«مۇ» مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش

«مۇ» مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش

  • گېتلېر
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-21

  • «مۇ» مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش
    يۈسۈپجان ياسىن
    مۇ قۇرۇقلىقى

    ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا ئەنگىلىيىلىك پولكوۋنىڭ جامېس چېرچىۋارد تارىختىن بۇرۇن تىنىچ ئوكياندا مۇ دېگەن چوڭ بىر قىتئەنىڭ بولغانلىقىنى ۋە بۇ قىتئەنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە گۈللىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئېرىشكەن تەرەققىيات سەۋىيسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەنلىكى، كېيىن بۇ قىتئەنىڭ ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئاتلانىتىس قىتئەسىنىڭمۇ يەر تەۋرەش ۋە توپان بالاسنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ سۇ ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى، نەتىجىدە ئىنسانىيەتنىڭ شۇ ۋاقىتقا قەدەر ئېرىشكەن پۈتكۈل نەتىجىلىرنىڭ مۇشۇ ھادىسە بىلەن تەڭ گۇمران بولۇپ، ھايات قالغان ئىنسانلارنىڭ قايتىدىن ئىپتىدائىي ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ قاراش ئۆز نۆۋىتىدە يەر شارنىڭ گېئولوگىيلىك ئۆزگىرىش جەريانى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئۇنتۇلغان ۋە سىرلىق تارىخى ئۈستىدىكى زور بىر بايقاش بولغاچقا، دۇنيادا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان.لېكىن، چېرچىۋاردنىڭ قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئالىملار بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قاراپ دەرھال قوبۇل قىلالمىغان. چۈنكى، بۇ قاراش پەننىڭ باشقا تارماقلىرىنىڭمۇ دەلىل-ئىسپاتىنى تەلەپ قىلدىغان بولغاچقا، پەننىڭ شۇ ۋاقىتقا قەدەر بولغان تەرەققىياتى بۇنى تولۇق ھالدا دەلىللەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلغان. نەتىجىدە ئالىملار چېرچىۋاردنىڭ قاراشلىرىغا تاينىپ دۇنيا تارىخىنى قايتىدىن يېزىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. ئالىملار شۇ ۋاقىتتا پەقەت چېرچىۋارد تەرپىدىن مۇ ۋە ئاتلانتىس قىتئەسىنىڭ چۆكۈپ كەتكەن ۋاقتى دەپ كۆرسىتىلگەن بۇنىڭدىن 12 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتتا، يەر شارىدا ناھايىتى زور بىر گېئولوگىيلىك ھادىسسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تەستىقلاش بىلەن كۇپايىلەنگەن. كېيىنچە پەن تەرەققىياتنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ئالىملارنى چېرچىۋاردنىڭ قاراشلىرىنى ئېتراپ قىلىشقا ۋە ئۇنى قۇۋۋەتلەشكە يۈزلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن، 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە بۇ قاراش قايتىدىن ئالىملارنىڭ دىققىتى ۋە قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ جىددىي تەتقىق قىلىدىغان تېمىسىغا ئايلاندى. ھازىر مۇ تەتقىقاتى دۇنيا خاراكتېرلىك تەتقىقات دولقۇنىنى پەيدا قىلدى.تەدرىجىيتەرەققىيات پىرىنسىپى ۋە ئومۇمىي بايقاشلارغا ئاساسەن ئېيتقاندىمۇ، بۈگۈنكى كۈندىن 200-500 مىڭ يىللار بۇرۇن ئىككى پۇتىغا تايىنىپ تىك مېڭىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن «خومو ئېرېكتۇس ئادىمى» نىڭ ئورنىنى تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە «خومو ساپىئىېنىس ئادىمى» ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. «خومو ساپىئېنىس ئادىمى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقتىنى 200 مىڭ يىل ئىلگىرى، دەپ قۇبۇل قىلساق، ئۇ چاغدا ئاشۇ دەۋردىن بۈگۈنگە قەدەر ئىنسانىيەتنىڭ پەقەت ھازىر بىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان مەدەنىيەتنى ياراتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنسانلىق نامىغا قىلىنغان چوڭ ھاقارەت ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئومۇملىشىپ قالغان چۈشەنچىلەردە، يېزىقنىڭ ۋە ھالقا شەكلىدىكى تەسۋىرنىڭ بۇنىڭدىن ئالتە مىڭ يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىققانلىقى تەكىتلەنمەكتە. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، بۇنىڭدىن 200 مىڭ يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىققان ۋە مۇتەخەسىسلەر تەرپىدىن مېڭىسنىڭ ئېغىرلىقى ۋە تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارى بۈگۈنكى كۈندىكى ئىنسانلار بىلەن بىردەك بولغان، دەپ قوبۇل قىلىنغان «خومو ساپىئىېنىس ئادىمى» قانداقتۇر بىر سەۋەب بىلەن 194 مىڭ يىل كۈتۈپ ياتقاندىن كېيىن، بۇنىڭدىن ئالتە مىڭ يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقا كەلگەندە بىردىنلا مەدەنىيەت يارتىشقا قەدەم قويغانمۇ؟ دېگەن سۇئال تۇغۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى مىللەتلەردە ساقلىنىپ كەلگەن توپان بالا توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرمۇ يەر شارىدا زور بىر ئاپەتنىڭ بۇلۇپ ئۆتكەنلىكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. يەر شارى ۋە ئىنسانىيەت باشتىن ئۆتكۈزگەن توپان بالاسى تۈپەيلىدىن، كېيىنكى دەۋرىگە ساقلىنىپ قالغان ھۆججەت ۋە بەلگىلەر ئاز بولغىنىغا قارىماي، بۇ ھۆججەت ۋە بەلگىلەر ئىنسانلارنىڭ ناھايتى ئۇزاق بىر تارىخىنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە مۇشۇ تارىخىدا ئۇلۇغ بىر مەدەنىيەتنى ياراتقانلىقى، ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىكى مەدەنىيەتنىڭ مەنبەسىنىڭمۇ ئاشۇ قەدىمى مەدەنىيەتكە باغلىندىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويماقتا. يەنە كېلىپ مىسر قۇرۇلۇشلىرى، مايا يادىكارلىقلىرى ۋە پاسكالىيە تاش قاپارتىملىرىغا ئوخشاش سىرى ئېچىلمىغان بىر-مۇنچە مەدەنىيەت بەلگىلىرىنىڭ چۆكۈپ كەتكەن قىتئەلەر مەدەنىيتى بىلەن مەنتىقىي ئىزاھلارغا ئېرىشىشى كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغايدۇ.ئالىملار مىسىرنىڭ گېزې دېگەن يېرىدىكى كېئوپس، كېفېن ۋە مىكېروئىنوس پىرامىدالىرنىڭ قانداقتۇر مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللاردا ئەمەس، بەلكى بۇنىڭىدىن ناھايتى بۇرۇنلا ياسالغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويماقتا. بۇلاردىن پەقەت كېئوپىس پىرامداسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىككى مىليۇن 600 مىڭ دانە چوڭ بلوك (كەسمە) تاش ئىشلىتىلگەن. بۇ چوڭ بلوك تاشلار نەچچە يۈز مېتىر يىراقلىقتىكى تاش ئوچاقلىردىن قېزىپ چىقىرىلىپ يۈزى سىلىقلاشتۇرۇلغان، ئاندىن قۇرۇلۇش مەيدانىغا ئېلىپ كېلىنىپ بىرلەشتۈرۈلگەن [1]. بۇ 3000 يىل بۇرۇنقى تېخنىكا بىلەن قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ مۇتەخەسىسلەر بۈگۈنكى كۈندىكى تېخنىكىنى قوللانغاندىمۇ، مۇشۇنداق بىر قۇرۇلۇشنىڭ ئەڭ قىسقا بولغاندا 100 يىلدا تاماملىندىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلماقتا. يۇنانلىق تارىخچى ھېرودوت ئۈچ پىرامدانىڭ ۋە سفېنكىسىكە ئوخشاش سىرلىق ئەسەرلەرنىڭ توپان بالاسىدىن بۇرۇن ياسالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. مىسىرلىق راھىبلار ھېرودوقا بۇ پىرامدالارنىڭ توپان بالاسىدىن بۇرۇن مىسىرغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان فىرئەۋىن سۈرىد دەۋىرىدە ھېرمېس راھىبلىرنىڭ «ئۇستادلىق سىرلىرى» نى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش مەقسىتىدە بىنا قىلغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى 341 ئەۋلادنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن. مىسىرلىق راھىبلارنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىنى ئاددى قىلىپ ھېسابلىغاندا، پىرامىدالارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىن ئەڭ قىسقا بولغاندا 12-13 مىڭ يىل بۇرۇن ياسالغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. شۇنىڭدەك، مايا پىرامىدالىرنىڭ مىسىر پىرامىدالىرىغا ئوخشاپ كېتىشى، ھەر ئىككى مەملىكەتتە بۇنىڭ مۇراسىم ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقى ۋە قايتىدىن تۇغۇلۇش ئېتقادىنىڭ ئاينىغان بىر شەكلى بولغان مومىيالاشنىڭ ئوخشاشلىقى بۇ ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ئوخشاش بىر مەنبەدىن كەلگەنلىكىنىڭ پاكىتى ھېسابلىندۇ[2]. يەنە تۇنىسنىڭ شىمالدىكى بىر ئورمانلىقتىن تېپىلغان 50 مىڭ يىل بۇرۇنقى مېتالدىن ياسالغان سۈنئىي يۈرەك، پىرو بىلەن بولىۋىيە چېگىرسىغا جايلاشقان قەدىمقى سىرلىق شەھەر خارابىسىدىكى ئىلاھ ھەيكىلى ئۈستىگە ئىشلەنگەن 27 مىڭ يىل بۇرۇنقى يۇلتۇزلار سۈرىتى، كولۇمبىيدىكى يەر يۈزىدىن 780 ئىنگىلىزچىسى چوڭقۇرلۇقتىن تېپىلغان، B52 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانغا ناھايتى ئوخشاپ كېتىدىغان ئالتۇن ئايروپىلان، گابوندىن تېپىلغان ئاتوم قازىنى ۋە ئالىملارنىڭ ھىندىستاندىكى موخۇنجۇدارو شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان ئادەم ئىسكىلىتىنى خىميلىك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، بۇ شەھەرنىڭ بىر قېتىملىق يادرو ئۇرۇشىدا ۋەيران بولغانلىقى توغرسىدىكى ھۆكۈمى قاتارلىقلار تارىختىن بۇرۇن ھەقىقەتەن يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بىر دەۋرنىڭ بولغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ چېرچىۋارد تەكىتلەپ ئۆتكەندەك، قەدىمكى مىسىر، بابىل، ھىندىستان، جۇڭگو ۋە مايا مەدەنىيەتلىرى يوقالغان مۇ مەدەنىيتىنىڭ كېيىنكى تارىخىقا قالغان ئاخىرقى ساقىندىلىرى ئىدى.چېرچىۋارد 1868-يىلىدىن باشلاپ ھىندىستاندىكى ئەنگلىيە ئارمىيسىدە ئۇزۇن ۋاقىت ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن. چېرچىۋارد ھىندىستانغا كېلىشتىن بۇرۇنلا ئىپتىدائىي دىنلارنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىكى تەتقىقات بىلەنمۇ شوغۇللانغان. ئۇ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتىغا ماتېرىيال توپلاش مەقسىتىدە، 1883-يىلى تېبەتتىكى ئىبادەتخانلارنى زىيارەت قىلغان. بۇ قېتىم غەربىي تېبەتتىكى بىر ئىبادەتخانىغا كىرگەندە، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ «بۈيۈك راھىبلار قېرىنداشلىقى» جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن بولغان باش راھىبى رىشى ئۇنىڭغا نۇرغۇن تابلېتلار (تاش تۈۋرۈكلەر، تاش تارشىلار) نى كۆرسەتكەن. بۇ تابلېتلار ئەسلىدە مۇ قىتئەسىنىڭ مۇقەددەس ھۆججەتلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن، تۈرلۈك ھەرىپلەر، شەكىللەر ۋە سىمۋوللاردىن تەركىب تاپقان «ناگامايا تىلى» دا يېزىلغان. «ناگامايا تىلى» ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن تىل بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا باش راھىب رىشىنى قوشقاندا پەقەت ئۈچ ئادەملا بۇ تىلنى بىلەتتى. رىشىنىڭ چېرچىۋاردقا نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى سىر سۈپىتىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان تابىلېتلارنى نېمە سەۋەبتىن كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. بەلكىم رىشى بەزى سىرلارنى غەرب دۇنياسىغا ئاشكارلاش پەيتى كەلدى، دەپ قارىغان بولسا كېرەك. رىشى مۇشۇ خىل چۈشەنچە ياكى باشقا سەۋەبلەرنىڭ تۈرتكىسى بىلەن چېرچىۋاردقا ئۇستاز بولۇپ، ئۇنىڭغا بۇ تىلنى ئىككى يىل ئۆگەتكەن. نەتىجىدە چېرچىۋارد بۇ تابلېتلارنىڭ سىرىنى يېشىپ، ئۇنىڭ تولىمۇ قەدىمكى دەۋرگە مەنسۇپ سەلتەنەتلىك بىر تارىختىن ۋە دۇنياۋى تەسىر ياراتقان بۈيۈك بىر مەدەنىيەتتىن ئۇچۇر بېرىدىغان قىممەتلىك ھۆججەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. چېرچىۋاردنىڭ كۆرسىتىشچە، بۇ تابلېتلار بۇنىڭدىن 15 مىڭ يىل بۇرۇن مۇ قىتئەسىدە ياكى بېرمىدا يېزىلىپ، ھىندىستانغا مۇ قىتئەسىنىڭ راھىبلىرى ــــ نائاكاللار تەرپىدىن ئېلىنىپ كېلىنگەن ۋە ئىبادەتخانلاردا «نائاكال تابلېتلىرى» دېگەن نامدا ساقلانغان[3].چېرچىۋاردنىڭ ھىندىستاندا بايقىغان بۇ سىرلىق ھۆججەتلىرى ئۇنىڭ كېيىنكى ئۆمرىنى مۇشۇ ساھەدىكى تەتقىقاتقا قارتىشىغا تۈرتكە بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھىندىستاندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، «نائاكال تابلېتلىرى» دا تىلغا ئېلىنغان تارىخ ۋە مەدەنىيەتنى تېخىمۇ تولۇق ئىسپاتلاش ۋە مۇ قىتئەسىنىڭ ئىزلىرىنى تېپىش ئۈچۈن، 50 يىل داۋاملاشقان تەتقىقات ساياھىتىنى باشلىغان. بۇ جەرياندا ئۇ تىنچ ئوكياندىكى بارلىق ئاراللاردا، سېبىرىيىدە، ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاسىيادا، بېرمىدا، كامبودژىدا، ئاۋىسترالىيىدە، مىسىردا ۋە پۈتكۈل ئامېرىكا قىتئەسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە نۇرغۇن ئىسپات-ماتېرىياللارنى توپلىغان. چېرچىۋارد يەنە قەدىمكى يازمىلار، تەسۋىرىي سەنئەت ئەسەرلىرى، قەبرە-پىرامىدالار، قەدىمكى ئىزلار ۋە ئەپسانە-رىۋايەتلەردىنمۇ نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن. چېرچىۋارد ئۈچۈن ئېيتقاندا مۇ قىتئەسىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيتىنى يۇرۇتۇشتا ئەڭ ئەھمىيەتلىك ماتېرىيال يەنىلا نائاكال تابلېتلىرى بىلەن ھازىر مېكسىكا مۇزىيدا ساقلىنۋاتقان مېكسىكا تابلىتلىرىدىن ئىبارەت بولغان[4].ئامېرىكىلىق ئارخېئولوگ ۋىللئام نىۋىېن 1921-، 1923-يىللاردا مېكسىكىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، بۇنىڭدىن 11 مىڭ 600-12 مىڭ يىل بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ 2600 دىن كۆپرەك تابلېتنى بايقىغان. بۇ تابلېتلاردىكى يېزىقلارنى نىۋېنمۇ ئوقۇيالمىغاندەك، تابلېتلار ئۈستىدە ئۇزاق مەزگىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان كارنىگ ئىنىستىتوتىنىڭ مۇتەخەسىسلىرىدىن بولغان دوكتور مورلېيمۇ ئوقۇپ چىقالمىغان. چېرچىۋارد بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال مېكسىكىغا بېرىپ تابلېتلارنى تەتقىق قىلغان. مېكسىكا تابلېتلىرىمۇ ئەسلىدە نائاكال «ناگامايا تىلى» تىلىدا يېزىلىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن چېرچىۋارد تېبەت تابلېتلىرىدا ئېرىشكەن ماتېرىياللىرنىڭ كەم تەرەپلىرىنى تولۇقلايدىغان نۇرغۇن زۆرۈر ماتېرىياللارغا ئېرىشكەن. مىسال ئۈچۈن ئېيتساق، مېكسىكا تابلېتلىرىدا تىنچ ئوكياندىكى قىتئەنىڭ تەسۋىرىي ھالدا «مۇ»، جۇغراپىيلىك ئوقۇم جەھەتتە «غەربىي دىيار» دەپ ئاتىلدىغانلىقى كۆرسىتلىش بىلەن بىرگە، يەنە «مۇ ئانا ۋەتەن» دەپ يېزىلغان [5].چېرچىۋارد مانا شۇنداق كۆپ تەرەپلىمە پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، «مۇنىڭ ئەۋلادلىرى»، «چۆكۈپ كەتكەن قىتئە ــــــ مۇ»، «مۇنىڭ مۇقەددەس سىمۋوللىرى»، «مۇنىڭ ئالەم كۈچلىرى»، ۋە «ئالتۇندەك دەۋرنىڭ كىتابلىرى» قاتارلىق بەش كىتابنى يېزىپ چىققان. چېرچىۋارد بۇ ئەسەرلەردە ئالەمنىڭ ۋە دۇنيانىڭ شەكىللىنىشى، ئىنسانلارنىڭ بارلىققا كېلىشى، مۇ قىتئەسىنىڭ جۇغراپىيلىك ھالىتى ۋە بۇ قىتئەنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ئىكەنلىكى، مۇ قىتئەسىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئىرقى، نوپۇسى ۋە تارىخى، مۇ دۆلىتنىڭ ئىدارە قىلىش شەكلى ۋە ئۇنىڭ دۇنياۋى تەسىرى، مۇ جەمئىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكا، مائارىپ، قاتناش، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە ئېتىقاد شەكلى، مۇدىكى ئىنسانلارنىڭ كۆچۈش يۆنىلىشى، شۇنداقلا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋولقان ۋە سۇ دولقۇنى زەربىسى بىلەن مۇنىڭ ھالاك بولۇشى قاتارلىق تەرەپلىرىنى تولۇق يورۇتقان. بۇ كىتابلار 1926-يىلدىن ئېتىبارەن دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تىللاردا داۋاملىق نەشىر قىلىنىپ تۇرغان. 1935-يىلى تۈركيىنىڭ جۇمﻬۇر باشقانى (زۇڭتۇڭ) مۇستاپا كامال چېرچىۋاردنىڭ كىتابلىرنى نيۇيوركتىن ئەكەلدۈرگەن. ئۇ 60 كىشلىك بىر تەرجىمە ھەيئىتى تەسىس قىلىپ، بۇ كىتابلارنى دەرھال ئىنگلىز تىلىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلدۇرغان ۋە تەتقىق قىلدۇرغان. مۇستاپا كامالنىڭ ئۆزىمۇ مۇ قىتئەسىنىڭ سىياسى شەكلى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلغان. بۇ كىتابلارنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە تۈركچە تەرجىمىسى 1960-يىللارنىڭ ئاخىرىغا قەدەر تۈرك تىلى قۇرۇمى (جەمئىيتى) دا ساقلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىن خاتىرە ساراي ئارخىپىغا يۆتكەلگەن. پەقەت 2000-يىلىغا كەلگەندىلا، ئاندىن بۇ ئەسەرلەرنىڭ تۈركچە نۇسخىسى ئەگەمەتا نەشرىياتى تەرپىدىن ئۈچ كىتاب قىلىپ تەييارلىنىپ، ئاشكارا نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى.مۇ قىتئەسى تارىخىنىڭ قايسى دەۋردە باشلانغانلىقى مەلۇم ئەمەس. چېرچىۋارد ئېرىشكەن تابلېتلارنىڭ بەزىلىرنىڭ تارىخى تولىمۇ ئۇزاق بولسىمۇ، ئۇمۇ پەقەت مۇ قىتئەسنىڭ تارىخىنىڭ 270 مىڭ يىلغا تاقىلدىغان قىسىمىدىنلا سۆز ئېچىش بىلەن چەكلەنگەن. چېرچىۋاردنىڭ قولىدىكى ماتېرىياللانىڭ زور كۆپ قىسىمى 70 مىڭ يىلنىڭ مابەينىدىكى تارىخ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ بايان قىلغانلىرىمۇ دەل 70 مىڭ يىلنىڭ ئىچىدىكى تارىخ بىلەن كۇپايىلەنگەندى. چېرچىۋارد بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شۇ مەسىلىنىڭ ناھايىتى ياخشى چۈشىنىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەنكى، كىتابلىرىمدا ئوتتۇرغا قويغان تارىخ مېنىڭ كەشپىياتىم سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىنماسلىقى كېرەك. ئەگەر تارىخ راست بولسا، مەن پەقەت 12 مىڭ يىلدىن 70 مىڭ يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقىچە بولغان ئەھۋالنى ئەكس ئەتتۈرۈدىغان ئابىدىلەردە بايان قىلىنغانلارنى تەكرارلىغان بولدۇم. بۇ ئابىدىلەر ۋە يازمىلاردا ناھايىتى دىققەتنى تارتىدىغان مەلۇماتلار بېرىلگەن. يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دەلىللەيدىغان رىۋايەتلەرنى ھېسابقا ئالماي تۇرۇپمۇ، ئارخېئولوگىيلىك ۋە گېئولوگىيلىك ھادىسلەرمۇ بۇ پاكىتنى قۇۋۋەتلەيدۇ [6].«ئەمما، چېرچىۋاردنىڭ قاراشلىرى، شۇنداقلا چېرچىۋاردنىڭ تەتقىقاتىدىكى مۇھىم بىر تېما بولغان ئاتلانتىس قىتئەسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئالىملار باشقا مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، مۇ قىتئەسىدە بۇنىڭدىن 900 مىڭ يىل بۇرۇنلا مەدەنىيەتنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. لېكىن، بۇمۇ مۇ قىتئەسىنىڭ تارىخىنىڭ باشىلىنىش نوقتىسىغا قارتىلغان ئەمەس، بۇ پاكىتلاردىن مۇنىڭ تېخىمۇ قەدىمىي دەۋرگە سۈرۈلۈپ باردىغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.چېرچىۋاردنىڭ قاراشلىرى مۆجىزلىك ماھىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا ھازىرغىچە ئىنسانلار ئېرىشكەن پۈتكۈل مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىنىڭ ـــــ مۇ ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكلىرىدىن بىخلانغانلىقى، مۇنىڭ سىياسىي كۈچىنى يۈرگۈزۈش ۋە مەدەنىيتىنى تارقىتىشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. تۈرك ئالىمى ئەرگۈن ئارىكدالنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتىقاندا، «مۇ مەدەنىيەتىنىڭ ئىنسانلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىىپ تاللىغان [7].» بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇنىمۇ ئىزاھلاپ قويۇش كېرەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى تۆت مىڭ يىللىق تارىخىدا كۆرۈلگەن نۇرغۇن مەدەنىيەت بەلگىلىرىنىڭ مۇ دەۋرى مەدەنىيىتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇشى كىشلەرنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنىڭ يىلتىزى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ مەنبەسىگە بولغان تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە چېرچىۋاردنىڭ قاراشلىرىنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەيدۇ.مۇ قىتئەسىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە مەدەنىيتى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتۈشتىن بۇرۇن، ئالەمنىڭ ۋە دۇنيانىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدا تابلېتلاردا خاتىرىلەنگەن چۈشەنچىنى كۆرۈپ ئۆتۈش زۆرۈر. چېرچىۋاردنىڭ كۆرسىتىشىچە، تابلېتلاردا ئالەمنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئىپتىداسى ۋە شەكىللىنىشى توغرىسىدا يەتتە باسقۇچلۇق قاراش ئوتتۇرغا قويۇلغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئالەمنىڭ دەسلىپىدە پەقەت روھ بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ روھتىن بىر كائۇس (سەۋەب) يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان ئالەم شەكىللەنگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن كائۇسنىڭ ئورنىنى ئاستا-ئاستا تەرتىپ ئىگەلەشكە باشلىغان ۋە ئالەمدىكى شەكىلسىز، تارقاق گازلار بىر يەرگە توپلانغان. بۇ گازلار قۇياش سىستېمىسى ۋە پىلانېتلارنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن قېتىشقان، قېتىشىش جەريانىدا ئاۋۋال ھاۋا، ئۇنىڭدىن كېيىن سۇ پەيدا بولغان، سۇ پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان. قۇياش نۇرى ھاۋانى ۋە سۇنى ئىسىتقان. بۇ نۇر ۋە تۇپراق ئاستىدىكى ئوت سۇنىڭ ئىچىدە چۆكۈپ تۇرغان تۇپراقنى ئۈستى تەرەپكە سىلجىتىپ، ئوچۇق تۇپراقنى ھاسىل قىلغان. قۇياشنۇرى سۇنىڭ ئىچىدىكى ۋە پاتقاقلىقتىكى كۈرمىڭ ھاياتلىق تۇخۇملىرىنى پەيدا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپتىكى ھاياتلىق سۇدىن پەيدا بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا ــــ يەر يۈزىگە كېڭەيگەن [8].بۇ قاراشنىڭ ئالەمنىڭ ۋە ھاياتلىقنىڭ بارلىققا كېلىشى توغرىسىدا بۈگۈنكى كۈندە تەكىتلىنۋاتقان نەزەرىيلەرگە شۇ دەرىجىدە ئوخشاپ كېتىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئەمەس. چۈنكى، ئەڭ قىسقا بولغاندا 70 مىڭ يىللىق تارىخى بىلىنگەن بىر مەدەنىيەتتىن بۇنىڭدىن پەرقلىق بىلىمنى كۈتۈشمۇ تازا ئاقىلانلىك بولمايدۇ. ئەمدى مۇ مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش جەھەتتە، «ماخاپخاراتا» داستانى بىزنى مۇنداق بىر مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ داستاندا «تۈتۈنسىز بىر ئوت ئىچىدىن پاقىراق ۋە يالقۇن چاچقان بىر ئوق ئېتىلدى. بىردىنلا ھەممە يەر قاراڭغۇلۇققا چۆمدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كۆزنى كور قىلىدىغان بىر خىل نۇر ۋە قۇلاقنى پاڭ قىلغىدەك قاتتىق بىر ئاۋاز چىقتى. ئارقىدىنلا ئوتتۇرغا چىققان زور ئىسىسقلىقتا سۇلار ھورغا ئايلاندى. پىللار، ئاتلار، ئىنسانلار بىردىنلا قورۇلۇپ يىگىلەپ قالدى. دەرەخلەر پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگىدى. يەر-زېمىن قايتىدىن يۇرىغاندا ھەيۋەتلىك قوشۇندىن قېپقالغىنى پەقەت بىر سىقىم كۈل بولدى [9]» دېيىلىدۇ. ئالىملار بۇ تەسۋىرنىڭ 1945-يىلى ياپونىيىنىڭ خروسماغا ئاتوم بومبىسى تاشلانغاندا يۈز بەرگەن ئەھۋال بىلەن تامامەن ئوخشايدىغانلىقىغا ئاساسەن، بۇنىڭ بىر قېتىملىق يادرو ئۇرۇشنىڭ خاتىرىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.بۇ رىۋايەت مۇ دەۋرى كىشلىرىنىڭ ئېرىشكەن مەدەنىيەت سەۋىيسىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ دۇنياسىنىڭمۇ بۈگۈنكى كۈندىكىگە ئوخشاش مەڭگۈلۈك تىنىچلىقنى يارتىپ بولالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە پۈتكۈل دۇنياغا تارقالغان ھېكايە-رىۋايەتلەر بىزگە قەدىمدە تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياندا ئىككى چوڭ قۇرۇلۇقنىڭ ۋە يۈكسەك دەرىجىدە گۈللەنگەن بىر مەدەنىيەتنىڭ بولغانلىقىدىن ئىسپات بېرىدۇ. بۇ دەل چېرچىۋارد دەلىللەپ چىققان مۇ، ئاتلانتىس قىتئەلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيتىنى كۆرسىتەتتى. چېرچىۋاردنىڭ كۆرسىتىشچە، ئامېرىكا بىلەن ئاسىيانىڭ ئوتتۇرسىدىكى تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان مۇ قىتئەسىنىڭ مەركىزىي قىسمى ئېكۋاتورنىڭ بىر ئاز جەنۇبىي قىسىمىغا توغرا كېلەتتى. دائىرىسى تەخمىنەن قىلغاندا، شەرقتىن غەربكە 9500 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا 4800 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولغان. مۇ قىتئەسى تار بوغۇزلار ياكى دېڭىزلار ئارقىلىق تۇردىغان ئۈچ چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تەركىب تاپقان. بۈگۈنكى كۈندە تىنچ ئوكيانغا يەككە ياكى تاقىم ئاراللار ھالىتىدە جايلاشقان ھاۋاي، تاختى، ساموئا، كوك، پاسكالىيە، تونگا، مارشالل، گىلبېرت، كارولىنا، مارىئانا ۋە ماركوس ئاراللىرىدىن ئۆتكەن بىر دەۋردىكى مۇ قىتئەسىدىن ساقلىنىپ قالغان پارچە قۇرۇقلۇقلار ھېسابلىندۇ [[10].شۇ پاكىتنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، چېرچىۋاردنى قۇۋۋەتلەپ بۇ ئاراللارنىڭ مەدەنىيتىئۈستىدە ئىزدەنگەن دانىيلىك ئالىم ۋە يازغۇچى ئېرىك ۋون دانىكېنمۇ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى مىڭ نەچچە يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ ئاراللاردىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتپ ئۆتكەن [11]. چېرچىۋاردنىڭ مۇ قىتئەسىنىڭ تەبئىي شارائىتى ۋە ئۇنىڭدا ياشىغان ئىنسانلارنىڭ ئىرقىي، ئىجتىمائىي، سىياسى ۋە مەدەنىي ھاياتى توغرىسىدا بايانلىرىنى ئىخچاملاشتۇرۇپ مۇنداق كۆرسىتىشكە بولىدۇ.مۇ قىتئەسىنىڭ يەر شەكىلى بىپايان تۈزلەڭلىكلەردىن ئىبارەت بولۇپ، مۇھىتى ئىنتايىن گۈزەل، تروپىك (ئىسسىق) بەلۋاغ ئىقلىمىغا مەنسۇپ قۇرۇقلۇق ھېسابلىناتتى. بۇ قىتئەدىكى تۈزلەڭلىكلەر ۋە ۋادىلار ئېكىنزار تۇپراقلار ۋە ئېتىزلار بىلەن تولغان. ئىنسانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاق تەنلىك، سېرىق تەنلىك، قارا تەنىلىك، قوڭۇر تەنلىك ۋە قىزىل تەنلىكتىن ئىبارەت بەش چوڭ ئىرقىي تىپى ئاۋۋال مۇشۇ قىتئەدە بارلىققا كېلىپ، كېيىن شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى يۆنىلىش بويىچە سىرتقا قاراپ كۆچۈپ، باشقا قىتئەلەرگە تارالغان. بۇ يەردە 50 مىڭ يىللار بۇرۇن 64 مىليون كىشى ئىنتايىن ئەركىن ۋە باياشاد تۇرمۇشتا ياشىغان. ئۇلار ئون چوڭ خەلقتىن تەركىب تاپقان، ئىرقىي جەھەتتە ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئىگەللىگەن نىسپىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان. مۇ قىتئەسىدىكى ئون چوڭ خەلقنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكى پەرقلىق بولسىمۇ، قوللىنىدىغان تىلى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. پەرقمۇ ئىنتايىن كىچىك تەرەپلەردە كۆرۈلگەن. لېكىن، يېزىقىدا چوڭ پەرقلەر بولغان [12].مۇ قىتئەسى دېموكراتىيە يېتەكچى قىلىنغان چوڭ بىر ئىمپېرىيدىن ئىبارەت بولۇپ، نېلۇپەر گۈلى دۆلەت گۈلى قىلىنغان. ئىمپېرىينىڭ ھۆكۈمرانلىق بەلگىسى ئورنىدا بىر دۆلەت گېربى بولغان. دۆلەت گېربىدىكى ھەر بىر سىزىق بەلگىلىك بىر مەنانى ئىپادە قىلاتتى، يەنى ئۇ يەر يۈزدىكى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ مۇنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى. دېمەك، مۇ ئىمپېرىيسىنىڭ سىياسىي تەسىرى يەر شارىنى تولۇق قاپلىغاندى. مۇ دۆلىتىنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقى بىلىنمىسىمۇ، لېكىن مۇ ئەنئەنىسىدە ئىپادە قىلىنىشچە، مۇ دۆلىتى ئىمپېرىيگە ئايلانغان چاغدا، ئىمپېراتۇر سۈپىتىدە بىر سىمۋوللۇق (ھىيەراتىك) رەئىس سايلاپ چىقىلغان. بۇ رەئىس يەنە دىنىي تەلىماتلاردا تەڭرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ ئالىي راھىب ـــــ دىندار ھېسابلىناتتى. «را» دەپ ئاتىلدىغان قۇياش تەڭرىنىڭ پۈتكۈل خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن كوللېكتىپ ۋە ئەڭ يۇقىرى سىمۋول، دەپ قارىلاتتى. شۇ ۋەجىدىن ئىمپېراتۇر تەخىتكە چىققاندا، ھۆكۈمرانلىق بەلگىسى سۈپىتىدە «را» (قۇياش) ئۇنۋانىنى ئالاتتى. بۇ ئۇنۋانغا مۇ قىتئەسىنىڭ نامى قوشۇلۇپ، ئىمېراتۇرنىڭ تولۇق نامى «رامۇ» (قۇياش مۇ) دەپ ئاتىلاتتى، ئىمپېرىينىڭ يەنە بىر نامىمۇ «قۇياش ئىمپېرىسى» دېيىلەتتى [13]. ئىمپېراتورنىڭ قول ئاستىدىكى ھەم پەن خادىملىرى ھەم راھىبلاردىن ئىبارەت بولغان «نائاكاللار» ئىدارە قىلغۇچى سىنپىنى تەشكىل قىلغان [14].بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، مۇنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان مىسىردىمۇ قۇياش تەكرىسى «را» دەپ ئاتالغان. مەنبەسى مۇ مەدەنىيىتىگە قەدەر سۇزۇلدىغان ياپونىيەدىمۇ پادىشاھنىڭ ئۇنۋانى «قۇياش ئوغلى» دېيىلەتتى. شۇنىڭدەك، مايا ۋە ئىنكا مەدەنىيىتىدىمۇ ھۆكۈمدارلار ئاشۇ ئونۋاننى قوللانغاندى. ھىندىئانلاردىكى ھۆكۈمدارنىڭ نامى بولغان «راما» دېگەن ناممۇ «رامۇ» ئۇنۋانىدىن كەلگەنىدى.مۇ ئىمپېرىيىسىنىڭ دۇنياۋى سىياسى تەسىرى ئۇنىڭ ئاتلانتىس، مايا، پېرۇ، ھىندىستان، ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى، بابىل ۋە مىسىردىن ئىبارەت يەتتە چوڭ مۇستەملىكىسى (دومىنىئون) ئارقىلىق شەكىللەنگەن. بۇ مۇستەملىكلەرنىڭ قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەسلىدە مۇ قىتئەسىدىكى ئون چوڭ خەلق ئايرىم-ئايرىم رايۇنلاردا ياشىغان. كېيىن بۇلارنىڭ ئىچىدە نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن سىرتقا قاراپ كۆچۈپ، يېڭى بىر قىتئە ياكى يېڭى بىر زېمىننى ئىشغال قىلغانلىرى قايتىپ كەلمەي، شۇ ئورۇندا ماكانلىشىپ قالغان ۋە ئەجدادلىرىنىڭ مۇ قىتئەسىدە قۇرغان شەھەرلىرىنىڭ شەكلىگە ئوخشىتىپ يېڭى ماكانلىرىدا ئۆزىنى ئىدارە قىلالىغىدەك دەرىجىگە يەتكىچە مۇ ئىمپېرىيسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا تۇراتتى. ئاندىن مۇستەقىل ئىمپېرىيىگە ئايلىناتتى. ھۆكۈمدارلىرىمۇ «قۇياش ئوغلى» دېگەن ئۇنۋاندا ئاتىلاتتى. مۇ ئىمپېرىيسىنىڭ مۇستەملىكلىرى ئىچىدە، كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئاتلانتىس قىتئەسىگە مۇستەقىللىق بېرىلگەن. ئۇيغۇر ئمىپېرىيسى مۇدىن كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ كۈچلۈك ئىمپېرىيىگە ئايلانغان.مۇ قىتئەسىدە دىن، ئىلىم-پەن، سەنئەت ۋە سودا مەركەزلىرى ھېسابلىندىغان يەتتە چوڭ شەھەر بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئۈچ چوڭ قورۇقلۇقتا يەنە نۇرغۇن شەھەر ۋە يېزىلار بولغان. شەھەرلەرنىڭ كۆپ قىسىمى چوڭ دەريالارنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزى ئەتىراپلىرىغا جايلاشقان. بۇ جايلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن كېمىلەر كېلىپ-كېتىپ تۇردىغان سودا ۋە ئالاقە مەركىزى ھېسابلىناتتى. مۇ مەملىكىتى دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ، مائارىپ، تىجارەت ۋە ئالاقە ئىشلىرىنىڭ باش مەركىزى ئىدى.چېرچىۋاردنىڭ ئىپادىلەپ بېرىشچە، مۇ مەدەنىيىتى ھازىرقى دەۋرىدىكى ئىنسانلار مەدەنىيىتىدىن مەيلى فىزىكا (تەبىئەت ئىلمى) جەھەتتىن بولسۇن، ياكى سىپىرىتۇئېل (ئىلاھىيەتشۇناسلىق) بىلىملىرى جەھەتتىن بولسۇن، ناھايتى زور دەرىجىدە ئىلگىرلەپ كەتكەن. بۇنىڭدىن 50 مىڭ يىل ئىلگىرى مۇ قىتئەسىنىڭ تېلوس رايۇنىدا ئالەمشۇمۇل ھەقىقەتلەرنى، سەنئەت ۋە كائىنات بىلىملىرىنى ئۆگىتىدىغان ھەم بۇ توغرىسىدا مۇھاكىمە، تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئىلىم-پەن جەمئىيەتلىرى بولغان. چېرچىۋاردنىڭ مۇ ئىمپېرىيسينىڭ تەرەققىياتى توغرسىدىكى بايانلىرىدىن بىز ئۇنىڭ سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن دۆلىتىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز. بۇ قىتئەدە تاشتىن ياسالغان ئوردا-سارايلار، ئىبادەتخانلار ۋە ھەيكەللەر ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشتە بولۇش بىلەن بىرگە، يۇقىرى سەنئەت ماھارىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن. مۇنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدا ئېلېكتر، مېتالچىلىق، ئېلېكترون، بىئو-خىمىيە، ئاتوم، گېن ئۆزگەرتىش قاتارلىق بىر مۇنچە يۇقىرى تېخنىكلار قوللىنلغاندىن سىرت، يەنە قۇياش ئېنېرگىسى، كىرستال ئېنېرگىيە، لازېر نۇرى تۈرىدىكى ئېنېرگىيلەر ۋە ھازىرقى كۈندىكى ئىنسانلار تېخى بىلىپ يېتەلمىگەن بىر مۇنچە ئېنېرگىيىگە تايىنىپ يورۇتۇش، ئىسسىتىش ۋە يەتكۈزۈش تېخنىكىسى ئومۇملاشقان. بىلىم ئامبىرى قۇرۇش ۋە تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلغان. قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز قاتنىشىمۇ بەكلا يۈكسەلگەن. پۈتكۈل مۇ قىتئەسىدە سىلىق مەرمەر تاش ياتقۇزۇلغان تۈپتۈز يوللار ئۆمۈچۈك تورىدەك يېيىلىپ، تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان. بۇ تاش يوللار ئۆمۈچۈك تورىغا تەقلىد قىلپ ياسالغان بولۇپ، باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نوقتىسىنى بىلگىلى بولمايتتى. كېمىلەر ئوكيان ۋە دېڭىز ئارا قاتناپ، يەر شارىنى ئايلىنىپ تۇرغان. ئالەم ئېنېرگىيسى بىلەن ھەركەتلىندىغان كائىناتقا ئۇچۇش ۋاستىلىرى (ئالەم كېمىسى) بولغان. بۇ خىل تېخنىكىلارنىڭ ھىندىلارغا مىراس بولۇپ قالغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن 20 مىڭ يىل ئىلگىرىكى، ھىندىلار تەرىپىدىن بۇ خىل ئۇچۇش ۋاستىلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر ئىسپاتلار بار. «ماخپخاراتا» داستانىدىمۇ ۋىمانلار سۈپىتىدە تەرىپلىندىغان ئۇچار جىسىملار تىلغا ئېلىندۇ [15].مۇ قىتئەسىدە دىن، ئىلىم-پەن ۋە باشقا ساھەگە ئائىت بىلىملەر مەخسۇس ئورگانلار تەرىپىدىن ئىنتايىن ئاددى، ئوچۇق ۋە ساپ ھالەتتە ئۆگىتىلگەن. بارلىق كىشلەر غەيرىي چۈشەنچىلەردىن خالىي، ساپ ئەقىدىلىك، بىر تەڭرىلىك دىنغا ئىشەنگەن. بۇ دىن كىشلەرنى «مۇقەددەس سىرلار قېرنىداشلىقى» جەمئىيىتنىڭ ئەزالىرى ــــ نائاكاللار تەرپىدىن بەلگىلىك تەرتىپ ۋە باسقۇچلار بويىچە ئۆگىتىلگەن. ئاۋۋال ئىنسانلارغا تەڭرىنىڭ بىرلىكى ۋە ئۇنىڭ ﻫەر نەرسىگە قادىر ئۇلۇغ ئىكەنلىكى، ئۇنىڭىدىن كېيىن ئالەمنىڭ ۋە ئالەمدىكى ھەممە نەرسىنىڭ، شۇنىڭدەك ئىنسانلارنىڭ بۇ قادىر مەۋجۇتلۇق تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقى، ئىنسانلار يارىتىلغاندا ئۇلارنىڭ بەدىنىگە مەڭگۈ يوقالمايدىغان روھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇلغانلىقى، ئادەم ئۆلگەندە روھنىڭ تەندىن ئايرىلىپ، مۇكەممەللىشىش ئۈچۈن يەنە بىر تەنگە يۆتكىلىدىغانلىقى ۋە مۇكەممەللىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرى ئۆزى كەلگەن ئۇلۇغ مەنبەگە قايتىدىغانلىقى ئۆگىتىلگەن. بۇ دىندا تەڭرى ئالەمنى كونترول قىلىپ تۇرغۇچى ئۇلۇغ كۈچ سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىنغاندىن سىرت، يەنە «ساماۋى دادا»، ئىنسانلار بولسا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى دەپ قارالغاچقا، ئۇلارنىڭ بىر-بىرنى قەدىرلىشى ۋە ئالاقە-مۇناسىۋەتلىرىدە بۇ ھەقىقەتنىڭ ئۆلچەم قىلىنىشى تەكىتلەنگەن. مۇ دىنىدا ئىنسانلار تەڭرى (ساماۋى دادا) گە قورقۇش ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ئىشەنچ ۋە ھەممىدىن بەكرەك ھۆرمەت-مۇھەببەت بىلەن سىمۋوللار ئارقىلىق چوقۇناتتى. تەڭرىنى نامسىز-ئىسىمسىز، مەڭگۈلۈك، ئۇلۇغ مەۋجۇتلۇق دەپ بىلەتتى [16]. بۇنىڭغا دائىر تابلېتلارنىڭ بىردە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئىنسانلار ئۈچۈن تەڭرى چۈشنىكسىز ئەمەس، چۈشنىكسىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن، نە رەسىمى سىزىلسۇن، نە نام بىلەن ئاتالسۇن، ئۇ نامسىزدۇر. سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدىغان تەڭرى ئەبەدىيلىك ياكى مۇتلەق تەڭرى ئەمەس. تىلدا ئىپادىلەنگەن بىر ئىسىم ئۇنىڭ ئەبەدىي مەۋجۇتلىقىغا بىر نام بولالمايدۇ [17]» تەڭرى نامىسز ۋە ئەبەدىي، دەپ چۈشىنىلگەچكە، ئۇنىڭغا كىشلەر دۇئا-تىلەكلىرىدە ۋە ئىبادەتلىرىدە سىمۋوللار ئارقىلىق ئىلتىجا قىلغان.مۇ دىنىنىڭ تەلىماتىغا ئاساسلانغاندا، تەڭرى شۇ قەدەر ئۇلۇغ مەۋجۇتلۇقكى، ئۇنى بىۋاسىتە ئېغىزغا ئېلىشقا بولمايتى. ئۇ بىر سىمۋول ئارقىلىق ئىپادە قىلىنمىسا، ئىنسانلار تەرپىدىن ئىدراك قىلىنمايتتى. شۇڭا، مۇ تىلدا «را» دەپ ئاتىلدىغان قۇياش بۇ ئۇلۇغ مەۋجۇتلۇقنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. قۇياشنىڭ تەڭرىنىڭ سىمۋولى قىلىپ تاللىنىشىدا كۈچلۈك تەپەككۇر گەۋدىلەنگەن. قۇياش ۋە قۇياش شەكلىدىكى چەمبەر ياكى ھالقىنىڭ گېئومېتىرىڭ شەكىللەر ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل ۋە نۇقسانسىز ھالەتتە بولۇشى، ئۇنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نوقتىسىنىڭ يوقلىقى، شۇنداقلا چەكسىزلىكىنى ئىپادە قىلدىغان بىردىن-بىر شەكىل، دەپ قارالغانلىقىدىن، ئىلاھىي بىر ئۇقۇمغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ ئىدىئال سىمۋول سۈپىتىدە تاللانغان. بۇ سىمۋول ناگالاردا (ھىندىلارنىڭ ئەجدادى) چەمبەرنىڭ ئوتتۇرسىغا بىر تال چېكىت قويۇش بىلەن، ئۇيغۇرلاردا بولسا ئۇنى يەنە بىر چەمبەر بىلەن ئوراش ئارقىلىق سىمۋوللاشتۇرۇلغان. مۇ دىندا سىمۋولنىڭ قوللىنىشىدا يەنە بىر مەقسەت بولغان. ئۇ بولسىمۇ بەلگىلىك ئىپادە شەكىللىرىنىڭ قېلىپلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، سىمۋوللارغا يېڭى مەنالارنى يۈكلەپ، دىنغا مۇتئەسىپلىك ۋە سۈنئىيلىكنى قوشۇپ قويۇشنىڭ[font=Alkatip Tor Tom] ئالدىنى ئېلىش ئىدى.[/font][font=Alkatip Tor Tom]ھەقىقەتەن مۇ مەدەنىيتى يوقالغاندىن كېيىن، بۇ سىمۋوللار بىردىن بۇتقا ئايلاندى ۋە كۆپ تەڭرىلىك دىن بارلىققا كېلىشكە سەۋەب بولۇپ قالدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا مىسىر، بابېل، ئىران،[/font][font=Alkatip Tor Tom]شىمالىي ھىندىستان[/font][font=Alkatip Tor Tom]، ياپون، مايا، ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە مىسىر مەدەنىيىتىدە كۆرۈلگەن قوياشقا[/font]چوقۇنۇش ئېتقادىمۇ مۇ دىننىڭ ئەسلىي ماھىيتىدىن[font=Alkatip Tor Tom] ئاينىپ كەتكەن شەكلى ئىدى [18][/font].مۇ دىننىڭ سىمۋوللىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇردىغىنى «مۇ كومزىك-ئالەم دىئاگراممىسى»ھېسابلىناتتى.چېرچىۋارد بۇ كومزىك دىئاگراممىنى 35 مىڭ يىل بۇرۇنقى دەۋرىگە مەنسۇپ ۋە ئىنسانلار تەرپىدىن يېزىلغان ئەڭ دەسلەپتىكى كىتاب، دەپ قارىغان [19].بۇ دىئاگراممىنىڭ دەل ئوتتۇرسىدىكى چەمبەر (ھالقا) قۇياش رانىڭ، يەنى بىر تەڭرىنىڭ كوللېكتىپ سىمۋولى، ئۈچبۇلۇڭ ئىچىدىكى دائىرە بولسا تەڭرىنىڭ كۆزىنىڭ ھەرقاچان ئىنسانلارغا تىكىلىپ تۇرغانلىقىنىڭ، بىر-بىرىگە كىرىشىپ تۇرغان ئىككى-ئۈچ بۇلۇڭ ياخشلىق بىلەن يامانلىقنىڭ بىر يەردە ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولىدۇر. بۇ ئۈچبۇلۇڭلاردىن يۇقىرى تەرەپكە قاراپ تۇرغنى ياخشلىققا، تۆۋەن تەرەپكە قاراپ تۇرغنى بولسا قايتىدىن تۇغۇلۇش ئۈچۈن كەينىگە قايتىشقا ۋەكىللىك قىلغان. ھەر ئىككىسىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن ئالتە قىرلىق يۇلتۇز ئادالەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. بولۇپمۇ بۇ يۇلتۇزنىڭ ھەر بىر ئۇچى بىر خىل پەزىلەتنى ئىپادىلىگەن. ئىنسان پەقەت بۇ پەزىلەتلەرگە ئىگە بولغاندىلا تەڭرىگە ئۇلىشالايتتى. ئالتە قىرلىق يۇلتۇرزنىڭ سىرتىدىكى چەمبەر بۇ دۇنيادىن باشقا ئالەمنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇنىڭ سىرىتىدىكى ئون ئىككى فىستو (دائىرە) بولسا ئىنساننىڭ يىراق تۇرىشى زۆرۈر بولغان ئون ئىككى يامان خاھىشنىڭ بەلگىسى قىلىنغان. ئىنسان روھى باشقا ئالەمگە يۆتكىلىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ دۇنياۋى ئون ئىككى يامان خاھىشىتىن خالىي بولۇشى زۆرۈر ئىدى. تۆۋەنگە قاراپ تۇرغان سەككىز شەرتلىك يول بولسا، روھنىڭ تەڭرىگە يېتىش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتىشى كېرەك بولغان باسقۇچلارنىڭ ئىپادىسى ئىدى. روھ ئەڭ تۆۋەنكى قەدەمدىن، جانسىز مەۋجۇتلۇقتىن مۇكەممەللىككە، يەنى كامىل ئىنسانغا ئېرىششى كېرەك ئىدى [20].چېرچىۋاردنىڭ كۆرسىتىشچە، كېيىنكى ۋاقىتتىكى بىر خۇدالىق دىنلارنىڭ مەنبەسى مۇ دىنىغا تاقىلاتتى [21] . چېرچىۋارد كەشمىرنىڭ لېخ دېگەن يېرىدىكى ھېمىس ئىبادەتخانىسىدىن تاپقان بىر ھۆججەتتە مۇنداق يېزىلغان. «ئىسا تۇغۇلغان يۇرتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئاۋۋال مىسرغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئىككى يىل ئوسىرىس دىننى تەتقىق قىلدى. مىسىردىن ھىندىستانغا باردى ۋە بېنارىس، لاھور قاتارلىق بىر مۇنچە شەھھەرلەرنى ئايلىنىپ چىقتى. گوتاما بۇددانىڭ تەلىماتىنى تەتقىق قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھىمالايادىكى بىر ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ئۇ يەردە 12 يىل مۇنىڭ مۇقەددەس ھۆججەتلىرى ۋە ئالەم بىلىملىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. 12 يىلدىن كېيىن ئۇستازغا ئايلاندى [22].«چېرچىۋارد يەنە مۇسانىڭمۇ مىسىردا راھىبلاردىن مۇ دىننىڭ تەلىماتلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، يەھۇدى دىننى بەرپا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان [23].چېرچىۋاردنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا بۈيۈك مەدەنىيەتنى ياراتقان مۇ قىتئەسى بۇنىڭدىن 12 مىڭ يىل ئىلگىرى بىر قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن، يەر يېرىلىپ ئاستىدىكى گازنىڭ ئۈستى تەرەپكە پارتىلاپ چىقىشى بىلەن ئولتۇرشۇپ، ئوكياننىڭ ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاجايىپ بىر كاتتا مەدەنىيەت بىردىنلا ھالاك بولۇپ، بۇ يەردە ياشاۋاتقان 60 مىليۇندىن ئارتۇق كىشىمۇ سۇغا غەرق بولۇپ تۈگەشكەن. چېرچىۋارد مۇنىڭ چۆكۈپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ خاتىرسىنى مۇنداق تەسۋرىلىگەن: «مۇ ــــ ئانا ۋەتەن، بىر جۈمە كۈنى يەنى زاج ئېيىنىڭ (ئاق ئاي) 13-كۈنى چۆكۈپ كەتتى. ئاشۇ كۈننىڭ خاتىرسى سۈپىتىدە 13-چىسلانى ئىنسانلارنىڭ تەلەيسىز-بەخىتسىز كۈنى دەپ قاراش بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلدى [24].«شۇنى قۇشۇمچە قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى، چېرچىۋاردنىڭ مۇ قىتئەسى ۋە بۈيۈك مۇ مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا دۇنيادا قايتا زىلزىلە قوزغىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئالىملار بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇ قىتئەسىنىڭ ھالاك بولۇشى ئۈستىدە ئىزدەندى ۋە تېخىمۇ دىققەتنى تارتىدىغان قاراشلارنى ئوتتورغا قويدى. بۇ قاراشلار ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچى خىل قاراشتا، كائىناتتىن كەلگەن بىر چوڭ مىتئورىت يەر شارىنى قۇياش ئەتىراپىدىكى ئوربىتاسىدىن چىقىرۋەتكۈدەك شىددەتلىك كۈچ بىلەن مۇ قىتئەسىگە ئۇرۇلۇپ ئۇنى چۆكتۈرۋەتكەن، دېيىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تىنچ ئوكيان چوڭقۇرلۇقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە مۇ قىتئەسىدىن ساقلىنىپ قالغان بەلگىلەرنىڭ شۇ قەدەر ئازلىقى مۇشۇ مىتئورىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. لېكىن بۇنى ئوتتۇرغا قويغان ئالىملار مىتئورىت ھۇجۇمىنىڭ باشقا قىتئەلەرگە بولغان تەسىر توغرىىسدا تازا ئېنىق بىر نېمە دېمەيدۇ.ئىككىنچى خىل قاراشتا، مۇ قىتئەسى بىلەن ئاتلانتىس قىتئەسى ئوتتۇرسىدا پارتىلغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇرۇشلار مۇ قىتئەسىنى ھالاك قىلغان، دېيىلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاتلانتىس توغرىسىدا بۇ يەردە بىر ئاز چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.ئاتلانتىك ئوكيانغا جايلاشقان ئاتلانتىس قىتئەسى ئىككى مىڭ يىلدىن بېرى كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. بۇ ھەقتە ئەڭ دەسلەپ پىلاتۇن «تىمائوس» ۋە «كرىتىئاس» دېگەن ئەسەرلىرىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە ئاتلانتىس ئىمپېرىيسىنىڭ ئۆزى ياشىغان دەۋرىدىن توققۇز مىڭ يىل بۇرۇن (بۇنىڭدىن 12 مىڭ يىل بۇرۇن) كۈچلۈك بىر ئىمپېرىيە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئاتلانتىس روناسانىس (ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى) دەۋرىدە كىشلەر ئەڭ كۆپ مۇھاكىمە قىلغان تېمىدىن بىرىگە ئايلانغان. بولۇپمۇ 17- ۋە 18-ئەسىرلەردە بۇ مۇھاكىملەر تېخىمۇ ئەۋج ئالغان. دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر نامايەندىلەردىن مونتېگىن، بافلون ۋە ۋولتېر قاتارلىقلارمۇ ئاتلانتىس قىتئەسىنىڭ بولغانلىقىغا تولۇق ئىشەنگەن. بىر تەتقىقاتچىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىشچە، ھازىرغا قەدەر ئاتلانتىس توغرىسىدا تۈرلۈك تېمىلار بويىچە 20 مىڭ خىل كىتاب يېزىلغان.مۇ قىتئەسىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاتلانتىس توغرىسىدىكى يازما مەنبەلەر، ئارخېئولوگىيلىك ۋە گېئولوگىيلىك ئىسپاتلار كۆپ ئىدى. بۈگۈنكى كۈندىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان تەۋەسىدىن ئاتلانتىسنىڭ خاتىرسىنى تېپىپ چىققان. چېرچىۋاردنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئاموزۇن دېڭىزنىڭ يوقىلىشى، مىسسىسپى ۋادىسىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى، سىت لاۋرېنس ۋادىسىنىڭ قۇرۇشى، فلورىدانىڭ شەكىللىنىشى، شىمالىي ئامېرىكا ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كېڭىيىشى قاتارلىق ھادىسلەر چوڭ بىر قۇرۇقلۇقنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە چۆكۈپ كېتىش سەۋەبى بىلەن دېڭىز ئاستىدا شەكىللەنگەن چوڭقۇرلۇقنىڭ ئەتىراپىدىكى سۇلار بىلەن تولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا [25].چېرچىۋارد ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاتلانتىس قىتئەسى توغرسىدىكى تەتقىقاتلار بارغانسېرى كۈچەيدى ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىسپاتلار ئوتتۇرغا چىقتى. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا، ئالىملار ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئازور تاقىم ئاراللىرىنىڭ 80 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستىدىن يەر قاتلىمى نۇسخىسى ئېلىپ، بۇ جاينىڭ 12 مىڭ يىل بۇرۇن ھەقىقەتەن قۇرۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. يېقىنقى 30 يىلدىن بېرى، دېڭىز-ئوكيان ئاستى چارلىغۇچى خادىملار ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئاستىدىن نۇرغۇن قېتىم ئاجايىپ كاتتا ئىمارەتلەرنى تاپقان. يەنە ئۇزۇنغا سوزۇلغان يوللار، چىرايلىق نەقىشلەنگەن تاش تۈۋرۈكلەر ۋە باشقا مەدەنىي يادىكارلىقلارنى بايقىغان. ئامېرىكا، فرانسىيە چارلاش ئەترىتى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئاستىدا ئاجايىپ كاتتا مۇنارنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ مۇنارنىڭ مىسىردىكى پىرامدالاردىن بۇرۇن ياسالغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئۆلچەشلەرگە قارىغاندا، بۇ مۇنارنىڭ ھەر بىر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 300 مېتىر، ئىگىزلىكى 200 مېتىر كېلىدىكەن. مۇنارنىڭ ئۇچى بىلەن دېڭىز يۈزىنىڭ ئارىلىقى 100 مېتىر كېلىدىكەن. مۇنارنىڭ ئىككى چوڭ تۆشۈكى بار بولۇپ، دېڭىز سۈيى بۇ تۈشۈكتىن ئىنتايىن تېز ئۆتكەچكە دېڭىز يۈزىدە ھەيۋەتلىك دولقۇن ھاسىل بولىدىكەن.چېرچىۋارد ئاتلانتىس قىتئەسىنىڭ پەقەت 25 مىڭ يىللىق تارىخىدىنلا سۆز ئاچالىغان. بۇ ئالانتىس ئىمپېرىيسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىرى ئىدى. لېكىن، ئاتلانتىس ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان باشقا ئالىملار ئۇنىڭ تارىخىنىڭ 400 مىڭ يىلغا تاقىلدىغانلىقىنى [26] ، مەدەنىيەتنىڭ، بولۇپمۇ پەن-تېخنىكا سەۋىيسىنىڭ مۇ قىتئەسىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىدىن ھالىقىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئۈچ قېتىملىق چۆكۈش دەۋرىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاخىردا ھالاك بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ [27].چېرچىۋارد يۇقىرى تەرەققىياتقا ئېرىشكەن ئاتلانتىس قىتئەسىنىڭ ھالاكىتىنى مۇ قىتئەسىنىڭ چۆكۈپ كېتىشىگە ئوخشاش، يەر ئاستىدىكى گازلارنىڭ يۇقىرىغا ئېتىلىپ چىقىشىغا باغلاپ چۈشەندۈرگەن ۋە بۇنى 11 مىڭ 500 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن، دەپ بىكىتكەن [28]. باشقا باشقا ئالىملار ئاتلانتىسنىڭ چۆكۈپ كەتكەن يىل دەۋرى توغرىسىدا چېرچىۋاردنىڭ بېكىتكەن يىل دەۋرىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چۆكۈپ كېتىش سەۋەبىنى باشقا نۇقتىدىن چۈشەندۈرمەكتە. بەزىلەر ئاتلانتىس تەبىئىي ئاپەت ۋە نۇپۇسنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ھالاك بولغان، دەپ قارىسا، بەزىلەر كائىناتتىن كەلگەن بىر ئاسمان جىسىمىنىڭ سوقۇلۇشىدىن چۆكۈپ كەتكەن، دەيدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشچە، قىزىل تەنلىك ئاتلانتىسلىقلار مۇنىڭ سىياسىي تەسرىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، مۇ دىننىڭ ئەسلىي ماھىيتىدىن يىراقلىشىپ كەتكەندىن سىرت، يەنە ئۆزلىرى ئېرىشكەن پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ھەممىدىن بەكرەك ھالاكەت يولىدا ئىشلەتكەن، نەتىجىدە كېلىمات-ئىقلىم بۇزۇلۇپ، يەر تەۋرەش، داۋاملىق يامغۇر يېغىش ۋە ۋولقان پارتىلاش ھادىسلىرى يۈز بېرىپ، ئاتلانتىس سۇ ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن، دېيىلىدۇ. ھازىر ئاتلانتىس ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ناھايتى كۈچەيمەكتە. كەلگۈسىدە ئاتلانتىسنىڭ تەرەققىياتى ۋە يوقىلىش سەۋەبى توغرىسىدا تېخىمۇ يېڭى قاراشلار ئوتتۇرغا قۇيۇلۇشى مۇمكىن. مەيلى قايسى سەۋەبنىڭ بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاتلانتىسنىڭ ھالاكىتى بىلەن تەڭ مۇدىن كېيىنكى بۈيۈك بىر مەدەنىيەتنىڭمۇ سۇ ئاستىغا غەرق بولغانلىقى ھەممىگە مەلۇم بولدى.بىز ئۈچۈن ئېيتىقاندا، چېرچىۋاردنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك تەرىپى شۇكى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۇيغۇر ئىمپېرىىيسى، ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە ئۇنىڭ تەسىردىن سۆز ئېچىلىپ، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ۋە مەدەنىيتىنىڭ يىلتىزىنىڭ مۇغا باغلىندىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەندى.چېرچىۋاردنىڭ كۆرسىتىشچە، مۇ قىتئەسىدىن غەربتكى قىتئەلەرگە قاراپ كۆچىدىغان ئىككى چوڭ لىنيە شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ بىر جەنۇبىي لىنيە بولۇپ، بۇ، مۇ ـــ بىرما ـــ ھىندىستان ـــ بابىل ـــ يۇقىرى مىسىر ۋە نىل دەرياسى يۆنىلىشىدىكى كۆچۈش يولى ئىدى. يەنە بىرى بولسا، مۇ ـــ شەرقىي دېڭىزنىڭ غەربىي يۆنىلىشىدىكى شىمالىي لىنيە بولۇپ، بۇ غەربكە كۆچۈشتىكى ئاساسلىق يول ھېسابلىناتتى. چېرچىۋارد «بۇ لىنىيە ئۇيغۇرلار دەپ ئاتىلدىغان ۋە ئارىئان ئىرقىنىڭ ئەجدادلىرى بولغان بىر خەلق تەرپىدىن باشقۇرلاتتى [29]»دەپ يېزىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە مۇ قىتئەسىدىكى ئون چوڭ خەلقنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، كېيىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قىتئەسىگە كۆچۈپ، ئاۋۋال بۈگۈنكى سېرىق دېڭىز ئەتراپىلىرىغا ماكانلىشىپ، ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىياغا يېيىلغانلىقى، ئاخىرىدا ياۋروپا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا قاراپ كېڭەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ تارقالغان جايلىرى ناھايتى كەڭرى ۋە سىياسىي تەسىرىمۇ ئىنتايىن زور بولغاندى.ئۇيغۇرلار مۇدىن ئاسىياغا قاراپ كۆچكەن دەۋرى ۋە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنى تەشكىل قىلغان ۋاقتى توغرىسىدا چېرچىۋارد ئېرىشكەن تابلېتلاردا ۋە باشقا ماتېرىياللاردا ئېنىق بىر نەرسە دېيىلىمگەن. چېرچىۋارد تېبەتتىكى نائاكال تابىلېتلىرىنىڭ بىرىدە تىلغا ئېلىنغان «70 مىڭ يىل ئىلگىرى نائاكاللار ئانا دىيار مۇنىڭ ئىلﻬامىغا تايانغان مۇقەددەس يازمىلىرىنىڭ كۆچۈرلگەن نۇسخىسىنى ئۇيغۇر پايتەختىگە ئېلىپ باردى. ئۇ يەردىن داۋاملىق ئىلگىرلەپ، ئىچكى تەرەپلەردىكى رايونلارغا تارقالدى. دەسلەپ تارقالغان يېرى تەكشى ۋە سۇلۇق بىر تۈزلەڭلىكتىن ئىبارەت بولدى [30]» دېگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، «ئۇيغۇر ئىمپېرىيسى مۇغا ئائىت مۇستەملىكە ئىمپېرىيىلەرنىڭ تۇنجىسى ئىدى [31]» دېيىش بىلەن بىرگە، يەنە «شۈبھىسىزكى، ئەڭ چوڭى، ئەڭ مۇھىمى ۋە ئەڭ كۈچلۈكى ئىدى [32]» دەيدۇ ھەمدە ئۇيغۇر ئىمپېرىيسىنىڭ باشقۇرۇش شەكلىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «قەدىمكى بىر شەرق ھۆججىتىدە ئۇيغۇر ئىمپېرىيسىنىڭ كىچىك پادىشاھلىقلار، بەگلىكلەر ياكى دۆلەتلەرگە ئايرىلغان شەكلىدە ئىدارە قىلىنغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن. ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرغۇچى ياكى ھۆكۈمدارى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىرلا بۈيۈك ئىمپېرىيىسى مۇغا سادىق بىرلا ئىمپېراتۇر بولاتتى. باشقۇرۇش شەكىللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر ئىمپېرىيسىنىڭ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىغا چوڭ جەھەتتىن ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس [33].» چېرچىۋارد ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان ۋاقتىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن «ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى مۇدىن كېيىن دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلىنىش ئالاھىدىلىكىنىمۇ ئىپادىلىگەن [34].» دېيىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى تولۇق سۈرەتلەپ بەرگەندى. دېمەك، ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى بۇنىڭدىن 70 مىڭ يىلىدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىلا مەۋجۇت بولۇپ، دۇنياۋى تەسىر يارتىش بىلەن خاراكتېرلەنگەن دۆلەت ئىدى.چېرچىۋاردنىڭ «چۆكۈپ كەتكەن قىتئە مۇنىڭ ئەۋلادلىرى» دېگەن كىتابىنىڭ «سەككىزىنچى بۆلۈم. بۈيۈك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى» ۋە «غايىب قىتئە مۇ» دېگەن كىتابىنىڭ «بەشىنچى بۆلۈم. مىسىرلىقلارنىڭ مۇقەددەس ھۆججەتلىرى» دېگەن قىسىملىرىدا ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ تېررىتورىيىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈشى ۋە ياۋروپادىكى ئۇيغۇر نەسىللىك مىللەتلەر، ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتى، ئىجىتمائىي ھالىتى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيسى، ئالىملارنىڭ ئاشۇ دەۋر مەدەنىيىتىنىڭ ئىزلىرىنى تېپىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى ۋە بۇ ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن بىر قىسىم نەتىجىلىرى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ توپان بالاسىنىڭ بېسىپ كىرىشى ۋە تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلىشى نەتىجىسىدە يوقىلىشى قاتارلىق تەرەپلەر بايان قىلىنغان.يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان ئاشۇ مەلۇماتلارنىڭ بىرىدە، ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى قاپلىغان سىياسىي تەسىرى مۇنداق سۈرەتلەنگەن: «ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىي چېگرسى تىنچ ئوكيانغا تۇتاشقان، غەربىي چېگرىسى بۈگۈنكى رۇسىيدىكى موسكۋاغا يېقىنلاشقاندى. ئالدىن يۈرەر قىسىملىرى بولسا ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسىملىرىنى بويلاپ، ئاتلانتىك ئوكيانغا قەدەر يېتىپ بارغانىدى. شىمالىي چېگىرسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پاكىتلار يوق بولسىمۇ، ھەرئېھتىمالغا ئاساسەن ئاسىيادا شىمالىي مۇز ئوكيانغا قەدەر سوزۇلغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. جەنۇبىي چېگىرىسى ھىندىچىنى، بېرما، ھىندىستان ۋە ئىراننىڭ بىر قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان [35]«.چېرچىۋارد ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە غەربكە قاراپ كېڭىيىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كاسپىي دېڭىزىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇب تەرەپلىرىنى بويلاپ ئىككى قېتىم ياۋروپاغا قاراپ يېيىلغانلىقى، بۇ يەردىن داۋاملىق ئىلگىرلەپ ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئىرلاندىيىگە قەدەر كېڭەيتىكەنلىكى ھەمدە شىمالىي ئىسپانىيە، شىمالىي فرانسىيە ۋە بالقانغا يەرلىكلەشكەنلىكى، شۇنىڭدەك ياۋروپادىكى بىر مۇنچە مىللەتلەرنىڭ مۇشۇ تارماقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئارىئان ئىرقىنىڭ تارىخىدۇر. چۈنكى ھەقىقىي ئارىئان ئىرقىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلاردىن كېلىپ چىققان. ئۇيغۇرلار تا تېرتىيېر دەۋرىدىن ئېتىبارەن، ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسىملىرىنى بويلاپ ماكانلىشىش بەلۋاغلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ئىمپېرىيە زور مانيېتىك (توپان) ئاپەت ۋە تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلىشى نەتىجىىسدە يوقالغاندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) ئامان قالغان تارماقلىرى ياكى ئۇلارنىڭ نەسلىدىن بولغان ياۋروپادا قايتىدىن ماكانلىشىش سورۇنلىرىنى ياراتقان. بۇ پلېيسىتوسنىك دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. سلاۋىيانلار، تۆتونلار، كلېتلەر، ئىرلاندىيلىكلەر، بروتونلار، باسكالار ۋە ھەققىي ئىرلاندىيلىكلەر ئۇيغۇر نەسىللىكتۇر…» دەسلەپتىكى ئۇيغۇرلاردىن قالغان ئاز بىر قىسىم يادىكارلىق تېپىلدى. بۇلاردىن ئەڭ مۇھىمى تېخى يېقىندىلا بۈگۈنكى كۈندە موۋارىيە دەپ تونۇلغان رايۇندا تېپىلغاندى. بۇ يەردە توپان ۋە تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلىشى نەتىجىسىدە تارىخقا ئايلانغان بىر خەلق ياشىغان. ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ماكانلىرىنىڭ خارابىلىرى تاغنىڭ ئېتەكلىرى ئاستىدىن بايقالغان [36].باشقا بەزى ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە «ئۇيغۇر» دېگەن نامىنىڭ ياۋروپادىكى تەسىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق داۋاملاشقانلىقىنى تەكىتلەيدىغان مەلۇماتلار تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ھەقتە فىرانسۇز مىللىتىدىن بولغان ئالىم ۋە يازغۇچى ئېدۇئارد سچۇر بۇنىڭدىن بەش مىڭ يىل بۇرۇن ياۋروپا قىتئەسىنىڭ قەدىمكى ئىسكىت مەملىكىتى ئىكەنلىكىنى يازغان [37]. باشقىرت ئالىمى، ئوردىناريۇس ئا. زەكىي ۋەلدى توغانمۇ مىلادىن بۇرۇن ئۇيغۇر دېگەن نامنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپادا كەڭ تارقالغانلىقىنى كۆرسەتكەن [38]. تۈرك ئالىمى پولات قايا مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپانىڭ پۈتكۈل قىسمى ئەڭ ئاز بولغاندا كۈنىمىزدىن ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقا قەدەر، يەنىلا تۈركچە سۆزلىشىدىغان رايون ئىدى. قەدىمكى گرېكلەرنىڭ، لاتىنلارنىڭ ۋە سېمىتىك خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس تىلى يوق ئىدى. كۈنىمىزدە گرېكچە، لاتىنچە ۋە سېمىتىكچە دەپ تۇنۇلغان تىللار تۈركچىدىن سۆزلۈك، بولۇپمۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئۆزگەرتىلىپ يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ياسالغان تىللاردۇر. بۇ قاراشنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تۈرلۈك دەلىللەر بىلەن كۆرسىتىپ بېرىمىز [39].» دېمەك، بۇ بايانلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم مەنبە بولۇپلا قالماي، يەنە ياۋروپا مەدەنىيتىنىڭ شەكىللىشىگىمۇ كۈچلۈك ئاساس سالغانلىقى توغرىسىدىكى پاكىتلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.چېرچىۋاردنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سىياسىي تەسىرى ئاسىيا ۋە ياۋروپانى قاپلىغان ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى يەنىلا ئوتتۇرا ئاسىيادا، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇلىيدىكى خاراخوتۇ خارابىلىرنىڭ ئورنىدا بولغان. بۇ دەۋرىدە بۇ جايلا مۇنبەت ۋە سۇلۇق تۈزلەڭلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇيغۇرلار تەرپىدىن نۇرغۇنلىغان چوڭ شەھەرلەر قۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە شەھەر مۇقەددەس شەھەر دەپ قارالغان. بۇ تاغلار تېخى كۆتۈلۈپ چىقمىغان مەزگىللەر ئىدى [40].1896-يىلى رۇس ئارخېئولوگى كوزلوف باشچىلىقىدىكى بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى تىبەتتە ئېرىشكەن مەلۇماتلارنىڭ ئىلﻬامى بىلەن خاراخوتۇ خارابىسىنى زىيارەت قىلغان. ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختىنىڭ خاراخوتۇ خارابىسىنىڭ ئاستىدا ئىكەنلىكى تۇنۇشتۇرۇلغان. نەتىجىدە بۇ تەكشۈرۈش ئۆمىكى قىيا، شېغىل ۋە قۇملۇق بىر قاتلامنى 15 مېتىر قازغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر پايتەختىنىڭ خاربىسىنى بايقىغان. لېكىن، بۇ ئۆمەك خىراجىتىنىڭ يىتىشمەسلىكىدىن تەكشۈرۈشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان. كېيىن، كوزلوف يەنە بىر قېتىم بۇ ئورۇندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى دەۋرىگە مەنسۇپ بىر قەبرىنى تاپقان. بۇ قەبرىدىن چىققان نەرسىلەرنى روسىيەگە ئېلىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىنمىغاچقا، كوزلوف ئۇ نەرسىلەرنى رەسىمگە تارتىۋالغان. چېرچىۋارد ئۆزىنىڭ كىتابلىرىدا ئاشۇ رەسىملەرنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ بىرى، تۇنجى ئىنساننىڭ «ئىككىلىك چۈشەنچىسى» بىلەن يارتىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان رەسىم (بىر تەنلىك، ئىككى باشلىق، تۆت قوللۇق) بولۇپ، بۇ جۇڭگو مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، 19 مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرىگە مەنسۇپ يادىكارلىق ھېسابلىناتتى [41].ئۇيغۇرلارنىڭ تۈنجى ئىنساننىڭ «ئىككىلىك چۈشەنچىسى» بىلەن يارتىلىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلىرى «تەۋرات» بىلەن «قۇرئان» غىمۇ قوبۇل قىلىنغان. ھەتتا، خەنزۇلارنىڭ «داۋا ئېتىقادى» غىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. چېرچىۋاردنىڭ كۆرسىتىشچە، خەنزۇ مۇتەپەككۇرى لاۋزىنىڭ «پەزىلەت دەستۇرى» دېگەن ئەسىردىكى مەزمۇنلارنىڭ زور كۆپ قىسمى مۇنىڭ ئىلھامىغا تايانغان مۇقەددەس ھۆججەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدىن ئېلىنغان [42]. يەنە بىرى، ئۇيغۇر ئىمپېرىيسىنىڭ ئايال ئىمپېراتۇرى بىلەن ئۇنىڭ ئېرىنىڭ رەسىمى بولۇپ، چېرچىۋارد رەسىمنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ۋە بۇنىڭ ۋاقتىنىڭ 16 مىڭ ياكى 18 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن [43].چېرچىۋارد ئۆزنىڭ كىتابلىرىدا ناھايتى سىپتا ياسالغان بىر بىرونزا ھەيكىلىنىڭ رەسىمىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ دېيىشچە، بۇ ھەيكەلنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىقسىز بولۇپ، 19-ئەسىردە جۇڭگولۇق بىر كىشى تەرپىدىن ئامېرىكىلىقلارغا سېتىپ بېرىلگەن. چېرچىۋارد بۇنى «پۈتكۈل يەر يۈزنىڭ ئىگىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولغان مۇنىڭ سىمۋوللۇق بىر ھەيكىلى، كۈنىمىزدىن 20 مىڭ يىل بۇرۇن مۇدا ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختىدە ياسالغان [44]» دەپ قارىغان.چېرچىۋارد ئۇيغۇر ئىمپېرىيسىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالىنى مۇنداق سۈرەتلىگەن: «ھىمالايا تاغلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پۈتكۈل دائىرىسى بىر زامانلاردا تۈزلەڭلىك ئىدى ۋە تېرىقچىلىق قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان مۇنبەت زېمىنلار، ئورمانلار، كۆللەر ۋە دەريالار بىلەن قاپلانغاندى. مۇكەممەل ھالەتتە ياسالغان كوچىلار ۋە سودا-كارۋان يوللىرى تۈرلۈك شەھەر ۋە يېزىلارنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى. ناھايتى ياخشى بىنا قىلنغان شەھەرلەر، ھەيۋەتلىك ئىبادەتخانىلار ۋە ئاھالىلەرنىڭ تورالغۇ جايلىرى، ناھايتى كۆركەم مەخسۇس ئۆيلەر (داچىلار)، باشقۇرغۇچىلارغا ئائىت سارايلار بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا گوبى دالىسىنىڭ توپاننىڭ پۈتۈن يەرنى ئېقىتىپ مېڭىپ، ئاشۇ ئورۇنلاردا يالىڭاچ قىيالار-بارلارنىمۇ قالدۇرمىغان جايلىرىدا دەريا، قانال ۋە كۆللەرنىڭ قورغان ئىزلىرىنى ئېنىق ھالدا كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ [45].«ئۇيغۇر ئىمپېرىيسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار مۇنىڭ تەسۋىرى يېزىقىلار بىلەن ئىپادىلەنگەن مۇقەددەس ھۆججەتلىرىدىكى دىن ۋە ئىلىم-پەنگە ئائىت بىلىملىرىنى ئەتراپقا تارقىتىشقا باشلىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇ مەدەنىيتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشتىكى رولى ھەممىدىن زور بولغان. «ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ناھايىتى تەرەققى قىلدۇرغاندى. ئاسترونومىيە، مەدەنچىلىك، توقۇمچىلىق سانائىتى، مىمارچىلىق، ماتېماتىكا، دېھقانچلىق، مائارىپ ۋە مېدىتسىنا قاتارلىق پەنلەرنى مۇكەممەل ئىگەلىگەندى. يىپەك، ياغاچ ۋە مېتال ئۈستىگە دېكراتىسىيە سەنئىتى ئىشلەشتە ماھىر ئىدى. ئالتۇن، كۈمۈش، برونزا ۋە سېغىر تۇپراقتىن ھەيكەللەرنى ياسايتتى…. خەنزۇ رىۋايەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن 17 مىڭ يىل ئىلگىرى مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تارىخ گېئولوگىيلىك ھادىسلەرگىمۇ ماس كەلمەكتە [46].» تۈرك ئالىمى ئەرگۈن ئارىكدال چېرچىۋاردنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى خاراكتېرلەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مۇ مەدەنىيتىنىڭ ئىنسانلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ تاللىغان. شۇ سەۋەبلىك ياخشلىق، گۈزەللىك ۋە پەلسەپە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق بىلىملەرنى ئۇ يەرگە (ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىگە) يۆتكىگەن. ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى موڭغۇلىستان ۋە گوبى دالىسىنىڭ تاغ ئېتەكلىرىگە يېقىن يەرلەر ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد، ئىلىم-پەن، ئىجىتمائىي ھايات، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ۋە ئادەم بىلەن ئالەم ئوتتۇرسىدىكى تۈزلۈشلەر جەھەتتىن ئېرىشكەن بىلىملىرى ناھايتى توغرا ئىدى. بىر مۇنچە تەبىئىي ھادىسلەر سەۋەبى بىلەن باشلانغان ئۇيغۇر كۆچۈشلىرى ھىندىستانغا، جۇڭگوغا، ئافغانىستانغا ۋە ئىران ئارقىلىق ئاناتولىيىگە قەدەر داۋاملاشقاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆچۈشلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇ ئىلىم-پېنى ۋە ئاتلانتىس تېخنىكىسى بىلەن يېتىلگەن بۈيۈك ئىنسانىيەت كۈچلىرىمۇ، ئەقلى ۋە زېھنىمۇ كۆچتى [47].» دېمەك، مۇنىڭ قۇدرىتى ۋە شۆھرىتى ئۇيغۇرلار ۋە «ئۇيغۇر» دېگەن نام بىلەن بىرگە تارقالغانىدى.بۇ يەردە ئەمدى شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، چېرچىۋاردنىڭ بايانلىرىدىن قارىغاندا، مۇ دىنىدا ئىنسانلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى مەركەز قىلىشتەك گۇمانىستىك ئەقىدە ئاساس ۋە يېتەكچى قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەقىدە مۇ ۋە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ سىياسىي چۈشەنچىسىدە بىردەك تەتبىقلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى بىر قانچە مىڭ يىللىق تارىخىدا، ئەقىدە جەھەتتىن مۇ دىنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ۋە «كۆك تەڭرى» نامىدا ئاتالغان بىر تەڭرىلىك ئېتىقاد ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. ھەتتا بۇددا، مانى، زەردۇشت، خرىستىئان ۋە ئىسلام دىنلىرىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىلىپ كىرگەندىمۇ ئۇيغۇرلار بۇ دىننىڭ تۈپ ئەقىدىسىدىن ۋاز كەچمىدى. ئەكىسچە سىرتتىن كىرگەن بۇ دىنلارغا كۆك تەڭرى دىننىڭ تامغىسىنى باستى. تارىختا ھونلار، كۆك تۈركلەر ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر تەرپىدىن قۇرۇلغان دۆلەتلەردە يۈرگۈزۈلگەن سىياسىي چۈشەنچە مۇ ۋە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى دەۋرىنىڭ سىياسىي چۈشەنچىسىگە ئوخشاش بىر تەڭرىلىك (كۆك تەڭرى) دىننىڭ ئەقدىسىدىن مەنبەلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى، دەخلىسىسزلىكى، تەبىئىي، پىسخىكىسى، ئارزۇسى ۋە بەختى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلغانىدى. كىلاسسىك ۋەسىقىلىرىمىزدە، بولۇپمۇ «ئورخۇن ئابىدىلىرى» دە ئوچۇق ئىپادە قىلىنغىندەك ئۇيغۇر-تۈركىي مىللەتلەردە يەر يۈزىدىكى ئىنسانلار بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە نەزەرگە ئېلىنىپ، مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىرقىي تىپ، ئىجىتمائىي ھالەت، دىن ۋە مەدەنىيەتتىكى ھەرقانداق بىر پەرققە قارىماي، ھەممىسىگە باراۋەر مۇئامىلە، ھوقۇق ۋە ئادالەت تەكىتلەنگەن [48].ئادەتتە تارىخشۇناسلارمۇ بىر تەڭرىلىك دىننىڭ مەنبەسىنى چېرچىۋاردنىڭ قاراشلىرىدىن خالىي ھالدا ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە تۈركىي مىللەتلەرنى مەدەنىيەت مۇھىتىغا باغلايدۇ ھەمدە مىلادىدىن 5000-، 4000- يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر بۆلىكىنىڭ غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ بېرىپ سۇمېر مەدەنىيتىنى تەشكىل قىلىشى نەتىجىسىدە، توپان خاتىرىسى ۋە كېيىنكى كۈندە مۇساۋىيلىك (يەھۇدى دىنى)، خرىستىئان دىنى ۋە ئىسلامىيەت نامى بىلەن ئاتالغان بىر تەڭرىلىك ئۈچ چوڭ دىننىڭ مەنبەسىنىڭ غەربىي ئاسىياغا تارقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ [49]. تۈرلۈك دىنلارنىڭ مەنبەسى ۋە تەلىماتى ھەققىدە مۇھىم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باغان ئېرۇئارد سچۇر «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن يەنە بىر تەسىرى زەردۇشت، براھمان ۋە بۇددا دىنلىرىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى بولغان راما تەلىماتى ئارقىلىق مەيدانغا چىقتى [50]»دەپ كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن شۇ نەرسىنى بىلىشكە بولىدىكى، ئالىملار قايسى يولدىن تەتقىق قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر تەڭرىلىك دىننىڭ ياكى باشقا دىنلارنىڭ مەنبەسى ئۇيغۇرلارغا ياكى ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر ۋاسىتە ئارقىلىق مۇغا تاقىلىدۇ.چېرچىۋارد مۇ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي بىرلىكى (پۇلنىڭ ئورۇندا) نى چۈشەندۈرگەندە، «ئون» نى تەڭرىنىڭ سىمۋوللۇق سانى دەپ قاراپ، «توققۇز» نى بىرلىك قىلغان بىر ئۆلچەم مۇھىم ئەقىدىگە ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. يەنە «يەتتە»، «تۆت»، «ئۈچ» دېگەن سانلارنىڭمۇ مۇقەددەس مەنانى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت ھاياتىدا بۇ سانلار مۇقەددەس ۋە سىمۋوللۇق ئۇقۇمدا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.ئىككى دەۋرگە مەنسۇپ ئىككى خىل مەدەنىيەتتىكى بۇ خىل بىردەكلىك كىشىدە تەبئىي ھالدا بۇ ئىككى مەدەنىيەتتە مەنبە ۋە ۋارىسلىق قىلىش مۇناسىۋىتى بولغان، دېگەن تەسەۋۋۇرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ تەسەۋۋۇرنى تۆۋەندىكى بايانلار تېخىمۇ قۇۋۋەتلەيدۇ.چېرچىۋارد ئۆزىنىڭ كىتابلىرىدا مۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تەڭرىلىك ئېتقادى ۋە «ئىككىلىك چۈشەنچىسى»گە دائىر رەسلىملىك ئىسپاتلارنى كۆرسەتكەن. چېرچىۋارد مېكىسكىنىڭ شۇچىلكالكو پىرامدالىرى ئۈستىدىكى «ئىككىلىك چۈشەنچىسى»گە ئائىت بىر مۇنچە قاپارتىما يېزىقلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ (تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ)، ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇ ئېلىپبەسىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن:1-رەسىم
    بۇ تەسۋىرىي يېزىقنىڭ بىرىنچى قۇردىكىسى ئۇيغۇرلارنىڭ «بىر»، «ئىككى»، «ئۈچ» دېگەن سانلارنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن قوللانغان سىزىق (بەلگىلەر) ھېسابلىندۇ. بۇ يېزىقلار يەنە تىك ھالەتتىمۇ قوللىنىلغان، رىم رەقەملىرىنىڭ مۇشۇ سانلار بەلگىسىگە تاقىلدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ رەقەملەر ئاشۇ ئورنىدا «ئاساسىي سانلار» دەپ بىلىنسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا يەنە «ئىنسانلار بىر تەڭرى تەرىپىدىن يارتىلىغانلىقى» سۈپىتىدە تەرجىمە قىلىندىغان سىرلىق مەنىگىمۇ ئىگە ئىدى. بۇ تەسۋىرىي يېزىقنىڭ ئىككىنچى قۇردىكىسى «ئىككىلىك چۈشەنچىسى» ئاساسىدىكى «ئىنسان» دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدىغان ئۇيغۇر يېزىقى ئىدى. ئىككى جىنىسقا ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى ئىنسان « » شەكىلىدە ئىپادە قىلىنغان. مۇقەددەس كىتابلاردا تەڭرىنىڭ ئاۋۋال ئەرنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئايالنى (‹تەۋرات› تا ئەرنىڭ ئىككى تال قوۋۇرغىسىدىن، ‹قۇرئان› دا ئەرنىڭ جىسىمىدىن دېيىلىدۇ) ياراتقانلىقى، بۇ ئىككىسىدىن نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنىڭ يارىتىلغانلىقى سۆزلىندۇ. تەسۋىرىي يېزىقنىڭ ئۈچىنچى قۇردىكى « » ھەرىپى پەقەت ئەركەك جىنس چۈشەنچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنساننى ئىپادىلىگەن.جىنسىيەت تەكىتلىنىش زۆزۈر بولمىغاندا، پەقەت ئۇيغۇرچە مۇ ھەرىپى « »قوللىنىلغان. چېرچىۋاردنىڭ كۆرسىتىشچە، ئۇيغۇرچە مۇ ھەرىپىنىڭ تەرەققىياتى تۆت باسقۇچنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا خەنزۇلارنىڭ مەدەنىيتىگە« »شەكىلىدە ئۆتكەن [51]. خەنزۇرلار بۇنى ئۇچلۇق ھالەتكە كەلتۈرۈپ «人 »(ئوخشاشلا ئادەم دېگەن مەنىدە) شەكىلدە قوللانغان. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنساننىڭ ئىككى جنىسقا ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى ئىپادىلىنىش شەكلى بولغان « » ھەرىپىمۇ خەنزۇ تىلىدىكى«民 » (خەلق) خېتىنىڭ شەكلىگە بەكلا ئوخشاپ كېتىدۇ.بىز يېقىنقى تۆت مىڭ يىللىق تارىخىمىزغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، بۇ دەۋرگە مەنسۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيتىدە مۇ دەۋردىكى «ئىككىلىك چۈشەنچىسى» بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىدىغان بەلگىلەرنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى ئۇچۇرتىمىز. يەنى بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيتىدە بىر تەڭرىلىك ئېتقادتىن مەنبەلەنگەن «ئىككىلىك سىستېمىسى» تەدبىقلانغان، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت تەركىبى، نامى، جۇغراپىيلىك جايلىشىشى، ھاياتلىق چۈشەنچىسى، تۇرمۇش قارىشى، سىياسىي تەشكىلاتى ۋە پايتەخىت تەسىس قىلىشى قاتارلىق تەرەپلەردە ئپادىلەنگەن. بۇ چۈشەنچە يەنە مۇڭغۇللار، تېبەتلەر، ئوراللىقلار، ئوتتۇرا ئافرىقلىقلار ۋە ئوكىئانىيە قەبىلىلىرى ئارىسىدىمۇ كۆرۈلگەن بولسىمۇ، پەقەت ئۇيغۇر-تۈركىي مىللەتلىرىدىلا بىر خىل ئېتىقاد تۈسىدە ئوتاق ئىزچىللىققا ئىگە مىللەت ۋە دۆلەت نىزامى ھالىتىگە كۆتۈرلگەن [52]. دېمەك، كېيىنكى تارىختا كۆرۈلگەن «ئىككىلىك سىستېمىسى» نىڭ مەنبەسى مۇ دەۋرى مەدەنىيتىدىكى «ئىككىلىك چۈشەنچىسى»دىن ئىزدەشكە ۋە بۇ ئىككىسىنى بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قاراشقا بولدىغانلىقى كىشىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ئۆتىدۇ.ئارخېئولوگ نىۋېن ئامېرىكىنىڭ نېۋادا شىتاتىدىكى قىيا تاشلار ئۈستىدىن نۇرغۇن تەسۋىرىي يېزىقلارنى بايقىغان. چېرچىۋارد بۇنىڭ ناگا ۋە ئۇيغۇر ئارلاشما تەسۋىرىي يېزىقى بولۇپ، 70 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە قىيا تاشلارغا مۇ قىتئەسى چۆكۈپ كېتىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئويۇلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. چېرچىۋارد بۇ تەسۋىرىي يېزىقلارنى رەتكە تىزىپ (تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ) چىققان ۋە ئۇنىڭ خەنزۇ يېزىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىمۇ ئېنىقلىغان [53].2-رەسىم
    چېرچىۋاردنىڭ بايان قىلىشچە، مۇ قىتئەسىدە بارلىققا كەلگەن ۋە مۇ مەدەنىيتىدىن مەنبەلىنىپ، ئاسىيا-ياۋروپادا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك سىياسىي ئورنىنى تىكلىگەن. ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە يەر شارىدا بۈيۈك بىر «مەدەنىيەت دەۋرى»نى ياراتقان.چېرچىۋارد تېكىستىنى ئېلان قىلغان بىر ھۆججەتتە مانا مۇشۇ ئۇيغۇر ئىمپېرىيسىنىڭ ھالاكىتىدىن سۆز ئېچىلىپ مۇنداق دېيلىدۇ:«ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى بارلىق ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە ئىمپېرىيتىنىڭ شەرقىي تەرپىگە تولۇق تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ھەرقانداق نەرسىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغان توپان تەرپىدىن يوقىتىلىدى [54].» چېرچىۋارد ئۇيغۇر ئىمپېرىيسىنىڭ شەرقىي تەرەپلىرنىڭ توپان بالاسى تۈپەيلىدىن يوقالغان ۋاقتىنىڭ مۇ قىتئەسىنىڭ سۇغا چۆكۈپ كەتكەن ۋاقتىدىن بۇرۇن ئىكەنلىكىنى، بۇ ئاپەتتە ئىمپېرىيىنىڭ غەربىي ۋە غەربىي جەنۇب تەرەپلىرىنىڭ ھېچبىر تەسىرگە ئۇچۇرمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ پۈتكۈل شەرق رىۋايەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى چۆللۈك ۋە بوزقىر بىلەن قاپلانغان جايىلىرىنىڭ توپان بالاسىدىن ئىلگىرى مۇنبەت ۋە ئورمانلار بىلەن قاپلانغان زېمىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇ دەۋرىدە كۈچلۈك بىر ئىمپېرىيىگە مەركەز بولالىغىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ تۇپراقلار توپان بالاسى تۈپەيلىدىن، دېڭىزدىن كەلگەن ھەيۋەتلىك دولقۇننىڭ ئاستىدا قېلىپ چۆللىشىپ كەتكەن. گوبى چۆللۈكىنىڭ ئاستىدا زور مىقداردا تاتلىق سۇ مەنبەسىنىڭ بارلىقى بىر زامانلاردا بۇ يەرنىڭ مۇنبەت تۇپراق ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ [55] .ئۇيغۇر ئىمپېرىيسىنىڭ شەرقىي تەرىپى ۋەيران بولۇپ، ئارلىقتىن نەچچە مىڭ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، يەر شارىدا تاغ كۆتۈرۈلگەن. بۇ ھادىسە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىي ۋە غەربىي جەنۇب تەرەپلىرىدىكى جۇغراپىيلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋە يەنە بىر قېتىم ھاياتلىقنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولغان. ئامان قالغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسىمى بۇ ھادىسىدە زەربىگە ئۇچۇرمىغان رايۇنلاردا پاناھلىق تاپقان. يەنە بىر قىسمى بولسا ھىندىستان ۋە ئىران تەرەپكە قېچىپ كەتكەن. ئۇلار ھىندى ئارىئانلىرى ۋە فارسلار-مىدلەر سۈپىتىدە تۇنۇلغان.راھىب رىشى چېرچىۋاردقا ئۇيغۇر ئىمپېرىيسىنىڭ ھالاكىتى ۋە شۇ دەۋرى تارىخ بايان قىلىنغان تابلېتلارنىڭ تېبەتكە يۆتكىلىشى توغرىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەتنى ئېيتىپ بەرگەن. «شەرقىي ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا توپان تەرپىدىن ۋەيران بولۇپ تۈزلىنىپ كەتكەندە، ئۇيغۇر پايتەختىمۇ يەر بىلەن يەكسان بولغان. خەلقىنىڭ ھەممىسى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن. بۇ ۋاقىتتا نائاكاللار تەرپىدىن ئانا دىيار مۇدىن ئېلىپ كېلىنگەن چوڭ بىر كۇتۇپخانىمۇ توپنىڭ ئاسىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن. خېلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، توپان يېتىپ بارالمىغان غەربىي تەرەپلەردىكى نائاكاللار پايتەختىنىڭ خارابىسىغا بېرىپ تابلېتلارنى قېزىپ چىقارغان ۋە ئۇلارنى غەربتىكى بىر ئىبادەتخانىغا يۆتكىگەن. تاغلار كۆتۈرلۈپ ئىبادەتخانىدىكى تابلېتلار قايتىدىن توپا ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەنگە قەدەر ئاشۇ ئىبادەتخانىدا ساقلانغان. ئارىدىن ئۇزاق يىللار ئۆتكەن. تاغلار كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامان قالغان نائاكاللارنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇ يەرگە بېرىپ تابلېتلارنى قېزىپ چىقارغان ۋە ھازىرقى ئىستىراھەتگاھى بولغان ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كەلگەن [56].«مۇ ۋە ئاتلانتىس قىتئەسىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى ھەم 70 مىڭ يىلدىن ئارتۇقراق دەۋر سۈرگەن ئۇيغۇر ئىمپېرىيسىنىڭ يوقىلىشى بىلەن يەر شارىدا يۇقىرى دەرىجىدىكى مەدەنىيەتلىك بىر دەۋر ئاخىرلاشتى. ئاشۇ ئۇلۇغ مەدەنىيەت-تەرەققىياتىنى ياراتقان ئىنسانلارمۇ بىراقلا تۈگەشتى. ئامان قالغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم تۈركۈم ئىنسانلار، جۈملىدىن كېيىكى ئۇيغۇر-تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەجدادلىرى ئەسلىدىكى ھاياتلىق بۆشۈكى ۋە مەدەنىيەت ئاساسىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، ناھايىتى ئاددىي (ئىپتىدائىي) ئۇسۇل بىلەن ھاياتىنى ساقلاشقا مەجبۇر بولدى. مۇشۇ ئاپەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرمىغان بابىل، مىسىر، ھىندىستان، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئەللەر بولسا، ئەسلىدىكى مەدەنىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن ئاينىش يولىنى تۇتتى. نەتىجىدە بۇ يەرلەردىكى مەدەنىيەتمۇ ئاستا-ئاستا خارابىلىشىشقا يۈزلەندى … ئىزاھاتلار:[1]سىكوگنامىل گېئوۋان: «دۇنيايىمىزنىڭ سىرلىق ئىگىلىرى»، تۈركچە، 38-بەت، 1973-يىلى، ئىستانبۇل.[2][9][11][18][21][55]جىھانگىر گەنەر: «سىرلىق تەلىماتلار ـــ باتىنىي نەزەرىيىلەر تارىخى»، تۈركچە، ئىنتېرنېتتىن ئېلىنغان نۇسخا.[3][14]سانتېسون ھانس ستېپان:«چۆكۈپ كەتكەن مەمىلكەت مۇ مەدەنىيتى»، تۈركچە، 2-،19-بەتلەر، 1989-يىلى، ئىستانبۇل.[4]ئىلمىي تەتقىقات گۇرۇپپىسى يازغان «مۇ، تارىختىن بۇرۇنقى ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت»، تۈركچە، 15-بەت، 1978-يىلى، ئىستانبۇل.[5][7][8][13][17][19][20][43][46]جامېس چېرچىۋارد: «غايىب قىتئە مۇ»، تۈركچە، 22-، 32-، 37-، 39-، 121-، 123-، 127-، 128-، 151-، 153-، 347- بەتلەر، 2000-يىلى، ئىزمىر.[6][10][12][22][23][25][28][29]][30][31][32][33][34][35][36][37][42][54][56] جامېس چېرچىۋارد: «چۆكۈپ كەتكەن قىتئە مۇنىڭ ئەۋلادلىرى»، تۈركچە، 17-، 21-، 23-، 24-، 25-، 26-، 66-، 108-، 117-، 125-، 157-، 176-، 220-، 221-، 222-، 226-، 227-، 229-، 232-بەتلەر، 2002-يىلى، ئىزمىر.[15]«مۇ مەدەنىيتى ۋە دىنى»، تۈركچە، ئىنتېرنېتتىن ئېلىنغان نۇسخا.[16][24][40][41][44][51][53]جامېس چېرچىۋارد: «مۇنىڭ مۇقەددەس سىمۋوللىرى»، تۈركچە، 33-، 34-، 98-، 102-، 103-، 154-، 156-، 158-، 191- بەتلەر، 2001-يىلى، ئىزمىر.[26]«ئاتلانتىسنىڭ ئىشەنگۈسىز ھېكايىسى»، تۈركچە، ئىنتېرنىتتىن ئېلىنغان نۇسخا.[27]شىرلېي ئاندرېس: «ئاتلانتىس» (غايىب بولغان بىر مەدەنىيەتنىڭ ماھىيىتى)، تۈركچە، 29-بەت، 2002-يىلى، ئىزمىر.[37][50] ئېدۇئارد سچۇر: «بۈيۈك ئىنسىيىلەر ـــ سىرلىق تەلىمات ئىگىلىرى»، تۈركچە، 41-، 541-بەتلەر، 1989-يىلى، ئىستانبۇل.[38]ئا. زەكىي ۋەلىدىتوغان: «ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش»، تۈركچە، 149-بەت، 1981-يىلى، ئىستانبۇل.[39]پولات قايا: «تۈرك دۇنياسىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئۆچۈرۈلگەن ئۆتمۈشى»، تۈركچە، ئىنتېرنېتتىن ئېلىنغان نۇسخا.[48][52]«ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»، تۈركچە، 12-توم، 2-قىسىم، 233-، 268-بەتلەر، 1988-يىلى، ئىستانبۇل.[49]«قەدىمكى دىنلارنىڭ كۈنىمىزدىكى تەسىرى»، تۈركچە، ئىنتېرنېتتىن ئېلىنغان نۇسخا.»تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىل 2-ساندىن كىرگۈزۈلدى.
    مەنبە: تور دۇنياسى

  • پەلەك
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-21

  • قۇددۇس ھاپىزنىڭ ماقالىسىدىن بىر نەقىل:

    جەيمز چېچۋود ــ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پۈتكۈل خاتا چۈشەنچىلەرنى قاتتىق رەت قىلىپ ، 50 يىللىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ سەمەرىلىك مېۋىسى بولغان « ئۇلۇق ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى » ناملىق كىتاۋىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ : « ئۇيغۇرلار مۇندىن 20000 يىل بۇرۇنلا مەدەنىيەتنىڭ يۇقېرى پەللىسىگە يەتكەن . ئۇلار ئاسترونومىيە ، كانچىلىق توقۇمىچىلىق ، ئارخېولوگىيە ، ماتېماتىكا ، يېزا ئېگىلىگى ، يېزىق ، تىبابەتچىلىك ۋە باشقا پەنلەرنى بىلەتتى . ئۇلار يىپەك ، مېتال ۋە ياغاچتىن ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنى ئىشلەشكە ماھىر ئىدى . ئالتۇن ، كۈمۈش ، برۇنزا ۋە لايدىن ھەيكەللەرنى ياسايتتى .بۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىر مەدەنىيىتى پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن . قېدىمىي گرېك ، خالدېي ، ۋاۋىلونلار ، پارسلار ، مىسىرلىقلار ۋە ھىندىلارنىڭ مەدەنىيىتى قېدىمىي « مۇ » دەۋرىدە يارىتىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئاساسىدا پەيدا بولغان .» ( ئۇيغۇرچە نەشرى ، 14 – بەت )

  • پىداى
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-21

  • يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان ئاشۇ مەلۇماتلارنىڭ بىرىدە، ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى قاپلىغان سىياسىي تەسىرى مۇنداق سۈرەتلەنگەن: «ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىي چېگرسى تىنچ ئوكيانغا تۇتاشقان، غەربىي چېگرىسى بۈگۈنكى رۇسىيدىكى موسكۋاغا يېقىنلاشقاندى. ئالدىن يۈرەر قىسىملىرى بولسا ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسىملىرىنى بويلاپ، ئاتلانتىك ئوكيانغا قەدەر يېتىپ بارغانىدى. شىمالىي چېگىرسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پاكىتلار يوق بولسىمۇ، ھەرئېھتىمالغا ئاساسەن ئاسىيادا شىمالىي مۇز ئوكيانغا قەدەر سوزۇلغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. جەنۇبىي چېگىرىسى ھىندىچىنى، بېرما، ھىندىستان ۋە ئىراننىڭ بىر قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان [35]«.
    چېرچىۋارد ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە غەربكە قاراپ كېڭىيىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كاسپىي دېڭىزىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇب تەرەپلىرىنى بويلاپ ئىككى قېتىم ياۋروپاغا قاراپ يېيىلغانلىقى، بۇ يەردىن داۋاملىق ئىلگىرلەپ ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئىرلاندىيىگە قەدەر كېڭەيتىكەنلىكى ھەمدە شىمالىي ئىسپانىيە، شىمالىي فرانسىيە ۋە بالقانغا يەرلىكلەشكەنلىكى، شۇنىڭدەك ياۋروپادىكى بىر مۇنچە مىللەتلەرنىڭ مۇشۇ تارماقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئارىئان ئىرقىنىڭ تارىخىدۇر. چۈنكى ھەقىقىي ئارىئان ئىرقىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلاردىن كېلىپ چىققان. ئۇيغۇرلار تا تېرتىيېر دەۋرىدىن ئېتىبارەن، ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسىملىرىنى بويلاپ ماكانلىشىش بەلۋاغلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ئىمپېرىيە زور مانيېتىك (توپان) ئاپەت ۋە تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلىشى نەتىجىىسدە يوقالغاندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) ئامان قالغان تارماقلىرى ياكى ئۇلارنىڭ نەسلىدىن بولغان ياۋروپادا قايتىدىن ماكانلىشىش سورۇنلىرىنى ياراتقان. بۇ پلېيسىتوسنىك دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. سلاۋىيانلار، تۆتونلار، كلېتلەر، ئىرلاندىيلىكلەر، بروتونلار، باسكالار ۋە ھەققىي ئىرلاندىيلىكلەر ئۇيغۇر نەسىللىكتۇر…» دەسلەپتىكى ئۇيغۇرلاردىن قالغان ئاز بىر قىسىم يادىكارلىق تېپىلدى. بۇلاردىن ئەڭ مۇھىمى تېخى يېقىندىلا بۈگۈنكى كۈندە موۋارىيە دەپ تونۇلغان رايۇندا تېپىلغاندى. بۇ يەردە توپان ۋە تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلىشى نەتىجىسىدە تارىخقا ئايلانغان بىر خەلق ياشىغان. ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ماكانلىرىنىڭ خارابىلىرى تاغنىڭ ئېتەكلىرى ئاستىدىن بايقالغان [36].
    باشقا بەزى ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە «ئۇيغۇر» دېگەن نامىنىڭ ياۋروپادىكى تەسىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق داۋاملاشقانلىقىنى تەكىتلەيدىغان مەلۇماتلار تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ھەقتە فىرانسۇز مىللىتىدىن بولغان ئالىم ۋە يازغۇچى ئېدۇئارد سچۇر بۇنىڭدىن بەش مىڭ يىل بۇرۇن ياۋروپا قىتئەسىنىڭ قەدىمكى ئىسكىت مەملىكىتى ئىكەنلىكىنى يازغان [37]. باشقىرت ئالىمى، ئوردىناريۇس ئا. زەكىي ۋەلدى توغانمۇ مىلادىن بۇرۇن ئۇيغۇر دېگەن نامنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپادا كەڭ تارقالغانلىقىنى كۆرسەتكەن [38]. تۈرك ئالىمى پولات قايا مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپانىڭ پۈتكۈل قىسمى ئەڭ ئاز بولغاندا كۈنىمىزدىن ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقا قەدەر، يەنىلا تۈركچە سۆزلىشىدىغان رايون ئىدى. قەدىمكى گرېكلەرنىڭ، لاتىنلارنىڭ ۋە سېمىتىك خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس تىلى يوق ئىدى. كۈنىمىزدە گرېكچە، لاتىنچە ۋە سېمىتىكچە دەپ تۇنۇلغان تىللار تۈركچىدىن سۆزلۈك، بولۇپمۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئۆزگەرتىلىپ يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ياسالغان تىللاردۇر. بۇ قاراشنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تۈرلۈك دەلىللەر بىلەن كۆرسىتىپ بېرىمىز [39].» دېمەك، بۇ بايانلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم مەنبە بولۇپلا قالماي، يەنە ياۋروپا مەدەنىيتىنىڭ شەكىللىشىگىمۇ كۈچلۈك ئاساس سالغانلىقى توغرىسىدىكى پاكىتلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.
    چېرچىۋاردنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سىياسىي تەسىرى ئاسىيا ۋە ياۋروپانى قاپلىغان ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى يەنىلا ئوتتۇرا ئاسىيادا، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇلىيدىكى خاراخوتۇ خارابىلىرنىڭ ئورنىدا بولغان. بۇ دەۋرىدە بۇ جايلا مۇنبەت ۋە سۇلۇق تۈزلەڭلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇيغۇرلار تەرپىدىن نۇرغۇنلىغان چوڭ شەھەرلەر قۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە شەھەر مۇقەددەس شەھەر دەپ قارالغان. بۇ تاغلار تېخى كۆتۈلۈپ چىقمىغان مەزگىللەر ئىدى .
    ئەگەر يوقارقى بايانلار ئىسپاتلىنىپ چىقسا ئۇيغۇر تارىخىنى جۈملىدىن دۇنيا تارىخىنى قايتىدىن يېزىپ چىقىشقا توغرا كەلگۈدەك .....ئۇيغۇرلىقىمدىن تېخىمۇ بەكرەك پەخىرلىنىۋاتىمەن :loveliness:

  • دىيارىم
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-26

  • مۇ توغۇسىدىكى يازمىلانى كۆرگەنسىرى ،مەن پۈتۈن دۇنياغا ئىگىدارچىلىق قىلىشىمىز بىزنىڭ ھوقۇقۇمىزدەك،ئەپسۇس تەتۈرسىچە بوپ قالغاندەك ھىسقىلۋاتىمەن،:dizzy: بۇ كىتاپ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىتراپ قىلشىغا ئىرشىپ قالسا ،كۆچلۈك دۆلەتلە غاچلام يىلتىزىنى بىزگە ئۇلاپلا تاجاۋۇزچىىلىقىنى ئاقلىغۇدەك.:shutup:

  • ياۋ
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-28

  • بۇبىر ئۇلۇغ تارىق..

  • بىرىنجى بەت  ئالدىنقى بەت   كىيىنكى بەت  ئاخىرقى بەت       جەمىي 4 ئىنكاس    ھازىر 1 - بەت    ئۇمۇمىي 1 بەت
    باشبەتكە قايتىش