ئەجداد مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
ئەجداد مۇنبىرى مۇنبەر ئۇيغۇر ئەخمەت ئەپەندىم ھەققىدە يېز ...
كۆرۈش: 70|ئىنكاس: 4
go

ئەخمەت ئەپەندىم ھەققىدە يېزىلغان بىر قىسىم شىئىر-ناخشىلار

Rank: 1

تۆھپىسى
0  
ھوقۇق
10 
تىزىملاش
2011-2-7 
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-15 
بايلىقى
13  
شۆھرىتى
0  
توردا
1小时 
يازما
تېما
ھەمبەھر
نادىر تېما
جۇغلانما
14 
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 18:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىسرائىل تۇردى
مەرھۇم رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە يېرىم ئەسىردىن ئاشقان بولسىمۇ،ئەمما ئۇ خەلىق ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىۋاتقان «ئەخمەت ئەپەندىم» ھەققىدىكى تەرىپلەر سەۋەبىدىن،خۇددى ئەتىراپىمىزدا ھېلىغىچە ياشاپ كىلىۋاتقاندەكلا تۇيۇلىدۇ.ئۇنىڭ سەمىمىيلىك يېغىپ تۇرغان ئىللىق چىرايى كۆز ئالدىمىزدىن زادىلا كەتمەيدۇ.چۈنكى ئەخمەت ئەپەندىم ئۆزىنىڭ بارلىقىنى چىن ئىخلاسى بىلەن خەلىققە بېغىشلىغان ۋە شۇ يولدا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تەغدىم قىلغان بولغاچقا،خەلىقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
ئەخمەت ئەپەندىمنىڭ ھاياتى تولىمۇ قىسقا ھايات بولدى.ئەنە شۇ قىسقا ھاياتىدا باشتىن ئاخىر خەلىقنىڭ غېمىنى يەپ،خەلىق ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى.شۇڭا ئۇ نەگىلا بارسا،خەلىقنىڭ يۈكسەك ھۆرمەت-ئالقىشىغا ئىرىشتى.خەلىق ئۇنىڭ ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى ھەرخىل شەكىللەر بىلەن ئالقىشلىدى. ۋاپاتىدىن كېيىن خەلىق مەرسىيە،ئەسلىملەرنى يېزىپ،ئۇنىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى ھەم دىگەن گەپ-سۆزلىرىنى ئەسلەپ، چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن ئۇنى ياد ئىتىپ كەلمەكتە.ئەنە شۇ ھۆرمەت-ئالقىشلارنىڭ بىر خىلى بولغان شىئىر-ناخشىلارنىڭ بىر قىسمى ئەخمەت ئەپەندىم ھايات ۋاختىدا،بىر قىسمى ۋاپاتىدىن كېيىن يېزىلغان.تولىمۇ ئەپسۇس بۇ ھەقتە ئىزلىنىشكە بەكمۇ كىچىككەن ئىكەنمەن.شۇنداق بولسىمۇ،ھازىرچە ئىرىشكەن بىر قانچە شىئىر-ناخشىلارنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنماقچىمەن.گەرچە بىر قىسىملىرى تولۇق بولمىسىمۇ ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئاز-تولا يىپ ئۇچى بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

سالام رەھبىرىمىز
سالام رەھبىرىمىز ئەخمەتجان،
ئالىي باش قوماندانىمىز ئىسھاقجان.
چېنىقتۇق پولاتتەك ئۆز قولىڭىزدىن،
بۇيرۇق بولسا بىز تەييار.

ئاق قار،كۆك مۇز شىۋىرغانلاردا،
قاراڭغۇ كېچە يا تۇمانلاردا.
قورىقماستىن كۆكرەك كىرىپ ئالغا بېسىپ،
ئاتاككا قىلىشقا قەسەمياد قىلىپ بىز تەييار.①

ئىنقىلابىي باشچىمىز
ئىنقىلابىي باشچىمىزگە كۆڭلىمىز داستان ئېرور،
ساھىباندۇر بۇ ۋەتەنگە رەھمى ئاسمان ئېرور.
خوش خۇلۇق،ئەخلاقى خوپ،ھىچكىم ئۇنىڭدىن رەنجىمەس،
موللا،ئالىم ياش يىگىتتۇر،ئەمرىگە جان قۇربان ئېرور.

