ئۇيغۇر تارىخى-ئىشەنگۇسىز رېۋايەتلەر(ئاخىرقى قىسمى)

ئۇيغۇر تارىخى-ئىشەنگۇسىز رېۋايەتلەر(ئاخىرقى قىسمى)

  • سالمان
    يوللانغان ۋاقتى :2013-12-29

  • [i=s] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سالمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-29 12:32 [/i]


    ئۇيغۇر تارىخى-ئىشەنگۇسىز رېۋايەتلەر

    (11)
    بىز ئالدىنقى بايانلىرىمىزدا كۇرسۇتۇپ ئۇتتۇق،قاراقۇرۇم ئاراچلىرىداجان ساخلاپ قالغان ئۇيغۇرلار كۇپۇيۇپ-ئاۋۇغاندىن كىيىن يۇرتىمىزنىڭ پايتەختى دەپ يەنە شىمالغا، توغرىراغى ئۇتۇكەن بويلىرىغا كۇچۇپباردى دەپ،ئەنە شۇلار توپان بالاسىدىن بۇرۇنقى بۇيۇك كۇن قاغاناتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن دەۋلەت قۇرۇشتى،قۇرۇلغانبۇ قاغاناتلىقنى پەقەت (ھون) دەپ تەلەپپۇز قىلىشتى،شۇنداقلائۇلار بۇ يەردىكى ئىلگىرىكى مۇنبەت ئىتىز-ئىرىق،باغۇ-بوستانلار ئورنىغا پەيدا بولغانقاقرام تاغ،پايانسىز چۇللەرنىڭ ئىقلىملىق تەسىرىدىن بارا-بارا چىرايلىرى تاغلىقلارغا ئوخشاپ قالغىلى تۇردى[size=12pt].
    ئۇلارنىڭ ئالدىدا مۇشكۇل ۋەزىپىلەر تۇراتتى،ئۇ بولسىمۇتېزىپ كەتكەن ئەللەرنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ئىدى،بۇ ۋەجىدىن ھەربى يۇرۇشلەرنى ئىلىپ بىرىپبۇرۇنقى ئۇيغۇرقاغاناتلىقدائىرىسىدە بىرلىككە كەلتۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلىپ باردى[/size].

    [img=417,343]http://i615.photobucket.com/albums/tt240/urdek/herite5.gif[/img]
    ئالدى بىلەن غەرىپكە سەپەر قىلىپ تاكى دوناي دەرياسىغىچەيىتىپ باردى،ھەم ئۇ دەرياغا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەگرى-دوناينى بىلدۇرىدىغان (دوناي) نى ئىسىم قىلىپ قوللۇنۇشتى.
    سەپەر جەريانىدا ئورۇسلارنىڭ خانى ھەربى يۇرۇشنىڭقۇماندانى ئوغۇزخانغا (بىز سىنىڭ ئۇرۇقىڭدىن بولىمىز ) دەپ ئۇزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادى ئىكەنلىكلىرىنى بايان قىلىشتى.ئاندىنجەنۇپقا قاراپ مىڭىپ مىسىر تاكى ئىران-ھىندىستانغىچە بىرلىككە كەلتۇردى،كىيىن شەرىققە قاراپ مىڭىپئۇز ئالدىغا باش-باشتاقبولۇۋىلىشقان سىيانپى-جۇرجىتلارنى باش ئەگدۇردى.يەنىمۇ جەنۇپقا يول ئىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى،چۇنكىسارى ئۇگۇز ۋە كۇك دەريا ۋادىلىرى ئۇ چاغلاردا تېخىچە سۇ ئىچىدە ئىدى.
    ئوغۇزخاندىن كىيىن ئاتىللانىڭ ئاتىسى غەرىپتىكى مۇستەقىل بولىۋالغانلارغاقايتا جازا يۇرۇشى قىلدى.تاكى رىمنى باش ئەگدۇرگىچە يۇرۇش توختىمىدى.
    مۇشۇ مەزگىللەردە سارى ئۇگۇز تەرەپلەرگە كۇچۇپ بىرىپ سىيانپىلاربىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بىرقىسىم باش-باشتاق ھونلار ئايرىم خانلىق تىكلەۋىلىشقان ئىدى،ئۇلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىندى.بۇھۇجۇملار نەتىجىسىدە پارچە پارچە سېپىللار پەيدا بولدى،كىيىنرەك بۇ سېپىللار كىيىن پەيدا بولغانبۇلۇنمە ھاكىمىيەتلەرنىڭ كۇچ چىقىرىشى بىلەن بىرلەشتۇرۇلدى ۋە چىن سېپىلى دەپ ئاتالدى.

    [img=337,244]http://i615.photobucket.com/albums/tt240/urdek/herite6.jpg[/img]

    (12)
    ئوغۇزخان بۇيۇك ئۇيغۇر قاغاناتلىقىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇندۇنياۋى يۇرۇشكە ئاتلىنىدۇ،ئۇ ئابا-ئەجدادىدىن ئاڭلاپ كەلگەن تارىخى ھىكايەتلەر بويىچە ئاۋال ئۇز ئەتراپىغا ئۇيۇشقان قېرىنداشلىرىنى قەدىمىئانا زىمىن ((مۇ ))دىكى ئاتىلىشى بويىچە ((ئۇيغۇر))دەپ ئاتاپ ،ئەينىۋاقىتتا ((خەلىق ))دىگەن ئۇقۇمغا ئايلىنىپ كەتكە ن(( ئۇيغۇر))دىگەن نامنى ئۇز توپىغائىسىم قىلىپ قوللاندى.
    ئاندىن دۇنياۋى يۇرۇشكە ئاتلىنىدۇ،نىشاننى سۇ بىسىپ پاتقاققا ئايلانغانئوتتۇرا تۇزلەڭلىك ۋە ئۇنۇڭ جەنۇبىدىكى يەرلەرگە قاراتماستىن بەلكى باشباشتاق بولىۋالغان غەربى زىمىنلارغا قارىتىدۇ ھەم يول بويى نۇرغۇنزىمىنلارنى ئىشخال قىلىپ ئۇ يەرلەرگە ئۇز كىشىلىرىنى قويىدۇ،كىيىنچەرەك بۇ كىشىلىرى بىر قەۋىمگە ئايلىنىپئوغۇزخان ئىشلەتكەن لەقەبلەر بويىچە ئاتىلىپ ئۇلۇس-ئايماقلار تەشكىل تاپىدۇ.غەرىپكە ماڭغانسىرى ئورمان كىشىلىرىگە يولۇقىدۇ،ئۇلارغا بىلىم ۋەمەدەنىيەت تارقىتىدۇ،ھەر-بىر دەريا -ئۇتەڭلەرگە،تاغلارغا ئىسىم قويۇپ ماڭىدۇ،مىسالەن:ئېتىل دەرياسى،ئالىپتاغلىرى،قارپات تاغلىرى،دوناي دەرياسى،قارا دېڭىز،قىرىم ئارىلى،ساقلاپ-((سىلاۋىيان))لار،قەسپى دېڭىزى،ئارال دېڭىزى،ئارال تاغلىرى دىگەندەك.
    دۇنيانى بەرقارار تاپقۇزغاندىن كىيىن ئوغۇزخان ئۇز يۇرتىغا قايتىدۇۋە بالىلىرىغا زىمىننى ياخشى ئىدارە قىلىشلىرى ئۇچۇن تەرەپلەرگە مەسئۇل قىلىپ ئالەمدىن قايتىدۇ.
    ئۇنىڭدىن كىيىن ئاتىللا چىقىدۇ،ئۇ پادىشا مىدۇغ نىڭ ئالدىنقى ئايالىدىن بولغان بالىسىبولۇپ ئون ياشلار ئەتراپىدا دۇشمەنلەرنىڭ بىر قىتىملىق ھۇجۇمىدا ((جەڭدىن قېچىپ مۇكۇنىۋالدىڭ ))دىگەنئەيىپ بىلەن قاتتىققامچا جازاسىغا ئۇچرايدۇ.غەزەپلەنگەن ئاتىللا كىچىسى دادىسىنى ئۇخلاۋاتقىنىدا ئۇلتۇرىۋەتمەكچى بولغاندا تۇيغۇن دادىسىسېزىپ قىلىپ رومغا تورغاقلىققا ئەۋەتىدۇ.

    [img=350,280]http://i615.photobucket.com/albums/tt240/urdek/herite7.jpg[/img]
    ئۇ رۇمدا تورغاقلىقتا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپتۇ.ئەسلىدەئاتىللا رۇمغا يولغا چىقىشى بىلەنلا ئوۋغا چىققان دادىسى ئوۋ قوغلاپ كىتىپ بىرىپ قارىغايغائۇسۇۋالىدۇ،شۇنۇڭ بىلەن ئۇلىدۇ،ئورنىغا كىچىك بالىسى خان بولىدۇ. كىين ئۇمۇ ئۇلۇپ كىتىدۇ ، ئاتىللا تورغاقلىقتىنقايتىپ كىلىپ خانلىقنى قولىغا ئالىدۇ ۋە قىسقا مۇددەتتە رۇمدىكى تورغاقلىق ۋاختىدا كۇڭلىگە پىشۇرىۋالغىنى بۇيىچە ناھايىتى تېزلىك بىلەنھەربى ئۇستۇنلۇكنى بەرپا قىلىدۇ
    ئاخىرىدا شۇنداق زور بىر ھۇجۇمنى باشلايدىكىن پۇتكۇل ياۋرۇپا ئاستىن-ئۇستۇنبولۇپ كىتىدۇ.كىيىن ئۇ ئاتىللا ياۋرۇپادىكى بىر بەگنىڭ يۇشۇرۇن ھىلىسى بىلەن ۋاپات قىلىدۇ.
    ئاتىللادىن ھازىر دۇنيادا ۋېنگرىيە دىگەن دەۋلەت ساخلىنىپ قالىدۇ،تېخىيېقىندىلا 100 مىڭغا يېقىن ۋېنگېرىيەلىك ئۇزلىرىنى بىۋاستە ئاتىللانىڭ ئەۋلادىمىز دەپ دەۋا قىلىشىۋاتىدۇ
    دىققەت:
    بۇگۇنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا ئامېرىكا جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭجۇغراپىيە تېلىۋىزىيە قانىلىدا نەچچە يىللىق گىن تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپتۇ،ئۇنىڭدادىيىلىشىچە ئىنسانلار ئافرىقا قىتئەسىدىن دۇنياغا تارقىلىپ بۇندىن 70000-80000 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرائاسىيا-تارىمغا كىلىپ ماكانلاشقان،ئۇلاردىن بىركىشى شۇ قەدىم ئىنسان تۇركۇمىدىن بولۇپ چىقتى،ئۇنىڭقىنىدىن شۇ خىل گىنچىقتى،ئۇ ھازىر قازاقىستاندا،ئىسمى ---نىياز كىرىم. --- ئۇيغۇر.
    مانا بۇ بىز دەۋاتقان يەر شارى ئىنسانلىرىنىڭ ئەجدادى شۇ.



    (13)
    ئۇيغۇر قاغاناتلىقىنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ھەققىدە ھازىرقىئىران زىمىنىغا بىرىپ ئولتۇراقلاشقانلارنىڭمۇ ئۇزىگە چۇشلۇق قاراشلىرى بولغاچ قوغدۇنۇشى نىسبەتەنئاجىز دەپ ھىساپلىغانتۇران ئىلىگە ھۇجۇم باشلايدۇ،شىددەت بىلەن قىلىنغان ھۇجۇم تاكى ئامۇ-سىر دەريالىرىدىن ھالقىپ ئالىپئەر تۇڭا نىڭ پايتەختى ھىساپلانمىش قەشقەر گە تايىنلىق 200كىلومېترچىلىك ئارىلىققالىدۇ ۋە مۇھىم قوغدىنىش ئىستىھكام شەھەرچىسى بارچۇق نىڭ ئۇدۇلىغا كىلىپ بىراقلا توختايدۇ.
    چۇنكى بۇ يەردە ئالىپ ئەر تۇڭا نىڭ مۇھىم ئەسكىرى قىسمى ئۇلارنىتوسۇپ ياتقان ئىدى.
    جەڭ شۇ قەدەر دەھشەتلىك بولدىكى ئىرانىلارمۇشۇ شەھەرنى ئالالمىسا چىكىنىشيولى پۇتۇنلەي دەشىتى-باياۋاندىن ئۇتەتتى،شۇڭا ئۇلارھەممە ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سالدى، يىڭەلمىدى.
    ئەينى چاغدا بارچۇق شەھىرى غەرىپ تەرىپى تىك ،شەرقى تەرىپىيانتۇ كەلگەن قوغدۇنۇشقا ئەپلىك ئورۇن ئىدى،ئۇنۇڭ ئۇستىگە غەربى تەرىپىنى ئۇچ قەۋەت سېپىل بىلەنئوراپ ئىككى تاغ ئارىسىنىتۇتاشتۇرغان ئىدى.تاغ ئۇستىدە ئالىپ ئەر تۇڭا نىڭ جەڭ قۇماندانلىق ئورنى بار ئىدى، ھۇجۇم قىلغۇچىلارباركۇچىنى تاغنىڭ ئوڭقول تەرىپىدىكى جىراغا قارىتىدۇ،شىددەتلىك جەڭنىڭ شىددىتى مۇشۇ جىرادىكىتاغ-تاشلارنى قۇم قىلىۋىتىدۇ.ئالىپ ئەر تۇڭا بولسا مىدىر قىلماي تاغ ئۇستىدىكى قۇماندانلىق ئورنىدىنبۇيرۇق چۇشۇرۇپ تۇرىدۇ،شەھەرنىڭغەربى تەرىپىدىكى تاغ ئاستىدىن، دۇشمەن ئۇستىگە تاشلاش ئۇچۇن قىزدۇرغۇچ ياغ،تاش،ھەربى جابدۇقلار كەڭلىگى 5 مىتىربولغان ،تاغنى يۇنۇپ ياسىغان يانتۇ يولدىن يۇقۇرىغا ئاتلار ياردىمىدە توختاۋسىز توشۇلۇپ تۇرىدۇ.( ھىلىمۇبۇ قۇرۇلۇششۇپىتى ساخلىنىپ تۇرۇپتۇ،چەتئەللىك ساياھەتچىلەر بۇ يەرنى تاۋاپ قىلماي،بىر سۇرەتكە چۇشۇۋالماي بولدىقىلمايدۇ)
    شۇنداق قىلىپ ئالىپ ئەر تۇڭا قوشۇنلىرى دۇشمەننى شۇنچىلىكسۇر-توقاي قىلىپ قوغلاپ چۇشتىكى تاكى ئەزەربەيجان تاغلىرىغا بىرىپ بىراق توختايدۇ.
    كىيىنكى قىتىملىق جەڭدە بۇ باھادۇرىمىزغا يۇشۇرۇن ئاتقان زەھەرلىك ئوقياتىگىدۇ،شۇندىن كىيىن ئىرانىلار ھۇجۇم قىلىشنىڭ قىين ھەم مۇشەققەتلىك ئىكەنلىگىدىن ساۋاق ئىلىشماي ئازمۇددەتتىن كىيىن يەنە ھۇجۇم قىلىشىدۇ.
    بۇ قىتىم ھىلە بىلەن ئالىپ ئەر تۇڭا نىڭ پۇشتى بولمىشتۇمارىس نىڭ ئوغلىنى قولغا چۇشۇرىدۇ ۋە ئۇنى قەتلى قىلىدۇ.
    بۇنى بىلگەن تۇمارىس كۇچ توپلاپ ئۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ ھەم ئىران ئەسكەرلىرىنى قورشاۋغائىلىپ پادىشاسىنى تىرىك ئەسىر ئالىدۇ،قانغا تويمىغان بۇ پادىشانى قانغا تويغۇزاي دەپ بىشىنى كىسىۋىلىپ قانتولتۇرۇلغان ئىدىشقا سېلىپ قويىدۇ.
    قەدىمى ئۇيغۇر قاغاناتلىقىنى بىرلىككە كەلتۇرۇشئۇچۇن،دۇنيانى بىرلىككە كەلتۇرۇش ئۇچۇن ھەر قايسى زىمىندىكى ئۇيغۇرئەۋلاتلىرى ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى قىلىشتى ۋە جانلىرىنى بۇيولغا تەغدىم قىلىشتى.

