ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدىغان تۇنجى ئۇيغۇر

ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدىغان تۇنجى ئۇيغۇر

  • ئاقسۇ
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-02

  • ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق (ئۇزغۇنلۇق) بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان تۇنجى ئۇيغۇر - جامالىددىن خوجانىيازوف
    [attach]2913[/attach]
    بۇندىن بىر يېرىم يىل بۇرۇن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پۇتبولچىمىز ھەققىدە يازغان «چەتئەلدىكى پەخىرلىك ئۇيغۇر پۇتبولچىمىز - جامالىددىن» ناملىق ماقالەم ئەپەندىم تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ۋە ھەر قايسى تور بېكەت، ئۈنخەت سۇپىلىرى ئارقىلىق كەڭ تارقالغان ئىدى. مانا بۈگۈن تۈركمەنىستاننىڭ بايرامئەلىدا تۇغۇلۇپ، بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن، ھازىر رۇسىيەنىڭ سانېت پېتېربۇرگ زېنت پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان بۇ ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ شۇنچىلىك سۈيۈنۈپ كەتتىم.
    دېمىسىمۇ، ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق پۇتبولچىلارمۇ ئاران تەستە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشەلەيدىغان، ھازىرقى زامان پۇتبولىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇسابىقە ھېسابلىناتتى. يەنە كېلىپ، دۇنيا پۇتبول ساھەسىنى تىترەتكەن ئا س مىلان، مانچېستىر بىرلەشمەسى قاتارلىق كۇلۇبلار ۋە ئۇلاردىكى دۇنياۋى چولپانلارمۇ بۇ يىل ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ بۇسۇغىسىغىمۇ كېلەلمىگەن ئىدى. لېكىن، بۇ ئۇيغۇر يىگىتىمىز مانا مۇشۇ مۇسابىقەگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر سۈپىتىدە، ئۇيغۇر پۇتبول تارىخىدا ئىپتىخارلىق ئالتۇن قۇرلارنى يازدى، دېيىشكە ھەقلىقمىز.
    رۇسچە ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىگىتنىڭ تولۇق ئىسمى جامالىددىن نىيازوف(汉文 名字:柯占尼亚佐夫 Dzhamaldin Khodzhaniyazov : ئىنگلىزچە ) بولۇپ، 1996-يىلى 18-ئىيۇل تۈركمەنىستاننىڭ بايرامئەلى شەھىرىدە ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغانىكەن. پۇتبولدىكى ئاجايىب تالانتى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ رۇسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈپتۇ ۋە ۇسىيە 17 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ، ئۆتكەن يىلى ياۋروپا قىتئەسى 17 ياشلىقلار لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بوپتۇ. ئۆزىنىڭ مەيداندىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە مۇنازىرە بولغاندا ، نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا: “مەن ئۇيغۇر” دەپ مەردانىلىق بىلەن جاكارلاپتۇ. (بۇ ھەقتىكى دەلىلەر ئالدىنقى ماقالەمدە كۆرسىتىلگەن بولغاچقا، قايتىلاپ ئولتۇرمىدىم)
    جامالىددىننىڭ بويى: 181 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 73 كىلوگرام، مەيداندىكى ئورنى: مۇداپىيەچى (بىك)، ئالاھىدىلىكى: مۇداپىيە تېخنىكىسى، سەزگۈرلۈكى يۇقىرى، سۈرئىتى تېز.
    مانا بۈگۈن (1-ئۆكتەبىر) كەچ سائەت 10 (ئۈرۈمچى ۋاقتى) دا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇ كۇلۇب تەركىبىدە فىرانسىيەنىڭ زەردار كۇلۇبى مۇناكۇ كوماندىسى بىلەن ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقەسىگە قاتنىشىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
    بىز بۇ پەخىرلىك پۇتبولچىمىزنىڭ مۇسابىقىلەردە شان - زەپەر قۇچىشىغا تىلەكداشمىز، شۇنداقلا، 2018 - يىل رۇسىيە دۇنيا لۇڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، ئېسىل ئىپادىسى بىلەن ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىغا يەنىمۇ زور ئۈمىد بېغىشلىشىغا تىلەكداشمىز!

    مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى

  • دىيارىم
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-02

  • مەن ،قايسى كۈنى نور تورىدىمۇ ئىشقىلىپ بىر يەردە ئىككى ئۇيغۇر يىگىتنىڭ نورۋىگيەدە پۇتپۇل كۇلۇبىدا توپ تىپىدىغان لىقىنى 3يىل توختام تۈزگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم ،ئۇلادىن پەخىرلىنىپ تۇرسام ئەمدى ماۋۇخۇشخەۋەرنى دىمەىم دىغان.ۋاھ ۋاھ ۋاھ يارايسىلە يىگىتلا ئۇتۇقلار سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن،ئاپرىن. غەيرەت قىلىڭلا مالاغا ئۇيغۇرلانىمۇ جۇڭگۇ پۇتپۇل كوماندىستا توپ تەپكۈزمىسە بولمايدىغان يەرگە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇڭلا،ئالغا،ئالغا،ئالغا. جۇڭگۇ كوماندىسقا بۇرۇنلا ئۇيغۇرلانى تەكلىپ قىلىپ ئەكىرگەن بولسا ئۇيغۇر يىگىتلىرى باشچىلىقىدا جۇڭگۇ پۇتپۇل كوماندىلىرىمۇ خىلى بۇرۇنلا خەلقىرا مۇسابقىدە كۆزگە كۆرنىپ يۈزىمىزنى يورۇق قىلغان بولاتتى.

  • جاۋاپ
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-02

  • جامالىدىن غېرىپ - سەنەمنىڭ ئاقىل ئۇستازى، شۇ ئۇستازنىڭ بىلىم كۈچى جامالىدىنغا كۈچ قۈۋەت بەرسۇن ، جامالىدىن ، مىللەت روھى بولسۇن ئۈچۈن 2018-يىلقى روس دۇنيا پۇتپول چنپۇيۇنلىغىنى قولاغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن تىخنىيكاڭنى قولغا كەلتۈرۈشىڭنى ئۈمۇت قىلىمەن قېرىندىشىم دەل سىزنىڭ مەيدانغا چىققان كۈنىڭز ئاكىڭىز جاۋاپ شۇ، مەيداندا بۇلۇمەن ، ئىنشا ئاللاھ

  • پالۋان
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-02

  • [i=s] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پالۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-3 22:57 [/i]

    ياخشى خەۋەركەن ..... رەخمەت بىر بىردىن بولسىمۇ چىقىپ تۇرايلى ...

  • ئاقسۇ
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-03

  • [i=s] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاقسۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-3 12:56 [/i]

    引用:
    جاۋاپ يوللىغان ۋاقتى 2014-10-3 01:41
    جامالىدىن غېرىپ - سەنەمنىڭ ئاقىل ئۇستازى، شۇ ئۇستازنىڭ ...

    غېرىپ سەنەمنىڭ ئۇستازىنىڭ ئىسمى جامالىدىن ئەمەس، جالالىدىن....
    لېكىن ياخشى تىلەكلەر جايىدا بولدى...! :victory:

  • سالمان
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-04

  • [img=440,660]http://www.11adam.cn/data/attachment/forum/201410/02/181913uute9mcxuvcm6v91.jpg[/img]

    يېقىندا پورتۇگالىيەدىكى مافرا كوماندىسىغا يۆتكەلگەن مەخمۇتجان پورتۇگالىيەدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقسىىنى تاماملىدى. لىسبون ئىككىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقسىىدە مافرا ب كوماندىسى 0-3 نەتىجە بىلەن سوبرينىس كوماندىسىنى يېڭىپ لىسبون ئىككىنجى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنى ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. مەخمۇتجان ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى ھەمدە 80-مىنۇتتا ئالماشتۇرۇپ چۈشۈرۋېتىلدى