ئول يىگىتتۇر ئىسمى ئەخمەتجان قاسىمى قەلبى پاك،
ئىنقىلابىي داھى،رەھبەر قىلمىشى ئېھسان ئېرور.

باغ بىنا قىلدى ۋەتەنگە خەلىقچىل تىكتى كۆچەت،
كىم ئەگەر قەست ئەيلىسە يەر بىلەن يەكسان ئېرور.

ئول مۇبارەك باغ ئارا دۈشمەن تىكەن چاچماق بۇلۇر،
شۇم تىكەن ئۆسمەي ھامان مەقسىتى گۇمران ئېرور.

چىن يۈرەكتىن ئەيلىدىم ئابدۇرەھىم قۇتلۇق②دۇئا،
مەقسەت زامان بەردى خۇدا كۆڭلۈمدىكى ئارمان ئېرور.

ئۇستازىم(1)
بەخت يولىنى ئىجاد ئەتكەن ئۇستازىم،
ھايات يولىنى پارلاق ئەتكەن ئۇستازىم.
گۈل بېغىمنىڭ پاسىبانى ئۇستازىم،
ھۆرمەت-ئالقىش ساڭا بولسۇن ئۇستازىم.

دۇنيا يۈزىگە داڭقىڭ كەتكەن سەن ئۆزۇڭ،
كەلگۈسىنى ئالدىن كۆرەدۇر كۆزۈڭ.
ھەممىمىزگە ئىنئام بىرەدۇر سۆزۇڭ،
بەختىمىزگە ئامان بولغىن ئۇستازىم.

قاراڭغۇ زىندان بولغانىدى ماكانىم،
پىكرىم سۇنۇپ،كۈلپەتلەرگە تولغاندىم.
ئازاد بولدۇم بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇم،
ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسۇن سىنىڭ ئۇستازىم.


ئۇستازىم(2)
بەخت يولنى ئىجاد ئەتكەن ئۇستازىم،
ھايات يولىنى پارلاق ئەتكەن ئۇستازىم.
بۇ ۋەتەندە ئىزىلگەن ئەل رەھبىرى،
جان تەسەددۇق ھەق يولۇڭدا ئۇستازىم.

غەلبە يولىنى ئاچقان دانا ئەخمەتجان،
ئارمىيىمىز قوماندانى ئىسھاقجان.
خەلقىمىزنىڭ قەھرىمانى دەلىلقان،
ياش ئاۋانگارت ئابباسوفلار ئۇستازىم.

تۇپرىقىڭىزنى گۈللەيمىز بىز مىليون ئەل،
چىقتۇق مانا كەڭ مەيدانغا باغلاپ بەل.
غەلبە كۈيلەپ دائىم ئالغا باسىمىز،
ياتقان يېرىڭ جەننەت بولسۇن ئۇستازىم.

ئۇزۇن يىللار تەلىم ئالدۇق قولۇڭدا،
پەرمان مەدەت ھەق يولىڭدا ئۇستازىم.
مەقسىتىڭىزنى ھەق يولىڭىزدا ئورۇنداشقا،
ئۈنلۈك قەسەم ياد ئەيلىدۇق ئۇستازىم.

ئۇنۇتماس ئەۋلادلىرىڭ
ئسىت سەن يوق بولدۇڭ ئارادىن بۈگۈن،
ئەي!مىللەتنىڭ مەنىۋى ئاتاسى.
ئىتىپ خىزمەتلىرىڭ مائارىپ ئۈچۈن،
سالدىڭ كۆپلىگەن مەكتەپ بىناسى.

قىلدىڭ خەلقىڭگە مائارىپ ئاتا،
ياغلىسۇن قەبرەڭگە رەھمەت دائىما.
ئۇنۇتماس سىنى بۇ ئەۋلادلىرىڭ،
ھەق سەنگە ئەيلىسۇن جەننەتنى ئاتا.

