دۇنيانىڭ خوجىدارلىرى

دۇنيانىڭ خوجىدارلىرى

  • تۇنجى
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-04

  • [i=s] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۇنجى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-5 08:19 [/i]

    [attach]2881[/attach]
    1.تىراي گىۋ خالىۋدان لىي([font=arial, 宋体, sans-serif][backcolor=rgb(245, 252, 255)]Trygve Halvdan Lie[/backcolor][/font] ).تىراي گىۋ.(نورۋىگىيەلىك)1946-يىلى2-ئاينىڭ بىرىنچى كۇنىدىن،1952-يىلى11-ئاينىڭ10-كۇنىگىچە ب د ت نىڭ باش كاتىۋى بولغان.ئۇ ب د ت نىڭ باش كاتىۋى بولغان ۋاقىتتا ب د ت نىڭ بىناسىنىڭ سېلىنىشىغا يىتەكچىلىق قىلغان.ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت بولۇپ قۇرۇلىشى،1-قىتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى،چاۋشىيەن ئۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان.ئۇ باش كاتىپ بولغان كۇندىن باشلاپلا ب د ت نىڭ ئامرىكا،سوۋىت قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇچۇن ،ياۋروپادىكى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ خەلىقئارالىق مەسىلىلەردە ئۆز كۆز قارىشىنى ئۇتتۇرىغا قويىشىدا تۇرۇتكىلىك رول ئوينىغان.جۇڭگۇ ئىنقىلابىي غەلبە قىلغاندىن كېيىن،جۇڭگۇغا تەيۋەننىڭ ئەمەس،چوڭ قۇرۇقلىۇق ھۆكىمىتىنىڭ ۋەكىل بولىشى كىرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئامرىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.چاۋشيەن ئۇرىشى پارتىلىغاندىن كېيىن ،سوۋىت ئىتتىپاقى ئۇنىڭ چاۋشىيەگە ب د ت نىڭ قوشۇن چىقىرىشىغا قوشۇلغانلىقىغا نارازى بولۇپ،ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بىرىشىنى،بولمىسا ب د ت دىن چىكىنىپ چىقىپ ئايرىم بىر ب د ت قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىنچى قىتىملىق ۋەزىپە ۋاقتى توشماي تۇرۇپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.
    [attach]2882[/attach]
    2.داگ ھاممار([font=arial, 宋体, sans-serif][backcolor=rgb(245, 252, 255)]Dag Hjalmar Agne Carl Hammarskj?ld[/backcolor][/font] )شىۋىتسىيەلىك بولۇپ،1953-يىلى 4-ئاينىڭ10-كۇنىدىن1961-يىلى9-ئاينىڭ18-كۇنىگىچە ب د ت نىڭ باش كاتىۋى بولغان.داگ ھاممار سياسىيغا ناھايتتى ماھىر بولۇپ،ئۇنىڭ سىياسيونلار ئىچىدىكى سىياسىيون دەپ نامى بار.ئۇ تۇنجى بولۇپ تىنىچلىق ساقلاش قىسمىنى قۇرغان،<ۋاكسىنا ھەركىتى>نى ئۇتتۇرىغا قويغان.ئۇ ئۇچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى،ئىتتىپاق تۇزمەيدىغان دۆلەتلەرنى قوللىغان.ب د ت دەسلەپتە قۇرۇلغاندا 54دۆلەت بار بولۇپ ،ئۇ كاتىپ بولغان ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ سانى90نەچچىگە يەتكەن.مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۇرگەن دۆلەتلەرنى قوللىغانلىقى ئۇچۇن ئامرىكا،ئەنگىلىيە،فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چېشىغا تىگىپ قويغان.1961-يىلى9-ئاينىڭ 18-كۇنى گانگودا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قايتىشىدا ئايروپىلان پارتىلاپ كېتىپ قازا قىلغان.(ئاز بولمىغان كىشىلەر بۇنى ئامرىكىنىڭ سۇيقەستى دەپ قارايدۇ،ب د ت قىسىملىرى نەق مەيدانغا بىرىشتىن بۇرۇن ،ئامرىكا ئارمىيەسى نەق مەيداننى تازلىۋەتكەچكە ب د ت بۇ ئىشنى تەكشۇرۇشكە ئامالسىز قالغان.ئامرىكا بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ يەرلىك قوراللىق كۇچلەرنى قىرىۋەتكەن.)
    [attach]2883[/attach]
    3.ئۇ زەنىت([font=arial, 宋体, sans-serif][backcolor=rgb(245, 252, 255)]U Thant[/backcolor][/font] )بىرمادىن،1961-يىلىدىن1971-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.ئۇمۇ ئوخشاشلا ئۇچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغان.ھەم ب دت ئۇنۋىرسىتىنى قۇرغان.
    [attach]2884[/attach]
    4.كۇرت ۋالدخىم([font=arial, 宋体, sans-serif][backcolor=rgb(245, 252, 255)]Kurt Waldheim[/backcolor][/font] )،ئاۋىستىرىيەدىن.ئۇ 1972-يىلىدىن1981-يىلىغىچە ب د ت نىڭ باش كاتىۋى بولغان.ئۇ باش كاتىپ بولغان مەزگىلدە جۇڭگۇنىڭ ب د ت دىكى ئورنى ئەسلىگە كەلگەن.1981-يىلى يەنە بىر قېتىم باش كاتىپ بولۇشنى تەلەپ قىلغان.جۇڭگۇ رەت قىلغان.(خەۋپسىزلىك كىڭىشىدىكى بەش دۆلەتنىڭلا باش كاتىپنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار).كىتاپتا نىمە ئۇچۇن جۇڭگۇنىڭ رەت قىلغانلىقىنى دىمەپتۇ،پەرىزىمچە ئۇ جۇڭگۇ-ۋىتنام ئۇرىشىدا جۇڭگۇنى ئەيىپلىگەن بولسا كىرەك.

