تېما يوللىغۇچى ۋە بارلىق ئەھلى ئۇيغۇرلارغا-

تېما يوللىغۇچى ۋە بارلىق ئەھلى ئۇيغۇرلارغا-

  • oghuztigin
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-24

  • تېما يوللىغۇچى ۋە بارلىق ئەھلى ئۇيغۇرلارغا:
    ئوغۇزتىگىن
    تېما يوللىغۇچى قېرىنداشلارىشىمغا:
    ئەسەر ئەۋەتكەندە ئۆزىڭىز ئىجاد قىلغان ئەسەرمۇ ياكى تەرجىمە ئەسەر-ماقالىمۇ نېمەئىكەنلگىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتمىغايسىز!؟ ئامال بولسا كېلىش مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ! چۈنكى سىزنىڭ يازمىلىرىڭىز بەلكىم سەزگۈر تېما ياكى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگۈچى بىرقىسىم قۇسۇرچىلارنىڭ كۈرەش نىشانى بولۇپ قالمىسۇن.بىرنەچچە توردا مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى ئۇچراتتىم،بولمىسا ئۆزىڭىز ۋە بۇ تورغا ئاۋارىچىلىك ئالىپ كېلىشىڭىز مۇمكىن،ھەركىم ئوزفىكرىنى توردا دەيدۇ،بۇ ئەڭ ئەقەللىي ساۋات،بۇ قانۇن-تۇزۇم،ئەخلاق،غايە-ئەتىقاد........رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە بولىدۇ.

    ئۇزتۇرۇكuzturuk ۋە تۇرۇكturuk=تۈرۈكtürük دەپ ئاتىغۇچى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا تەكلىپ:

    تۇرۇك=تۈرۈك ئەمەس ئەسلەسى تۈرك،مەنبە :كىتابول دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك-م.كاشغەرى،تۈرۈك=تۈرۈك------مەناسى ئوقۇمىغان قارا قورساق،ساۋاتسىز،نادان،ئەقىلسىز،دۆت........... دېگەن مەنادا،تۈرك------①ئاللاھ ئىسىم قويغان ئۇلۇس (مىللەت-فارسچە)،نۇھ پەيغەمبەر ئوغلى يافەس پەيغەمبەر ئوغلى تۈرك ئاتلىق كىشى--.ئوغۇزنامە،شەجەرە-ئى تۈرك(ئوبۇلغازى.باھادىرخان)،شەجەرە-ئى تەراكامە(ئوبۇلغازى.باھادىرخان)،تۆرت ئۇلۇس تارىخى -ئۇلۇغبېك②دوبۇلغا(باشنى دالدىلۇغۇچى پولات-تۆمۇر )پولاتتەك باتۇر،باتۇر،ئەركەك،ئوغۇلان-ئوغلان-ئوغۇل،ئوغلۇ،ئوغلى،ئۇلى،باھادىر،قورقماس،ئەزەمەت---7-ئەسىرلەردىكى تۈركىي تىللارىغا ئورتاق سۆز③تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتكۈرلەر،تويۇقسىز ھۇشسىزلىنىش--خەت تەرجىمىسى.......................
    قېنى ئەمدى يەنە تۇرۇكturuk=تۈرۈكtürükدېگۈچى نادانلار بارمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    ئەسكەرتىش:
    ئەسلىدە كونا ئەسەرلەرنى يوللىماسلىق خىيالىدا ئىدىم بىرنەچچە كۈندىن بېرى.بۇ توربەتنى ئارىلاپ باقسام ,بۇ توردامۇ خېلى ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن! ئىبرەت بولسۇن:دوست يىغلىتىپ ئېيتار,دۈشمەن كۇلدۇرۇپ دېگەن ئاتالار سۆزىنى ھېكمەت بىلىپ بۇ ئەسەرنى كونا بولسامۇ يوللاپ قوياي دېدىم.مۇمۇ توربەتتىكى باشقۇرغۇچى قەرىنداشلىرىم ئومۇمىيلىقنى نەزەرگە ئالىپ.تەستىقلاپ قويالايدۇ دەپ قارايمەن.

