ئەجداد مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
ئەجداد مۇنبىرى مۇنبەر تۈركلەر تارىخى ئوسمانىلاردۆلىتىنىڭ خەلىپى ...
كۆرۈش: 27|ئىنكاس: 0
go

ئوسمانىلاردۆلىتىنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىگەئۇمۇمى نەزەر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپىسى
0  
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2011-1-29 
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-27 
بايلىقى
116  
شۆھرىتى
0  
توردا
31小时 
يازما
41 
تېما
15 
ھەمبەھر
نادىر تېما
جۇغلانما
157 

خەلپەت تارخان خاس ھاجىپ

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-19 14:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللەنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.

مۇقەددىمە،تارىخنى چۈشىنىشنىڭ بەزى قائىدىلىرى:

ھەرقانداق نەرسىنى چۈشىنىشنىڭ مەلۇم قائىدە پىرىنسىپى بولغاندەك تارىخنى چۈشىنىشنىڭمۇ ئۆزىگەخاس قائىدە پىرىنسىپلىرى بار. ئەنەشۇقائىدىلەرنىڭ ئاساسلىقلىرىدىن بىرى ئالدىنقى ماقالىلىرىمىزدەئىشارەقىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك تارىخنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە تەكرارلىنىپ تۇرىشىدىن ئىبارەت،مانابۇ،تۇنجى قېتىم ئىسلام ئالىمى ئەللامە ئىبنى خەلدۇن بايقاپ ئوتتۇرغا قويغان<تارىخ جەريانىدىكى كۈچ ۋەدۆلەتلەرنى دەۋرىلىگى>نەزىرىيەسى نىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر.شوڭاتارىخنى چۈشىنىش قائىدىلىرىنى ئىگەللىمەكچى بولغان كىشى ئەللامە ئىبنى خەلدۇننىڭ<ئىبنى خەلدۇن مۇقەددىمىسى>دىگەن كىتابىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنى ۋە تەپسىىرئىبنى كەسىىرنى ئوقۇشتىن بىھاجەت بولالمايدۇ.

تارىخنى چۇشىنىشنىڭ مۇھىم قائىدىرىدىن يەنەبىرى شۇكى-اللە يارىتىپ ئورۇنلاشتۇرغان(تەقدىرقىلغان) ئۆزگەرمەس تەبىئى قانۇنىيەتلەرئىچىدىكى مۇئەييەن سەۋەپ ئاساسىدامۇئەييەن نەتىجەكىلىپ چىقىشتىن ئىبارەت تەبىئى قانۇننىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە تارىخ تەكرارلىنىپ تۇرغان بولسا،-اللە نىڭ مەخلۇقاتلارنى ئوخشاش بولمىغان-ھەرخىل مىجەزدەيارىتىشى نەتىجىسىدەاللەنىڭ ئىزنى بىلەن ھەرخىل ھادىسىلەرۋەھەرخىل ۋەقەلەر پەيدابولۇپ بۇنىڭدىن ھەرخىل ئىختىلاپلارشەكىللەنگەن ۋە بۇنىڭدىن كۆرەشلەرمەيدانغاچىققان ۋەاللەنىڭ ئىزنى بىلەن غەلبە-مەغلۇبىيەتلەرنىڭ كىشىلەرئىچىدەئالمىشىپ تۇرۇش دەۋلىرىلگى،ئۆزئىپادىسىنى تاپقان.ئەنە شۇتەبىئى تەقدىردە،بەلگىلەنگەن ئىختىلاپلارغاقارىتا،شەرىئەت بەلگىلىمىلىرى بىكىتىلگەن،بۇخىل ئىختىلاپلارنى ئولۇغ اللەنۇرغۇن ئايەتلەردەئەسلەتكەن.11-سۇرەھۇدنىڭ118-119-ئايەتلىرىدەئولۇغ اللەمۇنداق دەيدۇ: <ئەگەرپەرۋەردىگارىڭ خالىسائىدى،پۈتۈن ئادەملەرنى ئەلۋەتتەبىرئۈممەت(بىردىندا)قىلاتتى،ئۇلار(دىن تۇغرىسىدا)داۋاملىق ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر،پەقەت پەۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىگەئېرىشكەنلەربۇنىڭدىن مۇستەسنا،اللەئۇلارنى شۇنىڭ ئۈچۈن(يەنى ئىختىلاپ ئۈچۈن)ياراتتى.>. اللە يەنە 3-سۈرەئال ئىمراننىڭ 140-ئايىتىدە<بۇكۈنلەرنى ئىنسانلارئارىسىدائايلاندۇرۇپ تۇرىمىز(يەنى غەلبىنى ھەمىشە بىرپىرقىدە قىلماي،بىركۈن بۇپىرقىدە،بىركۈن ئۇپىرقىدەقىلىمىز)،>دىگەن . مانائاشۇ قانۇنىيەتكەئاساسەن ھەرقانداق دۆلەت شەكىللىنىش،كۈچلىنىش،قېرىش،يوقۇلۇش باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈرىدۇ.قايسىسىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى،ئولۇغ اللەيۇقۇرقى ئايەتتەئىشارەقىلغاندەك اللەنىڭ تەبىئەت تەقدىرىنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئوبدان رىئايەقىلىپ شەرىئەت تەقدىرىنى(يەنى شەرىئەت قانۇنىنى) ھەقىقى يۇرگىزىش ئارقىلىق اللەنىڭ رەھمىتىگەئىرىشىش بىلەن بولىدۇ.

