- تۆھپىسى
- 0
- ھوقۇق
- 100
- تىزىملاش
- 2011-2-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-1
- بايلىقى
- 92
- شۆھرىتى
- 0
- توردا
- 10小时
- يازما
- 45
- تېما
- 25
- ھەمبەھر
- 0
- نادىر تېما
- 0
- جۇغلانما
- 137
  
- تۆھپىسى
- 0
- ھوقۇق
- 100
- تىزىملاش
- 2011-2-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-1
- بايلىقى
- 92
- شۆھرىتى
- 0
- توردا
- 10小时
- يازما
- 45
- تېما
- 25
- ھەمبەھر
- 0
- نادىر تېما
- 0
- جۇغلانما
- 137
|
ئۇيغۇرلار ۋە كۆپ خۇتۇنلۇق بولۇش
ئۇچقاندەك تەرەققى قىلۋاتقان بۈگۈنكى بۇ جەميەتتە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى سەۋىيىسى ،ساپاسى كۆرنەرلىك ياخشىلانماقتا،ھەم ئۇيغۇر جەمئىيتى ئومۇمىي يۈزلىك مائارىپ تەربىيسىگە ئۇچىرماقتا،ئىلىملىك كىشلىرمىزنڭ سانى كۈنسايىن ئاشماقتا،ئارىمىزدىن ئالىملار،پىرافسورلار،دوكتۇرلار،ۋە مىليادىر بايلار يىتىشىپ چىقىپ مىللىتىمىزنى دۇنياغا تۇنۇتماقتا،بۇ ھەقىقەتەن بىز پەخىرلىندىغان بىر ئىش، لىكىن بىزنىڭ جەمئىيتىمىزدە يەنە بىر يىڭدىن مودا بولۋاتقان بىر ئىش دەل كۆپ خۇتۇنلۇق بولۇش بوپ قالدى.
ئەلۋەتتە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش بولسا ئەلمساقتىن تارتىپ توغرا دىيلۋاتقان،قۇرئان كەرىم ھەم توغرا دىگەن بىر ئىش،ھەم 1400 يىلدىن بىرى بۇ خىل تۇرمۇش ئادىتىدە كىشلەر كۆپ خۇتۇنلۇق بولۇپ ،ئۇنىڭدىن ئائىلە لەززىتى،جەميئىيەت راۋاجى بارلىققا كەلگەن،،قىسمەن باراۋەرلىك سەۋەبىدىن كۆڭۈلسىزلىك كىلپ چىققان بولسىمۇ لىكن ئومۇمىيلققا تەسىر يىتىپ باقمىغان ئىدى،
لىكىن تولىمۇ ئەپسۇس،بۇ ئىش بۈگۈنكى كۈنلىكتىكى ئۇيغۇر جەمئىيتىگە كەلگەندە ئادەمنى تولىمۇ سەسكەندۈردىغان بىر ئىشقا ئايلاندى،كۆپ خوتۇن دىگەن سۆز چىقىپ بولغىچە كىشلەرنىڭ كۆڭلى ئايىندىغان بولدى،شۇنىڭ بىلەن ئاخىردا شۇ ئۆتمىشتىكى كىشلىرمىزنى ئەخمەققە،ساراڭغا،زالىمغا چىقىردىغان كۆز قاراش مەيدانغا كەلدى،كىشلەر بىرسى ئىككىنجى خوتۇن ئاپتۇ دىسە ئۇنىڭغا مەنسىتمەسلىك بىلەن قارايدىغان،ئۇنىڭغا ئالدامچىغا قارغان نەزەر بىلەن قارايدىغان ،ئەگەر بىرە ئايال كشگە كۆپ خۇتۇنلۇق بولۇش توغرا دىگەن بىر ئىغىز گەپنى چىقىرىپ قالسا ئۇنى دەرھال شەھۋەتپەرەس ئىنسانغا چىقىرۋىتدىغان ئىچىنىشلىق ھالەت شەكىللەندى،ئەسلى ئىش شۇنداقمىدى؟؟؟كۆپ خۇتۇنلۇق بۇلۇش شۇنچە يىرگنىشلىك ئىشمۇ؟؟؟ئەمسە بۇنىڭغا زادى نىمە سەۋەپ بولۋاتىدۇ؟؟؟
بۇنىڭغا يەنىلا شۇ ئۆز مەنپەتىگە توغرىلام كىلدىغان ئىش بولسا ئايەت ھەدىسلەرنى ئۆز مەيلىچە بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ ئۆز مەقسىتىگە يىتىدغان شۇ نامەرد بايقۇشلار سەۋەپ بولۋاتىدۇ.
