شىنجاڭدىكى بىر قىسىم كۆللەر

شىنجاڭدىكى بىر قىسىم كۆللەر

  • پەلەك
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-26

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار، يېقىندىن بىرى ماقالە ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ،بىر مەزگىل مۇنبەرگە كۆپ كىرەلمەي قالدىم. ھازىرقى كەسىپ يۆنىلىشىم قۇرغاق رايون كۆللىرىنىڭ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا،كۆپلىگەن كۆللەرگە بىۋاستە بىرىپ تۇرىمەن. ھازىر بولسا بەزى كۆللەرنىڭ سۈنئىي ھەمرادىن تارتىلغان سۈرىتىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنسام، مەنزىرىدىن ھوزۇرلانغاچ ،كۆل نامىنىڭ ئىتمولوگىيسى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردىن بىلىدىغىنىڭلارنى ئوتتۇرىغا تاشلىساڭلار، بىردەم پاراڭلاشساق.....

    باغراش كۆلى
    [attach]2956[/attach]
    باغراش كۆلى دىيارىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆل.ئومومى كۆلىمى تەخمىنەن 1228كۋادىرات كىلومېتىردىن ئارتۇق.

    سايرام كۆلى
    [attach]2959[/attach]
    سايرام كۆلىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 458كۋادىرات كىلومېتىر.

    ئىبنۇر كۆلى
    [attach]2958[/attach]
    ئىبنۇر كۆلى دۆلەت قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى تەخمىنەن 1200كۋادىرات كىلومىتىر كۆلەمدىن 500كۋادىرات كىلومېتىرغا چۈشۈپ قالدى.

    لوپنۇر كۆلى

    [attach]2960[/attach]
    1935-يىلى فولك بىرگمان تەرىپىدىن قولدا سىزىلغان خەرىتە،

    ئىلگىرىكى لوپنۇر كۆلى خىلى زور ھەجىمدىكى كۆل بولۇپ(2000كۋادىرات كىلومېتىردىن ئارتۇق،ھەتتا 3000كۋادىرات كىلومېتىردىنمۇ ئاشقان مەزگىلى بولغانىكەن)،ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 1960-يىللىرى قۇرۇشقا يۈزلىنىپ،1972-يىلى ئامىرىكىنىڭ ئاسمانغا قويۇپ بەرگەن سۈنئىي ھەمراسىدىن تارتىلغان سۈرەتكە ئاساسەن، لوپنۇر كۆلىنىڭ ئورنىدا سۇس كۆكۈچ قۇلاق ئىزىنىڭ قالغانلىقىنى،بۇ قەدىمكى كۆلنىڭ دۇنيادىن يوقالغانلىقىنى جاكارلىدى.

    [attach]2961[/attach]


    مەنبە:
    1.بەيدۇ قامۇسى
    2.ۋىكى قامۇسى
    3.مويىدىن سابىت ، لوپنۇر ئەسلىمىلىرى
    4.خالىدە ئىسرائىل ،ئانا دەريانى ئىزلەپ

  • پالۋان
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-26

  • رەخمەت خەۋەر تاپتىم ، دىيارىمىزنىڭ ئەڭ گۈزەل كۆللىرىنىڭ ، زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاستا ، ئاستا قۇرۇپ كېتىپ بارغىنىغا ھەيرانمەن .....:$

  • ساداقەت
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-27

  • لوپنۇر كۆلى باغراش كۆلىدىنمۇ چوڭكەنتۇق ئەمەسمۇ:L

  • ئۇيقۇت
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-28

  • ئۆلگۇر ئاتوم بومبىسى ۋەيران قىلدى لوپنۇر كۆلنى .

  • بىرىنجى بەت  ئالدىنقى بەت   كىيىنكى بەت  ئاخىرقى بەت       جەمىي 3 ئىنكاس    ھازىر 1 - بەت    ئۇمۇمىي 1 بەت
    باشبەتكە قايتىش