بۇمۇقەددىمىدىن كېيىن ئەسلى ماۋزۇغاكەلسەك،بىزئەسلەپ ئىبرەت ئالماقچى بولۋاتقان ئوسمانىلارمۇ،يۇقۇردىكى قانۇنىيەتلەربويىچەئادەتتىكى ئەمىرلىك باسقۇچى،سۇلتانلىق باسقۇچى ۋە ئاخىرىداخەلىپىلىك ئېلان قىلىپ خەلىپىلىك باسقۇچلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن.

بىز،ئەنە شۇخەلىپىلىك باسقۇچىنىڭ ئۇمۇمى كۆرىنىشىدىن بىرئازئەسلەپ ئۆتىمىز:

ئوسمانىلارنىڭ خەلىپىلىك دەۋرى تۆۋەندىكى تۆت باسقۇچ بويىچەئۆتكەن بولۇپ،ئۇلار:كۈچ دەۋرى،ئاجىزلىشىش دەۋرى،چۈشكىنلىش، چىكىنىش دەۋرى ۋەئىتتىھادىيىن(يەنى بىرلەشكۈچىلەر)ھۆكۈمرانلىقى دەۋرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

بىرىنجى كۈچ دەۋرى:

ئوسمانىلارنىڭ خەلىپىلىك دەۋرى،سۇلتانلىق دەۋرىدىن پەرىقلىق بولدى،بۇدەۋردە ئۇلارمۇسۇلمانلارغائۇممەت سۇپىتىدەئەھمىيەت بىرىپ،ئۈممەتنى بىرلىككەكەلتۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىپ سەلىپلار(خىرىستىيانلار)ھۇجۇمى ئالدىدابىرسەپ بولۇپ تىك تۇردى،بۇخىزمەت ئوسمانىلارخەلىپىلىگنىڭ خەلىپىلىرى تەرىپىدىن تاكى ئاجىزلىق باسقۇچىغاكەلگىچەئۈزمەي داۋاملاشتۇرۇلدى، ھۆكۈمرانلىقى ئاجىزلىشىشقاباشلىغاندائۇلارئۆز-ئىلكىدەبارنى قوغداشنىڭ غېمىنىلايەيدىغان ھالغاكىلىپ،ئاجىزلىق ئېشىپ بارغانسىرى،ناسارالار(خىرىستىئانلار)ئوسمانىلاردۆلىتىنىڭ بەزى پارچىلىرىنى ئۈزۋېلىپ مۇقىم ئېگەللىۋېلىشتى،بۇنىڭ بىلەن ئۇكاپىرلار،مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدەئۆزىگەياردەمچىلەرنى ياساشقائۈلگۈردى،ۋەئاخىرىداخەلىپىلىكنى رەسمى ئاغدۇرۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق سېپىنى پارچە-پارچەقىلىپ تاشلىدى ۋەھەرخىل گورۇھ-پىرقىلەرگەبولۇپ تاردائىرىلىك مىللەتچىلىك ۋەتەنچىلىك پاتقىقىغاپاتۇرۇپ قويدى.

دىمەك ئوسمانىلارنىڭ خەلىپىلىك دەۋرى ئاشۇنداق تۆت باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ،ھىجرىيە923-يىلىدىن926يىلغىچەياشىاپ ھۆكۈم سۇرگەن سۇلتان سەلىم بىر،ۋەئۇنىڭ ئوغلى ھىجرىيە926-يىلىدىن974-يىلغىچەياشاپ ھۆكۈم سۇرگەن سولايمان ئەلقانۇنى بىر،دىن ئىبارەت پەقەت ئىككى خەلىپەكۈچ دەۋرىدەھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى.دىمەك كۈچ دەۋرى يېرىم ئەسىردىن كۆپ ئېشىپ كەتمىگەن.

ئىككىنجى ئاجىزلىق دەۋرى:

يۇقۇرقى ئىككى خەلىپىدىن كېيىن دەلمۇدەل ئاجىزلىق دەۋرى يىتىپ كەلدى ۋە ئوسمانىلارخەلىپىلىك دەۋرىنىڭ كۆرسەتكۈچ سىزىقى گەرچە ئارىدىكى بەزى كۈچلۈك خەلىپىلەردەۋرىدە تۈزئىلگىرلىگەن بولسىمۇئاساسەن داۋاملىق تۆۋەنگەقاراپ سىلجىشقاباشلىدى،بۇ باسقۇچتائون بەش خەلىپە تەخىتتە ئولتۇردى.

گەرچەبۇباسقۇچ ھىجرىيە974-يىلىدىن ھىجرىيە1327-يىلغىچەسوزۇلۇپ،ئۈچ يېرىم ئەسىردىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ،بۇھالداشۇنداق داۋاملىشالىشىنىڭ سەۋەبى ئاساسلىق مۇنۇ ئامىللارئىدى:

1-ئالدىنقى باسقۇچتىكى دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ھەيبىتى ۋەجۇغراپىلىك دائىرىسىنىڭ كەڭلىگى.

2-مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەتكە نىسبەتەن قەپقالغان نىسبى مۇھەببىتى ۋە ھېمايىسى.

3-ياۋرۇپادۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارائىختىلاپقاكىرىپ قېلىشى ۋەئۇلاردىن بەزى كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلارنىڭ تۇرغۇزىلىشى.

4-ئارلىقتابىرقىسىم كۈچلۈك خەلىپىلەرنىڭ باشقۇرىشى ۋەئۇلارنىڭ ياخشى ئىدارەقىلىشى.

بۇباسقۇچتاخەلىپەبولۇپ ئۆتكەنلەرتۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

سەلىم ئىككى (ھىجرىيە 974-يىلىدىن982-يىلغىچە).

مۇرادئۈچ(ھىجرىيە982-يىلىدىن1003-يىلغىچە).

مۇھەممەدئۈچ(ھىجرىيە1003-يىلىدىن1012-يىلغىچە).

ئەھمەدبىر(ھىجرىيە1012-يىلىدىن1026-يىلغىچە).

مۇستاپابىر(ھىجرىيە1026-يىلىدىن1027-يلىغىچە ۋە1031-يىلىدىن1032-يىلغىچە).

ئوسمان ئىككى(ھىجرىيە1027-يىلىدىن1031-يىلىغىچە).

مۇرادتۆت(ھىجرىيە1032-يىلىدىن1049-يىلىغىچە).

ئىبراھىم بىر(ھىجرىيە1049-يىلدىن1058-يىلىغىچە).

مۇھەممەدتۆت(ھىجرىيە1058-يىلىدىن1099-يىلىغىچە).

سۇلايمان ئىككى(ھىجرىيە1099-يىلىدىن1102-يىلغىىچە).

ئەھمەدئىككى(ھىجرىيە1102-يىلىدىن1106-يىلىغىچە).

مۇستاپائىككى(ھىجرىيە1106-يىلىدىن1115-يىلىغىچە).

ئەھمەدئۈچ(ھىجرىيە1115-يىلىدىن1143-يىلىغىچە).

مەھمۇدبىر(ھىجرىيە1143-يىلىدىن1168-يىلىغىچە).

ئوسمان ئۈچ(ھىجرىيە1168-يىلىدىن1171-يىلىغىچە).

ئۈچىنجى چۈشكىنلىشىش ۋەچىكىنىش دەۋرى:

بۇدەۋرئوسمانىلاردۆلىتى ئىنتايىن ئېغىرئاجىزلىق ھالىغاكىلىپ قالغاندىن كېيىن، شۇنداقلا ياۋرۇپادائويغۇنۇش بولۇپ ئۆزئارىسىدا ئىختىلاپلىرى بولسىمۇئوسمانىلارغاقارشى جەڭ قىلىش ۋەبۆلۋىتىشكەئىتتىپاق تۈزگەندىن كېيىن باشلاندى،بۇئىتتىپاق سەلىپ(خىرىستىئانلىق)رۇھى ئاساسىداھەركەتكەكەلگەن ئىدى.مۇسۇلمانلارغاقارشى بۇئىتتىپاق غەرىپ تارىخ كىتاپلىرىداشەرق مەسىلىسى يەنى ياۋرۇپانىڭ شەرقىگەجايلاشقان دەۋلەتلەرخەۋپى نامىداتونۇلغان.

بۇباسقۇچتىكى خەلىپىلىك مۇددىتىمۇنىسپى ھالداخېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى،يەنى ھىجرىيە1171-يىلىدىن 1327-يىلغىچە،بىريېرىم ئەسىردىن كۆپراق داۋاملاشقان.ۋەتوققۇزخەلىپەھۆكۈم سۈرگەن،ئۇلار:

مۇستاپائۈچ(ھىجرىيە1171-يىلىدىن1187-يىلىغىچە).

ئابدىلھەمىدبىر(ھىجرىيە1187-يىلىدىن1203-يىلىغىچە).

سەلىم ئۈچ(ھىجرىيە1203-يىلىدىن1222-يىلغىچە).

مۇستاپاتۆت(ھىجرىيە1222-يىلىدىن1223-يىلىغىچە).

مەھمۇدئىككى(ھىجرىيە1223-يىلىدىن1255-يىلىغىچە).

ئابدىلمەجىد(ھىجرىيە1255-يىلىدىن1277-يىلىغىچە).

ئابدىلئەزىز(ھىجرىيە1277-يىلىدىن1293-يىلىغىچە).

مۇرادبەش(ھىجرىيە1293-يىلىدىن1293-يىلىغىچە).

ئابدىلھەمىدئىككى(ھىجرىيە1293-يىلىدىن 1328-يىلغىچە).

تۆتىنجى ئىتتىھادىييىن(بىرلەشكۈچىلەر)ھۆكۈمرانلىقى دەۋرى:

سۇلتان ئابدىلھەمىد ئىككىنى ھۆكۈمرانلىقتىن ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن خەلىپىلكتىكى ھەممەنەرسەئىتتىھادىييىن(بىرلەشكۈچىلەر)نىڭ قولىدابولدى، خەلىپەبولساپەقەت شەكىلدىن ئىبارەت بوپقالغان ئىدى،بۇ ھال ئۈچ خەلىپىدىن ئۇزۇن داۋاملاشمىدى،چۈنكى دۆلەت بىرىنجى دۇنيائۇرۇشىغاگىرمانىيە تەرەپ بولۇپ كىرىپ مەغلۇپ بولۇپ،ھەقىقى ھاكىمىيەت ئۆزئىلكىدەبولغان ئىتتىھادىييىن(بىرلەشكۈچىلەر)كۈچلىرىنىڭ ئاساسلىق ئادەملىرى قېچىپ، ھۆكۈمگەئۆزشەھۋىتى بىلەن ئاۋارەيۇرگەن ئاتالمىش مۇستاپاكامال ئاتاتۇرۇك يېڭىدىن يىتىپ كەلدى ۋە پىلان بويىچە تۆت ئەسىردىن كۆپ داۋاملاشقان ئىسلام خەلىپىلىگى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ تاشلاندى،خەلىپىلىك يوقالغاندىن كېيىن ھازىرغىچەمۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىلىگى قايتاتىكلەنگىنى يوق،مۇسۇلمانلارداۋاملىق بۆلۇنۇپ،تاردائىرىلىك مىللەتچىلىك،تاردائىرىلىك ۋەتەنچىلىك شۇئارلىرىنى ۋاقىرىشىپ،ئۆز-ئۆزىگەھۇجۇم قىلىشىپ ئاجىزلىشىپ كەتتى. ئىتتىھادىييىن(بىرلەشكۈچىلەر)دەۋرىدە ئۆتكەن ئۈچ خەلىپىلەر:

مۇھەممەدرىشاد، يەنى مۇھەممەدبەش (ھىجرىيە1328-يىلىدىن 1337-يىلىغىچە).

مۇھەممەدئالتە(ۋەھىدىددىن)(ھىجرىيە1337-يىلىدىن1340-يىلىغىچە).

ئابدىلمەجىد ئىككى(ھىجرىيە1340-يىلىدىن1364-يىلغىچە).قاتارلىقلاردۇر.

مەنبە مەھمۇدشاكىرنىڭ <ئىسلام تارىخى>كىتابىدىن قىسقارتىپ ئېلىنىدى.

لۇتپى
مەنبە نۇرلۇق ئىسلام تورى
كۈلسەم  قەلبىم يىغلايدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە|www.ejdad.com

GMT+8, 2011-3-3 12:47 , Processed in 0.050172 second(s), 14 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.