بىچارە پادىشاھ - ئەيسىجىرو پۇيى

بىچارە پادىشاھ - ئەيسىجىرو پۇيى

  • admin
    يوللانغان ۋاقتى :2014-08-17

  • چىڭ سۇلالىسى پادىشالىرىدىن كاڭشى چىەنلوڭدىن قالسا كۆپچىلىككە ئەڭ تونۇشلۇق پادىشاھ پۇيى بولسا كېرەك .
    [attach]2869[/attach]
    [attach]2870[/attach]
    [attach]2871[/attach]


    چۇنكى ئۇنىڭ ھاياتى نۇرغۇنلىغان ئوڭۇشسىزلىق ۋە باشقىلارنىڭ پايدىلىنىش ئوبىكتى بولۇشتەك سىياسى ئويۇنلارنىڭ قۇربانى بولۇپ ئۆتكەن .
    ئۇچ ياشتا تەخىتكە ئولتۇرغان پۇيى نەچچە خىل ھاكىمىيەتلەرنى ئۆز بېشىدىن كۆچۈرگەن . 1912 - يىلى پۇيى يۈەنشىكەينىڭ مەجبۇرلىشى ۋە كىيىنكى نەپىقە پۇلى بېرىش تەكلىبىگە قوشۇلۇپ تەخىتتىن چۈشكەنلىكىنى جاكارلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن مانجۇلارنىڭ جوڭگونى باشقۇرىشى ئاساسى جەھەتتىن ئاخىرلىشىدۇ . ئەمما پۇيىنىڭ قالايماقانچىلىققا تولغان ھاياتى باشلىنىدۇ . 1917 - يىلى 7-ئاينىڭ 1- كۈنى جاڭشۈن پايتەخىتكە ھۇجۇم قىلىپ ئالغاندىن كىين پۇيىنى تەخىتكە قايتا ئولتۇرغۇزدى ئەمما بۇ قېتىملىق تەخىتتە ئولتۇرۇش پەقەت 12 كۈنلا داۋام ئەتتى . 1932 - يىلى ياپونلار شەرقى شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىدە مانجۇرىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ پۇيىنى پادىشاھ قىلىپ بەلگىلەيدۇ . 1945 - يىلى 8- ئاينىڭ 15 - كۈنى ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغاندىن كىيىن 8- ئاينىڭ 17 - كۈنى پۇيى ياپونىيەگە قېچىپ كېتىۋاتقاندا سوۋىت ئارمىيەسى تەرپىدىن تۇتۇلۇپ سىبىريەدە 5 يىل تۇتۇپ تۇرلىدۇ . 1950 - يىلى سوۋىت ئىتپاقى جۇڭگونى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن پۇيىنى دۆلىتىمىزگە ئۆتكۈزۈپ بېردۇ . دۆلتىمىزدە 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ . 1959 - يىلى جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى ئالى سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن قاماقتىن بوشىتىلىدۇ . مەملىكەتلىك مەدەنىيەت ۋە تارىخ ماتىرىياللىرى ھەئىيتىنىڭ ئەزاسى ، 1964 - يىلى مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان. 1967 - يىلى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بېيجىڭدا ئالەمدىن ئۆتكەن .

    پۇيىنىڭ ھاياتى .
    چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بولغان چاغدىكى پۇيى - پۇتۇن جاھان مېنىڭكى .
    گۇمىنداڭ دەۋرىدىكى پۇيى - مەن جۇڭخۇا مىڭگونىڭ ئاددى پۇقراسى بولۇشنى خالايمەن .
    مانجۇرىيە دەۋرىدىكى پۇيى - مانجۇرىيە مانجۇلارنىڭ مانجۇرىيەسى ، ھەرگىز جۇڭگونىڭ مانجۇرىيەسى ئەمەس .
    ياپونغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدىكى پۇيى - شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گۇلىنىش چەمبىركى ياشسۇن . ياپونىيە پادىشاھى ياشىسۇن !.
    سوۋىت سىبىريەسىدىكى پۇيى - مېنى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۋەتمەڭلار مەن سوۋىت ئىتپاقىدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىشنى خالايمەن .
    جۇڭگوغا قايتۇرۇلغاندىن كىيىنكى پۇيى -ئەمدى تونۇپ يەتتىم مەن ئەسلدە جۇڭخۇ خەلىق جۇمھۇرىتىنىڭ پۇقراسى ئىكەنمەن .

