<<ﮔﯚﮬﻪﺭ >> ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ
ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻪ ﻣﯩﯖﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ،ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﺷﯩﯟﯨﺮﻻﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﻴﯩﺘﻘﺎﻥ ﻣﯘﻧﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﮬﯩﻠﯩﻤﯘ ﻳﺎﺩﯨﻤﺪﺍ:<<ﻗﯩﺰﯨﻢ،ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﯔ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻗﻮﺷﻘﺎ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺴﻪﻥ. ﺳﺎﯕﺎ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﮔﻪﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻐﯩﺰ ﮔﻪﭘﻨﯩﻼ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﺎﻱ،ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻﻧﯩﯔ<<ﻳﯩﻐﯩﺮ>>ﻯ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ.ﺋﯜﻣﯩﺪ -ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﯩﻦ>>.
ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯ-ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ.ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ،ﺑﯩﺰ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻧﺒﻪ-ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﺎﭖ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ -ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﯚﺯﯛﭖ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ،ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﯨﭗ،ﺋﯩﻐﯩﺰﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﯖﻜﯩﻤﯩﺰﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﺋﯩﭽﯩﻠﯩﭗ،ﺗﻮﯞﺍ.ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯗﻕ.ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﯘﺭﻣﯩﺸﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﺘﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﻮﻳﻮﻥ -ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﻮﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ،ﯞﺍﻗﯩﺘﺴﯩﺰ<<ﺋﺎﻧﺎ>>ﺑﻮﭘﻘﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ. ﺩﻩﺳﻠﯩﭙﯩﺪﻩ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻳﺎﻗﯩﻤﯩﺰ ﻧﻰ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ،ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻠﻜﯩﺪﻩ <<ﺗﻮﯞﺍ>> ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﺋﯜﻟﮕﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ.
<<ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ؟ﺑﯘ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ>>.ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﻴﯩﺘﻘﯩﻨﻰ. ﺷﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻤﯩﺰ ﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰ -ﺋﻮﻏﻮﻝ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻘﯩﻐﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺩﯨﻦ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻮﭖ ﺑﻮﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﯩﭽﻪ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﯗﻕ.ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﻳﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻣﯩﯔ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ.ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻐﯘ،ﺋﺎﺧﯩﺮ.
ﻧﺎﺯﯗﻛﯘﻡ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭙﭙﻪﺕ-ﻧﻮﻣﯘﺳﯩﻨﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.ﺗﯩﺨﻰ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﯨﻼ 13ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﺭﺳﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰ ﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ<<ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ>> ﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻙ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮔﯩﺰﯨﺘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻧﯩﺪﯗﻕ.ﯞﻩﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ،ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻜﻜﻰ -ﺗﯚﺕ ﺗﻪﯕﮕﻪ ﭘﯘﻝ،ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺧﻮﺷﻠﯩﻘﻰ،ﺗﯘﺗﺮﯗﻗﺴﯩﺰ ﮬﯩﺴﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﭘﻘﺎﻟﺪﯗﻕ.ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ،ﻧﻮﻣﻮﺱ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺟﯩﻨﯩﺴﻰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ .ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 2-ﺋﻮﺭﻭﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯩﺴﯩﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺭﺍﻳﯘﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ،ﻧﯩﻜﺎﮬ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ،ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﻟﯩﺸﻰ،ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﮬﺎﻣﯩﻠﻪ ﭼﯜﺷﯩﺮﯨﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﻟﯩﺸﻰ ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ <<ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ>>ﻗﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ-ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﯨﻴﺎﻻﻣﺪﯗﻕ؟