    [attach]2885[/attach]
    5.جاۋېئىر كۇللار(Javier Perez de Cuellar )پىرۇدىن،ئۇ 1982-يىلىدىن1991-يىلىغىچە ب د ت نىڭ باش كاتىۋى بولغان.جاۋېئىر باش كاتىپ بولغان مەزگىلدە لاتىن ئامرىكىسىنىڭ ئامرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسى ئەمەس،بەلكى لاتىن ئامرىكىلىقلارنىڭ ئامرىكىسى بولىشىغا كۇچىگەن.لاتىن ئامرىكىسنىڭ بىر گەۋدىلىشىنى ئىلگىرى سۇرگەن.ئۇ ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن،پىرۇغا قايتىپ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان.
    [attach]2886[/attach]
    6.بوتروس گالىي(Boutros Boutros-Ghali )مىسىردىن،1992-يىلىدىن 19996-يىلىغىچە ب د ت نىڭ باش كاتىپى بولغان.گالى باش كاتىپ بولغان كۇندىن باشلاپ ب د ت دا ئىسلاھات ئىلىپ بارغان،بىر قىسىم ئادەملەرنى قىسقارتقان.بىر قىسىم ئورگانلارنى بىكار قىلغان،يىڭىدىن بىر قىسىم ئورگانلارنى تەسىس قىلغان.ئۇنىڭ بىر قاتار ئىسلاھاتىنىڭ تۇرتكىسىدە ب د ت نىڭ چىقىمى ،خىزمەت ئازىيىپ ئۇنىمى يۇقىرى كۆتۇرۇلگەن.1990-يىلى دۆلەتلەرنىڭ سانى 180دىن ئاشقان بولۇپ،ب د ت دەسلەپتە قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى 54تىن ئۇچ ھەسسە كۆپەيگەن.شۇنداق بولغاچقا گالى ‹دۆلەت ئۇستىدىكى دۆلەت›نى (خەۋسىزلىك كىڭىشىگە ئەزا بەش دۆلەتنى دىمەكچى)كۆپەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.ھەم ئەينى ۋاقىتتا ئىقتىسادى ناھايتتى تەرەققىي قىلغان،دۇنيا ئىقتىسادىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ياپۇنىيە بىلەن گىرمانىيەنىڭ خەۋسىزلىك كىڭىشىگە ئەزا بولىشىنى قوللىغان.بىراق بەش دۆلەت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى پاش قىلىپ رەت قىلغان.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ پەلەستىن مەسلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۇل بۆلگەن بولۇپ،ئەراپات بىلەن لابىننىڭ تىنىچلىق سۆھبىتى ئىمزالىشىغا،پەلەستىن ئاپتونومىيە ھۆكىمىتىنىڭ قۇرۇلىشىدا ئىلگىرى سۇرۇش رولىنى ئوينىغان.ئۇنىڭدىن باشقا گالى ئامرىكا ھۆكىمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسلىسىگە قول تېقىشىنى،ب د ت نىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆزگۇزمەي تۇرۇپ ھەر قايسى رايونلاردا ھەربىي ھەرىكەت ئىلىپ بىرىشىنى ئەيىپلىگەن.ھەم ئامرىكىنىڭ خەۋسىزلىك كىڭىشگە ئەزا دۆلەتلىك سالاھىتىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ قارارىنى خالىغانچە رەت قىلغانلىقىنى ئەيىپلىگەن،ئۇ يەنە خەۋسىزلىك كىڭىشىگە ئەزا بەش دۆلەتنىڭ ھوقۇقىغا چەك قويۇش ياكى ئەزا دۆلەتنى كۆپەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئامرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچسى ئوچۇق-ئاشكارە ‹گالى ئۆزىنى بىلمەي قاپتۇ،ئۇ كاتىپلا خالاس، ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ بىز دىگەننى قىلسىلا بولدى ›دىگەن.ئامرىكا ھۆكۇمىتى گالىنىڭ داۋاملىق ب د ت نىڭ باش كاتىپى بولسا بولمايدىغانلىقىنى،ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بىرىشنى تەلەپ قىلغان.شۇنىڭ بىلەن گالى بىرىنچى قىتىملىق ۋەزىپە ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئىستىپا بەرگەن.

