ئەجداد مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
ئەجداد مۇنبىرى مۇنبەر ئۇيغۇر شەھىدانە خوتەن
كۆرۈش: 62|ئىنكاس: 4
go

شەھىدانە خوتەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپىسى
0  
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2011-1-29 
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-27 
بايلىقى
116  
شۆھرىتى
0  
توردا
31小时 
يازما
41 
تېما
15 
ھەمبەھر
نادىر تېما
جۇغلانما
157 

خەلپەت تارخان خاس ھاجىپ

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-18 00:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇختار قادىر ھونزادە

تارىخي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،بۇندىن 2000يىللار ئىلگىرى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا"ئۇدۇن"دەپ ئاتىلىدىغان بىر خانلىق ئۆتكەن بولۇپ،كىيىنكى ۋاقىتلاردا ماچىن،ئىلچى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغانكەن.ئىسلام دىنى بۇ يەردە ئومۇملاشقان كىيىن،"شەھىدانە خوتەن"دەپ ئاتالغان بۇ يۇرۇت ئەمدىدىلىكتە "خوتەن"دەپلا ئاتالماقتا.
ھەرقانداق بىر تارىخىي جەريان ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ شاھىدى بولغان يازما يادىكارلىق ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ.قەدىمكى ئۇدۇن توغرىسىدىكى يازما خاتىرە بۇندىن 1800يىللار ئىلگىرى يېزىلغان"كىيىنكى خەن سۇلالىسى تارىخى"دا ئۇچرايدۇ①.ئۇنىڭدا:"ئۇدۇن(گاستانا)نىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن ئون نەچچىسى،كىچىك شەھەرلىرىدىن نەچچە ئونى بار"دېگەن مەلۇمات قالدۇرۇلغان."لىياڭنامە.غەربىي يۇرۇتتىكى مىللەتلەر تەزكىرىسى"دە:"ئۇدۇن خانى بۇددا نوملىرىنى ياغاچقا تېڭىپ ئوقۇيدىكەن،تامغېسى قاشتېشىدىن ياسالغان ئىكەن"دېيىلگەن بولسا،"سەيياھ فاشەننىڭ تەرجىمىھالى"دا ئۇنىڭ ئۇدۇنغا قىلغان سەپىرى تىلغا ئېلىنىپ،ئۇ يەردە ئون تۆت چوڭ ئىبادەتخانا بارلىقى،بىر ئىبادەتخانىنى ئۈچ پادىشاھنىڭ 80يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ پۈتتۈرگەنلىكى،ھەر يىلى 3-4-ئايلاردا كۈجە كۆيدۈرىلىپ،بۇت سەيلىسى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن."يىڭى بەش دەۋىر تارىخى"نىڭ ئىلاۋىسىدە ئۇدۇن خانىنىڭ ئوردىسىدا دائىم سۆسۈنە تونلۇق 50نەپەر بۇددا راھىبىنىڭ دەرقەمدە تۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.مەخمۇت قەشقىرى"تۈركىي تىللار دىۋانى"دا:"ئۇدۇن---خوتەن شەھرىنىڭ قەدىمكى نامى"دەپ ئېنىق ئىزاھلايدۇ②.دەرۋەقە،قەدىمكى ئۇدۇن بەگلىكى ھىندىستاندىن قوبۇل قىلغان بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ،ئۆزىگە خاس بۇددا مەدەنىيىتىنى يارىتىش بىلەن بىرگە،بۇ دىننى تارىم ئويمانلىقىنىڭ باشقا جايلىرىغا،جۈملىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ تارقاتقان ئىدى.ئۇدۇنغا 1000يىل ئەتراپىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋايجىراخان جەمەتى سادىق بۇددا مۇخلىسلىرىدىن بولغاچقا،بۇددا نوملىرى دۆلەت قانۇنى ھېساپلانغان.
