چاغداش ئۇيغۇر تىلى-2 ئوغۇزتىگىن

چاغداش ئۇيغۇر تىلى-2 ئوغۇزتىگىن

  • oghuztigin
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-22

  • [i=s] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oghuztigin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-27 11:14 [/i]

    چاغداش ئۇيغۇر تىلى 2

    3.تىل –فىكىر(تەفەككۈر) قىلىش قورالى
    تىل-كىشىلەر ئۈچۈن ئورتاق بولمىش ئەڭ ئۈنۈملۇك فىكىر قىلىش قورالى.شۇ سەۋەپدىن بىلىم مۇۋاپىقىيەتلەرىنىڭ ساقلىنىش ۋاستەسى قىلىنغاندۇر.كىشىلەر تىل ئارقىلىق ئۆزلەرىنىڭ فىكىر-غايەلەرىنى بىر-بىرسىگە بىلدۈرىشىدۇ.بۇ فىكىر-غايەلەر كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدە شەكىلسىز ھالەتتە بارلىققا كەلمەسلىگى مۈمكىن.يەنى كىشىلەر ماتېرىيالاررنىڭ مېڭىسىدە تىلدا شەكىلسىز ئىپادە قىلىنىدىغان تەييار فىكىر بولمايدۇ.تەفەككۈر پەقەت ئادەمگىلا خاس بولۇدۇ.ئۇ كىشىلەر چوڭ مېڭىسىنىڭ تىل ماتېرىياللارى ۋە فىزىلوگىيەلىك ھەركەتى بىلەن چەمبەرچەس زىچ باغلانغان بولۇپ،ئۇ پەقەت تىلدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ۋاستاگە تايانغان سىياقدا ئىپادەلىنىپ چىقىدۇ.
    شۇنداق ئەيتىشقا بولۇدىكى تەفەككۈر تىلسىز ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ،يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تەفەككۈرسىز تىل يوق ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.بۇ ھەقدە ك،ماركىس مۇنۇ سۆزلەرنى ئايتقان ئىدى:تىل-تەفەككۈرغا ئوخشاشلا ئىنتايىن قەدەمىيدۇر،تىل--باشقا كىشىلەر ئۈچۈن ،شۇنىڭدەك،شەخسەن ‘ئۆزۈم’ ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تەفەككۈردۇر.تىل تەفەككۈر ئوخشاشلا ئىجتىماىيەت ئۆزگەرۈشلەر زۆرۈريەتى ئېھتىياجى ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولغان(1).سابىق ئىتتىپاقى 2-ئەۋلاد رەھبەرى بولغان ستالىنمۇ مۇنداق دەيدۇ:”كىشىلەرنىڭ مىڭىسىدە قانداق فىكىرلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە بۇ فىكىرنىنىڭ قاچان پەيدا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر،بۇ فىكىرلەر ئاشۇ تىل ماتەريالى ئاساسىدا،تىلدىكى سوزلەر ۋە جۇملىلەرنى نىگىز قىلىپ پەيدا بولىدۇ ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.تىل-ماتەرىيالدىن خاھلىي بولغان ،تىلنىڭ ‘تەبىئىي ھادىسەسىدىن خاھلىي بوغان ‘‘قىپ يالاڭاچ” فىكىرلەر مەۋھۇت ئەمەس،’ت ئىل ---فىكىرنىڭ بىۋاستە رەئالكىقى’ (ك.ماركىسنىڭ سۆزى)،(1)"فىكىرنىڭ ھەقىقىيلىقى تىلدا ئىپادە قىلىنىشىدۇر(2)”
    خوش،ئۇنداقتا،تىل بىلەن تەفەككۈر بىر نەرسەمۇ؟
    تىل بىلەن تەفەككۈر ئەينەن بىر نەرسە ئەمەس،تەفەككۈر—ئاڭ فورماتسىيەسىگە تەۋە بولمىش ئىجتىمائىي ھادىسەدۇر،تىل بولسا ماددىي فورماتسىيە تەۋە بولغان ئىجتىمائىي ھادىسە دۇر.تەفەككۈرنى تىل،تىلنى تەفەككۈر دەپ ئايتماقلىقنى تۇۋغرا دەيىشكە بولمايدۇ بۇ خاتا يەكۈندۇر.تىل بىلەن تەفەككۈر ئوزارا بىر-بىرىگە چمەبەردەك زىچ باغلانغان،يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر-بىرى ئۆزارا يۆلەنگەن سىياقتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىككى خىل ئىجتىمائىي ھادىسەدۇر.تەفەككۈر-جەمئىيەت،تەبىئەت قانۇنىيەتلەرىنى تەبىر،ھۆكۈم ۋە ئەقلىي يەكۈن……قاتارلىق تەفەككۈر شەكىللەرى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرىدۇ.تىل ئەنە شۇنداق تەفەككۈر شەكىللەرىنى سۆز ۋە جۈملە ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.شۇڭا كئېسىپ ئەيتىشقا بولىدۇكى ،تەفەككۈر-تىلنىڭ مەزمۇنى بولسا،تىل-تەفەككۈرنىڭ ئىپادەلىنىش شەكلىدۇر.