    (14)
    چۇل تۇرىكلىرى(ھۇنلار) نىڭ بىر قىسمى يىراق شىمالدا-مۇزئوكىان قىرغاقلىرىدا ماكان تۇتۇپ قېلىشتى،ئۇلارنى باشقىلار ياقىيۇرت-ياقۇت دەپ ئاتاپ كىتىشتى،
    يەنە بىرقىسىم چۇل تۇرىكلىرى ساخالىننى بويلاپ جەنۇپقاسۇرۇلۇپ خۇككايدۇ ۋە جەنۇبى ئاراللارغا بىرىپ ئولتۇراقلاشتى ئۇلار يەرلىك( ئەينۇ)لار بىلەن قوشۇلۇپشەرقى ھونلار(ياپ ھونلار) نى تەشكىل قىلىشتى.
    ئۇچۇنجى بۇلەك چۇل تۇرىكلىرى ئامۇر،سوڭ غار دەرياۋادىلىرىنى بويلاپ،چوڭ ھىنگان-كىچىك ھىنگان تاغ -ئىدىرلىرىغا ئورۇنلاشتى ۋەئۇزلىرىگە جۇرجىت نامىنى بەلگە قىلىۋىلىشتى،ئۇلار ئالتۇن خان نامى بىلەن بايراق تىكلەشتى،كىينرەك سىيانپىقەبىلىسى دەپئاتالدى.
    مانا مۇشۇچۇل تۇرىكلىرىدىن ئاينىغان سىيانپىلارتېخىمۇجەنۇپقا سۇرۇلۇپ ،بۇندىن بۇرۇن موڭغۇل قۇملۇغىدىن ئۇدۇل كۇچۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلاربىلەن قوشۇلۇپتاڭ خاندانلىقىنى قۇرۇشتى،خان- لىشىمىن نىڭ قېنىدا 75 پىرسەنت كىينكى تۇرىك قېنى بار ئىدى. بۇ خانئۇزىنىڭ ھەربى-مەمۇرى ئەمەلدارلىرىنى تارىم ھەم سەمەرقەنتلىك كىشىلەردىن تەيىنلىگەن ئىدى،چۇنكى ئۇنىڭغا يەرلىكباشباشتاقلارنى باستۇرۇشقا بۇنىڭدىن ياخشىراق چارە يوق ئىدى.بۇ دەۋىرلەردە چۇللۇكنىڭ شىمالىدىكىشەھەر تۇرىكلىرى(ئۇيغۇرلار) بىلەن تاڭ خانى ئارىلىقىدا دوستانە ۋەزىيەت ساخلانغان ئىدى.لىكىن ئارىدىن بىرمۇنچە زامان ئۇتىشى بىلەنتاڭ ھاكىمىيىتى باشقا قەۋىملەرنىڭ قولىغا چۇشۇپ كىتىش ئىھتىماللىغى بىلەن تاڭ گېنىراللىرىدىن ئۇڭلۇكۋە سۇيگۇن لەر قوزغىلاڭقىلىپ پۇتكۇل تاڭ غا قاراشلىق يەرلەرنى بىسىۋالدى ۋە پايتەخت-خۇمدان(چاڭئەن) شەھىرىدىكى قۇرچاق پادىشانىتىبەتلەرنىڭ قول ئاستىدىكى چۇكدۇ (چىڭدۇ)شەھىرىگە قىچىپ كىتىشىگە يول قويدى.
    تاڭ خانى بۇرۇنقى دوستلۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇيغۇر خاقانىدىنقۇتقۇزۇشنى سورايدۇ،ئۇيغۇر خاقانىمۇ ئۇڭلۇك-سۇيگۇنلەرنىڭ ھەددىدى ئىشىپ ئۇيغۇر خاقانىنىڭ سۇزىگەبويۇنتاۋلىق قىلغىنىدىن بىزار بولۇپ 400 مىڭ ئاتلىق قۇشۇن بىلەن 3يىل جەڭ قىلىپ قوزغىلاڭنىبىسىقتۇرۇپ تاڭ شاھىنىپايتەختىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويىدۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇر زىمىنىگە ئاللىقاچان ئومۇملۇشۇپ بولغان مانى دىنىئەھكاملىرىنى تاڭ زىمىنىدىمۇ جارى قىلىشىنى شەرت قىلىدۇ يەنە يىلىغا نۇرغۇن باج-خىراج تۇلەشنىئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇيەردىكى دىن تارقىتىۋاتقان 4 مانى دىنى راھىبىنى ئۇزلىرى بىلەن ئىلىپ كىتىشىدۇ.
    تاڭ خانى ئۇيغۇرلارغا تۇلەۋاتقان باج ھىساۋىدىكى ئىپەكرەختلەرگە ساختىلىق قىلىشقا باشلايدۇ، يەنى رەختنىڭ ئىنىنى تار، قۇر ئارىلىقىنى شالاڭ قىلىپ مالئۇتكۇزىدۇ،بۇنداق ئىپەك رەختلەرنى كۇرگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئۇلارغا ئۇتكۇزىدىغان جەڭ ئاتلىرى ھىساۋىغا قېرى-چولاق،يالقاۋ ئاتلارنىچىگراغا ھايداپ ئاپىرىپ ئۇتكۇزىدۇ،بۇ ئاتلار جەڭگە يارىماي تاڭ ئارمىيىسى دايىم ئۇرۇشتا يېڭىلىپ يۇرۇيدۇ.
    بۇنداق ئۇرۇشلاردىن بىرسى تاڭ گېنىرالى تاڭشەنجۇڭ تالاستىكى ئىسلامقۇشۇنلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا(8-ئەسىردە) ئۇزۇل-كىسىل يېڭىلىپپۇتكۇل غەربى رايۇندىكى قارام ئەللىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ۋە مىڭ يىل جەريانىدا بۇ رايۇنلارغا قەدەمباسالمايدۇ.
    9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دەھشەت سوغۇق،قېلىن قار،ۋاباكىسىلى،ماللارنىڭ تۇركۇملەپ قىرىلىپ كىتىشى بىلەن ئۇيغۇرخاقاناتلىغى ئاجىزلايدۇ ،پۇرسەتنى غەنىمەتبىلگەن ،چەتكە قېقىلغان ئۇتۇكەن ۋەزىرى- قۇۋلۇق باغا ئۇيغۇرلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى قىرغىزلارغاقوزغۇلۇشنىڭ پۇرسىتى كەلگەنلىگىنى خەۋەر قىلىپ 100 مىڭ ئاتلىق قۇشۇندىكى ئايغىرلىرىغا ئات گەۋدىسىگىچىلىك قېلىن قارلارنىيول ئاچقۇزۇپ ئۇيغۇرلار ئۇستىگە باستۇرۇپ كىلىشىدۇ،مۇنچە قېلىن قاردا ئاتلار يۇرەلمەيدۇ دەپئويلىغان ئۇيغۇر خاقانى تەييارلىقسىز بۇ دۇشمەنگە دۇچ بولىدۇ،شۇنۇڭ بىلەن تاڭ خانىغا ياردەم سوراپئەلچى ئەۋەتىدۇ،لىكىنتاڭ خانى قۇلىقىنى يۇپۇرۇپ تاماشا كۇرۇپ ئۇزىنىڭ بۇ كۇچلۇك خوشنىسىنىڭ يوقۇلىشىنى ئارزۇ قىلىپ ئولتۇرىدۇ.
    ۋابا ،جۇت، قار ئاپەتلىك زىمىندىن چىكىنگەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى4 يولغا بۇلۇنۇپ جەنۇپقا كۇچىدۇ، بىرىنجى يولدىكىلەر يەنىلا تاڭ دىن پانا تىلەپ شىمالى چېگرىلارغا كۇچۇپكىلىشىدۇ،لىكىن تاڭ ئۇلارنى سېپىلدىن كىرگۇزمەي قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىدا قويىدۇ، ئىككىنجىيولدىكىلەر ئارىغولغا كۇچۇپ كىلىپ ئۇ يەردىكى بۇرۇنقى تۇققانلىرى بىلەن بىرلىشىپ گەنجۇ خانلىقىنى قۇرىدۇ،ئۇچۇنجىيولدىكىلىرى بولسا پانتىكىن باشچىلىقدا كەينىدىن قوغلاپ كەلگەن قىرغىزلار بىلەن جەڭ قىلىپ چىكىنىپ تاكىكۇچارغىچە كىلىدۇ ،ئاندىن بىر كۇچ بىلەن قىرغىزلارنى قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن قوغلاپ سۇر -توقاي قىلىپتۇرپان-جېمىسارلانى قايتۇرىۋىلىپ ئىدىقۇت خانلىقىنى قۇرىدۇ.تۇتىنجى يول بىلەن كۇچۇپ كەلگەنلەر ئۇزلىرىنڭ قول ئاستىدىكىقارلۇقلار يېرى ئارقىلىق قەشقەر تەۋەسىگىچە كۇچۇپ كىلىپ ئۇ يەردە قارا خانىلار خانلىقىنى قۇرىدۇ.
    ئەمما ئۇتۇكەندىكى ئۇيغۇر قاغاناتلىقىنىڭ تاڭ بىلەن بولغانسۇدىسىدىكى 1مىللىئون400 مىڭ سەر كۇمۇش قەرىز پۇلى تاڭ نىڭ گەدىنىدە قېلىپ قالىدۇ.

