سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ ئرانغا كىرىشى

سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ ئرانغا كىرىشى

  • admin
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-10

  • ئىران قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى . تارىختا بىرقانچە قىتىم پارىسلارنى مەركەز قىلىپ دۆلەت قۇرۇلغان .مەسىلەن :ئەھمانىلار خانلىقى ،پىرىسىيە ئىمپىرىسى ،ساسانىيلار خانلىقى قاتارلىقلار.ئۇيەنە ئالىكساندىر ئىمپىرىسى ، ئەرەپ ئىمپىرىسى ،مۇڭغۇل ئىمپىرىرىسى قاتارلىقلارغا بىقىنغان .ھازىر ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدا تۈركىيىدىن قالسىلا ھەربىي ئىشلار كۈچى چوڭ دۆلەت .ئۇ1920-يىللاردا رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زىمىنىغا قوشۇن چىقارغان .1933-يىلى ھىتلىر (ئەسلى ئىسمى شۇنداق) تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ،ئران بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان ،مەقسىتى ئراندىن نىفىت ۋە باشقا سانائەت خام ئەشيا سىتىۋىلىش ئىدى .ئەينى ۋاقىتتا كۆپلىگەن ئوتتۇرا شەرىقدىكى دۆلەتلەر ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى .ئەينى ۋاقىتتا ئران گەرچە پادىشاھلىق تۈزۈمدە تۇرسىمۇ،لىكىن نىفىت سانائىتى تەرەققى قىلغان ئىدى.گىرمانىينىڭ كۆپلىگەن ھەربىي پاراخوتلىرى ۋە چۆكمە پاراخوتلىرى ئىراندىن نىفىت توشۇغان .2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلغاندىن كىيىن ئران گىرمانىيىنى قوللىغان. 1941-يىلى 6-ئايدا گىرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى .سىتالىن بولسا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىشىپ ،ئاخىرى گىروزىيە ۋەتۇركمەنسىتان يۆلىنىش ئارمىيىسىگە ئرانغا ھۇجۇم قىلىشىغا بۇيرۇق بىرىدۇ.سوۋېت قوشۇنلىرى ئراننى ئىشغال قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن گىرمانىينىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.سوۋېت ئىتتىپاقى ئراننى ئۆزلىرى بىلەن نىفىت سودا كىلىشىمى ئىمزالاشقا مەجبۇرلايدۇ.1943-يىلى 11-ئايدا ئىتالىيە تەسلىم بولدى. بۇۋاقىتتا ئامىركا خەلىقئارالىق يىغىندىن بىرنى ئاچماقچى بولدى .لىكىن سىتالىن بىلەن جىياڭ جىشى ئوتتۇرىسىدا زور ئىختىلاپلار بارئىدى .شۇڭا يىغىننى ئىككىگە بۆلۈپ ئاچماقچى بولىدۇ . بۇدەل قاھىرە يىغىنى ۋە تىھران يىغىنى .تىھران يىغىندىن كىيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئراندىن ئەسكەرلىرىنى تامامەن چىكىندۈرىدۇ.ئرانمۇ گىرمانىينىڭ مەغلۇبىتىنى تونۇپ يىتىپ ،ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەرەپكە ئۆتىدۇ .
    [img=500,0]http://bbs.misranim.com/data/attachment/forum/201406/08/090409acke5ka2dhjktkci.jpg[/img] [color=#444444]
    [img=500,0]http://bbs.misranim.com/data/attachment/forum/201406/08/090429k373z32z2j0la366.jpg[/img] [img=500,0]http://bbs.misranim.com/data/attachment/forum/201406/08/090447zcxf8fhgicihfkh8.jpg[/img] [img=660,0]http://bbs.misranim.com/data/attachment/forum/201406/08/090505b4x8qvx787zx2bcx.jpg[/img]
    [/color]

    مەنبە مىسرانىم تورى

  • جاۋاپ
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-11

  • ئۆلگۈر پارىسلانى، روس بىراقلا بىسىپ ىلىپ ھازىرغىچە قولىدا تۇتۇپ تۇرسا بوتىكەن، بۇ روسلانىڭ تۇنجى قىتىم دۈشمەن دەپ قارالغان دۆلەتكە يوللۇق، قانۇنلۇق تاجاۋۇز قىلغىنى بۇلىشى مۈمكۈن

  • ئاقسۇ
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-11

  • پارسلار قەدىمدە يەنە، سەلجۇق ئېمپىريىسى، تۆمۈريلەر ئېمپىريىسى، قاتارلىق ئەجدادلىرىمىز قۇرغان تۈرك ئېمپىريەلىرىنىڭ
    ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان.

