بايانات:
مەرھابا ئەزىز مېھمان بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز : بلوگىمىز ئاساسلىق قىلىپ Visual Basic .6 توغرۇلۇق پالىيەت ئېلىپ بارىدۇ قۇشۇمچە قىلىپ بلوگ بىلىملىرى سۆزلىنىدۇ بلوگىمىزغا باھا بېرىشنى ئۇنۇتماڭ كۆرىۋاتقانلار: 1نەپەر .
  • 2010-09-16

    Visual Basic توغرىسىدا چۈشەنچە - [Microsoft Visual 6.0]

    ئوخشاش بولمىغان يۇمشاق دېتالنىڭ قوللىشى ئاستىدا، كومپيۇتېر ئارقىلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، Word ئارقىلىق يېزىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، Excel ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات جەدۋەللىرى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئادەتتە، ھەر خىل يۇمشاق دېتاللارنىڭ يادروسى كومپيۇتېر خىزمەتچىلىرى تۈزگەن بىر قىسىم پروگراممىلار بولىدۇ. پروگرامما بولسا كومپيۇتېرغا قوماندانلىق قىلىپ، ئۇنى خىزمەت قىلدۇرىدىغان بىر قىسىم بۇيرۇقلاردىن تۈزۈلىدۇ. كومپيۇتېر خىزمەت قىلغاندا، پروگراممىدىكى بۇيرۇقتا بەلگىلەنگەن ھەر خىل مەشغۇلاتلار بەلگىلىك تەرتىپ بويىچە ئىجرا قىلىنىپ، كىشىلەر كومپيۇتېرغا تاپشۇرغان ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدۇ.
    كومپيۇتېرغا پروگرامما تۈزۈش جەريانى پروگرامما لايىھىلەش دەپ ئاتىلىدۇ. پروگرامما تۈزگەندە، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ھەرپ بەلگە توپلىمى ئىچىدىكى سۆزلەر، تىنىش بەلگىلىرى ۋە بىر قىسىم ئالاھىدە بەلگىلەر بەلگىلىك قائىدە بويىچە تۈزگەن جۈملىلەر كىرگۈزۈلۈپ، كومپيۇتېرنىڭ خىزمىتى ئەسكەرتىلىدۇ. بۇ خىل ئادەم بەلگىلىگەن ھەرپ بەلگە توپلىمى بىلەن مۇناسىۋەتلك قائىدىلەر بىرلىشىپ، پروگرامما لايىھىلەش تىلىنى تۈزىدۇ. پروگرامما لايىھىلەش تىلىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، C تىلى، Pascal تىلى، Logo تىلى، Visual Basic تىلى قاتارلىقلار. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىلىدا ئوخشاش بولمىغان سۆز ۋە گرامماتىكا قائىدىسى بولغىنىغا ئوخشاش، ئوخشاش بولمىغان پروگرامما پروگرامما لايىھىلەش تىللىرى ئوخشاشمىغان ھەرپ بەلگە توپلىمىنى ئىشلىتىدۇ ھەم ئوخشاشمىغان قائىدىگە بويسۇنىدۇ.

    كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ ھەر خىل ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىغاندىكى ئەھۋاللارغا ئوخشاش، پروگرامما لايىھىلەش تىلى ئارقىلىق پروگرامما تۈزگەندە، ماس ھالدىكى يۇمشاق دېتالنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولىدۇ. بۇ تۈردىكى يۇمشاق دېتاللار چۈشەندۈرۈش پروگراممىسى ياكى تەرجىمە قىلىش پروگراممىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پروگراممىنىڭ رولى، پروگرامما لايىھىلىگۈچىگە پروگرامما مەزمۇنىنى كىرگۈزىدىغان ۋە تەھرىرلەيدىغان كۆرۈنمە يۈزنى تەمىنلەپ، كىرگۈزگەن پروگرامما مەزمۇنلىرىنى كومپيۇتېر بىۋاستە ئىجرا قىلالايدىغان بىر قاتار بۇيرۇققا ئايلاندۇرۇش.
    Visual Basic نۆۋەتتە ئىشلىتىلىشى بىر قەدەر كەڭ بولغان بىر خىل پروگرامما لايىھىلەش تىلى. بۇ خىل تىلنىڭ تەرجىمە قىلىش پروگراممىسىنىڭ نامىمۇ Visual Basic .Visual Basic نى قوزغاتقاندىن كېيىن، مائۇس ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، ئالدى بىلەن سىستېما ئالدىن تەييارلاپ قويغان كۆزنەك، تىزىملىك، دومىلىتىش تاياقچىسى ۋە ھەر خىل كونتروللىغۇچلارنى ئىشلىتىپ، كېرەك بولغاندا يەنە بىر قىسىم جۈملىلەرنى كىرگۈزۈپ، Windows مۇھىتىدا ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان پروگراممىلارنى تۈزۈپ، ماس ھالدىكى ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ.
    Visual Basic ئارقىلىق پروگرامما يېزىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىش پروگراممىلىرىنى ئېچىشقا ئىشلىتىدىغان توپلاشتۇرۇلغان مەشغۇلات مۇھىتى بىلەن تونۇشۇشقا توغرا كېلىدۇ. Visual Basic توپلاشتۇرۇلغان مەشغۇلات مۇھىتىدىمۇ Windows تىكى كۆپلىگەن پروگرامما ئۇسلۇبلىرىغا ئوخشاش بولغان كۆرۈنمە يۈزگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا لايىھىلەش، ئۆزگەرتىش، تەڭشەش ۋە پروگرامما ھاسىل قىلىش قاتارلىق بارلىق مەشغۇلاتلارنى ئورۇندىغىلى بولۇپ، پروگرامما تۈزگۈچىنىڭ ئىش پروگراممىلىرىنى تۈزۈشىگە قولايلىق يارىتىلغان.
    بايان قىلىشقا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، كۆپ ھاللاردا Visual Basic توپلاشتۇرۇلغان مەشغۇلات مۇھىتى بىلەن Visual Basic پروگراممىسى قىسقارتىلىپ، VB دەپ يېزىلىدۇ.
    پروگرامما لايىھىلەش تىلى __ ماشىنا تىلى، ئاسسېمبلېر تىلى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. ماشىنا تىلى بىلەن ئاسسېمبلېر تىلى كەسپىي خادىملارنىڭ ئىشلىتىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك تىلنىڭ قۇرۇلمىسى ئىنگلىز تىلىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەش ئاسان. يۇقىرى دەرىجىلىك تىلنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپ خىل بولىدۇ، VB بولسا ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۆۋەتتە مودا بولۇۋاتقان بىر تۈرى، VB دىن پايدىلىنىپ، باشقا Windows ئىش پروگراممىلىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە ئوخشاش ئىش پروگراممىلىرىنى لايىھىلەپ چىققىلى بولىدۇ.
    <> دېگەن سۆزنىڭ <<كۆرۈنىدىغان>> دېگەن مەنىسى بار. Basic بولسا بىر خىل پروگرامما لايىھىلەش تىلىنىڭ نامى بولۇپ، <> سۆزىنىڭ قىسقارتىلمىسى، مەنىسى <<يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان بۇيرۇق كودى>> بولۇپ، ئادەتلەنگەن بويىچە Basic تىلى دەپ ئاتىلىدۇ. Visual Basic دېگەن بۇ سۆزنى <<ۋىدىئولاشقان Basic تىلى>> دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.
    پروگرامما ئاددىي ھەرپ، سان ۋە بەلگىلەر دۆۋىسى بولماستىن، بەلكى ئۇ ناھايىتى زىچ بولغان لوگىكىلىق قۇرۇلمىدىن ئىبارەت.
    Visual Basic تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش ئاسان، پروگرامما تۈزگەندە، مائۇس ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، كونتروللىغۇچقا تەسىر قىلىش ئارقىلىق پروگراممىنىڭ كۆزنەك كۆرۈنمە يۈزىنى تۈزۈۋېلىپ، ئاندىن ماس ھالدىكى كود يېزىلىدۇ. كونتروللىغۇچ بۇيرۇق كۇنۇپكىسى، تىزىملىك، دومىلىتىش تاياقچىسى، رەسىم رامكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كونتروللىغۇچتىن پايدىلىنىپ، كۆزنەك كۆرۈنمە يۈزىنى تۈزۈش مەشغۇلاتى، كۇبىك جەريانىغا ئوخشاش بولۇپ، بىۋاستە كۆرۈنىدىغان ۋە ئاددى بولىدۇ. كود يېزىش ئارقىلىق ھەر خىل كونتروللىغۇچ ۋە مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتلار ئارىسىدا مۇناسىۋەتلىك باغلىنىش قۇرۇپ، پروگراممىنى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن ئىقتىدارغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.


