داھىي توغرىسىدا ئاقماس پاراڭلار

داھىي توغرىسىدا ئاقماس پاراڭلار

  • تۇنجى
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-09

  • [i=s] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۇنجى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-11 14:09 [/i]

    ئادەم دىگەن كۆپ قىرلىق بولىدۇ ،ياخشى ئادەمنىڭ يامان تەرىپى ،يامان ئادەمنىڭ ياخشى تەرىپى بولىدۇ .لېكىن بىز نۇرغۇنلىغان تارىخىي شەخىسلەرنىڭ بىرلا تەرىپىنى كۆرىمىز تارىخىيشەخىسلەرگە ياخشى ئادەم يا ئەسكى ئادەم دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلىدۇ .ھەم شۇ بويىچە تەشۋىق قىلىنىدۇ ،شۇڭا بىز لېنىننىڭ سوۋېت ئىشچىلار سېنىپىغا تەۋە دەپ دىھقانلارنى قىرغانلىقىنى ،دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ دوسلۇق دەپ تەرىپلەنگەن ماركىسنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئىنگىلىسنىڭ ئايالىنى ھامىلدار قىلىپ قويغانلىقىنى ،ھوقۇققا كۆز سالمايدىغان كىشى دەپ تەرىپلەنگەن ۋاشىنگىتوننىڭ ئۇچىنچى قېتىمىلق زۇڭتۇڭلۇقتىن ئۆزى خالاپ ئەمەس ،ئۇچىنچى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ جىفىرسوننىڭ بېسىمى ئاستىدا ۋاز كەچكەنلىكىنى ئۇقمايمىز .

