ئېرۇسالېم يەھۇدى ئىنىستىتۇتى تور بېتىدىكى بەزى بايانلار

ئېرۇسالېم يەھۇدى ئىنىستىتۇتى تور بېتىدىكى بەزى بايانلار

  • ئاقسۇ
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-02

  • ئېرۇسالېم يەھۇدى ئىنىستىتۇتى تور بېتىدىكى بەزى بايانلار

    پەن-تېخنىكا ، ئىقتىساد، ئۇچۇر تېخنىكىسى تەرەققى قىلىپ، يەر يۈزىدىكى كىشىلەر خۇددى بىر كەنىتتە ياشاۋاتقاندەك بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى زىددىيەتلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ھەم باشقىلارنىمۇ بىلىپ قۇيۇش زۆرۈر بولىدۇ.
    يەھۇدىلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ ناھايىتى ئاز نىسبىتىنى (بەلكىم سانى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىچىلىك باردۇ) ئىگىلەيدىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نامى دۇنياغا تونۇش. يەھۇدىلارنىڭ كۈچلۈك بولىشىنىڭ سەۋەپلىرى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ ئىپادىلىرىنى تونۇشتۇرغان ماقالىلار مۇنبەرگە يوللانغان ئىدى. يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا ، نىمىشقا شۇنداق بولۇپ قالىدۇ؟ دىگەن سۇئالغا ئىچكى ئامىللاردىنمۇ ئازراق خەۋەردار بولۇش ئارقىلىق جاۋاپقا ئېرىشىش مۇمكىن.
    بۇ يازمىنىڭ مەقسىدى يەھۇدىلار تۇغرىلۇق يەنە بەزى تەرەپلەردىن خەۋەردار بولۇپ قۇيۇش. يەھۇدىنىڭ بىر خەنزۇچە تور بېتىدىكى مەزمۇنلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بەزى قاراشلىرىنى تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى، يەھۇدىنىڭ قىلىۋاتقان ھەم قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنىڭ ئۇيغۇرغا ئالاقىسى بار-يوقلىقىنى ئويلاپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىپ ، تور بېتىدىكى بەزى مەزمۇنلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ باقماقچى بولۇپ بۇ يازمىنى يېزىۋاتىمەن. ( پەقەت بىر قىسىم مەزمۇنلارنى يازدىم، تەپسىلاتىنى بىلىپ باقماقچى بولغانلار شۇ بەتنىڭ ئۆزىنى كۆرگەيسىزلەر)، تور بېتىنى «يېرۇسالىم يەھۇدى مەكتىپى» دەپتۇ.

    ئۇلارنىڭ تور بېتىدە مۇنداق مەزمۇنلار باركەن:
    1
    كىملەر يەھۇدى؟
    «يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر يەھۇدى. »
    «ئاپىسى يەھۇدى بولغان كىشى يەھۇدى. يەنى يەھۇدى ئايال يەھۇدى ئەمەس بىر كىشىگە ياتلىق بولۇپ ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بالىلىرى يەھۇدى. يەھۇدى ئەر يەھۇدى ئەمەس بىر ئايالنى ئالسا بۇلارنىڭ بالىلىرى يەھۇدى ئەمەس. »

    يەھۇدى دىنىغا كىملەر ئىشىنىدۇ؟
    «يەھۇدى دىنىغا پەقەت يەھۇدىلارلا ئىشىنىدۇ. يەھۇدى ئەمەسلەر يەھۇدى دىنىغا ئىشىنىشى مۇمكىن ئەمەس. خىرىستىيان دىنى دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ خىرىستىيان بولىشىنى ئۈمىد ىەلىدۇ؛ ئىسلام دىنى دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ يەھۇدى دىنى بولسا، باشقىلارنىڭ يەھۇدى دىنىغا كىرىشكە نەسىھەت قىلمايلا قالماي، ئەكسىچە يەھۇدى دىنىغا ئىشەنمەسلىككە نەسىھەت قىلىدۇ. نىمىشقا باشقىلارنىڭ يەھۇدى دىنىغا كىرىشىنى قارشى ئالمايدۇ؟ دىگەندە، چۈنكى مىسال: خۇددى خۇجايىن بولغان كىشى ھەممە ئادەمنىڭ خۇجايىن بولۇشىنى خالىمايدۇ. »