    Visual Basic.NET بولسا، مىكروسوفت شىركىتى Visual Basic 6.0 ئاساسىدا، زۆرۈر ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن مەھسۇلات. ئۇنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، قوللىنىشقا ئەپلىك، مەلۇم سىستېما مەنبەسىنى زىيارەت قىلىش ھوقۇقى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ئوبيېكتقا يۈزلىنىش تېخنىكىسىنى پۈتۈنلەي قوللايدىغان بىر خىل پروگرامما تۈزۈش تىلىدىن ئىبارەت.
    <> بىلەن Visual Basic.NET قارىماققا مۇستەقىل قىسىمدەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. Visual Basic.NET بولسا مىكروسوفتنىڭ <> مۇھىتىدا ئىجرا قىلىنىدۇ، يەنى Visual Basic.NET بولسا <> قا تايىنىدۇ.
    شۇڭا، مۇكەممەل بولغان Visual Basic.NET سۇپىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم Visual Studio.NET بىلەن <> نى قاچىلاش كېرەك.

    سىز بۇ دېتالنىڭ ھازىرقى ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ھازىر كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشقىنى Microsoft Visual Basic 6.0 بىلەن Microsoft Visual Basic 2005 بولۇپ، ھازىرقى ئەڭ يېڭى نۇسخىسى Microsoft Visual Studio.NET 2008 بار. Microsoft شىركىتى يېقىندا Microsoft Visual Studio.NET 2010 نى ئېلان قىلدى. ئەمدى بازارغا سالماقچى. بۇ نەشىرىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىنى توردىن ئىزدەپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
    پروگرامما لايىھىلەشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز ياكى پروگرامما ھەۋەسكارى بولسىڭىز <<ئەقىللىق>> بلوگىنى  داۋاملىق كۆرۈپ تۇرغايسىز.

    مەنبە :  شاھدىيارسوفت
    http://www.shayar.net/bbs/index.php


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بامۇيا؟ بىرنەچچە قېتىم ئىنكاس يازسام 成功 دەيدۇ، لېكىن بىلوگىڭىزدا كۆرۈنمەيدۇ.
  • بامۇيا؟ بىرنەچچە قېتىم ئىنكاس يازسام 成功 دەيدۇ، لېكىن بىلوگىڭىزدا كۆرۈنمەيدۇ.
  • ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايلىق بلوگى سىزنى پەتىلەپ كەلدى قۇربان ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
  • ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ، قۇرربان ھىيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
  • ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ، ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
  • بلوگىڭىزنى يەنە ئۆزگەرتىۋاپسىزغۇ؟ مانا ئەمدى چىرايلىق بوپتۇ.
    ئەقىللىق回复Karabeg说:
    خا خا خا...... رەخمەت
    2010-09-23 10:23:51