ماتەم شىئىرى
ئىسىت ئاھ!ئەزىز ئاھ!رەھبەرلىرىمىز،
قايغۇ-ھەسرەتلەردە بىزنى قالدۇردىڭىز.
گومىنداڭچىلار بىلەن كۈرەش قىلىشتا،
كۆرۈلگەن شەرەپلىك خىزمەتلىرىڭىز.
ئەخمەتجان ئەپەندىم،گىنرال ئىسھاقبەگ،
چىن قەلبىمىزدىن سىزلەرنى ئەسلەيمىز.

بولدى بىزلەرگە تارىخىي بىر داغ،
يۈركىمىزگە خەنجەر ئۇردى تۇمانلىق تاغ.
ئازادلىق كۈنلىرى قانات يايغاندا،
بۇ خوشال كۆڭلىمىز قايغۇ ئاستىدا.
ئابباسوف،دەلىلقان دانالىرىمىز،
چىن قەلبىمىزدىن سىزلەرنى ئەسلەيمىز.

ئەخمەتجان
دانا رەھبەر ئەخمەتجان،
ئىزىڭدا بىز ھەر قاچان.
سەن بىزلەرنى يىتەكلەپ،
ئالغا ماڭغان قەھرىمان.

سەن شېھىت روھىڭ تىرىك،
قەلبىمىزدە ياشايسەن.
كۈتكەنلىرىڭ بۇلىدۇ،
سەن مەڭگۈ ئۇنتۇلمايسەن.

«ياشلىرىمىز بەخىتلىك»،
دىگەنىدىڭ سەن تىنماي.
بەختىمىزنى تاپىمىز،
تەلىمىڭنى ئۇنۇتماي.④