    يەھۇدىنىڭ بۆكى(كىپا) نىمىشقا شۇنچە كىچىك؟
    «كىچىك بۆكنى باشقا ئارتىۋالغاندا ئەگەر ئېھتىيات قىلمىسا ق بۆك باشتىن چۈشۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، ھەر ۋاقىت ئېھتىيات قىلىش زۆرۈر بولىدۇ. ھەر ۋاقىت ئېھتىيات قىلمىساق، خۇدا بىزنى تاشلىۋېتىدۇ، ھەر ۋاقىت خۇدانىڭ سۆزىنى ئېسىمىزدە تۇتىشىمىز لازىم».

    نىمىشقا باشقىلار يەھۇدىلارنى ئەقىلىللىق دەيدۇ؟
    «چۈنكى باش بولۇش، قۇيرۇق بولماسلىق؛ ئۈستۈن بولۇش، تۆۋەن بولماسلىق خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى. باش بولۇش، ئۈستۈن بولۇش بولسا: رەھبەر بولۇش، كادىر بولۇش، باش مۇدىر بولۇش، رەئىس بولۇش، زوڭتۇڭ بولۇش، پەيلاسوپ بولۇش...
    خۇدانىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن يەھۇدى بىر دۆلەتنىڭ زوڭتۇڭى بولۇپلا قالماي، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ داھىسى بولىدۇ. مەسىلەن، مۇسا ئىسرالىيە يەھۇدىلارنىڭ داھىسى؛ ئەيسا ئامىرىكا ئەنگىلىيە فىرانسىيە قاتارلىق خىرىستىيانغا ئېتىقاد قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ داھىسى؛ ماركىس بولسا جۇڭگۇلۇقلارنىڭ كوڭزى لازىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان داھىسىدۇر».

    نىمىشقا يەھۇدى سالاھىيىتى ئاتا تەرەپتىن بولماي، ئانا تەرەپ بىلەن بەلگىلىنىدۇ؟
    «چۈنكى، بالا ئانىسى(يەھۇدى ئەمەس بولسا)نىڭ تەربىيىسىدە بۇتقا چوقۇنىدىغان بولىدۇ؛ يەھۇدى ئەر يەھۇدى ئەمەس ئايالنى ئېلىشى چوڭ گۇنا؛ يەھۇدى ئايال يەھۇدى ئەمەس ئەرگە ياتلىق بولىشى كىچىك گۇنا. »
    «يەھۇدىلار ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ئەقىللىق بولىدۇ. » ، «چۈنكى ، يەھۇدى ئايال يەھۇدى ئەمەس مىللەتلەر ئىچىدىكى باي، ئىقتىدارلىق، ئەقىللىق، تەسىر كۈچى چوڭ كىشىلەرگە تېگىپ، يەھۇدىغا ئەۋلات قالدۇرۇپ بېرىدۇ؛ »
    يەھۇدى ئايال يەھۇدى ئەمەس ئەرگە ياتلىق بولۇپ پەرزەنت كۆرگەندىن كېيىن كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتسە، بالىلىرى يەھۇدى ھىساپلىنىدىغان بولۇپ، تۇرمۇش خىراجىتى ۋە ئوقۇش راسخوتلىرى ھەقسىز ھالدا يەھۇدى ئىنسىتىتۇتىنىڭ تەربىيەلىشىدە بولىدۇ.

    «ئىسرالىيە دۆلىتى كەلگۈسىدە بىردىن-بىر، بىر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولۇپ شەكىللىنىدۇ»
    «چۈنكى، يەھۇدى ئايال ئاق تەنلىككە تېگىپ ئاق تەنلىك يەھۇدىلارنى تۇغىدۇ؛ سېرىق تەنلىكلەرگە تېگىپ سېرىق تەنلىك يەھۇدىلارنى تۇغىدۇ؛ قارا تەنلىككە تېگىپ قارا تەنلىك يەھۇدىلارنى تۇغىدۇ. ئىسرالىيە بارلىق مىللەتلەرنىڭ قېنى بار بولغان، ئەمما بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن ، بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەڭ ئىلغار گېنىنى قۇبۇل قىلغان ئىسرالىيە دۆلىتى بولىدۇ».
    بۇ مەزمۇنلار تۆۋەندىكى بەتنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنىكەن:
    http://66.147.244.103/~sixonet8/yahadut-files/Bne-YisraEl.htm