    (15)
    سېلىنغا-ئورخۇن بويلىرىدىن جەنۇپقا سۇرۇلۇپ كۇچۇشكەن بىرقىسىم ئۇيغۇرلار قارلۇقلاربىلەن قوشۇلۇپ يەتتەسۇ،ماۋەرەئۇننەھىر ھەم قەشقەرتەۋەلىرىنى ئۇزلىرىگەقارام قىلدى،شۇنداقلا ((قاراخانىلار))خاندانلىقىنى قۇردى.بۇ خانلىقنىڭ ئەينى دەۋىردىكى زىمىنىھازىرقى ئۇيغۇرىيە دائىرىسىدە شىمالدا كۇسەن،شەرىقتە يېڭىھىسار غىچە ئىدى،غەرىپتە بولسا تاكى سەمەرقەنتتەرەپلىرىگىچە قاراخانىلار تەۋەسى ئىدى.
    سولتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە ئاھالىلەر ئىسلام دىنىنىقۇبۇل قىلىپ تېخىمۇ توغرا يولغا چۇشتى،مۇشۇ ئارىدا خوتەن ۋە ئېدىقۇتئۇيغۇرلىرى بىلەن ئىسلام ئۇرۇشلىرى قىلىشتى، دەستلەپكى مۇۋەپپىقىيەتلىرىنىڭ بىرى ھىساۋىدا كۇسەن، ئىدىقۇت قولىدىن قاراخانىلارقولىغا ئۇتۇپ ئىسلامغا كىردى.كىيىنكى ئۇرۇشلار ئاساسەن خوتەن بۇددىست ئۇيغۇرلىرى بىلەنبولدى،ئېدىقۇت بولسا قاراخانىلارنىڭ خوتەنگە بولغان دىققىتىدىن پايدىلىنىپ بىر مەھەل ئارامئىلىپ قالدى، بۇ ئۇرۇشقا پۇتكۇل مۇسۇلمان دۇنياسى قاتناشتى،ئىران،ئەرەبىستان تاكى شام-ئىراقلارغىچەمۇجاھىدلار كىلىپ قاتناشتى،ھەتتا 12 ئىماملىرىممۇ بۇ ئۇرۇشقا ئىشتىراك قىلدى،سۇلتان ئارىسلانخان زامانىدابۇددىستلار بىر جادۇگەرموماينىڭ(مۇسۇلمانلار نامازغا تۇرغاندا ھۇجۇم قىلساڭ غەلىبە قىلىسەن)دىگەن مەسلىھەتى بىلەن ئارىسلانخانقۇشۇنلىرى راستىنلا نامازغا تۇرغاندا باستۇرۇپ كىلىدۇ،ئىسلام قۇشۇنلىرى شۇندىمۇ قۇرقماي نامىزىنىداۋام ئىتىدۇ،نۇرغۇن باشلار قىلىچ بىلەن چېپىلىدۇ،ناماز ئوقىۋاتقان ئارسلانخان ۋىژىلداپ كىلىۋاتقانقىلىچ ئاۋازىنى ئاڭلاپسول تەرىپىگە سالام بەرگەچ بىشىنى شىددەت بىلەن بۇراپ قىلىچنى ئاغزىدا چىشلەۋالىدۇ ۋە دۇئاقىلىۋىتىپ ئاندىن دۇشمەن بىلەن جەڭگە چۇشۇپ كىتىدۇ،جەڭ ئىنتايىن شىددەتلىك بولدى،ئاخىرىدا ئارىسلانخانشېھىت بولدى،بۇددىستلار ئۇنۇڭ بىشىنى كېسىۋىلىپ قەشقەر شەھىرىگىچە باستۇرۇپ كىلىشىدۇ(تېنى ھازىرقى ھاراپيېزىسى تەۋەسىدىكى (پىسەن)دىگەن يەردىن 25 كىلومىتىر قۇم ئىچكىرىسىدە دەپىن قىلىنىدۇ، بۇيەرنى خەلىق((ئوردىخانپادىشاھىم)) دەپ ئاتىشىدۇ،بىشى قەشقەر شەھىرىدىكى ئارسلانخان يولىنىڭ دوقمۇشىدىكى((ئارسلانخان مازىرى))غا دەپىنقىلىنىدۇ)،
    كىينكى قىتىملىق جەڭدە خوتەن شاھى-خالخالۇ ماچىننىڭ پۇتكۇلئەسكەرلىرى تىرە-پىرەن قىلىۋىتىلىدۇ،ئۇنۇڭ جۇقتىرىشىت-نۇقتىرىشىت مەنسىۋىدىكى ئىككى قۇماندانى قالغان-قۇتقان لەشكەرلىرىنىئىلىپ تىبەت،ئىدىقۇت،ۋە داشئاتا(دۇخان)تەرەپلىرىدىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارغا قوشۇلۇپ كىتىدۇ. شۇنداق قىلىپبۇ ئۇرۇش نەتىجىسىدە خوتەن تاكى چەرچەن-چاقىلىقلارغىچە قاراخانىلار تەۋەلىگىگە ئۇتتى.
    قاراخانىلارزىمىنى تەۋەلىگىدە ھەرخىل قەۋىملەر بار ئىدى،ئۇلار ئۇزلىرىنىڭ يەتتەئەۋلادىغىچە ئۇرۇق سۇرۇشتۇرىدىغان ئادىتى(تەگئات) بولغاچ بىر زامانغىچە مىللى خاسلىقى گەۋدىلىنىپتۇراتتى،شۇڭا بۇرۇندىنلاتەگئات قوللىنىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ خاندانلىقنىڭ پەرمانى بىلەن تەگئات قوللۇنۇشنى ئەمەلدىنقالدۇرۇشتى،بۇنىڭلىق بىلەن مىللى بىرلىشىش،مىللەت-قەۋىملەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ئۇڭۇشلۇقئىشقا ئاشتى،ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەگئات سۇرۇشتۇرۇپ ئۇرۇق-ئەۋلادىنى ئىزدىشىش ئادەتتىنقالدى،پەقەت بىرلا مىللەت-ئۇيغۇرمىللىتى بولۇپ شەكىللىنىشتى.

    (16)
    مۇشۇنداق زور ۋەقەلەر بولىۋاتقان دەۋىردە ئۇتۇكەن،قاراخانى ۋە باشقا يەرلىكھاكىمىيەتلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بىرقىسىم ئۇيغۇرلار توختاۋسىز بولىۋاتقان ئۇرۇشلاردىنقېچىپ-پىتراپ يىراق قىرلارغا-تاغلارغا مۇكۇندى،كىينرەك پۇتكۇل (بىت باق دالا) ،(دەشتى قىپچاق)ئۇلارنىڭ قېچىپيۇرىدىغان ماكانىبولدى،بۇلارنى مەركىزى ھاكىمىيەت -ئوردۇ كەنت قەشقەر،(قازاقلار) دەپ ئاتاپ كەتتى،بۇسۇزنىڭ مەنىسىقاچاقلار-كېزىپ يۇرگۇچىلەر دىگەنلىك ئىدى.(كىينرەك روسلاردىمۇ بۇخىل ئەھۋال كۇرۇلۇپ ئۇلارنى تۇركىيەلىكلەرئۇيغۇرلارنى دوراپ دون كازاكلىرى ۋە كۇبان كازاكلىرى دەپ ئاتاشتى)
    تارىخ 1040 يىللارغا بارغاندا قەشقەر خاقانى چوڭ ئوغلىنى غەربىقاراخانى زىمىنىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ،ئاز مۇددەتتىن كىين خاقانمۇ ۋاپات ئېتىدۇ،ئورنىغا كىچىكئوغلى خاقان بولىدۇ،لىكىن سەمەرقەنىتتىكى چوڭ ئوغلى ئىنىسىغا بويسۇنۇشنى خالىمايدۇ،مۇشۇنىڭ بىلەن پۇتۇنبىر قاراخانى زىمىنى ئىككىگە -شەرقى ۋە غەربى قاراخانىغابۇلۇنۇپ كىتىدۇ،
    ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئىشلىرىمۇ ئۇز ئالدىغا بولىدۇ.
    شەرىقتىن سۇرۇلۇپ كەلگەن تۇمۇر(لىياۋ)سۇلالىسى كۇچمەنلىرىيارىش تۇزلەڭلىكىگە كىلىپ شەرقى قاراخانىلار ھۇكۇمىتىدىن چىگرا جايلارنى قورۇقلاشۋەزىپىسىگە ئىگەبولىۋالىدۇ،ئاخىرى قۇز ئۇردۇ نى ئىگەللەپ پۇتكۇل قاراخانى زىمىنىنى تەسىر دائىرىسىگە ئىلىۋالىدۇ،ئۇندىنكىيىن چىنگىزخان ھۇجۇمىدىن تىرە-پىرەن بولغان نايمان كۇچلۇك قۇز ئوردۇ غا ئگە بولىۋالىدۇ،ئۇ ئاخىرىچىنگىزخان قۇشۇنلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولىدۇ
    بۇ ئارىدا كىينرەك ئاقساق تۇمۇرخان باشلىغان تۇمۇرىلەرسۇلالىسى مەيدانغا چىقىدۇ،بۇ سۇلالە غەرىپ ۋە جەنۇپ يۇرۇشلىرىدە جاھاننىڭ نۇرغۇنيەرلىرىنى ئىستىلاقىلىدۇ
    كىيىن قىپچاق دالاسىدىكى ئۇزبېكلەر كۇچۇيۇپ جەنۇبىۋادىلارغا ھۇجۇم قىلىپ كىلىدۇ ھەم غەرىبتىكى ھاكىمىيەتلەر ،شەرقى زىمىندىكىھاكىمىيەتلەردىن ياردەم سورىماستىن ئۇز ئالدىغا ئۇرۇشۇپ بۇ ئۇرۇشتا يېڭىلىدۇ ۋە غەربى زىمىنلار قىپچاق-ئۇزبېكلىرىنىڭ قولىغاچۇشۇپ كىتىدۇ،شۇنۇڭ بىلەن ئۇزبېك خاننىڭ زىمىنى دىگەن مەنادا بۇ يۇرتتىكى ئۇيغۇرلار بارا-بارا ئۇزبېكئاتىلىپ كىتىدۇ.

    (17)
    بۇ قىتىم سۇزىمىزنى سەل بۇرۇنقى دەۋىردىن باشلايمىز:
    ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئۇزىنىڭ جاھان ئىستىلاسى داۋامىداقۇلىغى ئۇيغۇر ئىلى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە سەزگۇر بولۇپ كىتىدۇ،شۇنۇڭ بىلەن شەرىق تەرەپكىمۇ قەدەمتەشرىپ قىلغۇسى كىلىدۇ،ئاخىرىدائۇيغۇر ئىلىنىڭ ئالتۇنتاغ(ئالتاي تېغى)ئەتراپىغا ئۇلۇشىدۇ.
    ۋەقەنىڭ كىتىپ بىرىشىغا دىققەت قىلىپ تۇرغان ئۇيغۇر خاقانىدەرھال زەربىدار ئەسكەرلىرىنى ھۇجۇمغا ئاتلاندۇرىدۇ ۋە بۇ ھۇجۇمدا ئىسكەندەرلەشكەرلىرىنى تىرە-پىرەنقىلىپ كۇپ ساندا ئەسىر ئالىدۇ.
    دائىم غەلىبە-نۇسرەتكە ئادەتلىنىپ قالغان ئىسكەندەر ئىشنىڭ بۇنداقئاخىرلىشىشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ،بىراق ئىلاجى يوق ئىدى،چۇنكى ئارقا سەپ بەكمۇ ئۇزاقتا شۇنداقلامىڭلارچە كىلومىتىرئۇزاقلىقتىكى (دەشتى قىپچاق) دالاسىدىن ئەسكەر يۇتكەپ كىلىش قەتئىي مۇمكۇن ئەمەس ئىدى،يەنەبىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭئوقيا ئىتىشتىكى بۇنداق تەڭداشسىز ماھارىتى ئالدىدا قايىل بولماي تۇرالمىدى،شۇنۇڭ بىلەن ئۇسولھى تەلەپ قىلىپ ئەلچى ماڭدۇردى.
    ئۇيغۇر خاقانى ئۇنىڭغا ئۇچ شەھەر سېلىشقا ياردەمقىلىشىنى شەرت قىلىدۇ،ئىسكەندەر بۇنىڭغاماقۇل بولماي ئامالى قالمىدى ،چۇنكى لەشكەرلىرىنىڭئوزۇڭ-تۇلۇك تەمىناتى زادىلا ئۇلگۇرمەيۋاتاتتى.
    ئاخىرىدا چانبالىق(ھازىرقى سانجى)،خاتۇنبالىق(ھازىرقى قۇتۇبى)،ياڭبالىق(ھازىرقىيېڭىسارناھىيەسى)سېپىللىرى بىلەن قۇرۇلۇپ پۇتكۇزۇلدى،شۇندىلا ئىسكەندەر قوشۇنلىرى تېنچ-ئامانقايتىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلىدى.
    زامان چۇرگىلەپ ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا ئۇلاشتى،ئۇنىڭدىنئىلگىرىمۇ بۇ زىمىندا دەقيانۇس نىڭ مەملىكىتى بار ئىدى ھەم ئۇ ھەققىدىمۇ ناھايىتىنۇرغۇن ئەپسانە-رىۋايەتلەرجاھانغا مەشھۇر بولدى،
    ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ زىمىنى غەرىپتە چۇل ئىدىر(سايرام كۇلىنىڭ شەرقىدىكىئىدىرلىق)،غەربى جەنۇبى كۇچار-بۇگۇر ئارىلىقلىرىدا،شەرقى جەنۇبى لوپنۇرغىچە،شەرقى شىمالى بولسا داشئاتا(دۇنخۋاڭ) ئارقىلىق سارى ئۇيغۇرلارخانلىغى بىلەن چىگرىلىناتتى.
    بۇدەۋىرلەردە ئىدىقۇتتا ئىلىم-پەن ئىنتايىن تەرەققى قىلغانئىدى،ئۇلار بۇرۇنلا پىچان-لۇكچۇنلۇك سەيلۇن تاكاممۇللاشتۇرغان قەغەز تېخنىكىسىغا ۋارسلىق قىلىپكۇپ مىقداردا كىتاپ باستۇرۇشتى يەنە ئۇنى ھەرخىل تىللارغا تەرجىمە قىلىپ باشقا قەۋىملەرنىڭ بۇددا دىنى ھىكمەتلىرىنىڭ نۇرىغا بولغانتەشنالىقىنى قاندۇردى،بولۇپمۇ شەرىقتىكى دىنسىز قەۋىملەرگە بۇددانى تەشۋىق قىلىشتا غايەت زور كۇچسەرىپ قىلىشتى. بولمىسا ئۇ دەۋىرلەردە ئادەم گۇشىنى يېيىش ئادەتتىكى ئىش ئىدى ،مانا بۇ ئەھۋالدابۇددا ئۇز رولىنىتولۇق جارى قىلدى.
    دۇنيانىڭ ھىچقانداق يېرىدىن چىقمايدىغان قۇرۇق مىۋىلەرنى كارۋانبۇيۇك يولى ئارقىلىق باشقا ئىقلىملارغا توشۇپ جاھاننى ھەيرانۇ-ھەس قىلىشتى،
    ئۇز زىمىنىدىن چىققان ياۋا كىپەزنى تېرىپ ئاينىتقانئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۇدۇمىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ پاختىچىلىقنى جاھانغايايدى،ئىچكىرى ئۇلكىلەرگە ئاپىرىپ قورغاق يەرلەردە تىرىپ پايدىلىنىشنى ئۇگەتتى،(تاكى مىنگودەۋرىگىچە خەنلەر پاختىنى (پىتە) دەپ ئۇيغۇرچە تەلەپپۇز قىلىشقا تىرىشاتتى،پەقەت يېقىندىلامىيەنخۋا دەيدىغانبولۇشتى)
    قەغەزنى ،مەتبەئەنى كەشىپ قىلىپ ئالدى بىلەن خەنلەرگە ئۇگەتتى،ئاندىنجاھانغا تارالدى،
    پەقەت مۇشۇ ئىقلىمدىلا ئۇسۇدىغان يانتاق تىكەندىن يانتاقشىكىرى چىقىرىشنى بايقاپ بۇ دورىلىق يىمەكلىكنى تىبابەت ساھاسىگە ئىلىپ كىردى،شۇنداقلا باشقامەھسۇلاتلاردىن شىكەر ئىشلەشنى كەشىپ قىلىپ باشقىلارغا ئۇگەتتى،دۇنياغا يايدى،
    بۇغدايدىن ھەرخىل يىمەكلىك لەرنى ئىشلەپ كارۋان بۇيۇك ئارقىلىق دۇنياغايايدى،تورت،تۇگرە،پىچىنە قاتارلىقلارنى ياساشنى ئىجات قىلىپ خان-پادىشالارغا تەغدىم ئەتتى،
    لىكىن مۇنچە ئەلۋەك ماكانغا شىمالدىكى مەركىت،نايمانلارنىڭ ئاچكۇزى چۇشتى، يەنەجەنۇپتىكى قاراخانىلارنىڭ ئىسلام دەۋىتى بارغانسىرى كۇچايدى،مۇشۇنداق ئەھۋالدا مىللىتىمۇ بىر،دىنىمۇ بىرئىتتىپاقداش ئىزدەشكەكىرىشتى،ئاخىرىدا مۇڭغۇل دالاسىدىن تېمۇچىن(كىينرەك چىڭگىزخان ئاتالدى)نى تاپتى.