    داھىي ماۋزىدۇڭنى تەرىپلەپ ئىشلەنگەن كىنو ،يىزىلغان كىتاپ -ژۇرنال ماقالە دىگەندەك نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپ ،ھەتتا كۆپلىكىدىن ساناپ تۇگەتكىلى بولمايدۇ.ئەلۋەتتە ئۇ بۇنداق ماختاشلارغا مۇناسىپ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى ئۇلارنىڭ ماۋزېدۇڭغا بەرگەن باھاسى ئىنتايىن تۆۋەن .جۇدىنىڭ تەرجىمھالىنى يازغان يازغۇچى (ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن )ماۋزېدۇڭغا ‹‹ئەگەر جۇدى بولمىغان بولسا ،تاغ قاراقچىسى بولاتتى ›دەپ باھا بەرگەن .قانخور سىتالىن ماۋزېدۇڭنى ‹‹ئادەمنىڭ ئۆلۇپ تىرىلىشى بىلەن كارى يوق قانخور ››دەپ باھا بەرگەن ،جياچىڭ ماۋزېدۇڭنىڭ نامىنى تىلغا ئىلىپ تۇرۇپ ‹‹ئۇ دىگەن ئىتنڭ بالىسى ›،دىگەن .ئۇنىڭدىن باشقا ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدۇماۋزېدۇڭ ھوقۇقپەرەس ،گۇمانخور ،ئىچى تار ئادەم .
    جۇدى بولمىسا ،ماۋزېدۇڭ تاغ قاراقچىسى بولاتتى .
    كۇزلۇك يىغىن قوزغىلىڭىدىن كېيىن ،ماۋزېدۇڭ چاڭشاغا ھۇجۇم قىلىپ قاتتىق مەغلۇپ بولىدۇ .شۇنىڭ بىلەن ماۋزېدۇڭ قالدۇق قىسىملىرىنى باشلاپ گومىنداڭنىڭ ئۆزۇڭنى مەلۇم قىلساڭ ئايالىڭنى قڭيۇپ بىرىمىز دىگەن گېپىگە پىسەنىت قىلماي جىڭگاڭ شەنگە قاراپ يولغا چىقىدۇ .جىڭگاڭ شەندە تاغ قاراقچىلىرى بار بولۇپ ،ئۇلارنىڭ قوراللىرى قوزغىلاڭچىلارغا قارىغاندا خىل بولغانلىقتىن قوزغىلاڭچىلار ئۇلارغا چىقىلمايدۇ .ماۋزېدۇڭ تاغدا تاغ قاراقچىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇش ئۇچۇن، ئىنقىلاپ ئۇچۇن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ تاغ قاراقچىسىنىڭ سېڭلىسى (ئۇچىنچى ئايالى خى زىيىڭ )بىلەن توي قىلىدۇ .مەركىزىي بىيرو بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن ،ماۋزېدۇڭنى قاتتىق ئەيىپلەيدۇ ،ھەم تاغ قاراقچىلىرىنى يوقىتىش توغرىسىدا بويرۇق چۇشۇرىدۇ .بىراق بۇ بۇيرۇقلارنى ماۋزېدۇڭ باسۇرۇپ قويىدۇ .1928-يىلى جۇدى نەنچاڭ قوزغىلىڭىدىكى قوشۇننى باشلاپ جىڭگاڭ شەنگە چىقىپ ماۋزېدۇڭ ئۇچرىشىدۇ .بۇ چاغدا كۇچ پەرقىدە ئۆزگىرىش يۇز بىرىپ ،تاغ قاراقچىلىرى ئاجىز ھالەتكە چۇشۇپ قالىدۇ .تاغ قاراقچىلىرىنىڭ ئاتامانى ئۆزىنىڭ ماۋزېدۇڭنىڭ قىينئاكىسى ئىكەنلىكىنى پاش قىلىپ ،پارتىيەگە كىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ .جۇدى جىڭگاڭ شەنگە چىقىپ ئۇچ كۇندىن كېيىن باندىتلارنىڭ ئاتامانى ماۋزېدۇڭنىڭ قوغدۇغۇچىسى تەرىپىدىن ئىتىپ تاشلىنىدۇ .
    [attach]2894[/attach]
    سىتالىن بىلەن سۆھپەتلەشكەندە سىتالىن سوۋېتنىڭ كۇچىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۇچۇن ،ئۆزلىرىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياساپ چىققانلىقىنى ،ئاتوم بومبىسىنىڭ بىر دودا نەچچە يۇز مىڭ ئادەمنى ئۆلتۇرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ،بۇ چاغدا ماۋزېدۇڭ پەرۋاسىزلا ‹‹ئارانلا نەچچە يۇز مىڭما؟››دەيدۇ ،كېيىن سىتالىن قول ئاستىدىكىلىرىگە بۇ ئىشنى تىلغا ئىلىپ تۇرۇپ ›ماۋزېدۇڭ دىگەن بىر قانخور ،ئادەمنىڭ ئۆلۇپ -تىرىلىشى بىلەن كارى يوق ،ئۇنىڭغا چىقىلىشقا بولمايدۇ دەيدۇ
    [attach]2895[/attach]
    ھوقۇقپەرەس ،كۆزى كىچىك .
    چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن پارتىيە ئىچىدىكى زاتلار ماۋزېدۇڭنى خاتالىقنى بوينىغا ئىلىشقا ،ۋە پارتىيە ئىچىدە ئۆزىنى تەكشۇرۇشكە بۇيرۇيدۇ .ماۋزېدۇڭ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پىسەنىت قىلمىغان ھالدا ‹‹ناھايتتى كەلسە جىڭگاڭ شەنگە قايات چىقامەن ›دەيدۇ .(ماۋزېدۇڭ جىڭگاڭ شەنگە چىقىپ ئىنقىلاپ باشلىغان ،يەنە چىقىمەن دىگىنى يەنە ئىنقىلاپ قىلىمەن دىگىنى )،بۇ چاغدا جۇ ئىنلەي ئەھۋالنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۇپ بارلىق خاتالىقنى ئۆز ئۇستىگە ئالىدۇ ھەم ‹‹مەن گوۋۇيۇەنگە مەسئۇل ،ھۆكۇمەتنىڭ تەستىقكىدىن ئۆتكەن ھەرقانداق ئىشتا مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم بار ››دەپ پارتىيە ئىچىدە تەكشۇرىدۇ .
    1969-يىلى لۇشىياۋچى قىزغىل قوغۇغۇچىلار تەرىپىدىن قولغا ئىلىنغاندىن كېيىن جۇ ئىنلەي ماۋزېدۇڭغا بۇ ئىشتا ئارىغا كىرىشنى قىزىل قوغدۇغۇچىلارغا دەپ لۇشىياۋچىنى قويۋىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ .ماۋزېدۇڭ بۇ چاغدا لۇشەن تىغىدا ئارام ئىلىۋاتقان بولۇپ ،جۇئىنلەينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ‹‹1958-يىلى مېنى خەلىق دۆلەت رەئىسىلىكىدىن قالدۇرغان يەردە ،ھازىرقى رەئىسنى جازالىسا نىمە بوپتۇ .بۇگۇن تاغنى پارتىلتىۋېتىدىغان ئىش بولسىمۇ لۇشياۋچىنى قوتقۇزمايمەن ››دەپ جاۋاپ بىرىدۇ (1958-يىلى خەلىق قۇرۇلتىيى لۇشياۋچىنى دۆلەت رەئىسىلىككە سايلايدۇ ) .لۇشياۋچىنىڭ ئۆلتۇرلىشىنى نۇرغۇن كىشىلەر ماۋزېدۇڭنىڭ ئۆچ ئىلىشى دەپ قارايدۇ .

  • بىرىنجى بەت  ئالدىنقى بەت   كىيىنكى بەت  ئاخىرقى بەت       جەمىي 0 ئىنكاس    ھازىر 1 - بەت    ئۇمۇمىي 0 بەت
    باشبەتكە قايتىش