مىنى قۇتقۇزۇرمۇسىز؟
(ئۆرىمە ئەسەر)
بۇ كۈنگە چىدام يوق، يوق ئىرۇر سەبىر،
چۈشۈمدە قىيناق بار ئوڭۇمدە جەبىر،
يىقىنلاشماقتىدۇر تابارە قەبىر،
مىنى بۇ فۇرسەتتىن قۇتقۇزۇرمۇسىز؟
تالاي ئادەملەرگە يولۇقتىم ئۇلەر،
كاتتا ۋەدىلەر بىلەن دوسلەرىم بولەر،
سۇڭ تىنماي پىنھانە غەيبەتىم قىلەر،
مىنى بۇ كۈلپەتتىن قۇتقۇزۇرمۇسىز؟
ئەقلىمگە باقىمەن نىگاھى يامان،
قەلبىدىن سىزلىپ چىققاندا گۇمان،
ئەھدلشالمىسەك بۇ قانداق زامان،
مىنى بۇ ئاففەتتىن قۇتقۇزۇرمۇسىز؟
باللەرىم يىغلار سوراپ ئستىباق،
مەن ئۇلەر ئالدىگە قۇيدىم قۇغۇرچاق،
شەيتاننىڭ ئىيتقىنى غالىپكەن بۇ چاغ،
مىنى بۇ دەۋتتىن قۇتقۇزۇرمۇسىز؟
ئاخىرەت قايغۇسى يوقىلىپ قالسە،
گۈزەل سەنەمچىلەر كۆڭلىمنى ئالسە،
دۇنيانىڭ ئىشلەرى ئەجەپكە سالسە،
مىنى بۇ ھەيرەتتىن قۇتقۇزۇرمۇسىز؟
ئەڭ سۇنگى ئىشەنچىم قايگىدۇر تىشىپ،
ئىمان قىچىپ كەتسە تاغلاردىن ئىشىپ،
ئۇنىڭ ئارتىدىن زاركەتسەم ئەرگەشىپ،
مىنى بۇ غەيرەتتىن قۇتقۇزۇرمۇسىز؟
ھايات داۋامىگە يەتمىسە كۆزۈم،
تىغدەك پاتمىسا گەر ئىيتىلگن سۆزۈم،
باشقۇرالمىسام ئۆزۈمنى ئۆزۈم،
مىنى بۇ ھەسرەتتىن قۇتقۇزۇرمۇسىز؟
بۇ كۈنگە چىدام يوق، يوق ئىرۇر سەبىر،
چۈشۈمدە قىيناق بار ئوڭۇمدە جەبىر،
يىقىنلاشماقتىدۇر تابارە قەبىر،
مىنى بۇ فۇرسەتتىن قۇتقۇزۇرمۇسىز؟ |