<<ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ>>-ﺋﯘ،ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﯩﺮﻯ،ﮬﺎﻳﺎﺳﻰ،ﻧﻮﻣﯘﺳﯩﺪﯗﺭ.ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﺘﻪ.ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘ ﺗﻪﯕﺪﺍﺷﺴﯩﺰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻧﺎﺯﯨﻨﯩﻦ ﺑﻮﭖ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ،ﮬﯩﭽﻨﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﻳﺪﯗ.ﭼﯜﻧﻜﻰ،ﮬﺎﻳﺎﺳﯩﺰ،ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﺴﯩﺰ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﺋﻪﺳﻼ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ.ﻗﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺧﺴﻠﻪﺕ ﻳﻮﺷﯘﺭﻭﻧﻐﺎﻧﻜﻰ،ﻗﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﭖ،ﺋﻪﺯﯨﺰﻟﻪﭖ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ،ﺋﯩﺰﺯﻩﺗﻠﯩﻚ،ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﻗﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯔ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ،ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻰ ﻻﺗﯩﺪﻩﻙ ﻗﻪﺩﯨﺮﺳﯩﺰ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﯞﯨﺘﯩﺪﯗ.ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ-ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﺘﯘﺭ.ﺑﯘ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﮬﺎﻻﻟﻼﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ <<ﺑﻮﺯ ﻳﯩﮕﯩﺖ>> -ﺋﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ.ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎ-ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﻰ،ﻗﻪﺩﯨﺮ -ﻧﻮﻣﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﻣﺎﻣﯩﻲ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ <<ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ>> ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﻳﻼﭖ ﺳﺎﻗﻼﭖ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺸﯩﮕﻪ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺑﯘﺭﭼﻰ،ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﺪﯗﺭ.ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﻪﯓ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺗﯜﭖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻳﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ،ﭼﻮﻗﻮﻣﻜﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﺭ،ﭘﻪﺱ ﺭﻩﺳﯟﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯗ.ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯩﻤﻤﯘ ﻛﻪﭼﯜﺭﺳﯘﻥ؟
ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﻰ-ﮬﺎﻳﺎﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﺯﻩﭘﯩﺴﯩﺪﯗﺭ.ﺋﻪﻣﻤﺎ،ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰﻛﻰ،ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺸﯩﺪﺍ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺑﻪﺗﺘﻪﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺗﺎﭘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ<<ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ>>ﻟﻪﺭ ﺳﺎﻣﺎﻧﺪﻩﻙ.ﯞﻩ ﮬﻪﺗﺘﺎ:<<ﺋﯧﺸﻪﻙ ﺋﺎﻟﺴﺎﯓ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻝ>>ﺩﻩﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ،ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ <<ﻗﯩﺰ>>ﻳﺎﻛﻰ<<ﺋﻪﻣﻪﺱ>>ﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ،ﺩﻩﭖ ﺷﻪﺭﻣﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﭼﻪ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ <<ﻳﯩﮕﯩﺖ>>ﻟﻪﺭﻣﯘ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻗﯩﺰ ﺋﯧﺸﻪﻙ،ﮬﺎﻳﯟﺍﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ،ﻗﯩﺰ ﺧﻮﺗﻮﻥ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﺸﻪﻙ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ،ﮬﺎﻳﺎﻧﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻣﯜ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ.ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ،ﮬﺎﻳﺎ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯘﻟﻐﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯩﺰ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ،ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﻧﯩﯔ ﺗﻮﻱ ﻛﯩﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﯗﭖ،ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﯩﻠﻰ ﺗﺎﺳﻼ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﮔﯩﭙﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ.ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ<<ﮬﻪ،ﺋﯘﻗﯩﺰﻣﯘ ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻜﻪﻧﺪﻩ>>ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯘﺩﯗﻗﻴﯘ،ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﭼﯚﭼﯚﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ.ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ<<ﺳﻪﻥ ﺗﯩﺨﻰ ﭘﺎﻙ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﻪﻧﻐﯘ؟!ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﭘﺎﻙ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻤﯘ؟ﺳﻪﻥ ﻛﯩﻤﯩﯖﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﻳﺴﻪﻥ؟ﺭﺍﺳﺖ ﮔﯩﭙﯩﯖﻨﻰ ﻗﯩﻞ،ﺑﯘ <ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ> ﻣﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟>>ﺩﻩﭖ ﺋﯘﺭﯗﭖ- ﺗﯩﻠﻼﭖ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ.ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺟﯩﻤﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ.ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ -ﺋﻪﺧﻼﻕ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻛﯩﻨﺎﻳﻪ ﺩﻩﻳﻠﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﭙﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﺳﯩﻐﺎ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎﻟﻰ ﺩﻩﻳﻠﯩﻤﯘ؟