    (18)
    ئامۇر دەرياسىنىڭ بىر تارمىغىبولغان ئون ئون غولىدا بىرتۇركۇم خەلىقلەر ياشىدى،بۇلارنىڭ چىرايى جۇغراپىيىلىك ئىقلىمھەم ئوزۇق جەھەتتىكى
    ئالاھىدىلىك تەسىرىدىن ئۇستىخانلىرى تەرەققى قىلغان،ساقال سۇمباتسىزبىر قەۋىم بولۇپ شەكىللىنىشتى,بۇلارنى شەھەر تۇرىكلىرى بولمىشئۇيغۇرلار ، ئون ئون غول=ئونۇنغول=ئونغول=موڭغۇل دەپ ئاتاپ كىتىشتى،ئۇلار ياشىغان زىمىنئونۇن غولى- ئونۇن دەرياسى دەپ ئاتالدى،بۇ يەردە ئۇلار كۇپۇيۇپ ئاۋۇشتى،
    زامان چۇرگىلەپ مىلادى840 -يىللىرىدىكىچوڭ كۇچۇش ۋاختىغا كەلگەندە جەنۇپقا كۇچۇشتە بىردەكلىكنى ساخلىمىغان بىر تۇركۇم ئۇيغۇرلار شۇ يەرلەردە قېلىپ بايىقى بىزدىگەن موڭغۇللارنى پانا تارتىپ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ قەپ قىلىشتى،ئۇلار 6 ئۇرۇق ئىدى،بۇنىڭئىچىدىكى 3 ئۇرۇق پۇتۇنلەي موڭغۇل تىلىنى ئۇزلەشتۇرۇۋىلىپ موڭغۇل سىياقىغاكىرىشتى،قالغانيەنە بىر 3 ئۇرۇق بولسا ئۇز تىلىنى ،ئادىتىنى ساخلاپ قىلىشتى.
    بۇ كۇچمەي قالغان 6 ئۇرۇققائۇيغۇرلار(( تاتتار)) دەپ لەقەپ قويۇشتى،بۇنىڭ مەنىسى شۇكى ئۇيغۇرلار ئۇز قەۋمى ئىچىدىنياتلاشقانلارنى ((تات)) دەپ ،باشقا قەۋىملەردىن دۇشمەنلەشكەنلەرنى(( ياۋ)) دەپ ئاتايىتتى،شۇڭائۇلار تات،تاتتار دەپ ئاتىلىپ قېلىشتى(قەدىمى ئۇيغۇرتىلىدا سارتتار،قازاقتار،ئورىستاردىگەندەك ئۇلارمۇ تاتتار دەپ ئاتىلىشتى،پەقەت زامان ئۇتىشى بىلەن ئىككى (ت) نىڭ بىرسىچۇشۇپ قىلىپ (تاتار) غا ئۇزگەردى. مۇشۇ 2 تۇركۇم تاتارلارنى بىر-بىرىدىن پەرىق قىلىشئۇچۇن يەنە ئاق تاتار، قارا تاتاردەپ ئايرىشتى،قارا تاتار دىگىنى موڭغۇللاشقانلار،ئاقتاتار دىگىنى ئۇيغۇرپىتى ساخلىنىپ قالغان ئەۋۇ 3 ئۇرۇق تاتارلار.
    زاماننىڭ ئوقى چۇرگىلەپ يەسۇكەيدەۋرىگە كەلگەندە يەسۇكەي باتىر ئاشۇ ئاق تاتارلاردىن-(ئۇزپىتىنى بۇزماي ساخلىغان ئۇيغۇر قەبىلىسىدىن) بىر قىز ئىلىپ قاچىدۇ ھەم شۇنىڭغا ئۇيلىنىدۇ،ماناشۇ خۇتۇندىن تىمۇچىن تۇغۇلىدۇ،بۇ يىگىت چوڭ بولغىچە نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەتلەرنى بىشىدىنئۇتكۇزۇپ،زامان نەيرەڭلىرىنى ئوبدانلا چۇشۇنۇپ قالىدۇ.ئۇنىڭ ئانىسى بولسا تىمۇچىن غائۇزلىرىنىڭئۇيغۇر نەسلى ئىكەنلىكلىرىنى دايىم ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. كىينچىرەك قەبىلە ئاقساقىلىنىڭپەرزەنتى بولمىش تىمۇچىن ئۇز ئەتراپىغا كۇچ توپلايدۇ،ئاۋۋاللاردا زۇلۇم ئاستىدا ئۇگەنگەن تۇمۇرچىلىك بىلىمى بىلەن قۇرال -ئەسلىھەلەرنى ياسايدۇ،خەلقىنىقۇراللاندۇرىدۇ،سۇيۇملۇك ياش خوتۇنىنى بۇلاپكەتكەن مەركىتلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ،ئاندىن ئۇنۇڭئىتتىپاقدىشى بولمىش نايمانلارغا زەربە بىرىدۇ ھەم تايانخاننىڭ مۇھۇردارى ئەقىل ئىگىسى-تاتاتۇڭانىقوينىدىكى مۇھۇرى بىلەن قولغا چۇشۇرىدۇ،تىمۇچىن بۇرۇنلا تاتاتۇڭا نىڭ كامالىتىدىن خەۋىرىبار ئىدى.
    مۇشۇ دەۋىرلەردە ئىدىقۇت شاھزادىسىبارچۇق ئارت تىكىن جىددى ئۇزىگە ئىتتىپاقداش ئىزدەۋاتقىنىدا كۇزى تىمۇچىن غا چۇشىدۇۋە دەرھال ئونۇڭ چېدىرىغاقەدەم قويىدۇ،ئۇنۇڭ بىلەن ئىتتىپاق بولىدۇ، بۇ ئىتتىپاقدىنسۇيۇنگەن تىمۇچىن ئۇزىنىڭ بىردىن-بىريالغۇز قىزىنى ئىدىقۇت شاھزادىسىگە بىرىدۇ(لىكىنتوي قىلىش مۇددىتى -بىريىل توشقىچە ئۇ ناتىۋان قىز كىسەل بولۇپ ۋاپات قىلىدۇ)
    بىر مەزگىل ئۇتۇپ ئۇيغۇر سودىگەرلەردىن 150 كىشى كارۋان بولۇپ خارەزىم شاھ تەۋەلىگىگە ئۇتىدۇ،سودا قىلىپ ئۇترار شەھىرىگە بارغاندا ئۇ يەردىكى خارەزىم شاھ مەمۇرلىرى بۇ ئۇيغۇرسۇدىگەرلىرىنىتۇتۇپ (سىلەر كاپىرلار،مىلىڭلارمۇ كاپىرنىڭ مىلى) دەپ ئاھانەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ماللىرىنىبۇلاپ -تالاپ ئۇزلىرىنى ئۇلتۇرىدۇ، پەقەت ئىككى سۇدىگەرلا قىچىپ كىلىپ بارچۇق ئارت تىكىنۋە تىمۇچىنغا بولغان ئەھۋالنى بايان قىلىدۇ،تىمۇچىن تىل -ئاھانەتنىڭ ئۇزىگە-مۇسۇلمانئەمەسلىگىگە قارىتىلغانلىقىدىن بەكمۇ ئازاپلىنىدۇ ھەم ئۇچ كۇنگىچە سايرام كۇلى ئوتتۇرىسىدىكىبىر تۇپىلىكنىڭ( ئۇ يەر ھىلىمۇبار،تۇپىسىدە راۋاقمۇ بار) ئۇستىگە چىقىۋىلىپ بوينىغابەلۋىغىنى سېلىپ غەرىپ تەرەپ -خارىزىمشاھ تامانقاراپ چوڭقۇر پىكىر قاينىمىغا چۇشۇپ كىتىدۇ،تاماقتىنمۇ قالىدۇ.
    ئاخىرىدا خارىزىمشاھنىڭ ھاكاۋۇرلىغىنىكۇزىگە كۇرسۇتۇش قارارىغا كىلىدۇ شۇنداقلا بۇ ھاقارەتنىڭ يەنە بىر نىشانى بولمىش ئىدىقۇت شاھى بارچۇق ئارت تىكىنمۇ جەڭ ئۇچۇن خىللانغان 10مىڭ كىشىلىك زەربىدارلىرىنى سەپكە قاتىدۇ
    شۇنداق قىلىپ مۇھەممەت شاھنىڭخاتا جەڭ تاكتىكىسىغا جاۋابەن ئاز ئەسكەر بىلەن كۇپ قۇشۇننى تىرە-پىرەن قىلىۋىتىدۇ،ئۇرگەنچشەھىرىنى سىر دەرياسىنىڭ سۇيىنى قانال قېزىپ باشلاپ كىلىپ سۇغا غەرىق قىلىۋىتىدۇ،بۇخاراشەھىرىنى قورشىۋىلىپ ئىدىقۇت لەشكەرلىرىنىڭ تاشئاتارلىرى بىلەن سېپىللىرىنى ھۇتمۇ-تۇشۇك قىلىۋىتىدۇ،شەھەر مەمۇرلىرىدەرۋازا ئاچقۇچىنى تەغدىم قىلىپ چىققىنىدا بولسا پۇتكۇل ئاھالىنىڭ شەھەر سىرتىغا چىقىپھۇرمەتتە تۇرۇشىنى بۇيرۇيدۇ ھەم ھەممىسىنى قەتلى-ئام قىلىدۇ،بەلىخ ھەم ھىرات شەھەرپۇخرالىرىنى قىرىپ تاشلاپ ئورنىغا قەشقەرىيە ھەم خوتەن-تۇرپان كىشىلىرىنى كۇچۇرۇپ كىلىدۇشۇنداق قىلىپ بۇ زىمىنغا خارەزىمشاھنىڭ ھىمايىسى بىلەن ئورۇنلىشىۋالغان ئىرانىلارنىپۇتۇنلەي قىرىپ تاشلايدۇ،ئامان قالغانلىرى ئىرانغا قاچىدۇ،ئىز بىسىپ قوغلاپ تاكى رەي، تەبرىز شەھەرلىرىگىچە ئىستىلا قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ،تۇرىكمەنلەرنى، ،ئازەرىلەرنى ئىرانىلەر ئۇستىگە قويىدۇ،ئاخىرىدا زىددىيەت شۇدەرىجىدە كەسكىنلىشىدىكىن باغدات ئۇستىگىمۇ يۇرۇش قىلماي مۇمكۇن بولمىدى،ئۇيەرلەرمۇئىستىلا قىلىندى.
    شىمالى تەرەپلەردەبولسا قىپچاقلار -ئۇزبىكلەر خائىنلىق قىلىشقىلى تۇرۇشتى ،شۇنۇڭ بىلەن تاكى ئورۇسلار نىڭ موسكۋا-مىرگورۇت -پولتاۋا لارغىچە ئىستىلا قىلىندى .
    تىمۇچىننى خان قىلىپ كۇتۇرۇشكەندەئۇنىڭغا يېڭى بىر ئۇنۋان لازىم بولىدۇ شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر ئەقىلدارلار ئۇنىڭغا ((چىڭغىزخان)) دەپ ئۇنۋان كەشىپ قىلىشىدۇ، مەئنىسى -چىڭىتىش ،چىڭىغىزۇش (دەۋلەت ئۇلىنى تېخىمۇچىڭىتقۇزۇش)، پەقەت كىيىنكى ياۋرۇپا تارىخچىلىرىلا تىلى كەلمىگەشكە (چىڭگىزخان) دەۋىلىشتى.
    كىيىن ئۇ يەرلەردىكى تۇركى-ئىسلام ياشلىرىدىن لەشكىرى كۇچىنى كۇچەيىتكەن چىڭغىزخانشەرىققە -تارىخى دۇشمىنى ئالتۇن خان ئۇستىگە ھۇجۇم قىلىپ كىلىدۇ،ئۇنىمۇ ئىشخال قىلىدۇۋە ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان سۇڭ ھاكىمىيىتىنىمۇ مۇنقەرىز قىلىدۇ،كورىيەمۇبۇ ئىستىلادىنچەتتە قالمايدۇ،بۇ ئۇرۇشتا كىرەكسىز ئادەملەر قاتارىدا خەنلەر،تاڭغۇتلار،جۇرجىتلار،ئىرانىلار كۇپلەپ قىرىپتاشلىنىدۇ،ئۇ يەرلەر يايلاققائايلاندۇرىلىدۇ،پەقەت تۇركى قەۋىم بولغان قىتانلاردىن ئەقىللىق شاھزادە يېلىيۇچۇساي نىڭ مەسلىھەتى بىلەن بىر قىسىمتېرىقچىلار ساخلاپ قىلىنىدۇ،ئۇ يەرلەرنى نازارەت قىلىش ئۇچۇن تۇركى-ئىسلامى لەشكەرلەرنى ۋىلايەت-ۋىلايەتلەرگە بۇلۇپ قورۇقلاش خىزمىتىگە قويىدۇ،كىيىنرەكئۇلارنىڭ خەن قىزلىرىدىن خوتۇن ئىلىشىغا پەتىۋا بىرىلىدۇ،ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئانىسى خەنبولغاچ خەن تىلىدا زۇۋانى چىقىدۇ،ئىتىقادى ئىسلامى بولىدۇ، شۇنداق قىلىپ تۇڭگان خەلقىشەكىللىنىدۇ
    ھىكايەت:
    سىر دەرياسىدا بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمانسۇغا چۇشۇپ يۇيۇنىدۇ ۋە چارلامچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ چىڭغىزخاننىڭ ئالدىغا ئىلىپ كىلىنىدۇ،چىڭغىزخانبولسا ئۇنى ئەتە سوراق قىلىمەن دەپ چىقىرىۋىتىدۇ ھەم بىر نۇۋكىرىدىن ئۇنىڭغا گەپ ئېيتتۇرۇپبىرىدۇ((سەن ئەتە سوراق قىلىنغاندا، ئەتىۋارلاپ ساخلاپ يۇرگەن بىرتال ئالتۇن تەڭگەم سۇغاچۇشۇپ كەتكەن شۇنى ئىزدەپ سۇغا چۇشۇشكە مەجبۇر بولدۇم، دىگىن)) دەپ گەپ ئۇگۇتىدۇ. دىگەندەكئەتىكى سوراقتا ئۇ ئادەم شۇنداق دەپ جاۋاپ بىرىدۇ ھەم پادىشا ئۇنى ئۇزرىلىككەن، دەپقويۇپ بىرىدۇ.
    گەپ شۇ يەردىكى مۇڭغۇللارنىڭجاساق قانۇنىدا كۇندۇزى ئادەملەر سۇغا چۇشۇپ ئۇنى بولغىسا ئۇلۇمگە ھۇكۇم قىلىنىدۇ دەپيېزىلغان.كىيىن بۇ قانۇننى ئۇزگەرتكەن.
    بۇ مىسالدىن مەلۇمكى چىڭغىزخان، مەيلى مۇسۇلمان ئۇيغۇربولسۇن مەيلى بۇددىست ئۇيغۇر بولسۇن ئۇزىنى ئۇيغۇرغا يېقىن تۇتقان،شۇڭا ئۇنۇڭ ھاكىمىيىتىدەئۇيغۇرلار ئاساسى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.پەقەت چىڭغىزخاننىڭ ئىسلام دىنىغا كىرمىگەنلا يېرىبار(ئەلبەتتە ئۇ شارائىتتا كۇپچۇلۇك موڭغۇللارنىڭ ئىتتىپاقىنى كۇزدە تۇتۇپ بۇ ئىشنىقىلمىدى،لىكىن بۇ ۋەزىپىنى ئەۋلاتلىرى ئورۇندىدى)
    شۇنداقتىمۇ ئۇزىنىڭ بالا-ۋاقىلىرىدىنتارتىپ پۇتكۇل موڭغۇل ئولۇسى ئۇيغۇرچە يېزىق ئۇگۇنۇشكە بۇيرۇلىدۇ،پۇتكۇل بېسىۋىلىنغان زىمىنلاردا ئۇيغۇرمەمۇرلارئىش باشقۇرىدۇ،مەمۇرى ئىشلارنىڭ ھەرقاندىغى ئۇيغۇرلارتەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ،ھەربىئالىملار -مەسلىھەتچىلەر يەنىلا ئۇيغۇرلاردىن،دېپلۇماتىيە مۇ ئۇيغۇر تىل-يېزىغى بىلەنئىلىپ بىرىلىدۇ، بىكارلانغان زىمىنلارغىمۇ يەنىلائۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشتۇرىلىدۇ،دۇنيا تارىخىدا ھىچقانداق بىر ھۇكۇمىران بۇخىل ئىشنى قىلمىغان،پەقەتچىڭغىزخانلا قىلدى،سەۋەپ- ئۇ -ئۇيغۇر!
    (ئىلاۋە:
    ھازىرقى موڭغۇللار چىڭغىز خاننىسېپى ئۇزىدىن مۇڭغۇل دەپ تونۇشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھەيكەللىرىنى مۇڭغۇل سىياقىدا ياسىشىدۇ،تارىخىفىلىملەرنى ئىشلىگەندىمۇ مۇڭغۇل چىراي ئارتىستلارنى تەكلىپ قىلىپ مۇڭغۇل ئوبرازى ھاسىلقىلىشىدۇ،لكىن تارىخى رەسىملەردە بولسا ئۇمۇڭغۇللارغا خاس يۇمىلاق ياغاقيۇز ئەمەس بەلكىم ئۇيغۇرلارغا خاس ئۇزۇنچاق يۇزلۇك ،قاڭشارلىقساقال-سۇمباتلىق قىلىپ سىزىلغان،ئۇ ئىرقى تەرەپتىن ھەرگىزمۇمۇڭغۇل ئەمەس)