    [color=black]4.چاغداش ئۇيغۇر تىلى
    ھەممەيلەنگە مەلۇملۇقكى چاغداش كۈنلەرىمىزدە ،ئۇيغۇر ئۇلۇسى(3)نىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئالاقە قىلىش ۋاستەسى قىلغان بارلىق كىشلەرنىڭ ئۆزارا فىكىر ئالماشتۇرۇش ،بىر-بىرىنى چۈشەنىش ھەم بىر بىرى بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى-چاغداش ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتىلىدۇ.
    ئۇيغۇر ئۇلۇسىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك قوللۇنىۋاتقان ئومۇمىي،مىللىي،ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىلمىي يوسۇندا ،سئېستىمالىق تەتقىق قىلىدىغان ۋە ئۆگۈتىدىغان فەنمۇ “چاغداش ئۇيغۇر تىلى”دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
    چاغداش ئۇيغۇر تىلى –ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى.ئۇ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇس ۋە جەمىيەت بۇلۇپ ئۇيۇشۇشىدا ،ئۆزلەرىنىڭ پارلاق ئۇيغارلىق(4)كەچمىش(5)ئىنى ياراتىشدا،بىر-بىرى بىلەن فىكىر ئالماشتۇرۇپ ،بىر-بىرىنى چۈشۈنۈش كىشىلىك ياشام(6)نىڭ ھەممە ساھەلەرىدە ئوملۇشىپ ئىشلەش،ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق چاچداش ئۇلۇسقا ئايرىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقان نىگىزلىك ئامىللارنىڭ بىرى دەپ ئەيتىشقا ھەقلىقمىز.
    ئۇيغۇرلار ئاجۇن(6)ۋە ئېل(7)ىمىزدىكى ئۇزاق ئۇيغارلىق كەچمىشىگە ئىگە ،مول ئەدەبىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلغۇچى،ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپراغىدا ياشاپ كەلىۋاتقان قەدىمقى ئۇرال-ئالتاي تىل سەستىماسى ئالتاي تىلى گۇرۇپپاسى تۈركىي تىل ئايرىماسىغا تەۋە قەدەمىي ئۇلۇسلارنىڭ بىرى.ئاجۇن ۋە ئەلىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق ئۇيغارلىق كەچمىشىدە ئۇيغۇرلار ئاجۇن ۋە ئەلىمىزدىكى باشقا قەرىنداش مىللەتلەر بىلەن دۇنيا ۋە ئەلىمىز زىمىنىنى ئورتاق بەرپا قىلغان.بولۇپ ئۇلۇغ جوڭخۇا زىمىنىنى جوڭگودىكى 56 مىللەت بىلەن ئىناق –ئىتتىفاق ھالەتتە ئاچقان ۋە قانلىق بەدەللەرنى بەرىپ قوغداپ كەگەن،ئېلىمىزنىڭ ئۇيغارلىقىنى ئورتاق ياراتقان ۋە گۈللەندۇرگەندۇر.
    ئۇيغۇر تىلى--ئۇرال-ئالتاي تىللىرى سەستىماسى ئالتاي تىل تەركىبىدىكى تۈركى تىللار تۈركۇمى مەركەزىي تارمىغى ئۇيغۇر،ئوغۇز،قىپچاق ئايرىمىسى ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر-قارلۇق گۇرۇپپاسىغا كىرىدۇ.مەملىكىتىمىزدە بۇ گۇرۇپپىغا تەۋە بولغان ئۇلۇسلاردىن ئۇيغۇر،ئۆزبېك،قىرھىز،قازاق،تاتار،سالار،سەرىق ئۇيغۇر(سارىغ ئۇيغۇر ياكى يۈگۈر ياكى يۇغۇر ياكى يوغۇر…)،تۇۋا(توبا،توۋا،توغبات،تۇغبات)، سارتا(سارت ياكى دوڭشياڭ-ئاز بىر قىسىملارىدىن باشقا ،تىلى ئاساسەن يوقۇلۇشقا يۈزلەنگەن ) لارنىڭ تىللىرى كىرىدۇ.
    ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر ئۇلۇسىغا ئوخشاشلا ناھايىتى ئۇزاق كەچمىشلەرگە ئىگە.ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاق كەچمىش تەرەققىياتى جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆزگەرىش،ياڭىلىنىنىش،تولۇقلىنىش ۋە مۇكەممەللىشىش باسقۇچلىرىنى باشدىن كەچۈردى.ئۇ،لۇغەت(8)تەركىبى ۋە تاۋۇش تەركىبى تولۇق،ئىپادەلىنىش ئۈنۈمى يۇقۇرى ،مۇكەممەل گىرمماتىكا(9)لىق كاتئەگورىيە گە ئىگە بولغان بىر خىل ياپىشقاق تىلدۇر.بۇ ئۇيغۇر ئۇلۇسىنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،فەن-ئۇيغارلىق كەچمىشىدە ئۆچمەس تۆھپەلەرنى ياراتقان.بۇ تىل بىزنىڭ ئەستايىدىل ئۆگەنىشىمىزگە،تەتقىق قىلىشىمىزغا ۋە ۋارىس(10)لىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كەچمىش،ئۇيغار يادىكارلىقلىرىمىز مۇشۇ تىل ۋاستەسى بىلەن بىزنىڭ چاغداشىمىزغا يەتىپ كەلدى.
    “چاغداش ئۇيغۇر تىلى”نى،بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئالاھىدىكىنى تەخىمۇ ياخشى چۈشۇنۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات كەچمىشىگە نەزەر سالماقلىق ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل دەپ ئايتاماقلىققا ھەقلىقمىز.
    “بىر تىلنى ،ئۇنىڭ تەرەققىيات ياساق(11)لارنى بىلىش ئۈچۈن تىلنى جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ كەچمىشى بىلەن شۇ تىلنى ئىجاد قىلغان ۋە شۇ تىلدى پايدالىنىپ كەلىۋاتقان خەلقنىڭ كەچمىشى بىلەن زىچ بىرلەشتۇرگەن ھالدا تەتقىق قىلىشىمىز كەرەك.بىزنىڭ تىلىمىز ئەينى ۋاقىتتا بىزنىڭ كەچمىشىمىزدۇ،بىر ئۇلۇسقا نىسبەتەن سۆزلىگەنىمىزدە ،ئۇستىخان-سۆڭەك،قورال-جابدۇق ۋە قەبرە-كەفەنلەرگە قارىغاندا ،تەخىمۇ جانلىق دەلىل-فاكىت باركى،ئۇ بولسامۇ ،ئۇلارنىڭ تىلىدۇر”(12)

