تاڭجاڭ

تاڭجاڭ

  • ئۇيقۇت
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-19

  • جۈمە كۈنى ئىدى. دوستلۇرۇم بىلەن نامازنى ھېيتگادا ئوقۇيمىز دەپ دىيىشىپ قوياپ سائەتكە قارىسام ۋاقىت ئاز قاپتۇ. تاماققىمۇ قارىماي تەرەتنى ئېلىپ موتۇرۇمنى چىقىرىتىپ ھەيدەپ كېتىۋاتسام گۈزەگە كەلگەندە ئەزان توۋلاپ قالماسما، ھاپىلا-شاپىلا موتونى توختىتىپ جامائەتكە قېتىلىپ جۈمەنى شۇ يەردە ئوقۇپ قالدىم.
    خۇداغا شۈكرى، تىنچ-ئامان ئوقۇپ چىقىپ، ئاغىنىلىرىمگە تېلېفون چاسام بىرەسى كۆتەمەيدۇ، مۇشۇ ئەتراپتا قوساقنى ئەستەلىگەچ تۇراي دەپ دوقمۇشقىلا جايلاشقان ھەشەمسىز بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ قالدىم.
    ‏-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! دەپ كىرىپ تۇرۇشۇمغا تاڭجاڭ:
    ‏ -كەسىلە، يانچۇقتىكىنى بەسىلە،-دېدى بوم ئاۋاز بىلەن.
    مەنمۇ دىمىغىمدا كۈلۈپ:
    ‏ -ھە ھە كېلىمىز،يەپ بولاپ بېرىمىز،-دېسەم تاڭجاڭ ھىجىيىپ تۇرۇپ:
    -شۇندا بوممامتىكى،-دەپ بىر ئورۇندۇقنى ئىڭىكى بىلەن ئىشارەت قىلىپ، شۇ ئورۇنغا چەينەك پىيالىلەرنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.
    بېرىپ ئولتادىم ۋە چەينەكتىن چاي قۇيۇپ ئېغىز نەمدىگەچ تۇرىۋىدىم، تاڭجاڭ سوراپ قالدى:
    ‏-ئۆزلىرىگە نېمە ئېلان قىلىۋىتەي ؟
    ‏-سومەن...
    تاڭجاڭ «سومەن پۈتۈن بىر» دەپ ئىچىگە تولىۋەتتى.
    ‏ -ياق يېرىمتى ى ى ى ى !
    تاڭجاڭ:
    ‏ -مەنپەرمۇ، دىڭدىڭ ؟
    -مەنپەر !
    -توخىنىڭكىدىنمۇ بۇقىنىڭكىدىنمۇ !
    ‏ -ھى ھى، بۇقىنىڭكىدىن !
    -ھە، بەھوزۇر بەھوزۇر ! ھى ھى
    قىرىق ياشلار چامىسىدىكى كىشىگە قەتئىيلىك نەزىرى بىلەن كۈلۈمسىرەپ قارايدىغان بۇ تاڭجاڭنىڭ ھازىر جاۋابلىقى ھەۋىسىمنى كەلتۈرەتتى.
    ‏جۈمەدىن يانغان جامائەت توپ-توپ بولۇپ كىرگىلى تۇردى. تاڭجاڭ كىرگەن ھەر بىر خىرىدارنىڭ قول-جەينەكلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئەۋال سوراپ سورۇننى قىززىتقىلى تۇردى
    -ھە، ھو ھاجىنىمكا سالامەت تۇرۇپ بەلىما ، تىژلىقما، چۆرىسى قىژلىقما، كېلىنلىرى تۇغدىما، قىينى ئانىسى ئۇختىما، ھە ھە كەسلە كاسسىلىرىنى ماۋۇ جوزىغا بەسلە...ۋېېي، ما ھاجىمكامغا ئاچچىق قىلىپ ناۋات چاي !!!
    ئاشخانىدىن كۈلكە كۆتۈرۈلدى .
    -ھە قاراجىم كەللىما، نامازنى قازايى-بەتتار قىمماي ۋاختىدا ئوقىۋاللىما ؟ ما غەللىگە بى دىمىدە قىپ بەسلىرى بولاپتىكىن تەرەتلىرىنىڭ چىڭ ۋاختىدا ! ھى ھى چاق چاق قىپ قويدۇم، ساقاللىرىنى قويانغا سېلىۋىتىپ مايەگە مەرەمەت قىپ بەسە !
    -كەسە خان كەسە، لەپتى بى ئوتتاسا...سىلىنى كۆگەچ ئىش قىلاي، ھە تاتىنماي دىسىلە، سىزىكلىرى نېمىگە تاتىۋاتىدا، پولاغىما ؟ ھە ! قۇچاقلىرىدىكى ئەكەكمۇ چىشى ؟ ۋوتان-ۋوتان، بەزدەك قايلىشىنى ! بېشى چوڭ دادىسىنى، يۈزى سىلىنى، كۆزى مېنى تاتىپتۇ، ھى ھى ھى... ئىمىزگە ساسا! ھىلى يىغلاپ باش ئاغرىتمىسۇن!
    ھېي، باسە پولانى !!!
    ‏ -ھا ھا ھا، بۇرادەر، كەلدىڭلىما يوۋ، يوقاپ كەتمىدۇق، جىق بىز، ماشەدە جاھانكەزدىلىك قىلىپ دەڭلا ...
    ‏ھە يۇقىرى ئۆتىلى، سىلىگە ماشەنى ئەپ قويغان مەن. ماشەگىبى سىغىپ قويىلى! باقاخۇنكو ، ئىچىگىرەك غۇلاپ قويلى، تاماقنى كاساڭغا يەمسەنكى تاڭ، چىگەندە كىچىكىنام تۇرتى، ھاھا، ۋېي ما مىمانغا چاي !
    -ھا ھا نىخاۋ، گولەي، زوگىشا، چىخاڭ سا فەن؟ ماقا ئۇكىم...ھا، ھا، ماشاڭ ماشاڭ، كەيشىن-كەيشىن...