    (19)
    ئۇيغۇرلاردىن تۇمۇر ئىسىملىك ئۇچ پادىشا چىقتى،
    بىرىنجىسى -تۇمۇرچى(تېمۇچىن--چىڭغىزخان)، بۇ ھەققىدە ئالدىنقى بايانلىرىمىزدا تەسۋىرلەپ ئۇتتۇق.
    ئىككىنجىسى-ئەمىر تۇمۇر-(تۇمۇرلەڭ،ئاقساق تۇمۇر)،
    ئۇچۇنجىسى- تۇغلۇق تۇمۇرخان.
    تۇمۇرلەڭ سەمەرقەنتنى مەركەز قىلىپ دەۋىر سۇردى،ئۇرۇشتا پۇتىغا زەھەرلىك ئوقيا تەككەنلىگى ئۇچۇن ئاقساپ قالدى، شۇڭا ئاقساق تۇمۇر دەپمۇ ئاتالدى. ئۇ چاغاتاي ئەۋلاتلىرىنىڭ قولىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا ھۇكۇمرانلىقنى ئۇتكۇزىۋالغاندىن كىيىن ھەربى يۇرۇشلەر قىلىپ زىمىنىنى كەڭەيتىدۇ،
    مۇشۇ ئەسنالاردا شىمالى تەرەپلەرگە ھۇكۇمرانلىق قىلىپ كىلىۋاتقان توختەمىش خان مۇسكۋا تەرەپلەردىكى جەڭلەردە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ئەمىر تۇمۇرنىڭ يېنىغا قېچىپ كىلىۋالىدۇ،ئەمىر تۇمۇر بولسا ئەڭ چوڭ ھۇرمەتلەر بىلەن ئۇنى ئىززەتلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھەربى ياردەملەرنى قىلىپ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشىغا شارائىت تۇغدۇرۇپ بىرىدۇ. لىكىن بۇ تۇزكورئازراقلا كۇچۇيۇۋىلىپ ياخشىلىققا يامانلىق قىلىدىغان بولۇپ چىقتى. ئەمىر تۇمۇرنىڭ زىمىنلىرىغا تەجاۋۇز قىلدى، شۇنۇڭ بىلەن ئەمىر تۇمۇر ئۇنى كۇزدىن يوقۇتۇشقا مەجبۇر بولدى.
    ژىللار ئۇتۇپ ئەمىر تۇمۇرنىڭ يېشى سەكسەندىن ئاشقاندا شەرىقتىكى خىتتاي خانى ئەلچى ئەۋەتىپ ئولپان تۇلەشنى،شۇ ئارقىلىق ئۇزىگە تەۋەلىك بىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنىڭدىن قۇيقا چېچى تىك تۇرغان شاھ،نۇمۇس ئوتىدا دەرغەزەپ بولۇپ دەرھال لەشكەر توپلاپ يولغا چىقىدۇ، ئۇزىنى بىلمىگەن بۇ نائەھلى پادىشاغا ئولپان تۇلەشنىڭ نىمىلىگىنى كۇزىگە كۇرسۇتۇشكە ئالدىراپ قالىدۇ،لىكىن تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى باشقىچە بولغاچ تالاس قا كەلگەندە زۇكام بولۇپ ۋاپات ئېتىدۇ،ھېلىقى نائەھلى پادىشاغا تەزىر بىرىش ئىشى تارىخنىڭ كىيىنكى بەتلىرىگە قالىدۇ.
    تۇغلۇق تۇمۇرخان چاغاتاي ئەۋلادى بولۇپ ئۇنۇڭ مەركىزى ئىلى تەۋەسىدىكى ئالمالىق شەھىرىدە ئىدى،(.سۇيدۇڭ ناھىيەسى تەۋەسىگە قوشۇۋىتىلگەن ئىلگەركى چىلپەڭزە ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ ھازىر ئۇ يەر 60-پولىك دائىرىسىدە)
    تۇغلۇق تۇمۇرخان بالدۇرلا مۇسۇلمان بولۇپ بولغان بولۇپ ، بىر كۇنى ئۇ ئەمەلدارلىرىنى ئوردىغا چاقىرىدۇ، لەشكەرلىرىگە ئوردا دەرۋازىسىنى تاقاشقا ئەمىر قىلىدۇ ۋە ((مەن مۇسۇلمان بولدۇم،سىلەرمۇ مۇسۇلمان بولۇشۇڭلار كىرەك، بولمىسا ئۇلۇشۇڭلار كىرەك.)) دەپ بۇيرۇيدۇ. بۇنى ئاڭلىغان بىر قىسىم مۇڭغۇللار ئۇزلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇنلا يۇشۇرۇن ئىسلامغا كىرىشكەنلىرىنى ئېيتىشىدۇ،يەنە بىر قىسىم مۇڭغۇللار بولسا ئىشنىڭ چاتاق ئىكەنلىگىنى فەھىم قىلىشىپ دەرۋازىغا قاراپ قېچىشىدۇ،لىكىن دەرۋازا تاقاق.
    شۇنداق قىلىپ شۇ قېتىمقى دەۋەتتە 60 مىڭ مۇڭغۇل ئىسلامغا كىرىدۇ،ئىككىنجى قىتىمدا بولسا قالغان 90 مىڭ موڭغۇل ئىسلام نۇرىغا ئۇلۇشىدۇ.شۇنۇڭ بىلەن جەمى 150 مىڭ مۇڭغۇلنىڭ ئىسلامغا كىرىشى نەتىجىسىدە بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە بىرمۇ مۇڭغۇل قالمايدۇ،كىيىنكى ئىسلام يۇرۇشلىرىنىڭ شاراپىتىدە تۇرپان-قۇمۇللارغىچە ئىسلام ئېچىپ بارلىق بۇددىسىت ئۇيغۇرلار ئىسلامغا كىرىدۇ، بۇنۇڭ بىلەن پۇتكۇل ئۇيغۇر ئېلىدە بىرمۇ غەيرى دىندىكى ئادەم قالمايدۇ،تولۇق ئىسلام ئىلى بولۇپ شەكىللىنىدۇ.