  • admin
    يوللانغان ۋاقتى :2014-08-17

  • ئاڭلىسام پۇيىنىڭ مانجۇرىيە دەۋرىدە ياپونىيەدە ياپونىيە پادىشاھى ئوردىسىنىڭ يېنىغاراق سالدۇرغان داچىسى بارمىش . كىيىن ئۇنى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا ياتاق قىلىپ بەرگەنمىش .

  • تۇنجى
    يوللانغان ۋاقتى :2014-08-18

  • تەخىتتىن چۇشىدىغانلىقىنى جاكارلايدىغان ۋاقىتتا ئوردىدىكى قىرى ئەمەلدارلار پۇيىنىڭ ئانىسىغا بىيجىڭدىن كىتىپ مانجۇرىيەگە(شەرقى شىمالدىكى ئۇچ ئۆلكە) پادىشاھ بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.بۇنىڭغا يۆن شىكەيمۇ،جەنۇپتىكى ئىنقىلاپچىلارمۇ قوشۇلۇپتىكەن، ئەينى ۋاقىتتا پۇيىنىڭ ئانىسى نېمىلەرنى ئويلىغان بويغىيتىكى تاڭ بۇنى رەت قىلىپتىكەن .شۇنىڭ بىلەن مانجۇلارمۇ جۇڭگۇنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالدى.

  • نەۋائى
    يوللانغان ۋاقتى :2014-08-18

  • تېخى تۈنۈگۈن ئاخشاملا بۇنىڭ كىنۇسىنى كۆرگەنتىم .....

  • بىناۋا
    يوللانغان ۋاقتى :2014-08-18

  • مانجۇلارنىڭ تەختىلا ئەمەس،ئەۋلادلىرىمۇ بىراقلا تۈگىشىپتىكەن شۇ چاغدا.بۇ --ئاچچىق تارىخىي ساۋاق.

  • جاۋاپ
    يوللانغان ۋاقتى :2014-08-18

  • چىڭ پادىشالىغىنى قۇرغۇچى، ئەيسىجىرو ئەۋلادىنىڭ باش يول باشچىسى نۇرقاشنىڭ خارلانغان ، ئاقارەتلەنگەن بۇزەك قىلىنغان ئاخىرقى ئەۋلادى بىچارە پۇيى

  • نەزەر
    يوللانغان ۋاقتى :2014-08-18

  • پۇيى نىمانداق بىچارە؟...

  • نەزەر
    يوللانغان ۋاقتى :2014-08-19

  • شۇنداق، پالۋانىمىزنىڭ بۇرۇنقى قەبرىسىنىڭ سۈرىتى.

  • سالمان
    يوللانغان ۋاقتى :2014-08-19

  • يەنىلام پارتىيىمىز دانا ، ئۆزىنىڭ پايپاق-ئىشتىنىنىمۇ ئوڭلاپ كىيەلمەيدىغان بىر پادىشانى(تىلىۋىزىيە فىلىمىدە شۇنداق تەسۋىرلەيدۇ) ئەدەم قىلىپ مەملىكەتلىك مەدەنىيەت ۋە تارىخ ماتىرىياللىرى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى،مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى قىلىپ تەربىيىلەپتۇ. پۇيى ئۇدۇنياغا تۇمەنمىڭ يىللار رازى بولۇپ كىتىپتۇدە.

  • كۈرەش
    يوللانغان ۋاقتى :2014-08-20

  • قاياقنىڭ شامىلى ئىسسىق بولسا شۇياققا يەلپۈنىدىغان يۇمىلاق تاۋۇز نىمىكەن بۇ،

  • ساداقەت
    يوللانغان ۋاقتى :2014-08-20

  • توغرا ، ئەگەر شۇنداق يۇمىلاق تاۋۇز بولۋالمىسا ، پويىز ۋەقەسى ياكى ئايروپىلان ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كىتىشى تۇرغانلا گەپ.

  • بىرىنجى بەت  ئالدىنقى بەت  كىيىنكى بەت  ئاخىرقى بەت       جەمىي 14 ئىنكاس    ھازىر 1 - بەت    ئۇمۇمىي 2 بەت
    باشبەتكە قايتىش