    ئىزاھاتلار:
    (1) ماركىس-ئېڭىلىس تاللانما ئەسەرلەرى رۇسچە نەشرى،3-توم 29-بەت 1960,موسكىۋا
    (2) ماركىسىزىم ۋە تىلشۇناسلىق،رۇسچە نەشرى 55-بەت 1960,موسكىۋا
    (3)ئۇلۇس---مىللەت،مىللەت فارسچە ئاتالغۇسى،ئۇلۇس ئورتاق ئەدەبىي تىلغا تەۋە.
    (4)ئۇيغارلىق—مەدەنىيەت-ئەرەبچە ئاتالغۇسى.ئۇيغارلىق ئانادولۇ تۈركلەرى ئۇيغۇر دەگەن سۆزدىن تۈرلەندۇرۇپ ياساپ چىققان ياڭى سوز،ھازىر تۈركىيە ۋە جوڭگۇدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارى مەتبە،گەزىت-ژورناللار ۋە ئىنتەرنەتتا مۇشۇنداق ئالماقتا.مۇھەممەت.باغراش.شىنجاڭ مەدەنىيەتى ژورنىلىغا يازغان ئەسەرى.”كەلپىن ئۇيغرلارى ئەيتىپ تۈگۈتەلمىگەن رىۋايەتلەرئدەگەن ماقالىسىگە قارالسۇن.
    (5)كەچمىش—تارىخ،تەۋارىخ،تارىخ،تارىخىن ئەرەبچە ئاتالغۇسى.ئوتكۈنچى دەۋرلەردىكى ئىش پاالىيەتلەر،ئوتۈپ كەتكەن ۋە يۈز بەرگەن مۇھىم ئىشلارنى كورسەتىدۇ.
    (6)ياشا،ياشام-ھاياد-ئەرەبچە ئاتىلىشى بىزدە ھايات دەپ ئومۇملاشتى.
    (7)ئاجۇن-دۇنيا،جاھان—ئەرەبچە ئاتلىشى.
    (8)لۇغەت،لۇغات-ئەرەبچە ئاتالغۇسى،ئورتاق سۆزلۈك بولسا “سۆزلۈك،سۆزلۈگى” دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ.
    (9)گىرامماتىكا---ياساغ،ياساق،تۈزۈت،مەلۇم بىر تىلنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سۆزلۈك تەركىبلەرىنى بولغا “تىل ياساقلىرى ياكى تىل قانۇنىيەتى”نى كورسەتىدۇ،بۇنى “ياساغ،تىل ياساقى ياكى تىل ياساغى،تىل تۈزۈتلەرى”دەپ بىر نەچچە خىل ئالغىلى بولىدۇ.
    (10)ۋارىس—ئىزباسقۇر،ۋارىس ئەرەبچە ئاتالغۇسى،مىراسخور-مىراس،ئەرەبچە سۆز،خور-فارسچە،گىركچە (مىراس+خور=مىراسخور،ئەرەب+فارس ياكى گىرك=شالغۇت سۆز،بىزدە بۇ سۆزگە مۇۋاپىق سۆز بولمىغاچقا بۇنىڭغا كەمىنە ئوغۇزتىگىن ئەفەندى“ئىز باسقۇر’ دەپ سۆز ياساپ ئىشلەتتىم.
    (11)ياساق—قانۇن-ئەرەبچەسى،ياساغ،تۈزۈت دەپمۇ ئالغىلى بولىدۇ.-
    (12)
    [/color]ياكوب.گىرىم.گېرمانىيەلىك،مەشھۇر فولكلورچى،فولكلورشۇناس.