  • دىيارىم
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-12

  • ئاڭلىمىغانلا ئىشلاكەن بۇ ،رەخمەت تىمىڭىزغا .روسلا ھەربى ئىشلادا، سىياسىدا، تەتبىر بەلگىلشتە ، يىتىشكەن قاقۋاش كەن،

  • گېتلېر
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-13

  • مۇشۇ ئويۇندا ئەڭ زىيان تارىتقىنى ئەزەرىيلەر بولىدۇ روسلار ئىراننى ئاجىزلىتىش ئۇچۇن ئالدى بىلەن جەنۇبى ئەزەربەيجاندا ئەزەرىيلەرنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرۇشىغا ياردەملىشىدۇ ھەمدە جۇمھۇرىيەتمۇ قۇرۇلىدۇ ئەمما 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن روسلار ئەزەرىيلەرنىڭ ئىشىغا ئارلاشمايدىغانلىقىنى ئۇنىڭ ئىراننىڭ بىر ئۆلكىسى ئىكەنلىنى ئىران تەرەپكە بىلدۇرۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىران بىلەن ئەزەرىيلەر ئوتتۇرسىدا بىر مەيدان قىرغىنچىلىق خاراكتىردىكى ئۇرۇش پارتىلاپ 50مىڭ ئەزەرىينىڭ قۇربان بولۇشى بىلەن 4يىل مەۋجۇت بولغان بۇ جۇمھۇرىيەت تارىخ سەھنىسىدىن چىكىنىدۇ . بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشتىن بىرى باركى روسلار ئەزەرىيلەرنى ئىرانغا تاشلاپ بىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي غۇلجىدا قوزغىلاڭ بولىدۇ غۇلجىدىمۇ ھۆكۇمەت قۇرىلىدۇ ھەر ئىككىلىسى روسلارنىڭ ياردىمىگە ئىرىشكەن يەنە ئوخشاشلا باشقىلارغا تاشلاپ بىرىلگەن

  • گېتلېر
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-13

  • 引用:
    جاۋاپ يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 14:02
    ئۆلگۈر پارىسلانى، روس بىراقلا بىسىپ ىلىپ ھازىرغىچە قو ...


    قىرىندىشىم بىر دۆلەتنىڭ يەنە بىر دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلغىنى قانۇنلۇق قانۇنسىز دەپ ئايرىلامدۇ ؟

  • گېتلېر
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-13

  • 引用:
    جاۋاپ يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 14:02
    ئۆلگۈر پارىسلانى، روس بىراقلا بىسىپ ىلىپ ھازىرغىچە قو ...


    روسىيەنىڭ ئۆز مەنپەتىنى ( ئىنىقراق قىلىپ ئىيىتقاندا دۇشمىنىنىڭ نىفىت مەنبەسىنى ئۇزۇش ئۇچۇن قىلغان تاجاۋۇز قىلغىنى) دەپ ئىرانغا تاجاۋۇز قىلغىنى قانۇنلۇقما ؟

  • جاۋاپ
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-13

  • 引用:
    گېتلېر يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 15:14
    روسىيەنىڭ ئۆز مەنپەتىنى ( ئىنىقراق قىلىپ ئىيىتق ...


    قانۇنلۇق، روس پەقەت بەزەن تۈرۈك مىللەتلىرنى ئەقىقىي باستى تارىخى بىر پۈتۈن گەۋدە بولغان پارىسلاغا تەگمىدى، شۇنداق تۇرۇغلۇق باشقىلارغا نىمىسلارغا يېقىلغۇ مەنبەسى بىلەن يەردەم قىلسا كىمنىڭ ئۇغۇسى قاينىماس؟ ھە راس پارىسلا بىزگە ئۆچ نىنە ئۈچۈن ئۆشلۈك قىلىدۇ؟ چۈنكى تارىخى پادىشالىق تۇتقان ئەجىدات لىرمىز، ئۆز زامانىسىدە پارىسلانى تازا جايلاپتىكەن

  • گېتلېر
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-13

  • 引用:
    جاۋاپ يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 15:39
    قانۇنلۇق، روس پەقەت بەزەن تۈرۈك مىللەتلىرنى ئەقىقىي ...