    (20)
    قىرغىزلار ھەققىدە سەلبۇرۇنىراقتىن گەپ باشلايلى،ئورخۇن ۋادىسغابالا-قازا قوشلاپ كەلدى،ئالدى بىلەن ئىنتايىن قېلىن قار توختىماي ياغدى،ماللار ھەددىھىساپسىز قىرىلدى،سوغۇقنىڭ دەھشىتى ئالەمنى بىر ئالدى،دەۋاسىز كىسەللەرئاقا-ئاقىدىن تارالدى،مانا مۇشۇنداق ئەھۋال نەچچە ژىلغا سوزۇلدى،خەلىقئاچ-زىرىنلىقتا قالدى،ھاكىمىيەت ئامالسىز قالدىئاخىرىدا ماكانيۇتكەش خۇلاسىسىغا كىلىشتى،شۇنداق قىلىپ مەملىكەتنىڭ ئىسسىق رايۇنلىرىغا كۇچۇشتەشەببۇس قىلىندى،بۇنداقتا جۇت-ۋابادىن قۇتۇلۇش،ماللارنىڭ قارنىنى تويغۇزۇش،خەلىقنىخاتىرجەم قىلىش مەخسەت ئىدى،.لىكىن مۇشۇ ئارىدا چەتكە قېقىلغان ئوردا ۋەزىرىبولمىش قۇۋلۇق باغا -قېلىن قاردا ئاچ قالغان قىرغىزلارغا مەخپىيەتلىكنى سېتىپئۇلارنىڭ ھۇجۇم قىلىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا پۇرسەت ياراتتى،شۇنۇڭ بىلەن پىلان بىلەنبولغان كۇچۇش ئىشى قاچ-قاچقا ئايلىنىپ كەتتى،پۇرسەتپەرەس قىرغىزلار ئاچلىق ئازاۋىدانىمە ئۇچرىسا شۇنى بۇلاپ يېيىشتىشۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرلارئۇلارغا قاخشاتقۇچ زەربە بەرگەچ يولىغا داۋام قىلىشتى ھەم مەنزىللىرىگە يىتىپ بىرىپئۇز خانلىقلىرىنى بەرپا قىلىشتىقىرغىزلار چۇ؟ ئۇلارئىگىسىز قالغان بوش زىمىنغا ئىگە بولۇشتى،ئۇتۇكەن شەھىرىنى ئۇزلىرىگە مەركەزقىلىشتى،لىكىن تاڭ شاھىدىن يۇشۇرۇن ئەلچى كىلىپ (ئەگەر بۇ شەھەرنى ۋەيرانقىلىۋەتمىسەڭلار ئۇيغۇرلار(بىزنىڭ پايتەختىمىز تى)دەپ يەنە قايتىپ كىلىدۇ ۋە سىلەرنىقۇل قىلىدۇ)دەپ نادان قىرغىزلارنىڭ شەھەرنىتۇپ-تۇزلەڭ قىلىۋىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىدىتارىخ ئايلىنىپقىرغىزلارمۇ ئۇ زىمىندا تۇرالمىدى،چۇنكى تەبىئەت بەك رەھىمسىز،ئۇيغۇرلار تۇرالمىغانئۇ زىمىندا بۇلارغىمۇ ئورۇن قالمىدى،شۇنداقلا موڭغۇللار يايلاق تالىشىپ قىستاپ كىلشتى. ئاقىۋەت يەنە شۇ ئۇيغۇرلار ئۇلارغا زىمىن بەردى-تەڭرىتاغ ئاراچلىرىدا مال بىقىپكۇنىنى كۇن ئەتسۇن دىدى.كۇچۇپ كىلىشتىلىكىن بۇ تۇزكورلارئارادا نەچچە يۇز يىل ئۇتەر-ئۇتمەي ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارا قىلىپ تېپىپ يىمەي -بۇلاپ يەيدىغان بۇلاڭچىلىقىنى قىلىپ تەڭرىتاغنىڭ غەربىدە ئوش،ئوترار ،ئەنجان،نەمانگان،بالاساغۇنشەھەرلىرىنى،شەرىق تەرەپتە بولسا ئاتۇش،ئاقسۇ،ئۇچ،ئىلى شەھەر-يېزالىرىنىبۇلاپ-تالاشقا چۇشۇپ كىتىشتى،بۇنداق تالان-تاراج خەلىقنىڭ نەپرىتىگە قالدى،ئاقىۋەتسەئىدىيە خاقانى، ئىلگەركى غەربى قاراخانىلار زىمىندىكى قېرىنداش شاھلار بىلەنبىرلىشىپ قىرغىزلارنى يوقۇتۇش ئۇرۇشى ئىلىپ باردى،تەڭرىتېغىنىڭ غەربى ۋە شەرقىئىككى تەرەپىدىن تاغ ئىچكىرىسىگە ھۇجۇم قىلىپ قىرغىزلارنى ۋەيران قىلدى ھەم قىردى ،شىمالغا بويلاپ ھۇجۇم بىلەن تاكى ئېمىل دەرياسىغىچە باردى.شۇنۇڭ بىلەن ئۇلارغاقىرغىزىۋەت-قىرىۋەت مەناسىدىكى (قىرغىز)ئاتالمىسى ئىسىم بولۇپ قالدى.
    تۇڭگانلار ھەققىدەئۇلار دىنى ئىلىمئىلىشتا يەركەن شەھىرىدىكى ئالتۇن مەسچىت مەدرىسىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىشتى،مۇشۇ يەردىن ئوقۇش پۇتتۇرۇپ ئىرشاتنامەئالغانلارغىلا چىڭخەي-كەڭسۇلاردا،ئۇز جامائىتى ئارىسىدا ئىماملىق مەرتىۋىسىبىرىلدى،ئالتۇن مەسچىت مەدرىسىسدىن ئىرشاتنامە ئالالمىسا ئىمام بولالمايدۇ ھەم قايتائوقۇشى كىرەك ئىدى.كىيىن -كىيىن زامانئۇتۇشى بىلەن ئۇلاردىمۇ ئۇلىمايۇ- مۇدەررىسلەر كۇپلەپ يىتىشىپ چىقىپ ھازىرقى لىنشاشەھىرى ئۇلاردا دىنى مەركەز ھالىغا كەلدى ھەم شۇ يەردىن دىنى ئىلىم ئالىدىغانبولۇشتى.

    (21) تارىخنى ۋاراقلاۋەرسەك ۋاراقلار مەڭگۇ ئېچىلىۋىرىدۇ،چۇنكى ئۇنۇڭ خاتالاشقان،كەمسۇندۇرۇلگەن،سىياسىغا ئويغۇنلاشتۇرۇلغان يەرلىرى بەكمۇ كۇپ، خۇللاس، بۇگەپلەرنى مۇشۇ يەردىلا قالدۇرىلى، مەخسەتكە كەلسەك يازمىلىرىمدا ئىپادىلىمەكچى مەزمۇنلار ئاللىقاچانلا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولۇندى،ئەندى تۇۋەندىكى سۇزلەر بىلەن بۇ يازمىنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن:
    1-مۇقام ،شەك شۇبھىسىزكى بۇ دەۋرىمىزنىڭ مەھسۇلى ئەمەس،يەنىلا دەيدىغىنمىز ئالدىنقى-4-يارالمىش دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پەيدا بولغان، ئۇ چاغلاردا ئۇنۇڭ تېكىستلىرى ئاپەت،دەرت تۇكۇش،مۇناجات،تەسەللى،ئېچىلىش،ھاياجان،تەسەددۇق،جۇشقۇنات بۇلەكلىرى بويىچە ئىجات قىلىنغان ۋە ئورۇندالغان، كىين دەۋرىمىزگە كەلگەندە دىنىي،سىياسى، مەھەللى تېكىستلارغا ئالماشتۇرۇلغان.2-ئەتلەس ،شۇ 4-دەۋىر ھالاكىتىنىڭ ئاخىرلرىدا توقۇپ چىقىلغان مەھسۇلات ،ئۇنىڭ گۇللىرىدە ئىپادە قىلىنغىنى مۇ قۇرۇقلىغى ۋولقان-ئوت ئىچىگە شۇڭغىغاندىكى ئوت-يالقۇن چاچراندىلىرىنىڭ بەلگۇسى، شۇنداقلا قۇرۇقلۇق بىلەن بىللە چۇككەن-ھالاك بولغان64 مىللىئون ئىنساننىڭ روھى نامايەندىسى،ئوچۇغىراق ئېيىتقاندا مۇ قۇرۇقلىغىنىڭ مەرسىيە بايرىغى3 ئات كۇندۇرۇش، يالغۇز ئاتلا ئەمەس ھازىرقى ئۈي ھايۋانلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك مۇ قۇرۇقلىغى زامانىدىلا قولغا ئۇگۇتۇلگەن،ھالاكەت دەۋرىدە بولسا ئىنسانلار ئۇز ھالى بىلەن قالغان، ۋاھالەنكى ئۇي ھايۋانلىرى پىتىراپ ئۇز ئالدىغا كۇپۇيۇپ ياشاۋەرگەن،. پەقەت 10مىڭ ژىلنىڭ ئالدىدىلا ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ئەجداتلىرى يەئنى ھون دەۋرىدىكى ئاتا- بوۋىلىرىمىز قايتىدىن تۇتۇپ كۇندۇرگەن.4-يېزىق، مۇ قۇرۇقلۇغىدىكى ئالىم ئولۇمالىرىمىز كىلىۋاتقان ھالاكەتتىن ھىچنىمىنىڭ ئامان قالمايدىغانلىقنى بىلگەش،پەقەت تاش ھالىتىدىكى نەرسىلەرلا ساخلىنىپ قالىدىغانلىقىغا ئاساسەن جىددى ھالدا شەكىل يېزىقىنى ئىجات قىلىپ نائاكاللارغا ئۇزلىرىنىڭ بىلىملىرىنى، تارىخنى،كەلگۇسىنى يېزىپ بىزلەرگە قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولۇشقان،ئەلبەتتە تاۋۇش يېزىقىمۇ بولغان، لىكىن بۇ ئارقىلىق مەخسەتنى كىيىنكى نامەلۇم ئەۋلاتلىرىغا قانداق قالدۇرۇپ چۇشەندۇرۇش مۇمكۇن بولمىغان، بىراق دەۋرىمىز-ھازىرقى 5- يارالمىش دەۋرىدە بولسا بۇخىل شەكىل يېزىقى خەن،مىسىر لاردىلا ساخلىنىپ قالالىغان،ئەقىللىق خەلىقلەر بولسا يەنىلا تاۋۇش يېزىقىنى تېپىۋىلىشقان،بۇ ساھەدە ئۇيغۇر بىلىمدارلىرى كۇپ كۇچ چىقىرىشقان،مىسالەن: S نى ئىس دەپ ئوقۇپ، مورىدىن چىققان ئىس شەكلىدە يېزىشقان، Q ھەرىپىنى ئەچ دەپ ئوقۇپ، يېزىق شەكلىدە ئۇچكىنىڭ بىشى-ساقىلىغا ئىشارە قىلغان،Z ھەرىپىنى زېيت دەپ ئوقۇپ،زىغزىق بەلگۇسىگە،L ھەرىپىنى ئىل دەپ ئوقۇپ ئىلمەك شەكلىگە قىياسلاپ يېزىپ، A ھەرىپىدە بولسا ئادەم بەلگۇسىگە تەقلىت قىلىنغان.بۇ يېزىق كۇچمەن بولۇش جەريانىدا ياۋرۇپاغا، ئاندىن دۇنياغا تارالدى، لىكىن ئىسمى لاتىن يېزىغى دېيىلدى، بۇنىڭدىن باشلاپ نۇرغۇن باشقا يېزىقلار شاخلاندى.ئەسلى بۇ يېزىقنىڭ ئىسمى ئورخۇن يېزىقى دىيىلىشى لازىمتى،پەقەت ياۋرۇپا تارىخچىلىرى بالدۇر تۇتۇش قىلىپ ئۇزلىرىچە ئاتىۋىلىشتى.

    ئاخىرىدا دىمەكچى سۇزۇم شۇكى مىنىڭ يازغانلىرىم تەپسىلى تارىخ ئەمەس، لىكىن رېۋايەتمۇ ئەمەس،كەلگۇسى تارىخنى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ قانداق مەۋقەدە تۇرۇپ يېزىشى ئۇچۇن قىسقارتىپ يېزىلغان ھەقىقى تارىخنىڭ ئۇرنىگى خالاس!قالغىنى سىز بۇرادەر ئەزىزلەرنىڭ نىمىنى، قايسىسىنى توغرا دەپ چۇشۇنۇشىڭىزلەرگە قالدى.

    تۈگىدى ماقالە مەنبەسى : ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن (مەرھۇم ئۆردەك ئەپەندى)
    **************************************************************************************************

    ماقالىنىڭ ئالدىنقى قىسمى مۇغا ئالاقىدار تىپىلمىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك سۇرەتلەر:

    [img=420,690]http://oi50.tinypic.com/2cwvds8.jpg[/img]
    كۈن پادىشايىغا تەۋە ئۇيغۇر ئىمپىراتۇرلىقىنىڭ خانىشىنىڭ ھەيكىلى

    [img=400,291]http://i615.photobucket.com/albums/tt240/urdek/kuyaxhakani.jpg[/img]

    1870- يىللىرى روسسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى مۇڭغۇل دالاسىدىكى خارا خۇتۇ خارابىسىدىن 18 مىتىر يەر ئاستىدىن كولاپ چىققان ئۇيغۇر خاقانىنىڭ ئالتۇن ھەيكىلى،( يېنىدىكىسى ئايال پادىشانىڭ يولدىشى) (بۇ تىمىنىڭ ئالدىنقى قىسمى تۇققۇزىنچى بولەككە مۇناسىۋەتلىك رەسىم)

    مۇ دىن قالغان يالدامىلار:
    [img=126,192]http://i615.photobucket.com/albums/tt240/urdek/balbal5.jpg[/img]

    [img=281,622]http://i615.photobucket.com/albums/tt240/urdek/balbal3.jpg[/img]

    [img=157,342]http://i615.photobucket.com/albums/tt240/urdek/balbal4.jpg[/img]

    [img=359,269]http://i615.photobucket.com/albums/tt240/urdek/mukaldukliri3.jpg[/img]
    دېڭىز ئاستىدىن تېپىلغان غايىت زور تاش ئوردا خارابىسى

    [img=156,172]http://i615.photobucket.com/albums/tt240/urdek/mutewerrukliri1.jpg[/img]
    بۇ بەلگە مۇ نىڭ ھاكىمىيەت شۇئارى بەلگىسى(يەنە كۇچنىڭ تىمسالىلىق مەنانىمۇ ئىپادىلەيدۇ)

    [img=276,179]http://i615.photobucket.com/albums/tt240/urdek/mukaldukliri1.jpg[/img]
    بۇ مۇ قۇرۇقلىقىدىن قېلىپقالغان تاش سارايلار(جەنۇبى ئامىرىكىدا)

    [img=288,190]http://i615.photobucket.com/albums/tt240/urdek/mukaldukliri2.jpg[/img]
    مۇ ھالاكىتى ئۇچۇن قۇرۇلغان قەدىمكى ئابىدە دەرۋازا( ئاۋۇ ئۇستىدىكى توغرا لىمنىڭ ئېغىرلىقىلا 70 توننىدىن ئارتۇق )

    [img=267,360]http://i615.photobucket.com/albums/tt240/urdek/mumelikisi-1.jpg[/img]
    مۇ مەلىكىسى( قىياسەن سۇرەت)

    [img=440,462]http://i615.photobucket.com/albums/tt240/urdek/minguyresim.jpg[/img]
    مۇ مەلىكىسى(قەدىمى سىزما)

    [img=300,433]http://i615.photobucket.com/albums/tt240/urdek/yazma.gif[/img]
    مۇ قۇرۇغلۇقىنىڭ چۇكۇپ كىتىشى ھەققىدە خەت يېزىلغان خاتىرە تاش.