    2
    «يەھۇدى دىنىنىڭ 6 ئوغلىنىڭ تۆتىنچىسى ماركىسىزىم : خەلىق بولسا خۇدا، كومپارتىيە بولسا Mashiach. »
    «ماركىس كومپارتىيەنىڭ ۋۇجۇتقا كەلتۈرگۈچىسى. ماركىسنىڭ نەسەبى ساپ يەھۇدى ، يەنى ئاتا-ئانىسى ئىككىلىسى يەھۇدى»
    «ماركىس نىمە ئۈچۈن ماتىريالىزىمنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ؟»
    «بىر تەمسىل: بىر ئاتا قىزىغا مەن سېنىڭ ئاتاڭ، سېنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئالىمەن، قوغدايمەن دەيدۇ. كېيىن بۇ قىز بىر توپ باندىتلارنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچراپ قاتتىق ئازاپلىنىپ، ۋاقىراپ، قارشىلىق كۆرسىتىدۇ؛ بۇ ئاتا ھېچنىمە دىمەي ياندا قاراپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قىز ئۇنى تىللايدۇ، ماڭا ئاتا بولۇشقا يارىمايسەن دەپ تىللايدۇ. بۇ قىز ئسرالىيە، يەھۇدىلاردۇر؛ ئاتا بولسا خۇدا »
    جۇڭگونىڭ ماركىسىزىمنى تاللىشى تۇغرىمۇ؟
    «جۇڭگو موسا، ئەيسا ۋە ماركىستىن بىرىنى تاللىماي باشقا تاللىشى يوق»
    بۇ مەزمۇن مۇنۇ بەتتە:
    http://66.147.244.103/~sixonet8/yahadut-files/Bne-Tora.htm

    3
    ئىسرالىيە دۆلىتى قايسى قىتئەگە تەۋە؟
    «ئىسرالىيە جۇغراپىيە جەھتتىن ئاسىياغا تەۋە، سىياسى جەھتتە ياۋرۇواغا تەۋە؛ دىن جەھەتتە ئىسرالىيە قىتئەسىگە تەۋە. يەنى ئىسرالىيە بەش قىتئەدىن ئايرىم بىر قىتئە».

    نىمىشقا ئىسرالىيە شۇنچە كىچىك، ئەمما تەسىر كۈچى شۇنچە چوڭ؟
    «خاتا! ئىسرالىيە بېيجىڭدىن چوڭ! بېيجىڭنىڭ 1.5 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ.»

    بۇنداق سېلىشتۇرغىلى بۇلامدۇ؟ ئىسرالىيە دۆلەت، ئەمما بېيجىڭ دىگەن پايتەخت تۇرسا؟
    «خاتا! ئىسرالىيەمۇ پايتەخت! جۇغراپىيە نۇقتىسىدىن ئىسرالىيە پۈتۈن دۇنيانىڭ پايتەختى. دىن نۇقتىسىدىن ئىسرالىيە 3 دىننىڭ تارقالغان مەركىزى. ئسرالىيە ناھايىتى چوڭ.»
    [attach]2880[/attach]
    ئامىرىكا نىمىشقا ئىراققا ھۇجۇم قىلىدۇ؟
    «چۈنكى، ئىراق ئىسرالىيەگە باشقۇرىلىدىغان بومبا ئاتقان. ئىسرالىيە ئامىرىكىنىڭ 51-شىتاتى. ئىسرالىيەگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ئامىرىكىغا ھۇجۇم قىلغان بىلەن ئوخشاش».

