بايانات:
مەرھابا ئەزىز مېھمان بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز : بلوگىمىز ئاساسلىق قىلىپ Visual Basic .6 توغرۇلۇق پالىيەت ئېلىپ بارىدۇ قۇشۇمچە قىلىپ بلوگ بىلىملىرى سۆزلىنىدۇ بلوگىمىزغا باھا بېرىشنى ئۇنۇتماڭ كۆرىۋاتقانلار: 1نەپەر .
  • 2010-08-23

    ئىملا خاتالىقىنىڭ ئاقىۋېتى - [بلوگ تېخنىكىسى]

    مەلۇم بىر شىركەت ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ سالغان تۆت يۈرۈش بىنانى سىرتقا
    قارىتا ساتماقچى بولۇپ ، ئېلان شىركەتلىرىگە ھاۋالە قىلسا ، كۆپ پۇل
    كېتىشتىن قورقتىمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ ؟ ئشقىلىپ ئۆز شىركىتىدىكى
    بىر خىزمەتچىگە ئېلان يېزىپ كوچا ـ كوچىلارغا چاپلىۋېتىشنى بۇيرۇپتۇ .
    ئىككى كۈندىن كىيىن ئېلان يېزىلىپ كوچىلارغا چاپلىنىپتۇ . ئەمما بىر
    ئايغىچە بىرمۇ خېرىدار كېلىپ ئۆي سېتىۋالماپتۇ ، شىركەت رەھبەرلىرى بۇ
    ئىشنى تەكشۈرۈپ كۆرسە ، يېزىلغان ئېلاندا ئېغىر دەرىجىدە ئىملا خاتالىقى
    بارئىكەن . ئوقۇغان كىشىگە بىر خىل قورقۇتۇش تۇيغۇسى بېرىدىكەن .
    ئىشەنمىسەڭلار تۆۋەندىكى ئەسلىي ئورىگىنالنى ئوقۇپ كۆرۈڭلارتىمىز

     

     

     

    1.                                                 شىركىتىمىز  
    2. يېقىندا پوقتا سېلىنغان تۆت يۈرۈش بىنانى سىرتقا قارىتا ساتماقچى  .
      بىنالارغا ئىشلەتكەن ماتېرىياللار چىداملىق بولۇپ سېلىنىشىى پوقتا .
      كۆرۈنىشى كۆركەم ، ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئۆيلەرنىڭ سايمانلىرى پۈتۈنلەي
      ئىمپورت قىلىنغان . ھەممىدىن قولايلىق يېرى شۇكى ، ھەر بىر بىنادا كىچىك
      ۋە ئوتتوراھال ئۆلتۈرۈشلەرنى قىلىدىغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بار . بۇ
      ئۆيلەرنىڭ ئۆلتۈرۈش قىلىدىغان سايمانلىرى پۈتۈنلەي زامانىۋىي بولۇپ ، سىز
      قاچاندا ئۆلتۈرۈش قىلىمەن دېسىڭىز ،شۇ ھامان ئىشقا چۈشەلەيدۇ .
        پوقتا
      سېلىنغان تۆت يۈرۈش بىنانىڭ يەنە بىر ئارتۇق يېرى شۇكى ، ھەر بىر بىنانىڭ
      ئالدىدا 500كۋادرات مېتىرلىق كىچىك گۈللۈك باغچە بار . باغچىنىڭ ئىچىدە
      بىر قانچە يەردە ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئورۇندۇق قويۇلغان . ئادەم
      ئۆلتۈرىدىغان بۇ ئورۇندۇقلار پۈتۈنلەي سىرتقى دۆلەتتىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ
      ، ئادەم ئۆلتۈرسە بىر خىل خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ .  
         كەڭ خىرىدارلار ! پۇرسەت غەنىمەت ، سىلەرگە رەھمەت
          xx  قۇرۇلۇش شىركىتى 
       
    3.  


    مەنبە: dunyakara بلوگى
    ئادىرىس:http://dunyakara.blogbus.com

     

    مەن ئادەتتىكى بىر مىسالنى  كۆرسىتىپ ئۆتەي
    ھازىر بەزى بلوگلارغا قارايدىغان بولساق:
     بلوگ> دىگەن خەتنى( بىلوگى) ھەتتا تېخى <<بىئولوگى>> دەپ يىزىدىغانلارمۇ باركەن >
    بۇيەردە جىق سۆزلىمەي تورداشلارنىڭ تۇزىتىۋېتىشىنى ئۈمىد  قىلىمەن

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • توغرا دەيسىز ئىملاغا ئالاھىيدە دىققەت قىلمساق بولمايدۇ يېزىقچىلىق مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ .