(يولباشچى) كورىيە فىلىملىرىنىڭ سېھىرىي كۈچى
Ihlas Ilani

دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭ » (يولباشچى) كورىيە فىلىملىرىنىڭ سېھىرىي كۈچى
بۇ بەتتىكى تېما: (يولباشچى) كورىيە فىلىملىرىنىڭ سېھىرىي كۈچى پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 115 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق yolbaxqi-ksg
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 4618
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 381
UID نۇمۇرى : 12972
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 4593
ئۇنۋان:19 دەرىجە ھازىرغىچە4593دانە
شۆھرەت: 74 نۇمۇر
پۇل: 5635 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-23

(يولباشچى) كورىيە فىلىملىرىنىڭ سېھىرىي كۈچى

بۇ يازما yolbaxqi-ksg تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2007-10-19)

ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯧﮭﯩﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﻰ

ﺯﯗﻟﭙﯩﻴﻪ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ

ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﺎﻧﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺴﺎﻕ ، ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﻓﺨﻠﯩﻤﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﮭﯩﺮ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ، ﺷﻪﺭﻣﻰ - ﮬﺎﻳﺎ . ﺩﻩﺭﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻻﺗﺎﭘﻪﺕ ، ﺷﻪﺭﻣﻰ ﮬﺎﻳﺎ ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺰﮔﯜﻟﯜﻙ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﮬﻪﻡ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺑﺎﺭﺍ - ﺑﺎﺭﺍ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ، ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﭖ ﻳﯩﺘﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺧﻼﻕ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﯚﺭﯨﭗ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺗﯜﺯﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯜﻥ - ﺳﯩﻦ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺗﺎﭘﻤﺎﻗﺘﺎ ﻳﻮﻕ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﺎﺕ ﺋﯧﻠﻤﯧﻨﯩﺘﻼﺭ ﺋﯩﻜﺮﺍﻥ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯧﻤﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻘﻰ ، ﺗﯧﻤﺎ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﻰ ، ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ، ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯜﻥ - ﺳﯩﻦ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﺳﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯧﻤﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ :

ﮬﻪﺭ ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ،
ﻳﺎﺵ ﻟﯩﻐﯩﺮﻻﺭ ﭼﺎﻧﺎﻗﻼﺭﺩﺍ ﻟﯩﻖ ...

ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﻳﯩﺘﺘﻪ ﺑﯩﺰ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ - ﺑﯩﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻳﯩﺘﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ "ﺋﺎﺷﯩﻖ" ، "ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﻡ" ، "ﻗﯧﻘﯩﻨﻮﺱ" ، "ﻛﯜﻝ ﻗﯩﺰ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﯨﻠﻪﺭ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ . ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻻﺭ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ .
ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﻨﻮ - ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻤﯘ ؟ ﺑﻮﻟﺘﯘﺭ ﺷﻪﻧﺸﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ < ﻣﻮﺩﺍ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭ > ﭘﺮﻭﮔﯩﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ . ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﺘﻪ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻛﯘﯓ ﭼﯩﯖﺪﯗﯓ ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﯩﺪﻯ : < ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﮔﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ، ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ . ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻼ ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﺪﻩ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻚ ، ﭼﺎﻛﯩﻨﯩﻠﯩﻖ ، ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﻮﻗﻤﯘ ؟ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻤﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻣﻪﯞﺟﯜﺕ . ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞﻩﭘﯩﻘﯩﻴﯩﺘﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ، ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﻯ ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ ، ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺟﯘﯕﮕﯘ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ، ﮬﻪ ﺩﯨﺴﯩﻼ ﭘﺎﺭﯨﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ، ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ، ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ، ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ ، ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯧﻤﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻘﻰ ، ﻗﯧﻠﯩﺒﺒﺎﺯﻟﯩﻖ ، ﺑﻰ ﺧﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﭗ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ . ﺟﯘﯕﮕﯘ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﻰ ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻤﯘ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺧﻼﻕ ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺕ ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺧﯩﺴﻠﻪﺕ ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻏﯘ ؟ ﺑﯩﺰ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯗﺭ - ﺟﺎﯞﺍﮬﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﻤﯩﺰ ؟ > .
ﺑﯩﺰ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻮﻏﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ، ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﭖ - ﺋﻪﺧﻼﻕ ، ﺷﻪﺭﻣﻰ - ﮬﺎﻳﺎ ، ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻖ ، ﭘﺎﻙ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻟﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ .
ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ، ﻧﯩﻜﺎﮬ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ " ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﻡ " ، "ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺷﯩﻖ" ، "ﻗﯧﻘﯩﻨﻮﺱ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ، ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﻤﯩﺰ . ﺋﻪﺭ - ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ، ﻗﯩﺰ - ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﻙ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ، ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﻰ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺳﯧﮭﯩﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﺪﻩ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ 550 ﺩﯨﻦ 600 ﮔﯩﭽﻪ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻛﯩﻨﻮﭼﯩﻠﯩﻘﻰ 90 - ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺋﻮﺑﯩﻜﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ . 1998 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭼﻮﯓ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭ 500 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯩﻠﯩﭗ ، ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 20 ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﻨﻮﺧﺎﻧﺎ ﻗﯘﺭﯗﭖ ، ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻛﯩﻨﻮﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻨﻮ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﺟﻴﺎﯓ ﺩﯨﮕﯜﻱ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻛﯩﻨﻮ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ . ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﻠﯘﺏ ﯞﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻝ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ، ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ، ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .
ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ، ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻠﯩﻚ ، ﻗﻪﻟﺐ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﯩﺮﯨﻠﻤﻪﺱ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻻﺭ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﯩﻜﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ . ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯚﺭﯛﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯧﮭﯩﺮﯨﻲ ﻛﯜﭺ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯧﻨﺎﺭﯨﻴﯩﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﭙﻪﺗﻪﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺳﯧﮕﻨﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ !

ﻣﻪﻧﺒﻪ :< ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ > ﻧﯩﯔ 2007 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 13 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ (ﺷﻪﻧﺒﻪ) ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ .

[ بۇ يازما Hush_Puraq تەرپىدىن 2007-10-18 22:32 دە ق ]

QiQan Uyghur Ulinix Tori
پەرزەنتنىڭ جىنى خۇدادىن ، ۋۇجۇدى ئاتا - ئانىدىن ، ئىستىقبالى مەرىپەتتىن كىلىدۇ .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-18 22:26 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا يوق intir

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 144
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 155
UID نۇمۇرى : 18955
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 142
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە142دانە
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
پۇل: 390 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-23

بەكمۇ ئىسىل تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز ،رەخمەت !

Alamart Bio Technic
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-18 22:33 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق ئاتا
ئالاھىدە تۆھپە
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 355
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 244
UID نۇمۇرى : 19329
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 324
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە324دانە
شۆھرەت: 116 نۇمۇر
پۇل: 1288 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-24
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-23

ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺳﺎﻏﻼﻣﻤﯘ؟

_ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺯﻩﻳﭙﺎﻧﻪ ﺋﻪﺭﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺯﻩﺭ

ﺗﺎﺷﭙﻮﻻﺕ ﺭﻭﺯﻯ ﺋﺎﺗﺎ

ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﻨﯩﯖﻴﺎﻗﻰ ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺭﺍﺩﯨﺌﯘ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﭘﯩﺮﯗﮔﯩﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ :<<ﺳﯩﺰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻐﺎ ﭼﻮﻗﯩﻨﯩﺴﯩﺰ ؟..>> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﯖﻪﻣﮕﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﻩﻣﭽﯩﻼ ﺗﯩﺮﯨﻜﯩﭗ :<<ﻗﺎﺭﺍ ﻣﺎﯞﯗ ﺧﻪﻗﻨﻰ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺴﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ "ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻐﺎ ﭼﻮﻗﯩﻨﯩﺶ " ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﺘﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯩﻨﯩﻨﻰ !>> ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ ، ﻛﻪﭼﻤﯘ ﺑﻮﻻ ﻗﯩﻨﻰ ، ﻣﯘﺷﯘ "ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻐﺎ ﭼﻮﻗﯩﻨﯩﺶ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﻣﻮﺩﺍ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﯨﯖﻨﯩﯔ ﺗﺎﻧﺎﯞﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﺗﻤﯩﺴﺎﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﻛﺎﻟﻼﻣﺪﺍ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮﻳﯘﺭﮔﯘﺯﯗﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ...
ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﻣﯩﮭﻤﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﻮﻟﻮﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻛﯩﻨﯘﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻻﺵ -ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ،ﻛﺎﻟﻼﻣﺪﯨﻜﻰ "ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻐﺎ ﭼﻮﻗﯩﻨﯩﺶ " ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﻪﻟﻪﺭﮔﯩﺪﯗ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﮬﻪﻣﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﻣﺎﺑﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ،ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺋﯩﯖﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻏﯘﯞﺍﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺭﻭﺷﻪﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﻪﺗﻤﯩﺶ ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﺗﯘﻗﻘﺎﻥ -ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺗﯘﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﻧﺎﻡ ﺑﻮﻟﻮﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ،ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﻮﺭﯨﻴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﺪﻩﻙ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﺎﺭ . ﺑﻮﻟﻮﭘﻤﯘ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﺎﻳﯩﻞ .
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ،ﺋﯩﯖﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻮﺩﺍ ﻛﯩﻴﯩﻢ -ﻛﯩﭽﻪﻛﻠﻪﺭ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ ، ﮔﯩﺮﯨﻢ -ﭼﺎﭺ ﭘﺎﺳﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ، ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ -ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﯚﺯﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﻨﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﻛﻮﺭﯨﻴﺎﻧﻼﺭﺩﯗﺭ.
ﺑﻮﻟﻮﭘﻤﯘ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻛﯩﻨﯘﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻛﯩﻨﯘﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﺪﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﻰ ،ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ : ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻳﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺩﯨﮕﻪﻧﮕﻪ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ، ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﭽﻪ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻣﯩﺰﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭗ ﺗﻪﺭﻛﯩﭙﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺧﺎﻟﻰ ، ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ "ﻗﺎﭼﺎﻧﻤﯘ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﭘﯘﺭﺳﯘﻧﺎﮊﻧﯩﯔ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯘﺯﯗﻻﺭﻛﯩﻦ "ﺩﻩﭖ ﻏﻪﻡ-ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺪﻩ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻪﻛﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺳﯩﻘﯩﻤﺪﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ.
ﺋﯩﺴﺴﺘﯩﺘﯩﻚ ﺯﻭﻕ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﺧﻪﯞﻩﺭﺳﯩﺰ ،ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﮬﺮﺍﻟﯩﻖ ﺗﻮﻣﭙﺎﻳﻤﯘ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻛﯩﻨﯘﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ،ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﻳﻪﻛﯜﻧﯜﻣﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ : " ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻛﯩﻨﯘﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻮﯕﻼﺭﻣﯘ ﻳﺎﺷﻼﺭﻣﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ " ﺩﯨﻴﻪﻟﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﻛﯚﺭﯨﻨﯩﺸﺘﻪ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﯩﻨﯖﭽﻪ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻛﯩﻨﯘﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯚﺭﯨﺸﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﻯ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﺍ ﮬﺎﺩﯨﺴﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻣﯩﺰ ،ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺗﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻳﯩﻘﯩﻨﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﭼﻮﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ.
ﻳﺎﺷﻼﺭ ،ﺋﯚﺳﻤﯘﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﭙﯩﺸﯩﯟﯨﻠﯩﺸﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﺮﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻳﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩ ، ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯚﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻏﻪﻳﺮﻯ " ﭼﯘﻗﯘﻧﯘﺵ" ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﮭﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻛﯩﻨﯘﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ :
ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻛﯩﻨﯘﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺵ ﭘﯘﺭﺳﯘﻧﺎﮊﻻﺭ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ،ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﻚ ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ-ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﺴﯩﻤﻰ ،ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﺘﻪﻛﻼ. ﻛﻴﯩﻢ -ﻛﯩﭽﻪﻙ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺑﻪﻛﻼ "ﺋﻮﻣﺎﻕ " ﺑﻮﻟﻮﭖ ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﻳﻐﯩﻨﻰ ﻳﻪﻳﺪﯗ ..ﯞﺍﮬﺎﻛﺎﺯﺍﻻﺭ..
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ، ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﻛﯩﻨﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﺳﯩﻨﺎﺭﺳﯩﺖ ، ﺭﯨﮋﯨﺴﺴﯘﺭ ،ﺋﺎﻛﺘﻴﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻤﯘ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ.

ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﯖﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ،ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﺘﻪ ﺧﯩﻠﯩﻼ ﺗﺎﯞﻻﻧﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ. ﻛﻮﺭﯨﻴﺎﻧﻼﺭﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺯﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﯖﻪﻳﺘﯩﺶ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﻗﺎﭼﺎﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯘﻙ ﻗﯘﺭﺍﻟﻰ ﺩﻩﻝ ﻛﯩﻨﯘ-ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻳﻪ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﺩﯗﺭ. ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻛﯩﻨﯘﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯨﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻚ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﻝ ﺳﺘﯩﺶ ﺋﯩﻼﻧﯩﺪﯗﺭ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻟﯘﻙ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻟﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﺋﯩﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻤﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯜﻙ ﺋﯩﯖﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺷﯘﻧﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﻤﯩﺰﻛﻰ ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ "ﻣﻮﺩﺍ" ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ .
ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﭼﯘﺷﻪﻧﯩﭽﻤﯩﺰﺩﻩ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ-ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ، ﮬﺎﻳﺎ-ﻧﯘﻣﯘﺱ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﺘﯩﺒﺎﺭﻏﺎ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻛﯩﻨﯘﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﯩﺰﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺕ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺑﯩﺰﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﺧﻼﻕ ،ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﯟﻩﺗﺘﯘﻕ.
ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ،ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﺍ "ﺳﺎﻏﻼﻡ " "ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ " ﻗﺎﺳﺮﺍﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ ﺧﯩﺮﯨﺲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ "ﺯﻩﻳﭙﺎﻧﯩﻠﯩﻖ "ﯞﻩ " ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ" ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﻠﯩﻼ ﻣﻪﯞﺟﯜﺕ.
ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﻮﺭﻳﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭ-ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﺩﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺯﻩﻳﭙﺎﻧﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﭽﯩﻤﻪﻥ :
ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻗﻮﻳﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻳﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮ ﻯ ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﻗﯘﻳﯘﻟﯘﺵ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺳﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺑﯘ ﻓﻠﯩﻤﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺗﻮﭖ ،ﻳﺎﺳﺎﻧﭽﯘﻕ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ، ﺧﯩﻨﯩﻢ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ، ﺋﯘﮬ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﻳﯘﺭﯗﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ، ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻏﯘﺭﯗﺭﯨﻐﺎ ﺗﯩﮕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﯘﺯﺑﻪﺭﺳﯩﻤﯘ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﺰ ﻗﯩﺘﯩﭙﻼ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ.ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺰﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﭙﯩﺸﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﺭﺍﭖ ،ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺸﻐﺎ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻳﯩﻐﯩﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ................................ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ "ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪ" ﻣﯩﺠﻪﺯ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ .ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﭘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﭙﺎﻳﯩﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﮬﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ﻗﯩﺰ-ﭼﻮﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ،ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺑﯘﺩﯨﺴﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﺩﻯ .ﺩﻩﻝ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﺪﯨﻢ ،ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﻣﯩﺰﻣﯘ ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﺪﻩ ﻳﻮﻗﯩﻼﻱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺗﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼ -ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ "ﺗﯜﻙ ﺳﯩﺮﻩﺭ" ﻣﻪﻟﮭﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﯟﯨﺘﯩﭗ ،ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﻣﯩﻘﻰ ،ﺗﻮﻗﺴﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﺸﻜﺎﭖ ﺷﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺑﻪﻝ-ﻛﯚﻛﺮﻩﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯩﭙﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﺭﻣﺎﻳﻜﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ،ﭼﯩﭽﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﺍﭖ ﮬﯚﺭﭘﻪﻳﺘﯩﭗ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ "ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ" ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﺪﯨﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻮﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ... ﺋﯘﻏﯘ ﻣﻪﻳﻠﯩﺘﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻛﯩﻨﯘﻟﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﯘﺟﯘﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺳﺎﻗﯩﻨﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯨﺘﯩﭗ ،ﺑﯘ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻣﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻮﺩﺍ ﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﻮﭖ ﺋﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﺮﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ!!؟

2007 -ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ .ﻏﯘﻟﺠﺎ .ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ

Diyarim Xirkiti Hizmetchi Kobul kilidu

تورخاتىرىسى : http://blog.sina.com.cn/ayqut
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-19 02:10 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق ئاتا
ئالاھىدە تۆھپە
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 355
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 244
UID نۇمۇرى : 19329
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 324
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە324دانە
شۆھرەت: 116 نۇمۇر
پۇل: 1288 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-24
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-23

يۇقارقىىسى مىنىڭ كونا مۇنبەردە ئىلان قىلغان ماقالەم  . مىنىڭچە سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەتكە سەگەكلىك بىلەن باھا بىرىش كىرەك.

Alamart Bio Technic

تورخاتىرىسى : http://blog.sina.com.cn/ayqut
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-19 02:13 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭ

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 10-23 09:40
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2003-07 UyPW Corporation