    [color=red]رەسىملەر ‹‹مۇ››غا مۇناسىۋەتلىك تورلاردىكى تىمىلاردىن توپلاندى (تىما يوللىغۇچىدىن)


    [/color]


  • جاۋاپ
    يوللانغان ۋاقتى :2013-12-29

  • راستىنى دىسەم سالمان ئەپەندى، بىزنىڭ « مۇ» قۇرۇقلىغىدىن ئىېبارەت شۇنداق ئسىل تارىخ ىمىز بارمۇدۇ دەپ ئويلاپ كىتىمەن يخشى بىر تىېمىنى تۇلۇق يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت

  • يەركەن
    يوللانغان ۋاقتى :2013-12-29

  • تارىخنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن :L

  • سالمان
    يوللانغان ۋاقتى :2013-12-29

  • 引用:
    يەركەن يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 15:34
    تارىخنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن


    خۇددى يازما ساھىبى تىما ئاخىرىدا ئىيتقاندەك ‹‹ئاخىرىدا دىمەكچى سۇزۇم شۇكى مىنىڭ يازغانلىرىم تەپسىلى تارىخ ئەمەس، لىكىن رېۋايەتمۇ ئەمەس،كەلگۇسى تارىخنى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ قانداق مەۋقەدە تۇرۇپ يېزىشى ئۇچۇن قىسقارتىپ يېزىلغان ھەقىقى تارىخنىڭ ئۇرنىگى خالاس!›› قالغىنى بىزنىڭ تىمىنى قايسى مەۋقەدە تۇرۇپ چۇشىنىشىمىزدە.

    ئاددىسى قۇرۇق ھىكايە ،پوۋىسلارنىمۇ ئوقۇيمىز .بۇ تىمىنى ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن،بۇ تىمىدا سۆزلەنگەننىڭ ھەممىسىلا رىۋايەت ئەمەس.

  • ماھىدە
    يوللانغان ۋاقتى :2013-12-29

  • مەن بۇرۇن مۇنبىرىمىزدىكى ئاقسۇ سىنىپتا ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ھەقتە دەرس سۆزلىگەندە ئاز تولا ئاڭلىغان ئىدىم.
    بۇ قېتىم تېخىمۇ تەپسىلىي بىلىۋالدىم. كۆپ رەھمەت!!!

  • سالمان
    يوللانغان ۋاقتى :2013-12-29

  • [i=s] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سالمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-29 16:44 [/i]


    ياپۇنىيە دېڭىز ئاستىدىكى خارابىيلىق
    (فىرانىك. يوسىف "لەيلەپ چىققان ئاتلانتىس"دىگەن ماقالسىدە :" ئىككىنچى يىلى يازنىڭ ئاخىرىدا بىر غەۋۋاس ئوكىناۋا دېڭىز ئاستىدا نۇرغۇن تاش ئىشىكلەر ۋە ئۆتۈشمە تونىللارنى كۆردى، بۇ قەدىمىي قۇرۇلۇشتىكى تاش ئويمىلارنىڭ ئۇسلۇبىغا قارىغاندا ئىنكا مەدەنىيتى خارابىيلىقىدىكى قۇرۇلۇشلارغا ئوخشاپ كېتەتتى " دەپ يازغان.)


    كۇبا دېڭىز رايونىدىكى خارابە

    2001-يىلى 5-ئايدا ،بىر يوقىرى دەرىجىدىكى سېفىرلىق ئۇچۇر تارقىتىش ئورنى (ADC) بىر تەكشۈرۈش گۈرۇپپىسىنى باشلاپ كۇبا دېڭىز رايونى ۋە دېڭىز ئاستىنىڭ يەر شەكلىنى سىزماقچى بولدى. دولقۇن ئارقىلىق تەكشۈرۈشتە تەتقىقاتچىلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىرنەرسىنى بايقىدى. تەخمىنەن 2200 فوت دېڭىز ئاستىدا تاش شەكىللىك قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان قۇرۇلۇشسىمان دۆۋىلەرنى بايقىدى. بۇلار قارىماققا شەھەر خارابىيلىقىغا ئوخشاپ كېتەتتى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى Paul Weinzweig : "تەبىئەت ھەرگىزمۇ بۇنداق تەكشى،رەتلىك بولغان قۇرۇلۇشسىمان شەكىللەرنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ تەبىئى شەكىللەنگەن ئەمەس، بىراق بىز بۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمىدۇق." دىگەنىدى.
    ئەجىبا بۇ چۆكۈپ كەتكەن قەدىمقى شەھەر خارابىيلىقىمىدۇ؟ ئامىرىكا دۆلەتلىك جۇغراپىيە قانىلى بۇنىڭغا قىززىقىپ قالدى، ھەمدە كەينىدىكى تەتقىقاتلارغا قاتناشتى. 2003-يىلى بىر كىچىك تىپتىكى سۇ ئاستى كېمىسى بۇ دېڭىز ئاستىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. يوقىرى دەرىجىلىك رەقەملىك ئۇچۇر ئورنىدىكى Paulina Zelitsky ، بۇ دېڭىز ئاستىدىكى سىرلىق خارابىيلىق قارىماققا بىر قەدەر چوڭ بولغان قەدىمقى زامان شەھىرىنىڭ شەھەر مەركىزى بولىشى مۇمكىنلىكىنى ، بىراق بۇنىڭغا ئائىت ئىسپاتلار تېپىلىشتىن بۇرۇن بۇنىڭغا ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    ھازىر ئاتلانتىسنىڭ جايلاشقان ئورنى توغىرلىق نۇرغۇن قاراشلار بار.گېرىك پەيلاسوپى پىلاتوننىڭ تەسۋىرلىشدا ئاتلانتىس ناھايىتى گۈزەل، تېخنىكىسى تەرەققى قىلغان بىر ئارال بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 370-يىلغىچە سۈرۈستۈرۈشكە بولىدۇ. پىلاتوننىڭ ئاتلانتىسنىڭ كونكىرىت ئورنى توغىرسىدىكى بايانىمۇ ئېنىق ئەمەس. نۇرغۇن كىشلەر ئاتلانتىس مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ.بىراق ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار يەر شارى خاراكتىلىق ئىزدەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. Edgar Cayce نىڭ داڭلىق بىر بايانىدا ئاتلانتىس بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېنىدا (ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىدىكى تاقىم ئاراللار) دەپ ئۆتكەن. 1969-يىلى گىئومېتىرىك تاش قۇرۇلۇشلارنىڭ بىمىنى ئارىلىدا بايقىلىشى، ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى دەلىللەيدۇ.
    بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاتلانتىسنىڭ ئورنى توغىرلىق نۇرغۇن قاراشلار مەۋجۇت. مەسىلەن، ئانتىراكتىكىدا، مېكسىكىدا، ئەنگىلىيە دېڭىز بويلىرىدا شۇنداقلا كۇبا دېڭىز بويلىرىدا دىگەندەك.



    پاسخا ئارلىدىكى تاش ھەيكەللەر

    [img=640,461]http://filer.blogbus.com/4750779/4750779_1281693728t.jpg[/img]

    تاش ھەيكەللەر ۋەكىللىك قىلغان پولىنىزىيە مەدىنيىتى ھازىرغىچە ئېچىلمىغان سىرلارنىڭ بىرى.
    پاسخا (تىرىلىش)دۇنيانىڭ ئەڭ چەت رايونىغا جايلاشقان. پۇتكۇل ئارال ئۇچبۇرجەك شەكىلدە بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن تەرىپى 22كىلومېتىر ، كەڭلىكىمۇ ئاران 16 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان ئەڭ يېقىن ئارالغىمۇ 2250كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ چەت -ياقا جايغا جايلاشقاچقا ئۇنىڭدىكى مۆجىزىلەر ھازىرقى زامان دېڭىز -ئوكيان قاتنىشى باشلىنىشتىن بۇرۇن بايقالمىغان.تىنچ ئوكياندىكى تارقاق ئاراللارنى ئۆزىگە مۇستەملىكە قىلغان پولىنىزىيەلىكلەر مىلادى 450-490-يىللار ئەتراپىدا لاپونوي ئارىلىغا كەلگەن. كەينىدىن بىر تۇركۇم پولىنىزىيەلىكلەر كېلىپ بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەمدە راۋاج تاپقان. بۇ يالغۇز ئارالدا ئۇلار يەككە يىگان مىڭ يىل ياشىغان.
    . 1863-يىلى فىرانسىيەلىك ئىككى دىن تارقاتقۇچى ئېرىن ئەيلو بىلەن ئېبولىت لوشىر بۇ ئارالغا كەلگەن . ئۆزىنى خۇدانىڭ ئەلچىلىرى دەپ ئاتىۋالغان بۇ دىن تارقاتقۇچىلار يەرلىك خەلقنى «تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلغان »دەپ ئۇلارنىڭ دىنىنى يوقاتماقچى بولغان . ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاشقان بۇ ئىككەيلەن خەت يېزىلغان «كىخاۋۇ. لانگۇ-لانگۇ» ياغاچ تاختىلارنى كۆيدۇرگەن. بۇ بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەن زىياننى تەسۋىرلەش قىيىن. ھازىر كىشىلەر كۆرگەن نەچچە پارچە ياغاچ پارچىسى بۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قالغان. چۇنكى ئارلدىكىلەر ئەجداتلىرىدىن قېلىپ قالغان ئوغۇرلۇقچە ھېچكىم ئۇقمايدىغان ئۆڭگۇرگە قويۇپ قويغان. بەزىلەر بۇ ياغاچلاردىن كېمە ياساشقان. كېيىن كىشلەر بۇ كېمىلەرنى پارچىلىغاندا چۇشەنگىلى بولمايدىغان بۇ يېزىقنى بايقىغان. بۇنداق زور قىممىتى بولغان ياغاچ پارچىلىرىدىن ناھايىتى ئاز قېلىپ قالغان. پەقەت 26 پارچىسىلا دۆلەتلىك مۇزىيدا ساقلانغان. بۇ ياغاچلارغا ئويۇلغان تەسۋىرى يېزىق بولۇپ ، ھېچقانداق سىرتقى تەسىرگە ئۇچىرمىغان ئارالدىكىلەر بۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل -پاراسىتىگە تايىنىپ ئىجات قىلىشقان. بۇ پاسخا ئارىلىنىڭ مەخپىيىتىنى ئاچىدىغان بىردىن-بىر ئاچقۇچ . بىراق ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ سەۋەنلىكى تۇپەيلىدىن بۇلارنى ئېنىقلاش ناھايىتى تەسكە توختىغان.
    [img=368,283]http://filer.blogbus.com/4750779/4750779_1281693696w.gif[/img]


    [img=400,257]http://filer.blogbus.com/4750779/4750779_1281693670h.jpg[/img]
    بۇ ھەيكەللەرنىڭ بۇنداق ھالەتتە ياسىلىشىنىڭ سىرى نىمە؟ ئۇلار نەگە قاراۋاتىدۇ؟


    ھەيكەللەرنىڭ ئىگىزلىكى ئىككى مېتىردىن ئون مېتىرغىچە . ئۆرە ھەيكەللەرنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئىسمى پاۋلو بولۇپ ، ئەسلى ئارالنىڭ دېڭىز بويىدىكى مۇراسىم سۇپىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئېغىرلىقى 82توننا كېلىدۇ. ھەممە ھەيكەللەر ئىچىدە ئەڭ چوڭى تاش ماتىرىيال مەيدانىدا بولۇپ پۇتكۇزۇلگەن بولسا ئىگىزلىكى 20مېتىر، ئېغىرلىقى 270توننا كېلەتتىكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    پاسخا ئارىلىدىكى بۇ بىر قانچە يۇز ھەيكەللەر ئاساسلىق رانولالاكو تاش مەيدانىدىن - بىر ئۆچكەن يانار تاغ ئاغزىدىن ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، يانار تاغدىن چىققان لاۋا جىنىسلاردىن ئويۇلغان. ئاز بىر قسىمى بازالىت تاش ۋە ۋولقان داشقاللىرىدىن ياسالغان. لېكىن لاۋا جىنىسلار يەنىلا ئەڭ مۇۋاپىق ماتىرىيال بولالىغان. رانولالاكو تاش مەيدانىدا يەنە پۇتكۇزۇپ بولۇنمىغان نۇرغۇن ھەيكەللەر بولۇپ، ئوخشىمىغان باشقۇچلاردا ئويۇلغان 394دانە ھەيكەلدىن ھەيكەللەرنىڭ ياسىلىش باسقۇچلىرىنى بىلىۋالالايمىز. باش ۋە يۇز قسىملىرى تاش مەيدانىدىلا ئويۇلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا كۆز قسىمى ياسالغان. ئىز تورى بەك ياخشى
    بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق بولغان پاۋلو ناملىق ھەيكەلنى ياساش ئۇچۇن ،10-20ئادەمدىن تەركىپ تاپقان گۇرۇپپا توختىماي ئىشلىسە، 12ئايدىن ئارتۇق ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.
    ھەيكەللەر نىمە مەقسەتتە تۇرغۇزۇلغان؟ بۇ ھازىرغىچە يېشىلمىگەن سىر. بۇلارنى بەلكىم ئەجداتلىرىغا چوقۇنۇش ياكى ئۆلۇپ كەتكەن ئاقساقاللىرىنى ياد ئېتىش ئۇچۇن ياسالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەيكەللەرنى ئۆرە تۇرغۇزۇش ئۇچۇن نۇرغۇن ياغاچ ماتىرىيال كەتكەن. بۇنىڭ ئۇچۇن ئورمانلار كەڭ كۆلەمدە كېسىلگەچكە يەرلەر قاغجىراپ ،ئاچارچىلىق ۋە ئۇرۇش يۇز بەرگەن. بۇ ئەجداتلارنىڭ ھەيكىلى قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئوبىكتىغا ئايلانغان. بۇ ھەيكەللەرنىڭ ئۆرۇلۇپ چۇشۇش سەۋەپلرىنىڭ بىۋاستە سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەيكەللەرنىڭ كۆپى كەينىدىن ئىتىرىلىپ ئۆرۇلگەن.بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ كۆزى توسۇلۇپ قالاتتى. كەينىگە ئۆرۇلۇپ چۇشكەنلەرنىڭ بولسا كۆزىنىڭ رەڭگى ئۆچۇرۇۋېتىلگەن.
    [img=510,480]http://filer.blogbus.com/4750779/4750779_1281693746t.jpg[/img]

    [img=400,188]http://filer.blogbus.com/4750779/4750779_1281693681y.jpg[/img]

    ئوكيان ئوتتۇرىسىدىكى يىگانە ئارال پاسخا ئارىلى

    (بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن قىسقارتىلىپ كۆچۈرۈلدى.)