  • oghuztigin
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-24

  • ئاھ! سوزلىسە ئاقىل نادانغا:ھەقىقەت مۇنۇ دەپ، گەر تىنماي،
    ئاۋۇ نادانلار غەپلەتتىدۇر، ئۇخلايمىز دەيدۇ، زادى ئويغانماي،
    ئويىدۇر ئاقىلنى نادانغا ئايلاندۇرۇش ،تۆۋبە دەيمەن ئاھتا،
    تېخى چۈشىنىش،ياردەم يوق،ئىزاھ-ئىھانەتلەر ياغۇر توختىماي.
    ئوغۇزتىگىن شېئىرلارى----قوليازما.
    :):handshake:victory:(ئوغۇزتىگىن شېئىرلارىدىن بىر كۇبلېت ئەجداد تورىدىكى قېرىنداشلارغا ھەدىيە)

  • نۇرچى
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-24

  • سىزمۇ ئىملاغا دىققەت قىلىڭ.قارىسام يازمىلىرىڭىزدا خاقانىيە تىلىنىڭ تەسىرى بەكلا چوڭقۇركەن .

  • ئاقسۇ
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-24

  • ناھايىتى ئوبدان گەپ بوپتۇ ئوغۇزتىگىن ئەپەندى، بولۇپمۇ ئاۋۇ تۈرك دېگەن سۆزگە بولغان تۈزەتمىڭىز...
    مەنمۇ بۇرۇن ناھايىتى نۇرغۇن قېتىم مۇنبەر ئەھلىگە بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ تۈزەتمە بەرگەن بولساممۇ
    يەنىلا ئاڭلايدىغانلار ئاڭلايدىكەن.... مەن سىزنىڭ بۇ تۈزەتمىڭىزگە كۈچلۈك ئاۋاز قوشۇپ يەنە بىر قېتىم مۇنبەردە
    ساقلىنىۋاتقان بۇ مەسىلىنى تەكىتلەيمەن!!!

  • پالۋان
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-24

  • ئىملاغا دىققەت قىلىڭ ، دىگەن پىكىرگە قوشۇلىمەن .تىلنىڭ بەزسى ئۆزبېكچىگە ، بەزىسى تۈركچىگە كېتىپ قالمىسۇن .....:$

  • ئاقسۇ
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-25

  • [i=s] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاقسۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-25 23:33 [/i]

    引用:
    پالۋان يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 00:56
    ئىملاغا دىققەت قىلىڭ ، دىگەن پىكىرگە قوشۇلىمەن .تىلنى ...

    ۋاي قېرىندىشىم، ئوغۇزتىگىن ئەپەندىدەك بىر ئانا تىلنى ھەر بىرىمىزدىن بەكرەك چوڭقۇر چۈشىنىدىغان ھەم
    قەدىرلەيدىغان بىر كىشىگە بۇ سۆزىڭىز بىھۇدە، چۈنكى ئىملا دېگەن سۆزنى چۈشەنمەپسىز قېرىندىشىم.
    ئوغۇزتىگىن ئەپەندى، يازمىسىنىڭ ھېچبىر يېرىدە ئىملاغا دىققەت قىلمىغان يېرى يوقتۇر. ئوغۇزتىگىن
    ئەپەندى ئىشلەتكىنى پارىسچە ئەرەبچە ئارلاشمىغان ساپ تۈرك (ئۇيغۇر)چە سۆزدۇر. سىزلەرنىڭ ئەرەب پارسچە
    كۆپ ئارلىشىپ كەتكەن سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلاپ قولىقىڭىزلارغا سىڭىپ كەتكەن بولغاچ، ئۇشبۇ ساپ تۈركيچە يېزىلغىنى
    ‹‹ئىملاسى خاتا››، ‹‹ئۆزبېكچە››، ‹‹تۈركچە›› بىلىنىپ قاپتۇ. خۇددى قايسى بىر يۇمۇردا ئېيتىلغاندەك، كۈندە سۇ ئارلاشتۇرغان ھاراقنى ئىچىۋېرىپ، بىر كۈنى سۇ ئارلاشتۇرمىغان ساپ ھاراقنى قۇيۇپ بەرسە ھارىقىغا سۇ ئارلاشتۇرۇپسەن ھارىقىڭ ساختىكەن دەپ تۇرۋلغاندەك بىر ئىش بوپتۇ....

  • پالۋان
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-25

  • 引用:
    ئاقسۇ يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 15:12
    ۋاي قېرىندىشىم، ئوغۇزتىگىن ئەپەندىدەك بىر ئانا تىلنى ...


    ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ، پارىسچە ئارىلاش ئوخشىمامدۇ ؟ ئۆتمۈشتىكى ئۇيغۇر تىلىنى خەلىقىمىزنىڭ چۈشىنىپ كېتىشى ناتايىن ......

  • ئاقسۇ
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-25

  • 引用:
    پالۋان يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 23:24
    ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ، پارىسچە ئارىلا ...