  • سالمان
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-04

  • [i=s] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سالمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-4 14:31 [/i]

    ئۈرۈمچى 5-باشلانغۇچ مەكتەپ چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن غەلبە قىلدى

    2014-يىللىق مەملىكەتلىك ياش -ئۆسمۈرلەر بىرلەشمىسى 12 ياشتىن كىچىكلەر بىرلەشمىسى بۈگۈن شەندۇڭدىكى ۋىيفاڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىدە باشلاندى. ئۈرۈمچى 5-باشلانغۇچ مەكتىپى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدا 0-18 نەتىجە بىلەن ۋۇخەننىڭ بىر كوماندىسىنى يەڭدى. ئۇلارنىڭ كېيىنكى رەقىبى خېڭدا پۇتبول مەكتىپى كوماندىسى.

    ئاۋۇ خىڭدا كوماندىسىدا ئۇيغۇر توپچىلارمۇ بار ئىكەن.

    ئەسلى مەنبە-11 ئادەم پۇتبول تورى http://www.11adam.cn/home.php

  • سالمان
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-04

  • [i=s] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سالمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-4 14:35 [/i]

    5-باشلانغۇچ داۋاملىق ‹‹قىرغىنچىلىق›› قىلماقتا

    مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر بىرلەشمىسى 12ياشتىن كىچىكلەر مۇسابىقىسنىڭ گۇرۇپ مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدا 5-باشلانغۇچ مەكتىپى كوماندىسى 6:1نەتىجە بىلەن خىڭدا پۇتبول مەكتىپى كوماندىسىنى يەڭدى . ئۈچىنجى مەيدان مۇسابىقىدا 9:1نەتىجە بىلەن چىڭخۇاڭداۋ نىڭ كوماندىسىنى يەڭدى . 5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى گۇرۇپتىن بىرىنجى بولۇپ چىقتى . بۈگۈن ئۇلار 16كۈچلۈك مۇسابىقىسىدا گۇاڭشى بىيخەي كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ . :lol:lol:lol:victory:

  • جاۋاپ
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-04

  • 引用:
    سالمان يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 14:27
    5-باشلانغۇچ داۋاملىق ‹‹قىرغىنچىلىق›› قىلماقتا

    مەملىك ...


    سالمانكان ئوي سالمانكا، ۋېتنام - ئامىركا ئۇرۇشىدا ئىمپىريمىز ھەربى قاتناشتۇردۇمى يوق؟ بىلسىڭىز مۇشىنى بىر دەۋەتسىڭىز

  • سالمان
    يوللانغان ۋاقتى :2014-10-04

  • 引用:
    جاۋاپ يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 15:29
    سالمانكان ئوي سالمانكا، ۋېتنام - ئامىركا ئۇرۇشىدا ئىم ...


    ئامىرىكا-ۋىيتنام ئۇرۇشى توغرۇلۇق بەش-ئالتە يىل بۇرۇن بىر كىتاپ ئوقىغان شۇ كىتاپتا ئىيتىلىشىچە دۆلىتىمىز بىۋاستە ئەسكەر كىرگۈمىگەن بىراق ماددى-ئەششىيا ،ئاشلىق ۋە ئارقا سەپ تەمىناتى بىلەن تەمىنلىگەن.
    روسلار قۇرال-ياراق بىلەن تەمىنلىگەن،بىراق باشقا نامدا پىدائى قىسىم كىرگۈزگەنمۇ يوق بۇنى ئىنىق بىلمەيمەن.
    بۇ ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ قوللىشى بولمىسا ۋىيىتنام قىسىملىرى ئۇنداق ئۈزۇن بەردەشلىق بىرەلمەيتى.

  • بىرىنجى بەت  ئالدىنقى بەت   كىيىنكى بەت  ئاخىرقى بەت       جەمىي 9 ئىنكاس    ھازىر 1 - بەت    ئۇمۇمىي 1 بەت
    باشبەتكە قايتىش