    4
    كىملەر يەھۇدى؟
    «ئەگەر بىر ئادەم كەلگۈسىدە يەھۇدى بولسا، ئۇ ھازىرمۇ يەھۇدى. ئەگەر بىر كىشى كەلگۈسىدە يەھۇدى ئەمەس بولسا، ئۇ ھازىرمۇ يەھۇدى ئەمەس.»
    [attach]2876[/attach]
    «رەسىمدىكى يۇقۇرىغا قاراپ تۇرغان ئۈچ بۇلۇڭ: ئىسرالىيە، يېرۇسالىم، Har haBait كە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛
    ئۇتتۇرىدىكى كۆز: خۇدا ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ؛
    تۆۋەنگە قارىغان ئۈچ بۇلۇڭ: ئۈچ قايچا، سىرتقا قارىتا كېڭىيىش، ھەم ئىچىگە يىغىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛
    سول يۇقۇرىدىكى قايچا يېرۇسالىم مەركەزلىكىدىكى غەربى -شىمال تەرەپ ياۋرۇپا -ئاق تەنلىك يەھۇدى؛
    ئوڭ يۇقۇرىدىكى قايچا يېرۇسالىم مەركەزلىكىدىكى شەرىق-شىمال تەرەپ يەنى ئاسىيا -سېرىق تەنلىك يەھۇىدى؛
    تۆۋەندىكى قايچا: يېرۇسالىم مەركەزلىكىدىكى جەنۇپ تەرەپ ئافرىقا -قارا تەنلىك يەھۇدى. »

    جۇڭگۇلۇقلار يەھۇدى دىنىغا قانداق كىرىدۇ؟
    «جۇڭگۇلۇقلارنىڭ يەھۇدى دىنىغا كىرمىكى تەس. »
    جۇڭگۇدا نىمىشقا دىن تەشۋىق قىلىش چەكلەنگەن؟
    «چۈنكى جۇڭگۇدا ھۆكۈمەت تەرەپ ئېتىراپ قىلىدىغان ئېتىقاد ماركىسىزىم. ماركىسىزىم بارلىق دىنلارنى ئىنكار قىلىدۇ، دىنلارنىڭ ھەممىسىنى ماركىسىزىمنىڭ يۇشۇرۇن دۈشمىنى دەپ قارايدۇ».
    جۇڭگۇلۇقلار نىمىشقا ماركىسىزىمنى تاللىغان؟
    «بۇتقا چوقۇنۇشنى تۈگىتىش خۇدانىڭ بۇيرۇقى. 10 پەرھىزنىڭ بىرى. ماركىسىزىم جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇتقا چوقۇنۇشىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە يوقۇتىشىغا ياردەم قىلىپ، كېيىن يەھۇدى دىنىنىڭ جۇڭگۇغا كىرىشىدىكى توسالغۇلارنى تازىلايدۇ. باشقا دىنلار بۇ ئىشنى قىلالمايدۇ».
    «خرىستىيان دىنى ۋە ئىسلام دىنىمۇ بۇتقا چوقۇنۇشقا قارشىغۇ؟»
    «چۈنكى خرىستىيان دىنى ۋە ئىسلام دىنى يەھۇدى دىنىدىكى دەم ئېلىش كۈنىگە ۋە تېفىلىن تاقاشقا قارشى تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇلار بۇتقا چوقۇنغان بولىدۇ».
    «10 يىللىق مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى جۇڭگۇنىڭ 2500 يىللىق تارىخىدىكى چوڭ بىر تارىخي بۇرۇلۇشىدۇر. »
    نىمىشقا كومپارتىيە گومىنداڭغا قارىغاندا خەلقارادا سەھنىسىدە سىياسى ئۈستۈنلۈكتە بولىدۇ؟
    «چۈنكى گومىنداڭ بۇتقا چوقۇنىدۇ، كومپارتىيە بۇتقا چوقۇنمايدۇ. دۇنيادا 200 نەچچە دۆلەتنىڭ ئىچىدە دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى باشلىقىنىڭ بۇتقا چوقۇنمايدىغانلىرىدىن پەقەت ئىسرالىيە بىلەن جۇڭگۇ بار.»
    [attach]2879[/attach]

    «جۇڭگۇ سەھىيە نازارىتىنىڭ بەلگىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نىمىشقا يىلان بار؟»
    «چۈنكى بۇ خۇدانىڭ بۇيرۇقى. بۇ يىلاننى ئەيسا بىلەن ئوخشاش قاراشقا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى يىلان دىگەن. ماركوفدىن كەلگەن خۇش خەۋەر 3:14 دە.؛
    بۇ يىلاننى ئەجدىھار دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى جۇڭگولۇقلار خۇداغا ئىشەنمەيدۇ، ئەجدىھار جۇڭگۇلۇقلارنى باشقۇرىدۇ؛
    بۇ يىلاننى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىلەن ئوخشاش قاراشقا بولىدۇ. جۇڭگۇدا كومپارتىيەنى تىللىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ.»