بۇ ناخشىلار ئەينى يىللاردا سەنئەت ئومەكلىرى تەرىپىدىن ئوروندالغان.ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارلىقتا مەخسۇس سەنئەت ئۆمەكلىرىدىن باشقا،مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلاردىن،ناھىيە،يېزىلاردا خەلىق ئىچىدىكى ناخشىچى،ئۇسۇلچى،قىزىقچىلاردىن ئۇيۇشتۇرۇلغان سەنئەت گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن ئورۇندالغان.بۇنىڭ تەسىرى بىلەن بۇ ناخشىلار كەڭ تارقىلىپ ھەممە كىشلەرگە دىگۈدەك ياد بۇلۇپ كەتتى.كىشلەر بۇ ناخشىلارغا شۇنچىلىك قىزىقىپ شۇ قەدەر ھەۋەس قىلىشتىكى،مەلۇم ئارتىس سەھسنىدە ناخشا ئورۇنلىسا، تۆۋەندە ئۇيۇن كۆرىۋاتقانلار ئارىسىدىكى بالىلارمۇ قۇشۇلۇپ ئېيتىپ كەيپىياتنى تېخىمۇ جانلاندۇرۋەتكەن ئەھۋاللار بولغان. ئۇيۇن كۆرۈپ قايىتقان كىشلەر ئارىسىدا،بۇلۇپمۇ ياشلار كوچىلارغا تارقىلىپ ماڭغاندا،بىرقانچىسى تەڭلا بىرەر ناخشىنى ئېيتىپ مېڭىشاتتى.توي-تۈكۈن سورۇنلىرى تېخىمۇ شۇنداق.ھەتتا ئېتىزلىق،خامانلاردا ئىشلەۋاتقانلار،ئەتىگەن،ئاخشاملىرى ھارۋا بىلەن ئوتۇن-سامان توشۇغانلار،يېزا،مەھەللە كوچىلىرىدا ئۇيان –بۇيان ئۆتكەنلەرمۇ ناخشا ئېيتىپ ماڭىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ،ھەممىلا ئادەم ناخشىچى بۇلۇپ كەتكەندەك تۇيۇلاتتى.ئېيتىلدىغان ناخشىلار ئەلۋەتتە كۆپ بۇلىدۇ.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەخمەت ئەپەندىم ھەققىدىكى ناخشىلار بىلەن پىدائىي قىسىملار ھەققىدە يېزىلغان «قاتار-قاتار جەڭچى بالىلار»،« ئانىجان يادىمدا بار» دىگەن ناخشىلار كۆپ ئېيتىلاتتى.
بۇ ناخشا-شىئىرلار 60 يىلدىن بۇيان خەلىقنىڭ يادىدا ساقلىنىپ كەلدى.لېكىن ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۈچۈش جەريانىدا شىئىردىكى بەزى مىساللار ۋە ئىبارىلەردە ئۆزگۈرۈش بولغان.مەسىلەن،«سالام رەھبىرىمىز» دىگەن شىئىرنىڭ 2-كۇبلىت 3-،4-مىسرالىرى بەزىدە
«كۆكرەك كىرىپ بىز ئالغا باسىمىز،
ئاتاككا قىلىشقا قەسەمياد قىلىمىز»
دەپ ئېلىنسا،بەزى يەردە:
«قوقماستىن كۆكرەك كىرىپ ئالغا بېسىپ،
ئاتاككا قىلىشقا قەسەمياد قىلىپ بىز تەييار».
دەپ ئېلىنغان.
بىر قىسىم شىئىر-ناخشىلارنىڭ بۇغۇم،قاپىيلىرى تەلەپكە تازا لايىق بولمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ،ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىلغاندا ئوخشاشلا راۋان ئېيتىلىدۇ.يەنە شۇنىڭغا ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قاراش زۇرۇركى،بۇ شىئىر-ناخشىلارنىڭ ھەممىسى يىتىلگەن شائىرلار تەرىپىدىن يېزىلغان بولماستىن،بىر قىسىم خەلىق قوشاقچىلرى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ،خەلىق ئارىسىغا تاراپ كەتكەن ياكى بىر قىسىم كىشىلەر ئەشۇ شىئىرلارغا تەقلىد قىلىپ يازغان ۋەياكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھىسىياتى بويىچە شىئىردىكى بەزى ئىبارىلەرنى ئۆزگەرتىپ ئېيىتقان ئېھتىماللىقنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن،بۇ شىئىر- ناخشىلارنىڭ تىلى ئاممىباب،پىكىرى روشەن،تەسۋىر،بايانلىرى يارقىن ئوبرازلىق.
شىئىرىكى «گۈل بېغىمنىڭ پاسىبانى ئۇستازىم» دىگەن مىسرادا ئەخمەت ئەپەندىمنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەشتىكى رولى ئوبرازلىق سۈرەتلەنگەن بولسا،«يۈركىمىزگە خەنجەر ئۇردى تۇمانلىق تاغ» دىگەن مىسرادا ئەخمەت ئەپەندىملەرنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى شۇم خەۋەر يىتىپ كەلگەن مىنۇتلاردىكى خەلىقنىڭ ھەسرەتلىك ئېچىنىش،ھىس-تۇيغۇلىرى شۇ قەدەر كۈچلۈك ئىپادىلەنگەن بۇلۇپ،بۇ مىسرالارنى ئوقۇغاندا خۇددى بىز كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرغان ئايروپىلان ئىگىز تاغ چوققىلىرىنى قاپلاپ تۇرغان تۇمان ئىچىگە پۇلاڭلاپ چۈشۈپ كىتۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا بۇلۇپ تەنلىرىمىز جۇغۇلدايدۇ.
خەلىق ئىچىدىكى ناخشا-قوشاقلاردا ئارتۇقچە مۇبالىغە بولمايدۇ. قارىماققا ئەدەبىي تەلەپكە تازا ئۇيغۇن بولمىغان ئاددىي شىئەردەك كۆرۈنسىمۇ،چىنلىققا يېقىن بۇلۇشى بىلەن مەلۇم بىر دەۋىرنى ۋە شۇ دەۋردىكى كىشلەرنىڭ ھىسيات،ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان يەنە بىرخىل يادىكارلىق.ئۇنداق ئىكەن، مەيلى ئەخمەت ئەپەندىم قاتارلىق رەھبەرلەر،مەيلى باشقا قەھرىمانلارغا بولغان ھۆرمەت-ئالقىش توغرىسىدىكى ۋە ئۇلارنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىنكى چاغلاردا خەلىقنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھەسرەت-نادەمەتلەرنىڭ جاراڭلىق نامايەندىسى بولغان شىئىر-ناخشىلارنىڭ بېسىلىپ قالغانلىرى بولسا تېپىپ، كەملىرى بولسا تۇلۇقلاپ،خاتاسى بولسا تۈزۈتۈپ،ئۆز ئەينى بويىنچە رەتلەپ توپلاش نۆۋەتتىكى ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ مۇھىم بىر تېمىسى ئەلۋەتتە.