بۇندىن 1064يىل بۇرۇنقى قاراخانىلار خانلىقىنىڭ ياش پادىشاھى سۇتۇق تېكىن بۇغراخان قەشقەرنى ئىسلاملاشتۇرغاندىن كىيىن،ئاقسۇ ۋە خوتەنلەرگە يۈرۈش قىلدى.ئېلى ئارسلانخانغىچە بولغان ئۈچ ئەۋلاد بۇغراخان خوتەن بۇددىسلىرى بىلەن كەسكىن ئېلىشقان بولسىمۇ،ئۇلارنى يىڭەلمىدى③.ئۇدۇن خانى خالىخال ماچىن ئەۋەتكەن نوقتى رەشىد بىلەن چوقتى رەشىد(ئاكا-ئۇكا)باشچىلىقىدىكى ئۈچ تۈمەن لەشكەر ئىسلام غازاتچىلىرى بىلەن 24يىل ئېلىشىپ،ئاخىرى(مىلادى998-يىلى)يۈسۈپ قادىرىئان ياردەمگە چاقىرغان ئىراقلىق تۆت ئىمام④نىڭ تۆت تۈمەن لەشكىرى تەرىپىدىن يوقۇتۇلدى.نوقتى رەشىد بىلەن چوقتى رەشىد نىيە تاغلىرىغا چېكىنىپ،جان-جەھلى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ،مىلادى 1006-يىلى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى.مانا بۇ ۋاقىت خوتەن دىيارىنىڭ ئىسلاملاشقان ۋاقتى بولۇپ قالدى.
ئەپسۇسكى،ئىسلام مەدەنىيىتى ناھايىتى تېز گۈللىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە غەربىي لىياۋ(كىدان) خانلىقىنىئۇڭ خاقانى كۈچلۈكخان ئۇدۇنغا بېسىپ كىرىپ،بۇ يەردىكى خەلىقنى ئۆزلىرى ئىتىقاد قىلىۋاتقان نىستۇران دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرماقچى بولدى.ئىلگىرىكى بۇتخانىلارنى چېقىپ،ئورنىغا مەسچىت سالغېلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان خەلىققە بۇ بىر ئېغىر زۇلۇم بولۇپ تۇيۇلدى-دە،قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتتى.غەزەپلەنگەن كۈچلۈكخان مىلادى 1212-يىلى يازدا ئالاھىدىن مۇھەممەت خوتەن ئىسىملىك باشچى ئىمامنى سېپىلغا تۆت دانا چوڭ قوزۇق مىق بىلەن مىقلاپ ئۆلتۈردى ۋە ئارقىدىنلا 3000ئىسلام مۇرىتىنى تىرىك كۆمۈۋەتتى.
دەھشەتلىك باستۇرۇشقا ئۇچرىغان ئۇدۇن خەلقى بۇنىڭلىق بىلەن بوشاپ قالمىدى،ئەكسىچە،ئىسلامغا بولغان ئەقىدىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ،شېھىتلەر(ئۆلگەنلەر)نى ئۇلۇغلىدى.رىۋايەت قىلىنىشىچە،"شەھىدانە خوتەن"دېگەن نام نام ئەنە شۇ مۇھەممەت خوتەن باشلىق شېھىتلەرنىڭ نامىغا ئاتالغانكەن.
ئارخىئولوگ سېتەيىن "قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن" ناملىق ئەسىرىدە:"بۈگۈنكى خوتەن قەدىمكى يوتكان دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن،چۈنكى يوتكان خارابىلىقى قەدىمكى ئۇدۇن خانلىقىنىڭ پايتەختىدۇر" دەپ يازىدۇ⑤.قانداقلا بولمىسۇن،ئىسلام ئېچىش تارىخىدا شېھىت بولغانلارنىڭ خوتەن تارىخىدا ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى "شەھىدانە خوتەن" ئاتالمىسىنىڭ بىردىن-بىر مەنبەسىدۇر(بۈگۈنكى كۈندە خوتەن خەلقىنىڭ تۆت سانىنى ياخشى كۆرمەسلىكى دەل ئەششۇ قاباھەتلىك تكت تال قوزۇقنىڭ خەلق قەلبىگە قالدۇرغان جاراھىتىدۇر).
مىلادى 1214-يىلى كۈچلۈكخاننىڭ موڭغۇللار تەرىپىدىن يوقۇتۇلغانلىقى،خوتەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان موڭغۇللارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى يولغا قويغانلىقى،چاغاتاي،سەئىدىيە ئىئانلىقلىرىنىڭ خوتەننى ئىدارە قىلغانلىقى ۋە مىڭ،چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خوتەننىڭ تارىخى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن،ماقالەمنى ئۇزارتىپ ئولتۇرمايمەن.