    تۆۋەندىكى ئادېرس بولسا ئېرۇسالېم يەھۇدى ئىنىستىتۇتىنىڭ خەنچە تور ئادېرسى:[font=Alpida Unicode System, Alp Ekran, UKIJ tuz tom, Alkatip tor, Microsoft Uighur, Tahoma, Helvetica, SimSun, sans-serif]http://66.147.244.103/~sixonet8/yahadut-files/Yehudi-sini.htm[/font]

    يۇقۇرقىلار ئەشۇ تور بەتتىكى گەپلەر. شۇڭا مەزمۇنىنى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويدۇم. يەھۇدىنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىنى ئاز تۇلا بىلگىلى بولغۇدەك.
    يەھۇدىنىڭ يۇقۇرقى تور بېتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئوقۇپ يەھۇدىلارنى بىر مىللەت دىگەندىن كۆرە، بىر تەشكىلات دىسە ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتىگە تېخمۇ ماس كېلىدىغاندەك ھېس قىلدىم.


    مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى

  • تۇنجى
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-02

  • مەن بۇ يازمىنى ناھايتتى بىر تەرەپلىمە دەپ قارىدىم

  • يامغۇر.
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-02

  • يەھۇدىيلارنىڭ سۈيقەستى پۈتۈن دۇنيانى قاپلاپ بولدى، تارىخمۇ ئۇزۇن،
    ماسسونلار مۇشۇ يەھۇدىيلار ئەمەسمۇ، بىزگە ئەڭ چوڭ دۈشمەن شۇ شەيتان تەشكىلاتى.يەر يۈزىدە بىرسى باش كۆتۈرۈپ چىقسىلا ئارقىسىدا بۇ تەشكىلات پەيدا بولىدۇ،دىگىنىگە كۆنمىسە جېكسوندەك بولىدىغان گەپ.................
    ھەي.....

  • پالۋان
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-02

  • كەلگۈسىدە ھەممىسى قىرىلىپ يوقىلىدىغان مىللەت ....................

  • تۇنجى
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-03

  • 引用:
    يامغۇر. يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 22:23
    يەھۇدىيلارنىڭ سۈيقەستى پۈتۈن دۇنيانى قاپلاپ بولدى، تا ...


    دۇنيانى كونتىرول قىلىۋاتقان ماسون تەشكىلاتى بىر ئەپسانە خالاس

  • ئوتۇنچى
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-03

  • ھاھاھاھاھا ھەممىسى قۇرۇق سەپسەتە ...................... ئاللاھ بىردۇر !!!

  • ئاقسۇ
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-03

  • ئۈرۈمچىگە مېڭىشتىن بۇرۇن يوللىۋېتىپ ماڭغان ئۈرۈمچىگە كېلىپ تېمىنى ئاچسام،
    بىرەر تالمۇ تېمىنى چۆرىدىگەن نەق ئىنكاس چۈشمەپتۇ.....
    بۇ يەردە ماسون تەشكىلاتىنىڭ گېپى ئەمەس يەھۇدىيلارنىڭ گېپى بولۇنىۋاتىدۇ....
    ئاۋۇ ئۇلىنىش ئادېرسىدىكى ھەممىسىنى تەرجىمە قىلسا تازا ئوبدان بولمىغاچقا ئالدىنقى قىسىمى
    تەرجىمە قىلىپ يوللانغان شۇ ئۇلىنىشتىن تېمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققانلا يوقكەندە قارىغاندا....
    توربەت سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىغىدىن بولۇشىمۇ مومكىن... ھەر خىل ئېھتىماللىقنى ئويلىغاندا....