    بىلدۈرگۈ:
    "ئوغۇزتىگىن" ئاتى ئاستىدىكى ئەسەرلەرنىڭ قەغەز كىتابچە نەشرى ۋە ئىنتېرنېتتا تارقاتىش قانۇنلۇق ھوقۇقى پەقەت "تىنىچلىق ئوغلى كۆپ خىل تىللار تەرجىمە-تەھرىرلىك سالونى"غا مەنسۇپتۇر،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرقانداق تور بەت،تەشكىلات،بلوگ،مۇڭداشقۇ(微信Wechat)،كوت--كوت قوراللارى تارقاتقۇچىلار،نەشرىيات ئورۇنلارىدىن ھېچ قانداق خىراجەت ئالىنماي ئۆزئەركلىك ئاساسىدا كەمىنەڭىز 《ئوغۇزتىگىن》دىن ئىنتېرنېت تورىغا ھەقسىز ھالدا يوللانماقچى! ھەرقانداق ئورۇن،شەخس،تەشكىلات,QQ بوشلۇقى ۋە مۇڭداشقۇ(微信Wechat) سورۇنلارى قانۇنسىز ھالدا تارقىتىشقا بولمايدۇ.ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا ئېل-كىتاب قىلىشقا،قانۇنسىز سوۋدا شەكلىدە cd,vcd,dvd,evd,yy…..…..قىلىپ تارقاتسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىمەن،ئەگەر قانۇنسىز تارقاتقان ئورۇن ياكى شەخسلەرنى بايقاسىڭىز تېزدىن مەن بىلەن 1-بولۇپ ئېل-خەت ياكى ئۇچۇر،مۇڭداشقۇ نومۇرۇمغا خەت قالدۇرغان ھەرقانداق قېرىندىشىمىزغا قانۇنلۇق زاكونلىشىپ ئېرىشكەن تاپاۋەتنىڭ 50%نى مۇكاپات قىلىپ تارقىتىپ بېرىمەن،شۇڭا ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى،ۋاقىپ بولغايسىز؛
    ئالاقە ئۇسۇلى:
    e-mail:aaot@sina.com
    مۇڭداشقۇwechat微信:Q1034901351
    تىنچلىق ئوغلى كۆپ خىل تىللار تەرجىمە-تەھرىرلىك سالونى
    CEO ,كوپ خىل تىللار ئاچۇرى: ئارسلان.ئاخۇن.ئوغۇزتىگىن(AAOT)