    ‏ ما ئىچىدىكىلەر دىققەت! تەكرالايمەن! ئىچىدىكىلەر دىققەت ! لەغمەن تۆت پۈتۈن، ئالتە يېرىم، سەككىز چارەك، چۆپىنى قىلدەك، گوشىنى پىلدەك چىقا...سومەن ئۈچ پۈتۈن ئىككى يېرىم، قولاڭنى يۇيىۋېتىپ تاشلاش، يېرىپ كېتىشسەڭ پۇتۇڭدا تاشلاش! بولىشە، باكا ئۆزەڭگە قىلىشىپقىلىشىسە!
    ئوسمىناخۇن ئۇكىم، ماڭە ئا قاچىنى ژۇيە! قايلاپ تۇرىشىنى، ئىش تاپامماي زىركىۋاتامسە، توپا يەگە سىيىپ بېرەي، لاي ئېتىپ ئوينامسىيا ؟
    ما گۇينى، گەپ قىممىسام ئاچىسىغا تويلۇق ئەچىگەندەك كۈلۈپ ئولتىردا !
    ‏ مېھمانلارنىڭ چىرايىدا كۈلكە چىقىپ تۇراتتى، ھەممە قىززىقسىنىپ شۇ ياققا قارىشىپ تۇرىشاتتى.
    تاڭجاڭ بولسا مېھمانلارغا ئاش توشۇپ ئالدىراش ئىدى. توساتتىن تاڭجاڭنىڭ جەينىكى چاي ئىچىۋاتقان بىر ئوتتۇرا ياش ئادەمنىڭ چىنىسىگە تېگىپ كېتىپ چاي ئۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىكىگە تۆكىلەپ كېتىپ، سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى. ئاشخانىدىكىلە كۆرەڭ كارامەتنى دىگەندەك قىلىپ، بىر-بىرىنىڭ كۆزىگە قايلىشىپ قوياپ شۇ ياققا دىقىتىنى بۇرىدى. ھەتتا ھەممە نېمىگە بىپەرۋا سەپرا مىجەز كۆرىنىدىغان، ياچەننى چىشلىۋىلىپ شاپ بۇرىتىنى دىڭگايتىپ ئولتۇرغان باداڭ قوساق كاسسىرمۇ، خۇدۇكسىرەپ قاراپ قالدى.
    تاڭجاڭ بولسا بىر قېشىنى ئېگىز كۆتۈرىۋىلىپ،مەغرۇر سالاپەت بىلەن « ھە ھە="ھە" سەۋىرى="سەۋىرى" _.="_."» دەپ قويۇپ چاققانلىق بىلەن قولىدىكى تاماقلارنى تارقاتقىلى تۇردى. ھېلىقى كىشىى چىرايىنى كىچىك بالىدەك قىلىپ « ما ئادەمنى="ئادەمنى" ھى="ھى"» دەپ كۈلۈپ قويىۋىدى، مېھمانلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى.
    ‏قايلاپ ئولتىراۋىرىپ قوساق دۇتتا چاغىلى تۇردى. چاقچاق قىلىپ:
    ‏ -ئۇستوم، بىزنىڭ سومەننىڭ ئۇنىنى تاتقانما؟،-دەپ قويسام،
    -ئالدىرامتىلە، ۋېي بولىشە، بۈگەن ما بالىنىڭ تويىكېن بولىشە! باكا جىما باكا..،-دىدى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ئاۋازدا. ۋاي دەپ قالدىمدە كاساپەت...
    ‏ ئارىدىن شۇ تاڭجاڭنىڭ يېقىنى بولسا كېرەك، خۇش چىراي بىر چال ئورنىدىن تۇرۇپ :
    ‏ -بارتاخون بوش ۋاقىراڭلا، تەرەت سۇنۇپ كەتمىسۇن،-دىۋىدى ، تاڭجاڭ:
    ‏-ئەنسىرەشمىسىلە... ئەتىگەن ئوننى ئىلىۋاغان، ئابىيامنىڭ ياغى تۆتنى بۇزساممۇ، ئالتىسى زاپاس...
    ‏ تۆۋەنكى خانىدىن مايلىشىپ قارداپ كەتكەن مۇلازىم قولىنىڭ ئۇچىدىن دولىسىغىچە تەخسىلەنى بېسىپ چىقىپ كەلدى ۋە تاڭجاڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
    ‏ تاڭجاڭ:
    ‏ -ھە ئاپىرە مانى ئوۋۇ قاراجىمكاڭغا تەڭلە، ئاممىسا يۈزىگە ئات! ما پۈتۈن ئاشنى ئاۋۇ كۆك كالاچ كەيگەن ئاكاڭنىڭ قولىغا بە، ما بېزى جىقراقىنى ئاۋۇ مۈشۈكتەك بۇرۇت قويۋاغان سېستىرا ئاكاڭغا تۇتقۇزۇپ قوي! ماڭە ھە كاساڭغا ئۈسسەيما؟
    كۈلۈپ كەتتىم، تاماقمۇ شۇنچىلىك ئوخشاپ كەتكەنكى ئىشتىھا بىلەن سوقىۋەتتىم...
    ‏ يەپ بولۇپ پۇكەيگە كېتىپ باسام، تاڭجاڭ يۇقىرى ئاۋازدا:
    ‏ -ما ئوغاللىقتىن يىگىرمە كوي ئېلىنسۇن،-دىۋىدى، ئالىيىپ قايلىسام:
    ‏ -ئون كوي قايتۇرۇپ بېرىلسۇن،-دەيدۇ.
    ‏ خوشال كەيپىياتتا سىرتقا ماڭدىم.
    ‏ شۇندىن بۇيان سىرتتا تاماق يېيىش توغرا كەلسە ئىشتىھارىمنى ساقلاپ قوياپ ئاشۇ يەرگە بېرىپ يەيدىغان بولۇپ قالدىم....مەنبە تەڭىرتاغ مۇنبىرى

  • ئەنسىز
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-24

  • ھا ھا ھا ھا ھا ئالامەت تاڭجاڭكەن ماۋۇ بىرقاچا يەيدىغان يەرگە ئىككىنى يەپ چىكەتكىدەك ئادەم :lol:lol:lol:lol

  • بورھان730
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-25

  • يازما قەشقەر شىۋىسىنى دەھشەت ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىپتۇ، ئەسلىدىكى توغرا ئاتىلىشى تاڭجاڭمۇ ياكى مۇلازىممۇ؟

  • oghuztigin
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-25

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇكا،ئىۋۇ قاشقارغا بارغاندەك بولىۋاتىمەن جۇماااااا،مۇشۇ "تاڭجاڭ" دەگەن سوزگە ئىۋۇ ئەزىزانە قەشقەرنىڭ يەرلىك تىلىدا نىمە دەيدا؟چىم مۇشۇ سۇئالغا جاۋاب دەپ بېقىشقان بولسىلىرى؟ماقا ئەمىسە ،ئاستا چىقىپ ئارام ئالاي جۇماااااااااااا!:o:L:victory:

  • دىيارىم
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-25

  • مۇشۇ باش مۇلازىم بار ئاشخانا قەشقەرنىڭ قەيىردىياق،باسام قىزىق گەپلىرىنى ئۆز قۇلقۇم بىلەن ئاڭلاپ،ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ تامىقىغا ئىغىز تىگىپ كىلەي .

  • بىرىنجى بەت  ئالدىنقى بەت   كىيىنكى بەت  ئاخىرقى بەت       جەمىي 4 ئىنكاس    ھازىر 1 - بەت    ئۇمۇمىي 1 بەت
    باشبەتكە قايتىش