  • سالمان
    يوللانغان ۋاقتى :2013-12-29

  • ئەڭ بۇرۇن ئاتلانتىس ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان كىشى گېرىتسىيەلىك پەيلاسوپ پلاتون . ئۇ «كىرىت» دىگەن ئەسىرىدە ئاتلانتىسنىڭ ئىلگىرى دۇنيانىڭ مەدىنيەت مەركىزى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. بۇ دۆلەت لىۋىيە بىلەن كىچىك ئاسىيانى قوشقاندىنمۇ چوڭ بولۇپ، كۈچ دائىرىسى مىسر ۋە تىررىنو دېڭىزلىرىغىچە كەلگەن.
    كېيىن ئاتلانتىسلىقلار مىسىر ، گىرىتىسيە ۋە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ئەتراپىدىكى مىللەتلەرگە ئۇرۇش قوزغىغان.بىرىنچى قېتىملىق گىرىتسىيەگە قوزغىغان ئۇرۇشتا گېرىكلار قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۇلارنى چېكىندۇرگەن . ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەش ئاتلانتىس دۆلىتىنى دولقۇنلار ئىچىگە غەرق قىلغان.
    ئاتلانتىس دۆلىتىنى بىنا قىلغان ئادەم پوسىيدۇن( گېرىك ئەپسانلىرىدىكى دېڭىز ئىلاھى) بولۇپ، پوسىيدۇن كېرايتو ئىسىملىك بىر گۈزەل قىزنى ئەمىرىگە ئالغان ھەمدە ئۇنىڭدىن ئون بالىلىق بولغان. ئاتلانتىسنى ئونغا بۆلۇپ ، ئون ئوغلىنىڭ باشقۇرىشىغا بەرگەن. ئۇلار ئاتلانتىسنىڭ ئەڭ دەسلىپىدىكى ئون نائىپ خانى ئىكەن. پوسىيدۇننىڭ چوڭ ئوغلى ئاتلاس ئاتلانتس دۆلىتى شاھىنىڭ ۋارىسى بولغان. بۇ دەسلەپكى ئون نائىپ خان ئۆز-ئارا كېلىشىم تۇزۇپ بىر بىرىگە دەخلى قىلماسلىق ، بىرسى قىيىنچىلىققا يولۇقسا ، قالغانلار تەڭ ياردەم قىلىشماقچى بولۇشقان.
    ئاتلانتىسنىڭ ناھايىتى ھەيۋەت تاغلىرى ، كەڭ كەتكەن تۇزلەڭلىكلىرى بولغان. تەبىئى بايلىقى ناھايىتى مول بولۇپ، دېھقانچىلىقتىن بىر يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئالىدىكەن. خەلقى تېرىقچىلىق، ئالتۇن-كۆمۇش قېزىش ۋە مال-چارۋا كۆندۇرۇش بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتىكەن. شەھەرلىرىنىڭ ئاھالىسى كۆپ بولۇپ، شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرى باغلار ، قىزىل، ئاق،قارا مەرمەردىن ياسالغان ئىبادەتخانىلار، تىياتىرخانا، دوئىل مەيدانلىرى، يۇيۇنۇش كۆلچەكلىرى ۋە ئىگىز ئىمارەتلەر بىلەن تولغانىكەن.پورتتا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كېلىپ -كېتىپ تۇرىدىغان سودا كېملىرى ئاتلانتىس دۆلىتى بىلەن سودا قىلىپ تۇرىدىكەن.
    ئاتلانتىسنىڭ كۈنسېرى قۇدرەت تېپىشىغا ئەگىشىپ ، پادىشاھنىڭمۇ قارا نىيىتى كۈچۈيۇپ، پۇتكۇل دۇنيانى بويسۇندۇرۇش ئۇچۇن ئۇرۇش قىلماقچى بولۇپتۇ. بىراق كۈچلۇك يەر تەۋرەش بىر كېچىدىلا ئاتلانتىس دۆلىتى دولقۇنلار ئىچىدە غەرق بولغان.
    ئاتلانتىسنىڭ غەرق بولغان ۋاقتى پلاتوننىڭ يەنە بىر كىتابىدىكى خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا بۇنىڭدىن تەخمىنەن 11150يىل ئىلگىرى بولغان. پىلاتون ئاتلانتىس توغىرسىدىكى ئىشلارنىڭ ئېغىزدىن -ئېغىزغا كۆچۇپ كەلگەنلىكى، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ توقۇپ چىقارمىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن.
    ئەگەر پىلاتوننىڭ ئېيتقانلىرى راست بولسا ئۇنداقتا ئىنسانلار بۇنىڭدىن 12000يىل ئىلگىرىلا مەدىنيەت ياراتقان بولىدۇ.
    ئۇنداقتا بۇ ئاتلانتىس دۆلىتى زادى قەيەردە. مىڭ يىللاردىن بېرى كىشىلەر بۇنىڭغا ناھايىتى قىزىقىپ كەلدى.
    20-ئەسىنىڭ 60-يىللىرىغا كەلگەندە ، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىدىكى بېرمۇدا دېڭىز رايونى شۇنداقلا باھاما تاقىم ئاراللىرى، فىلورىدا يېرىم ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن جاھاننى زىل-زىلىگە سالىدىغان مۆجىزىلەر بايقالدى.
    1968-يىلى ، باھاما تاقىم ئارللىرىدىكى بىمىنى ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز ناھايىتى تىنچ بولۇپ، دېڭىز سۈيى قارىماققا ئەينەككە ئوخشايتتى. بىر قانچە غەۋۋاسلار كىچىك كېمىدە بىمىنى ئارىلىغا قايتىش سەپىرىدە بىرسى تۇيۇقىسز «قاراڭلار، دېڭىزنىڭ تېگىدە ناھايىتى چوڭ بىر يول بارئىكەن»دىدى. غەۋۋاسلار تەڭلار پەسكە قاراپ ، زور تاشلار بىلەن ياتقۇزۇلغان بىر چوڭ يول دېڭىز تىگىدە سوزۇلۇپ ياتاتتى. تاشلارنىڭ چوڭ -كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىسىمۇ ناھايىتى رەتلىك ياتقۇزۇلغانىدى. بۇ ئاتلانتىس دۆلىتىنىڭ كارۋان يولىمىدۇ؟
    70-يىللارنىڭ بېشىدا بىر تۇركۇم تەتقىقاتچىلار ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئازورىس تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىغا كېلىپ، 800مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز تىگىدىن ئالغان تاش جىنىسلىرىنى ئالغان. تەكشۇرۇش ئارقىلىق بۇ يەرنىڭ بۇنىڭدىن 12000يىل ئىلگىرى ھەقىقەتەن بىر پارچە قۇرۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. بۇ پىلاتوننىڭ تەسۋىرلىكىنى بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىققان.
    1974-يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى بىر دېڭىز تەكشۇرۇش كېمىسى تارتقان 8پارچە رەسىمدە ناھايىتى چوڭ بولغان قەدىمقى كىشلەرنىڭ قۇرۇلۇشلىرى بايقالغان.
    1979-يىلى ئامىرىكا ۋە فىرانسىيەلىك ئالىملار ناھايىتى ئىلغار ئۇسكۇنىلەر ئارقىلىق بېرمۇدا«ئالۋاستى ئۇچ بۇرجەك»دىكى دېڭىز ئاستىدا پىرامىدا بايقاشقان. بۇ پىرامىدانىڭ تەرەپ ئۇزۇنلىقى 300مېتىر،ئىگىزلىكى 200مېتىر بولۇپ ، چوققىىسى دېڭىز يۇزىدىن ناھايىتى 100مېتىر پەس ئىكەن. بۇ مىسردىكى پىرامىدالاردىن چوڭ .بۇنىڭ ئاستىدا ناھايىتى چوڭ ئىككى ئۆڭكۇر بولۇپ، دېڭىز سۇيى كىشى ھەيران قالىدىغان سۇرئەتتە بۇ ئۆڭكۇرلەردىن ئېقىپ ئۆتىدىكەن.
    ئەجىبا بۇ پىرامىدالارنى ئاتلانتىسلىقلار ياسىغانمىدۇ؟ ئاتلانتىسلىقلار ئىلگىرى مىسىرنى بويسۇندۇرغاندا ، ئاتلانتىسنىڭ پىرامىدا مەدىنيىتىنى مىسرغا ئېلىپ بارغانمىدۇ؟ ئامىرىكا قىتئەسىدىمۇ پىرامىدالار بار. بۇنىڭ كېلىش مەنبەسى مىسرمىدۇ ياكى ئاتلانتىسمىدۇ؟
    ئەپسۇسلىنارلىقى بېرمۇدادىكى «دېڭىز ئاستى پىرامىدا»سىنى ئۆلچەش ئۇسكۇنلىرى دېڭىز ئۇستىدىن ئۆلچەپ چىقارغان يەكۇن. تېخى ھازىرغىچە بىرەر ئالىم تېخى بۇنى ھەقىقى بىر ئىنسانلار ياسىغان قۇرۇلۇش دەپ مۇتلەقلەشتۇرۇپ باقمىدى. بۇ بەلكىم بىر ئۇچلۇق تاغ چوققىسى بولىشى مۇمكىن.
    سوۋىتلىكلەر تارتقان سۆرەتنىمۇ تېخى ھېچكىم ئاتلانتىسنىڭ خارابىيلىقى دەپ ئىسپاتلىمىدى.
    بىمىنى ئارىلىدىكى تاش يولمۇ تېخى ھەقىقى ئىسپاتلىنىپ چىققىنى يوق.
    بىراق ھەقىقى ئىسپاتلىنىپ چىققىنى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئاستىدا ھەقىقەتەن چۆكۇپ كەتكەن بىر قۇرۇقلۇق بارلىقى.
    ئەگەر ئاتلانتىك ئوكياندا ھەقىقەتەن ئاتلانتىس دۆلىتى بولغان بولسا ، ئاتلانتىس ھەقىقەتەن رىۋايەتلەردىكىدەك سۇغا غەرق بولغان بولسا ، ئاتلانتىك ئوكياندىن چوقۇم ئاتلانتىس دۆلىتىنىڭ خارابىيلىقىنى تاپقىلى بولىدۇ. بىراق بىرمۇ ئارخىئولوگ ئاتلانتىك ئوكياننىڭ تېگىدىن ئاتلانتىس دۆلىتىنىڭ بۇيۇملىرىنى تاپقانلىقىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى. شۇڭا ھازىرغىچە ئاتلانتىس دۆلىتى يەنىلا مىڭ يىللاردىن بېرى يىشىلمەي كېلىۋاتقان سىر.

  • سالمان
    يوللانغان ۋاقتى :2013-12-29

  • 引用:
    جاۋاپ يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 15:07
    راستىنى دىسەم سالمان ئەپەندى، بىزنىڭ « مۇ» قۇرۇقلىغىد ...


    بۇ تارىخ (مەيلى گۈزەل رىۋايەت ئارلاشقان بولسۇن) سىزنىلا ئەمەس ھەممىمىزنى ئەلۋەتتە ئوي-گۇمانغا سالىدۇ.
    ‹‹مۇ›› ھەققىدە 50يىل ئىزدەنگەن ۋە شۇ توغرىسىدا دۇنيانى ئايلانغان جامىس چىرچىۋارد ئەپەندى ‹‹مۇ يەنى ئاتلانتىس›› ئاھالىلىرى تۇۈرىسىدا ئۇيغۇرلارنى بۇ ئىمپىرىيىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى قاتارىدا تىلغا ئالغانلىقىنى مۇناسىۋەتلىك يازمىلاردىن كۆرىۋاتىمىز.مىنىڭچە بۇ ئاساسىسىز گەپ بولمىسا كىرەك،چۇنكى بىز تارىخنىڭ يىراق ئۆتمىشىنى يەنى ئونمىڭ يىللىق تارىخىنى بىلىپ كەتمەيمىز ھەم چۇشىنىشىمىز يۇزەكى ياكى بۇنداق تارىخ ماتىرياللىرى بىلەن يۇز كۆرىشىشىمىز تەس.

  • ئەنسار
    يوللانغان ۋاقتى :2013-12-29

  • ئىسىل يازمىكەن لىكىن چىڭگىزخاننى ئۇيغۇر دىيىش مۇۋاپىقمۇ .

    بۇ گەپ ماڭا بىر قىسما تۇيۇلدى .

  • ئۇستاز986
    يوللانغان ۋاقتى :2013-12-30

  • ياخشى بىر تارىخى ماتىريال ئىكەن،:@:@

  • بايغۇ
    يوللانغان ۋاقتى :2013-12-30

  • بوۋام - موماملار ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەردەك بىلىندى ...
    رەخمەت سىزگە ، جاپا چېكىپسىز .

  • بىرىنجى بەت  ئالدىنقى بەت  كىيىنكى بەت  ئاخىرقى بەت       جەمىي 33 ئىنكاس    ھازىر 1 - بەت    ئۇمۇمىي 4 بەت
    باشبەتكە قايتىش