ئىزاھاتلار:
⑴بۇ شىئىر ئارمىيە سېپىدە ئەسكەرلەر تەرىپىدىن،مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك ئېيتىلاتتى.«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ 1989-يىل 8-ئاينىڭ 28-ئاۋغۇست سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇنتۇلماس كۈنلەر» دىگەن تېمىدىكى ئوچىرىكتا بىرىلگەنىدى.لېكىن بەزى مىسرالىرى ئۆزگەرتىۋىتىلگەنىكەن.بۇ قېتىم ئەسلى بويىنچە بىرىلدى.
⑵ئابدۇرېھىم يۈسۈبى-مۇشۇ شىئىرنىڭ ئاپتۇرى.بۇ ھەقتە ئەينى يىللاردىكى سۈيدۇڭ پولكىنىڭ جەڭچىسى شىرىپ ئاكىنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە،ئابدۇرېھىم يۈسۈبى ئىگىز بوي،گەۋدىلىك ئادەم بۇلۇپ،ئەسلى يۇرتى سۈيدۇڭ ئىكەن.تاشكەنىتكە چىقىپ ئوقۇپ، دىنىي ۋە پەننىي جەھەتتە خېلى يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە بولغانىكەن.1945-يىللىرى 50 ياشلاردىكى بۇ ئادەم دىنىي جەھەتتە ئىمام،ئەدەبىي جەھەتتە شائىر بۇلۇپ،ئارمىيە سېپىدە پودپولكوۋنىك دەرىجىسى بىلەن ۋەزىپە ئۆتىگەنىكەن.
⑶بۇ ناخشا ئەينى يىللاردا ئۆزھال مۇقامىنىڭ ئاھاڭىدا ئېيتىلغانكەن.
⑷بۇ شىئىرنى ئابلا ئىمىن تەمىنلىگەن.
مەنبە:شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2007-يىل 3-سان
تېخىمۇ كۆپ يازمىلار [url=ھونزادە تارىخ بىلوگى]ھونزادە تارىخ بىلوگىدا[/url]
ejdad bbs

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپىسى
0  
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2011-1-29 
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-27 
بايلىقى
116  
شۆھرىتى
0  
توردا
31小时 
يازما
41 
تېما
15 
ھەمبەھر
نادىر تېما
جۇغلانما
157 

خەلپەت تارخان خاس ھاجىپ

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 18:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ئىسىل تېمىكەن .....
كۈلسەم  قەلبىم يىغلايدۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپىسى
0  
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2011-1-29 
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-27 
بايلىقى
116  
شۆھرىتى
0  
توردا
31小时 
يازما
41 
تېما
15 
ھەمبەھر
نادىر تېما
جۇغلانما
157 

خەلپەت تارخان خاس ھاجىپ

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 18:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قاندا قىلسام نادىر تېما دىگەن يەگە چىقا ماۋۇ تېما ؟؟ ئۇھ.......................
كۈلسەم  قەلبىم يىغلايدۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تۆھپىسى
0  
ھوقۇق
100 
تىزىملاش
2011-2-16 
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-1 
بايلىقى
92  
شۆھرىتى
0  
توردا
10小时 
يازما
45 
تېما
25 
ھەمبەھر
نادىر تېما
جۇغلانما
137 

جارچىبەگ يەزەك ئىلغار خەلپەت تارخان

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 15:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەخمەتچان قاسىمى ياخشى يىتىم دەيدا راسما شۇ گەپ`````؟؟؟؟
ئامالسىز قالدىم!!!رەببم ئاسانلىق بەرگىن~~~~~~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپىسى
0  
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2011-1-29 
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-27 
بايلىقى
116  
شۆھرىتى
0  
توردا
31小时 
يازما
41 
تېما
15 
ھەمبەھر
نادىر تېما
جۇغلانما
157 

خەلپەت تارخان خاس ھاجىپ

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 15:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
اللە ھەمنى بىلىگۈچىدۇر ......
بەلكىم ياخشىدۇر ..ياكى يامان دۇر ....
كۈلسەم  قەلبىم يىغلايدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە|www.ejdad.com

GMT+8, 2011-3-3 12:42 , Processed in 0.081073 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.