    مىلادىيە كالېندارى:2014-10-27 ئازنا ;رۇمچە بالۇق

  • سالمان
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-22

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۈغۇز تىگىن ئەفەندى تىمىڭىزغا تەشەككۇر، ھارمىغايسىز . كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى قىسقا ئۇچۈردا مۇلاقەت بولارمىز.

  • oghuztigin
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-23

  • 引用:
    سالمان يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 14:52
    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۈغۇز تىگىن ئەفەندى تىمىڭىزغا تەشە ...


    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!!، خاھلىغان ۋاقىتتا قىسقا ئۇچۇر ياكى ئېلخەت، مۇڭداشقۇ نومۇرۇمغا سۆز قالدۇرساڭىز بولىدۇ،ئەگەر دۆۋلەت قانۇنلارى ۋە غايە -ئېتىقاد،ئورفە-ئادەت........كە مۇخالىف بولماسىلا،ۋاقتىم بولۇپ، تورغا چىقىش ئىمكانىيەتىم بولسالا جاۋاب قايتۇرۇشۇم مۇمكىن.ئوغۇزتىگىن:):handshake:victory:

    E-Mai1: aaot@sina.com؛
    مۇڭداشقۇwechat微信:Q1034901351

  • دىيارىم
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-23

  • مەن ئۇيغۇرتىلى يىقىننىڭ ياقى بەكلا شالغۇتلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى دەپ ئويلاپ تىكەنمەن ئەسلى بۇرۇنلا باشلىنىپ تىكەندە،بۇرۇن ئەرەپچىسى ،پارىسچىسى قوشلۇپ ئەمدى خەنچىسى قوشۇلسا .ھەي ،،،،،،،،،،،بىزلەدە قاچان ئۆزىمىزنىڭكىنى قەدىرلەش ئۆزىمىزنىكىنى ھۆرمەتلەش ئومومى يۈزلۈك باشلىنا. ۋاي بىچارە ئۇيغۇرۇم ۋاي بىچارە ئانا تىلىم ،ئىچىم ئىچىىشىپ كەتتى .مەن بىچارە قىلماسلىققا تىرشىمەن ،قىرىنداشلاسىلەمۇ تىرىشساڭلا .ئوغۇزتىكىن مەن سىزنىڭ بۇتىمىڭىزدىن بەزى سۆزلەنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرتىلى دەپ ئىشلىتىپ كىلۋاتقان سۆزلەنىڭ ساپ ئۇيغۇرچىسى ئەمەس لىكىنى بىلۋالدىم.رەخمەت

  • oghuztigin
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-23

  • [i=s] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oghuztigin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-23 14:48 [/i]

    引用:
    دىيارىم يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 12:08
    مەن ئۇيغۇرتىلى يىقىننىڭ ياقى بەكلا شالغۇتلىشىشقا قارا ...


    ئاڭلامىساق ئاتا ئۆرگۈتى، بولۇرمىز مەمات،:'(:shutup:
    ئاشقدەك سۆي لىلاھ،سالىپ ئاھۇ-دات،نەدامات.:'(:Q
    ئويلاڭ،تەفەككۈر،ئاڭ بولسا گەر ،ئەسلەڭچۇ ئۇزاق،:o:(
    تاپۇر ئەسلى-ۋەسلىن-گەر ئۇلۇس،بۇدۇر ھەقىقەت.:lol:handshake

  • كىنوچى1
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-23

  • بەك ياخشى ئىشلانى قىلىۋاتىسىز.
    بىز ياخشى ئويلىساق ھەرقانداق سۈزلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ياسىيالايمىز مەسىلەن مەن : پويىز روسچە -مەن ياسىغىنى ئۇزۇنەك يەنى ئۇزۇن+ئەك=ئۇزۇنەك يەنە بىرسى موتو - مەن ياسىغىنى تۆمۈرات يەنى تۆمۈر+ئات=تۆمۈرات .
    مۇشۇ تورلاردا ھازىر زۇڭتۇڭ(پىرزىنىت) دىگەنلەرنى ئەلباش دەپ ئىسىم ئۇمۇملىشىپ بولدى ، ھەم بۇ ئىسىممۇ ماڭا بەك ياقىدۇ ، بۇنىغۇ قويدۇق ئەمدى مىنىستېر،باش مىنىستېر(زۇڭلى) بۇنىڭكىنى تېخى چىقمىدى مەن ئويلاپ مىنىستېرنى- ئەلدار ،باش مىنىستېرنى(زۇڭلى) باشئەلدار دەپ قۇيۇشنى ئويلاشتىم يەنى غۇجىدا ،ئەلەمدار،قەلەمدار دىگەنگە ئوخشاش

  • oghuztigin
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-24

  • 引用:
    كىنوچى1 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 21:34
    بەك ياخشى ئىشلانى قىلىۋاتىسىز.
    بىز ياخشى ئويلىساق ھەر ...


    تەشەككۈر كىنوچى1 قېرىندىشىم، ئافەرىنلار بولسۇن !مۇشۇ يازمىڭىزغا ئاتاپ بۈگۈن يا ئەتە مەخسۇس بىر ماقالا يېزىپ ،ئەجداد تورىغا يوللايمەن.ۋاقتىدا كۆرگەيسىز!:lol:handshake:victory:

  • baburhan
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-24

  • لىفىت - لاتىنچە ، ئاسانسۆر ئانا تىلچە .

  • دىيارىم
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-25

  • 引用:
    baburhan يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 01:35
    لىفىت - لاتىنچە ، ئاسانسۆر ئانا تىلچە .


    بىرتىمىدا غىنى باتۇرنىڭ لىفىتنى توكشوت (شۇنداياق ئاتىغىنى ئىسىمدە) دەپ ئاتىغانلىقىنى كۆرگەنتىم.

  • بىرىنجى بەت  ئالدىنقى بەت   كىيىنكى بەت  ئاخىرقى بەت       جەمىي 8 ئىنكاس    ھازىر 1 - بەت    ئۇمۇمىي 1 بەت
    باشبەتكە قايتىش