<<ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ-ﺋﯘﺋﺎﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﮔﯚﺵ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯚﺵ . ﺍ ﻟﻠﻪ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺷﯘﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺗﯩﺪﯗ.ﺑﯘﻧﯩﯔ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﺎﺭ . ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ؟ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺭﻭﮬﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﻠﯩﺶ .ﺭﻭﮬﺴﯩﺰ ﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻟﺘﺎ ﮔﯚﺵ .ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﻤﯩﺰ ؟ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺭﻭﮬﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﻰ ،ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ .ﺑﯘﺧﯩﻞ ﭘﺎﻙ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﺭﻩﻟﮕﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﻪﻳﯩﭙﺴﯩﺰ ، ﺭﻭﮬﻰ ﭘﺎﻙ - ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﯩﺸﻰ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ .ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺭﻭﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻳﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺴﺎ ،ﺭﻭﮬ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯗ ،ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯗ ،ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ >> (ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﮬﻪﺩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺖ ﺑﻪﺭﻗﻰ :<<ﺋﺎﺭﺗﯩﺒﺎﻟﯩﻎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ،>> ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ 2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ .).ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯨﯟﯨﻠﯩﺶ ﺗﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻰ ،<<ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ>> - ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺟﻪﻣﯩﺌﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ - ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ،ﺭﻭﮬﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ،ﺋﻪﺭ - ﺧﻮﺗﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﯩﺘﻰ ،ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﮕﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﯗﺭ .
ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﺳﻰ ﺭﯨﺰﺍﺋﯘﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻓﻪﺧﺮﻭﺩﺩﯨﻦ :<<ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺗﻪﯞﺭﻩﺗﺴﻪ ،ﻳﻪﻧﻪﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺗﻪﯞﺭﯨﺘﯩﺪﯗ >>ﺩﯨﮕﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺑﯘﮬﯩﻜﯩﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎﺭ ﻗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﮔﻪﭖ ﻳﻮﻕ .ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﺴﺰ ، ﺭﻩﺳﯟﺍ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﻣﺎﻥ ﺗﻪﯞﺭﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺩﯛﻡ ﻛﯚﻣﺘﯜﺭﯞﯨﺘﯩﺪﯗ .ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﭘﺎﺯﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯞﺭﯨﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﭘﺎﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﻭﮬﻰ ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﻨﻰ ،ﻧﯘﻣﯘﺳﯩﻨﻰ ،ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﺩﺍﻗﯩﺘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻥ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ﺯﯙﺭﯙﺭ.ﻳﯩﮕﯩﺖ - ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﯞﻣﯩﻨﯩﯔ ﻏﻮﺭﻭﺭﻯ - ﺷﻪﺭﭘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﯩﺮﯨﻤﯩﻘﻰ ﻻﺯﯨﻤﺪﯗﺭ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯔ ﻏﻮﺭﻭﺭﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﺩﯨﻦ ﺗﻮﺳﺴﺎ ،ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﻮﺭﻭﺭﻯ 40 ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺗﻮﺳﯘﭖ ﻗﺎﻻﻻﻳﺪﯗ .ﺑﯜﮔﯜﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﻥ ﻗﺎﻗﺸﺎﭘﻼ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯜﺯﺗﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﺮﺷﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﻪﻙ ،ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺭﻩﻧﺠﯩﺸﻜﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﮬﺎﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﺴﻪ ﻧﻪ ﻏﻪﻡ ،ﻧﻪﺗﻪﺷﯟﯨﺶ ؟!
ﻗﯩﺰ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺷﯘﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ .ﻗﯩﺰ - ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﻗﻮﯞﯗﻣﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺶ ﻗﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺭﻭﮬﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ !ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻰ !
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻰ 2007 -ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1 -ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