  • بورھان730
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-03

  • بۇ مىللەتنىڭ بارغانسىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ كىتىۋاتقانلىقىدىكى سەۋەپلەر.بىز ئويلىغاندىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ، ئەگەردە باشقا مىللەت توپى ئىچىدىن بىرەر ئىقتىدارلىق ئادەم چىقسا. ئۇ ئادەمدىن شۇ توپتىكى مىللىتى ۋە باشقا مىللەت ئارسىدا ئازدۇر كۆپتۇر تەسىر قالدۇرالايدۇ، ئەمما بۇلار دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە. سىرتقى قىياپىتىدە بۇلارغا تەسىر قىلغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيە كۆز قاراشلىرىدا ئۇنى چوڭ بىلىپ يۈرمەيدۇ ۋە مەنسىتمەيدۇ.چۈنكى ئۇلارنى ھامان ئۆز كونتىروللىقىغا 99% ئالالايدىغانلىقىنى ئەسلىدىكى ئەمىلي ھەركىتىدە باشقىلارنىڭ ئەقىل جەھەتتىن ئاجىز كىلىپ قىلىشى ئارقىلىق نوقسانسىز كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ.مانا بۇ بۇلاردىكى مۇھىم ئۆستۈنلۈكنىڭ ئادەتتىكى بىر پارچىسى خالاس،
    مەن بۇ مىللەتنى باھالاش جەھەتتە كىچىككىنە ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ شۇقەدەر بىر كەمچىلىككە تولغان بىر ئىنسان ئىكەنلىكىمنى مەجبۇرى ئىسپاتلاپ بەرگىنىدە .مەندىكى كۆتۈرەڭگۈ روھنى كۆكتىكى شامال ئۇچۇرۇپ ئوينايدىغان بۇرۇتقا ئايلاندۇرۇپ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشتىكى سەۋەبنى ئاجىزلاشتۇرماقتا.
    چۈنكى بۇلار ئالتۇن قاچىلانغان تاغارغا ئوخشىسا شۇلار ئەتراتىدىكى بىز ۋە باشقىلار قۇرۇق قىممىتى يوق ئەخلەت خالتىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن،

  • پەلەك
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-04

  • 引用:
    بورھان730 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 00:16
    بۇ مىللەتنىڭ بارغانسىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ كىتىۋات ...


    بۇ قەدەر ئويلاپ كىتىشىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىمەن.سىزنىڭچە بولغاندا ئۇلار ئالتۇن تاغار، بىز قۇرۇق ئەخلەتمۇ؟

  • تۇنجى
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-04

  • [i=s] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۇنجى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-4 14:10 [/i]

    引用:
    ئاقسۇ يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 19:54
    ئۈرۈمچىگە مېڭىشتىن بۇرۇن يوللىۋېتىپ ماڭغان ئۈرۈمچىگە ...

    ھاھا ....بۇ تىما ئىزدىنىشتا بەك قىززىغان .بۇ مۇنبەرنىڭ ئادەم سانى ئىزدىنىشقا قارىغاندا خىلى ئاز شۇڭا ئۇنىڭدەك قىززىماسلىقى ئىنىق .

    مەن ئۇلىنىش ئادرىسىغا چىقىپ ئاز تولا كۆرۇپ باقتىم .يەھۇدىي مىللەتچىلىك ئىدىيەسى ئىنتايىن كۇچلۇككەن.يەھۇدىي ئىنىستۇتى ئاق تەنلىك يەھۇدىي ،قاراتەنلىك يەھۇدىي ،سېرىق تەنلىك يەھۇدىي دىگىنىگە قارىغاندا يەھۇدىي مىللىتىنى ئەمەس ،يەھۇدىي دىنىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنى قۇبۇل قىلىدىغان ،يەھۇدىي دىنىنى تەشۋىق قىلىدىغان جاي بولسا كىرەك .

  • يامغۇر.
    يوللانغان ۋاقتى :2014-09-04

  • 引用:
    تۇنجى يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 08:13
    دۇنيانى كونتىرول قىلىۋاتقان ماسون تەشكىلاتى بىر ئەپس ...


    ئۇ ئەپسانە ئەمەس، ھەم دۇنيانى پۈتۈنلەي كونتىرولمۇ قىلالمىغان، بۇ تەشكىلاتنىڭ كۈچى خېلى بار، يەنى تەسىرى..........

  • بىرىنجى بەت  ئالدىنقى بەت  كىيىنكى بەت  ئاخىرقى بەت       جەمىي 24 ئىنكاس    ھازىر 1 - بەت    ئۇمۇمىي 3 بەت
    باشبەتكە قايتىش