    [attach]2887[/attach]
    7.كوفى ئاننان(Kofi Atta Annan ).گانادىن،1996-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ب د ت نىڭ باش كاتىۋى بولغان.ئاننان ب د ت دىكى تۇنجى ب د ت نىڭ ئىچىدىن چىققان باش كاتىپ( ئىلگىرىدىكى باش كاتىپ يا بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى يا مەلۇم دۆلەتنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى).ئاننان ئەسلىدە گانادىكى قەبىلە باشلىقىنىڭ ئوغلى بولۇپ ،ئامرىكىغا ئوقۇشقا چىققان.60-يىللاردىن باشلاپلا ب د ت دا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان.نۇرغۇنلىغان قېتىم تىنىچلىق ساقلاش قىسمى بىلەن ئۇرۇش ،توقۇنۇش بولغان يەرگە بارغان.2001-يىلى نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

  • كۈرەش
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-04

  • تۆت قۇر ئوقىغىچە كۆزۈمدىن يۇمىلاق چىكەتتى... ياپيىشىل،

  • تۇنجى
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-04

  • 引用:
    كۈرەش يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 16:43
    تۆت قۇر ئوقىغىچە كۆزۈمدىن يۇمىلاق چىكەتتى... ياپيىشىل،


    خەتنىڭ رەڭگىنى كۆككە ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن،مەن ئۆزگەرتسەم قايتا تەستىقلاشقا توغرا كىلىدۇ ھەقىچان

  • سالمان
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-05

  • ئامرىكىنىڭ ب د ت سى ، ھازىر بۇ تەشكىلاتقا پەقەت قىزىقمايمەن، نوچىسى ناتۇ . ئىسرائىلغا گىپىنى ئۆتكىزەلمىگەنلىكىدىنلا بۇ دۇنياۋى تەشكىلاتنىڭ قانچىلىك ئاجىز ۋە كىمنىڭ مەنپەتى ئۇچۇن سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلىۋىلىش تەس ئەمەس.

  • سالمان
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-05

  • يەن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامرىكا ، ئىسرائىل ئىشتىرىسا ئاخىرىنى مۇشۇ تەشكىلات يۈغۇشتىرىدۇ.:lol

  • تۇنجى
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-05

  • دىققەت قىلساڭلار ب د ت نىڭ باش كاتىپلىرى ئىچىدە ئامرىكا،سوۋېت دىگەندەك چوڭ دۆلەتلەرنى ئەيىپلىگەنلەر ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىممچىلىقىغا قارشى تۇرغانلار ئۆلۇپ كەتكەن يا مۇددىتى توشماي تۇرۇپ ۋەزىپىسىدىن ئىېستىپا بەرگەن.ئانناندەك قۇلقى يۇمشاقلار مۇددىتى توشقىچە ۋەزىەپىسىدە ئولتۇرغان.