    پارسچىلا ئەمەس، ئەرەبچىمۇ ئارلاش.... سىز چۈشىنەلمىگەن بىلەن، خەلىقىمىز ئەلۋەتتە چۈشىنەلەيدۇ...

  • بىلال.ئې
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-26

  • 引用:
    ئاقسۇ يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 23:35
    پارسچىلا ئەمەس، ئەرەبچىمۇ ئارلاش.... سىز چۈشىنەلمىگەن ...


    ئۇنداقتا «پ» تاۋۇشىنى، «ف» قىلىپ ئىشلەتسە ھەقىقىي «تۈرك(ئۇيغۇر)» تىلى بولىدىكەندە، ئالدىنىقى شېئىرلىرىدىمۇ شۇنداق ئىشلىتىلىپتىكەن. 32 تاۋۇشنى ئىشلىتىشتە بىز خاتالىشىپ «ئانا » تىلىمىزغا ئاسىيلىق قىلىپتىمىزدە؟!

  • oghuztigin
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-26

  • [i=s] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oghuztigin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-26 18:48 [/i]

    引用:
    بىلال.ئې يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 08:29
    ئۇنداقتا «پ» تاۋۇشىنى، «ف» قىلىپ ئىشلەتسە ھەقىقىي «ت ...

    /bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2824.

    http://ejdad.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2825

    ماۋۇ يەرلەرنى كۆرۈپ باقارسىز ئۇكا،مەن ئارىلاشتۇرمۇدۇم پەقەت قانداق بولسا شۇنداق ئالماقلىقنى تەكىتلىدىم.ئىۋۇ مۇناسىبەتلىك لۇغەتلەر:ئۇيغۇر تىلىى ئىزاھلىق لۇغىتى،ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن XYZ لۇغىتى،چاغاتاي تىلى لۇغىتى،ئۇيغۇرچە-تۈركچە لۇغەت..ئوزبېكچەXYZ .......لۇغەتتىن 1رەرسى بولسامۇ، كۆرسەڭىزلا ئىش تامام.

  • بىلال.ئې
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-26

  • 引用:
    oghuztigin يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 20:40
    /bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2824.

    http://ejdad.com/bbs/forum.php?mod=vie ...


    سىز تېخى يىگىرمە نەچچە يىل بۇرۇنقى خىيالىڭىزدا يۈرگەن ئوخشاشيسىز. راسىت سىز دېگەندەك بۇ خەلق «ماڭقۇرۇت» لىشىپ كەتتى. نىمىشقا؟ ئاۋال سىز نۆۋەەتتىكى ۋەزىيەت، مائارىپنىڭ يۆلىنىشىگە قاراڭ. يەسلىدىكى باللىرىمىز خەنزۇ تىلىدا يىغلايدۇ، ئۆيدە خەنزۇچە ناخشا ئېيتىدۇ. ئەرەب_ پارس تىللىرى بىزگە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن سىڭىپ كىرگەن. ئاللىقاچان تىلىمىزغا سىڭىشىپ ئاممىباپلىشىپ كەتتى. پۈتۈن خەلق شۇ «ئەبجەش» تىلنى ئىشلىتىپ، سۆزلىشىدۇ شۇنداقلا، تۇللۇق چۈشىنىدۇ (رۇس تىلىنىڭ تەسىرىمۇ ئاز ئەمەس، «كۇرۇشكا»، «ئوبۇرنى» دېگەندەك). ئەمما ھازىر «ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق»، نۆۋەتتە يېزىقىمىزنى، «ئەبجەش» بولسىمۇ ئاتا_بوۋىمىز چۈشىندىغان تىلنى قوغداش مۇھىم. ئەگەر بىزدە پۈتۈن مائارىپ- مەتبۇئات ھوقوقى بىزنىڭ قولىمىزدا بولسا ئىدى. تىلنى ساپلاشتۇرۇشنى ئەلۋەتتە مەكتەپ ۋە نەشىرياتلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولاتتى. بىراق نۆۋەتتىكى شارائىتتا «كەلىپ، ئەتىپ، فىكىر،سۈفەت» دەپ پۈتۈن خەلىققە ئۆگىتىپ بولالمايسىز( ئەمما ئاۋۇ يازمىڭىزنى خوددى ئۆزبىكچە ئوقىۋاتقاندەك ئوقۇدۇم).

  • بىرىنجى بەت  ئالدىنقى بەت  كىيىنكى بەت  ئاخىرقى بەت       جەمىي 12 ئىنكاس    ھازىر 1 - بەت    ئۇمۇمىي 2 بەت
    باشبەتكە قايتىش