ئىزاھات:① ---"شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى" ژورنىلى،1989-يىللىق 3-سان 160-بەت
②---مەخمۇت قەشقىرى:"تۈركىي تىللار دىۋانى"،ئۇيغۇرچە نەشرى،1-توم 104-بەت
③---قەشقەر يىڭىشەھەردىكى بىر جەڭدە ئېلى ئارسلانخان نامازدا ئۆلتۈرۈلگەن.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،ئۇنىڭ بېشى دۆلەتباغقا،تېنى"ئوردام"غا دەپنە قىلىنغانكەن.
④---بۇ تۆت ئىمام:ئىمامى نەسرىدىن،ئىمامى مۇئىدىن،ئىمامى زوھۇرىدىن،ئىمامى قەۋمىدىنلاردىن ئىبارەت بولۇپ،ئىمامى مۇئىدىن قاغىلىقتىكى جەڭدە،ئىمامى زوھۇرىدىن ۋە باشقىلار خوتەن،چىرىيە،نىيەلەردىكى جەڭلەردە ئۆلگەن.
⑤---پېتىر خوپكېرىك(ئەنگخلىيە):"يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار" .

بۇ ماقالە ئەسلىدە "جەنۇبىي شىنجاڭ نېفىت گېزىتى"نىڭ 1994-يىل20-مايدىكى سانىغا بېسىلغان.
مەنبە ھونزادە بىلوگى
كۈلسەم  قەلبىم يىغلايدۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تۆھپىسى
0  
ھوقۇق
100 
تىزىملاش
2011-2-16 
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-1 
بايلىقى
92  
شۆھرىتى
0  
توردا
10小时 
يازما
45 
تېما
25 
ھەمبەھر
نادىر تېما
جۇغلانما
137 

جارچىبەگ يەزەك ئىلغار خەلپەت تارخان

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-18 15:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاللا بۇ خوتەنلىكلەرگە ھەقىقەتەنمۇ باتۇرلۇقنى كۆپ ئاتا قىلغانكەن، ئاللانىڭ رەھمىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردا خوتەنلىكنىڭ ئىزناسىنى تاپقىلى بولدىكەن~~~~`
ئامالسىز قالدىم!!!رەببم ئاسانلىق بەرگىن~~~~~~

Rank: 1

تۆھپىسى
0  
ھوقۇق
10 
تىزىملاش
2011-2-18 
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-18 
بايلىقى
7  
شۆھرىتى
0  
توردا
0小时 
يازما
تېما
ھەمبەھر
نادىر تېما
جۇغلانما
12 

لەشكەر ئونلۇغ

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-18 16:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا
گىپىڭىز

Rank: 1

تۆھپىسى
0  
ھوقۇق
10 
تىزىملاش
2011-2-17 
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-20 
بايلىقى
18  
شۆھرىتى
0  
توردا
2小时 
يازما
تېما
ھەمبەھر
نادىر تېما
جۇغلانما
20 

لەشكەر

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-19 22:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دەرۋىش يوللانغان ۋاقتى 2011-2-18 15:40
ئاللا بۇ خوتەنلىكلەرگە ھەقىقەتەنمۇ باتۇرلۇقنى كۆپ ئات ...

ھى ھى ``شۇڭا خوتەنلىك بوپ قالغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن جۇمۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپىسى
0  
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2011-1-29 
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-27 
بايلىقى
116  
شۆھرىتى
0  
توردا
31小时 
يازما
41 
تېما
15 
ھەمبەھر
نادىر تېما
جۇغلانما
157 

خەلپەت تارخان خاس ھاجىپ

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-19 22:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شاھىدانە خوتەن
ئەزىزانە قەشقەر
غېرىبانە يەكەن
ئاقسۇنى نىمدەيتى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ....
كۈلسەم  قەلبىم يىغلايدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە|www.ejdad.com

GMT+8, 2011-3-3 07:02 , Processed in 0.060900 second(s), 14 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.