    پارىسلارمۇ ئۇ دەۋىردە بىر مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقوقلۇق دۆلەت شۇنداق بولغانىكەن نىفىتنى كىمگە بىرىش بەرمەسلىكىنى روسلاردىن سوراپ قىلمايدۇ بەلكى مۇستەقىل قارار قىلىدۇ ئىراننىڭ گىرمانىيەگە يىقىنلىشىشى بولسا روسلارنىڭ سەۋەبىدىن بولغان روسلار 1941-يىلى جەنۇبى ئەزەربىيجان جۇمھۇرىيتىنى قۇرۇشقا ياردەم قىلغان يەنى ئىران زىمىنىنى پارچىلىغان مەن جەنۇبى ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلىشىنى خاتا دىمەيمەن ئەمما شۇنداق بولغانلىقى ئۇچۇن ئۇلارمۇ گىرمانىيەگە نىفىت ساتقان شۇنداق بولغانىكەن روسلارنىڭ ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشى بىر يولسىزلىق چىدىماسلىق پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلىپ باشقا دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ھەرگىزمۇ قانۇنلۇق بولمايدۇ يەنە ئۆزى ياردەم قىلىپ قۇرۇپ بەرگەن جەنۇبى ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيتىنىمۇ ئىرانغا تاشلاپ بىرىشى بىر نۇمۇسسىزلىق شۇنى بىلىپ قىلىڭكى موسكىۋا كىنەزلىكى قۇرۇلۇپ بىر دۆلەت بولۇپ قۇرۇلىشىدىن تارتىپ سوۋىت ئىتپاقىنىڭ قۇرۇلىشىغىچە يەنە سوۋىتنىڭمۇ پارچىلىنىپ روسىيە فىدراتسىيەسى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە بىرەر قىتىممۇ باشقا دۆلەتكە ھەقنى ياقىلاپ ھۇجۇم قىلىپ باقمىدى ئەگەر بار دىيىلسە گىرمانىيەگە قايتۇرما ھۇجۇمى كىرىدۇ خالاس

  • سالمان
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-15

  • 引用:
    جاۋاپ يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 15:39
    قانۇنلۇق، روس پەقەت بەزەن تۈرۈك مىللەتلىرنى ئەقىقىي ...


    پارىسلار بىزگە قانداق ئۆچ ئىكەن ؟ ئىنكاسىڭىزدىن مەزھەپ مەسلىسىنى چىقىش قىلغىنىڭىز پۇراپ تۇرامدۇ قانداق؟
    روسلار ئەسلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئىران بىلەن تۈركىيەنى قوشىۋالغان بولسا مىرادىغا يىتەتتى.
    ئىشلىقىلىپ تاجاۋۇزچىلار زىمىن ئۇچۇن قىلغان ئۇرۇشلىرىنى ھەرخىل نام ۋە بانا-سەۋەپلەر بىلەن چىرايلىق پەردازلايدۇ.
    ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ زىيان تارىتقىنى زىيان تارىتقان مىسال: ئىراق ئۇرۇشى ، ئامرىكا خىمىيەلىك قۇرال بار دىگەننى بانا قىلىپ كىردى، قىنى شۇ قۇراللارنى تاپالىدىمۇ ؟ ئەمىلىيەتتە يوق بۇ بىر بانا خۇددى ‹‹ بۆرە بىلەن قوزىنىڭ ھىكايىسى›› گە ئوخشاش.

  • تۇنجى
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-17

  • 2-دۇنيا ئۇرىشى ئىنسانىيەتكە ئىنتايىن بالايى ئەپەتلەرنى ئىلىپ كەلدى،بىراق ئۇ كونا مۇستەملىكچى دۆلەتلەرنىڭ ئۇلىنى كولاپ 3-دۇنيا ئەللىرىنىڭ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۇرىشىگە تۇرۇتكە بولدى.

  • بىرىنجى بەت  ئالدىنقى بەت  كىيىنكى بەت  ئاخىرقى بەت       جەمىي 13 ئىنكاس    ھازىر 1 - بەت    ئۇمۇمىي 2 بەت
    باشبەتكە قايتىش