  • سالمان
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-05

  • 引用:
    تۇنجى يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 16:27
    ھاي،ھاي..........ب د ت نى بوش چاغلىمايلى،بىر دۆلەتنىڭ دۆل ...


    مەن ب د ت نى ماۋۇ تەرەپلەردە بوش چاغلىمايمەن مەسلەن: سەھىيە ،مۇساپىرلار،ئاچارچىلىق بولغان رايۇنلاردىكى قۇتقۇزۇش ....دىگەندەك يەرلەردە دۇنيا دۆلەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش جەھەتتە رولى ئالاھىدە .

    سىز دىگەن پەلەستىننىڭ دۆلەت بولالماسلىقىدا ئاساسلىق سەۋەپ ئاشۇ دائىمىي ئەزا دۆلەتلەردە، بۇ ب د ت تەستىقلىمىغان ئىش ئەمەس. ئامىرىكا ئۆزىنىڭ ۋە ئىسرائىلنىڭ مەنپەتىگە تاقىشىدىغان قارار بولۇپ قالسىلا يىغىندىن چاپاننى كۆتۇرۇپلا چىكىتىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئىش ئەپلەشمەيدۇ.
    دۆلىتىمىزنىڭ ب د ت دا تۇتقان رولى چوڭ، بىراق كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان زىخمۇ كۆيمەيدىغان دىپلوماتىيە يولىنى تۇتىدۇ.

  • نۇرچى
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-10

  • ئامرىكىنىڭ ب دت سى دىسەكلا ئەڭ ئاقىلانىلىك ھىساپلىنىدۇ.

  • تۇنجى
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-11

  • [i=s] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۇنجى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-15 08:00 [/i]

    بىر قىسمىڭلا ب د ت نى ئامرىكىنىڭ ب د ت سى دەپسىلەر ،بۇ ئانچە توغرا ئەمەس ،چۇنكى ب د ت نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن بىر تەشكىلات .ئۇ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قارارىغا تايىنىپ خىزمەت قىلىدۇ ،دۇنيادىكى 193دۆلەت ئىچىدە ئامرىكىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئەڭ چوڭ ،شۇنداق بولغاندىكىن ،ب د ت دىمۇ ئامرىكىنىڭ قارارىغا مايىل بولىشى تۇرغانلا گەپ .بۇ ھەرگىزمۇ ب د ت نىڭ ئامرىكىنىڭ كەتمىنىنى چاپقانلىقىدىن ئەمەس بەلكى ،كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئامرىكا تەرەپتە تۇرغانلىقى تۇپەيلىدىن كىلىپ چىققان ھادىسە .قاچان باشقا دۆلەتلەر ئامرىكىغا ياق دىيەلىسە ،ب د ت مۇ ياق دىيەلەيدۇ .ئەگەر سومالى ،نائۇرۇ دىگەندەك بىرەر كىچىك دۆلەت ب د ت دىن چىقىپ كەتسە ،ب د ت داۋاملىق خىزمەت قىلىۋىرىدۇ ،لېكىن ئامرىكا ،روسىيە ،جۇڭگۇ ،ياپۇنىيە دىگەندەك تەسىرى چوڭ دۆلەتلەر ب د ت دىن چىقىپ كەتسە ب د ت نىڭ نۇپۇزى چوشۇپ كېتىدۇ .

  • يامغۇر.
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-13

  • يەنىلا بىز شاھمات تاختىسىدىكى كىچىك ئۇرۇقلار.
    بۇلارنىڭ ئارقا ھويلىدىكى ئەبدىبەشرىسنى ئۆزلىرىلا بىلىشىدۇ.

  • جاۋاپ
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-14

  • ھوي سالمانكا ،نوچىسى ناتو شۇ ئامىركا ئەمەسمۇ؟

  • بىرىنجى بەت  ئالدىنقى بەت  كىيىنكى بەت  ئاخىرقى بەت       جەمىي 16 ئىنكاس    ھازىر 1 - بەت    ئۇمۇمىي 2 بەت
    باشبەتكە قايتىش