ھازىرقى جەمئىيەتتە نۇرغۇن نائەھلى كىشلەر ئۆزنىڭ شۇ شەھۋىتى ئۈچۈن قىلچە ئىكلەنمەستىن يەنە بىر خۇتۇن ئىلشقا ئىسلام قالپىقىنى كىيگۈزۈپ خۇتۇن ئىلىپ،ئاندىن بىرىنجى خۇتۇنى بىلەن كارى بولماستىن ئۇلارنى كوچىغا چىقىرىپ قۇيۇپ،باللىرنى يىتىم قالدۇرۇپ ،يىڭى ئالغان كىچىك خوتۇنىغا كونىرغىچە چىكىدىن ئاشۇرۇپ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ،ئىسلامدىكى كۆپ خۇتۇنلۇق بولۇشنى ھاقارەتكە ئۇچىرايدىغان ھالەتكە سەۋەپ بوپ قىلۋاتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە 5000 يىللىق تارخقا ئىگە جۇڭگو تارىخدىمۇ كۆپ خۇتۇنلۇق بوولغان ،كاڭشى خاننىڭمۇ نۇرغۇن خۇتۇنلىرى بولغان،ھە قانداق مىللەت ھەرقانداق دۆلەتلىدە بۇ ئىشلا بولغان،لىكىن بۇلارنىڭ ھىچقايسىدا ئىلاھى تەلىم بولمىغان،بىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ دىنمىزدا بولسا تۆت خۇتۇنغا ئوخشاش ،ئادىل مۇئامىلدە بولۇشقا قارىتا ئىلاھى بۇيرۇقلار كەلتۈرۈلگەن،ھەتتاكى قۇرئان كەرىمدە ھەم تۆتكىچە ئىلىشقا بولدۇ لىكىن ئادىل بولالماسلىقتىن ئەنسىرسەڭلار بىرى بىلەن كۇپايىلنىڭلار ،بۇ تەقۋالىققا يىقندۇر دىگەن مەزمۇندا قەيىت قىلىنغان،ھەم كۆپ خۇتۇن ئىلىشتا تۇل خوتۇن ،يولدىن چىكتىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولغان خۇتۇنلارنى ئىلىپ جەمئىيەتنى ياخشىلاشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.لىكىن بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بىز ئۇيغۇر جەمئيتىدە بۇ ئۆزگىرەپ ،خۇتۇننى ئىلۋالغىچە ئىسلامنى دەستەك قىلدىغان،ئىلۋىلىپلام ئىسلامنىڭ بۇيرۇقلىرنى چۈرۈپ تاشلايدىغان ،ئىككىنجى،ئۈچۈنجى تۆتىنجسگىمۇ 18 ياش ئەتراپىدىكى قىزلارنى ئىلۋىلىپ مەن جەمئىيەتكە تۆھپە قۇشتۇم دىيشتىن قىلچە ئۇيالمايدىغان ئىش ئەۋج ئالماقتا.
قىرىنداشلار ،ئىسلامدىن بۇنداق ئۆز رايىمىز بويىچە پايدىلنىۋەرمەيلى،ئەگەر بۇنداق ئىسلامنىڭ شەنىگە ،پەيغەمبەر ساھابىلەرنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرىپ خۇتۇن ئالدىغان ئىش بولسا ،ئىسلام قالپىقىنى كەيگۈزۋالماي خۇتۇن ئىلىۋەرسەڭلا،ئىسلامغا زىيانكەشلىك قىلشتىن ساقلانساڭلار دەپ ئويلايمەن.......
مەنبە :ئۆزۈم
|
|