتوپىڭىزنى بىر دانە «مەۋھۇم سىمسىز روتېر»غا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ.
     

     

    ئۇنداقتا ئۆزىمىزنىڭ خاتىرە كومپيۇتېرىنى «مەۋھۇم سىمسىز روتېر»غا ئايلاندۇرغاننىڭ قانداق رولى بار؟ مەن بۇ يەردە ئاددى قىلىپ سۆزلەپ ئۆتەي. ئەمەلىيەتتە، بۇ دەل WiFi سىمسىز تورى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئۈسكۈنىلەرنى تورغا ئۇلىنىش ئىنكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم بىرەيلەن ئۆيىگە تېلىگرافنىڭ تورىنى ئورناتتى، بىراق روتېر سېتىۋالمىدى، پەقەت بىر تاللا تور سىمى بار، ئەسلىدە پەقەت بىرلا كومپيۇتېرنى تورغا ئۇلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بۇ چاغدا لەپتوپنى تور سىمىغا ئۇلىساق، لەپتوپ تور سىمى ئارقىلىق تورغا چىقىش شارائىتىغا ئىگە بولىدۇ. ئاندىن Connectify ئارقىلىق WiFi سىگنالى(سىمسىز روتېرغا ئوخشاش) تارقىتىمىز، بۇ چاغدا ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ لەپتوپىڭىز بىر دانە «WiFi تور نۇقتىسى»غا ئايلانغان بولىدۇ. ئاندىن، سىگنال قاپلىنىش دائىرىسى ئىچىدە تۇرۇپ، WiFi يانفون قاتارلىق باشقا ئۈسكۈنىلەرنى تورغا چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايمىز، سىمسىز تور كارتىسى سەپلەنگەن كومپيۇتېر دېگەندەك باشقا ھەرقانداق ئۈسكۈنىلەر بۇ «تور نۇقتىسى»غا ئۇلىنىپ تورغا چىقالايدۇ. بۇنداق بولغاندا بىز سىمسىز روتېرنىڭ ياردىمىسىزلا تورغا ئورتاق چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

    مېنىڭ سىناق قىلىشىمغا ئاساسلانغاندا، iPhone ۋە سىمسىز تور كارتىسى سەپلەنگەن يەنە بىر كومپيۇتېر ھەممىسى بۇ ئورتاق توردىن بەھرىمان بولالىدى، بۇ ھەقىقەتەن قالتىس ئىشتە؟!

     

    سىمسىز تور كارتىسىغا بولغان قوللاش
    ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، مېنىڭ سىناق قىلىشىمغا ئاساسلانغاندا، بارلىق سىمسىز تور كارتىسىنىڭ ھەممىسى بۇ خىل مەۋھۇم سىمسىز تور تېخنىكىسىنى قوللاپ كېتىشى ناتايىن ئىكەن، مەسىلەن، مەن ئىشلەتكەن بۇ سىمسىز تور كارتىسىدا نورمال خىزمەت قىلالىدى، دوستۇمنىڭ لەپتوپىدا بولسا نورمال ئىشلىمەي قويدى. كۆپچىلىك Connectify نىڭ تور بېكىتىگە بېرىپ قايسى تىپتىكى تور كارتىلىرىنى قوللايدىغاننى كۆرۈپ باقسا ياكى چۈشۈرۈپ سىناپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ. ھازىرچە مەندىكى ئۈسكۈنە شارائىتىمۇ چەكلىك بولغاچ، پەقەت مۇشۇنچىلىك سىناق نەتىجىسى تەمىنلىيەلىگۈدەكمەن.

    مەنبە : شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى





ئىزچىلار بلوگى سىزنى تولۇق ۋە تولۇقسىزنىڭ تەبىئىي پەن دەرس تەييارلىقى ، دەرسلىك دېتالى ۋە باشقا دەرسلىك ماتىريالى بىلەن ھەقسىز تۈردە ئۈزلۈكسىز تەمنلەيدۇ.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق