گىرمانىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى چاقماق تىزلىكىدىكى ھۇجۇمى

گىرمانىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى چاقماق تىزلىكىدىكى ھۇجۇمى

  • 影月
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-23

  • گىرمانىيە 1939يىلى9-ئاينىڭ 1 كۇنى پولشاغا چاقماق تىزلىكىدە ھۇجۇم قوزغاپ 2- دۇنيا ئۇرشىنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.گىرمانىيە ئارمىيەسى 1مىليون500مىڭدىن كۆپرەك ئەسكەر2000دەك تانكا 2500دەك ئايروپىلان بىلەن پولشىغا تاجاۋۇز قىلدى،ھاۋا ئارمىيەسى ئالدىن قول سىلىپ مۇھىم ئىستىراگىدىيەلىك جايلارنى بومباردىمان قىلدى، قۇرۇقلۇق قوشۇنلىرى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھىمايىسىدە 2 يولغا بولۇنۇپ پولشىغا باستۇرۇپ 9-ئاينىڭ 27 كۇنى ۋارشاۋانى ئىشغال قىلدى،ئىلگىرى گىرمانىيە بىلەن‹ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى›ئىمزالىغان سوۋىت ئىتتىپاقى ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىپ پولشانىڭ سەرقى قىسمىنى ئىشغال قىلدى.پولشانىڭ ئىتتىپاقىدىشى بولغان ئەنگىلىيە،فىرانسىيە 9-ئاينىڭ 1 كۈنى گىرمانىيە ئاخىرقى ئۇلماتىزىم تاپشۇرۇپ گىرمانىيەنىڭ پولشىدىكى ھەربى ھەركەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى ،9ئاينىڭ 3 كۈنى ئۇرۇش ئىلان قىلىدى،ئەينى ۋاقىتتا ئەنگىلىيە،فىرانسىينىڭ غەربى سەپتە 110 دىۋىزىيەسى بار ئىدى ،گىرمانىيەنىڭ بولسا 23دىۋىزىيەسى بار بولۇپ ئەنگىلىيە فىرانسىيە ئومومىيۈزلۇك ھۇجۇم قىلسىلا ۋەزىيەت گىرمانىيەگە پايدىسىز بولاتتى ،ئەنگىلىيە فىرانسىيە ئامالسىز مەجبۇرەن ئۇرۇش ئىلان قىلىپ ھەقىقى ئۇرۇش قىلىشقا پىتىنالماي كىچىك دائىرە ئىچىدە تۇقۇنۇشتى.گىرمانىيە ئارمىيەسى پولشىنى ئشغال قىلىپ ئەنگىلىيە ،فىرانسىينىڭ ھۇجوم قوزغىمىغان 7 ئايدەك ۋاقىتتىن يايدىلىنىپ شەرقى سەپتىكى قوشۇنلىرىنى غەربى سەپكە يۆتلىۋالدى ھەمدە ئەسكىرى كۈچىنى كۈچەيتىپ 157 دىۋىزىيەگە يەتكۈزدى،1940-يىلى3-ئايدا گىرمانىيە ئارمىيىسى تۆمۈر رودىسى يولىنى قوغداش ئۈچۈن نورۋىيەگە ھۇجۇم قوزغىدى .شىۋىتسىيە گىرمانىيەنى تۆمۈر رودىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەت بولۇپ تا ئۇرۇش ئاياغلاشقۇچىلىك تەمىنلىگەن. ئەنگىلىيە فىرانسىيە ئارمىيەسى نورۋىگىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ 4-ئاينىڭ باشلىرىدا گىرمانىيە ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلدى ئەمما 4-ئاينىڭ ئاخىردا چىكىندى چبنكى گىتلىر غەربى سەپكە ھۇجۇم قىلغان ئىدى.5-ئاينىڭ 9-كۇنى گىتلىر ۋاشىنگىنتون ناملىق پويىزىغا ئۇلتۇرۇپ فىرانسىيە چىگرىسىغا يىقىن جايغا يىتىپ كەلدى گىنرالى ئۇنىڭغا ئۇرۇش پىلانىنى تاپشۇردى بۇ پىلان 1-دۇنيا ئۇشىدىكى پىلانغا تەقلىد قىلنغانىدى،.ئەمما گىتلىر جون ۋەنىستىروننىڭ پىلانىغا قىزىقىپ قالدى .پىلاندا ئاردىن ئورمانلىقىدىن ئۆتۈپ ئاندىن دىڭىزدىن ئۆتۈپ ئىتتىپاقداش ئارمىيەنى ئورغاق شەكىلىدە مۇھاسىرىگە ئىلىش ئىدى بۇ پۈتۈن دەسمايىنى تىككەنلىك بولاتتى شۇنداقتىمۇ گىتلىر ئۆزىگە قاتتىق ئىشەندى.گىرمانىيە ئارمىيەسى قوشۇننى 3 يولغا بۆلدى شىمال تەرەپتىكى23 دىۋىزىيەنىڭ ۋەزىپىسى بولسا گوللاندىيە بىلگىيگە تاجاۋۇز قىلىپ 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىش،ئۇتتۇرا يولدىكى17دىۋىزىيە بولسا ماگىنوت مۇداپىئە سىپىگە يالغاندىن ھۇجۇم قىلىپ فىرانسىيە ئارمىيەسىنى تۇتۇپ تۇرۇش 3 يولدىكى 62 دىۋىزىيە بولسا ئاردىن ئورمانلىقىدىن ئۆتۈپ ئاندىن كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىكنى بويلاپ ئەنگىلىيە بوغۇزىغا باستۇرۇپ بىرىىپ ئىتتىپاقداش ئارمىيەنى مۇھاسىرىگە ئىلىش ئىدى مانا بۇ ئاساسى ھۇجۇم يۆلۈنىشى ئىدى، قالغان 47 دېۋىزىيە زاپاس قوشۇن سۈپىتىدە رىيىن دەرياسى بويىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى.5-ئايينىڭ11 كۈنى ھۇجۇم باشلىنىپلا 300مىڭ ئاھالىسى بار لىيىكسىمبۇرگ تەسلىم بولدى،ئەنگىلىيە فىرانسىيە ھەربى شىتانى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى كونا قائىدىلەرگە ئىسلىۋىلىپ گىرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاساسى ھۇجۇمى تۈزكەتكەن بىلگىيە زىمىندا بولىدۇ دەپ ئويلاپ ئەنگىلىيە فىرانسىيەئارمىيەسىنىڭ سەرخىل قوشۇنلىرىنى بىلگىيەگە كىرگۈزدى، گىتلىرنىڭ گۈلقەقەلىرى ئىچىلىپ كەتتى يەمچۈك ئۈنۈمىنى كۆرسەتكەن ئىدى.گىتلىر ‹ ئەپەندىلەر خۇشاللىقىمدىن كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى› دىدى ئۇ ھاۋا ئارمىيە گىنرالى گورىنغا فىرانسىيە ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلماي ئۇرلارنىڭ ئارقىسىدىن ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى 5-ئاينىڭ13 كۈنىدىن17 كۈنىگىچە گىرمانىيە ئارمىيەسى ئاردىن ئۇرمانلىقىدىن ئۆتۈپ 10 كۈن ئىچىدە 400 كىلومىتىر يول يۈرۈپ 5-ئاينىڭ 26 كۈنى ئەنگىلىيە بۇغۇزىغا يىتىپ كەلدى موھاسىرە ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى 28 كۈنى بىلگىيە پادىشاھى ۋە قوشۇنلىرى تەسلىم بولدى،400 ئادەم دىڭىز ساھىلىدا قاپسىلىپ قالدى ئۇلارنىڭ پەقەت دىڭىز ئارقىلىق قىچىش يوللىلام بار ئىدى،گىتلىر ئۇلارنى قويۋەتتى.ھۇجۇم داۋاملاشماقتا فىرانسىيە ئارمىيەسى تىرەپىرەن بولۇپ كەتتى 6-ئاينىڭ10 كۇنى موسسولىن ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيەگە ئۇرۇش ئىلان قىلدى ئىتالىيەنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشىى بىلەن فرانسىيە قوشۇنلىرى 2بۆلۈنۈپ كەتتى 6-ئاينىڭ14 كۇنى گىرمانىيە ئارمىيەسى پارىژ نى ئىشغال قىلدى6-ئاينىڭ22كۈنى فىرانسىيە تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى ئەنگىلىيە يالغۇز ئۇرۇش قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.

  • كەلپىن
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-26

  • مۇشۇنداق ئېسىل تىمىغا ھىچكىم ئىنكاس يازماپتا سۇزلەپ تۇرايلى

  • تۇنجى
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-28

  • گىرمانىيەنىڭ چاقماق تىزلىكىدىكى ھۇجۇمنى ‹‹چاقماق ئۇرۇش››ئاتىسى دەپ نام ئالغان تۇنجى بولۇپ ماشىنىلاشقان قىسىمنى قۇرغان گىرمانىيەلىك ھەربىي ئالىم ،مارشال ھىنىز گۇدىرىئەن ئوتتۇرىغا قويغانھەم ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ناھايتتى زور نەتىجىلەرنى قازانغان.بولسا مۇشۇ ئادەم توغۇرلۇق تىما يوللانسا ،ھەم مۇشۇ ھەربىي ئالىم توغرىسىدا مۇنازىرلەشسەك بولاتتى.

  • تۇنجى
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-28

  • ھىنىز گۇدىرىئەن

  • بىرىنجى بەت  ئالدىنقى بەت   كىيىنكى بەت  ئاخىرقى بەت       جەمىي 3 ئىنكاس    ھازىر 1 - بەت    ئۇمۇمىي 1 بەت
    باشبەتكە قايتىش