ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﻩ
ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﯞﻩ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﮬﯚﻛﯜﻣﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯚﺭﭖ- ﺋﺎﺩﻩﺕ، ﻧﻮﺭﻣﺎ ( ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ) ﯞﻩ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯩﺮﻕ، ﺗﯘﻳﻐﯘ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ، ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﺮﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻳﻐﯘﻧﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺯﻭﺭ. ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯘﺷﺘﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
17- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻛﺎﺗﯩﭗ ﭼﻪﻟﻪﺑﻰ << ﻛﻪﺷﻔﯘﺯ ﺯﯗﻧﯘﻥ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ << ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻚ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﺪﯗﺭ. ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻧﻪﭘﺴﯩﻨﻰ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺰﻩﺵ ﯞﻩ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ >> ﺩﻩﭖ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﺪﻩ << ﻳﺎﺧﺸﻰ >> ﻳﺎﻛﻰ << ﺗﻮﻏﺮﺍ >>، << ﻳﺎﻣﺎﻥ >> ﻳﺎﻛﻰ << ﺧﺎﺗﺎ >> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﮬﯚﻛﯜﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺗﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﯞﯞﺍ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯩﯟﯨﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﮬﻪﻳﺪﯨﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، << ﻳﺎﺧﺸﻰ >> ﯞﻩ << ﻳﺎﻣﺎﻥ >> ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ << ﺋﻪﺧﻼﻕ >> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﻪﺳﺘﯩﻦ، ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﯞﻩ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﻩﺗﻜﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯘ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﮔﯩﻤﯘ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﻤﯘ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﻪﺳﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﮬﻪﺭ ﻛﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ، ﻗﻪﻟﺒﻜﻪ، ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﺴﯩﺰ ﻗﺎﻧﯘﻥ. ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﭘﺮﯨﻨﯩﺴﭙﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﺭﺗﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﻪﺧﻼﻕ << ﺗﯚﺭﯛ >> ﯞﻩ << ﺋﻪﺭﺩﻩﻡ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺗﯚﺭﯛ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺭﻩﺗﻜﻪ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ﻧﻮﺭﻣﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻣﻰ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ << ﻗﺎﻧﯘﻥ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﺭﺩﻩﻡ ﺳﯚﺯﻯ ﻳﻪﻧﻪ << ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ >>، << ﻛﯜﭺ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺩﺍ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ، ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺭﻭﻟﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﺩﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ << ﺋﻪﺧﻼﻕ >> ﺳﯚﺯﻯ ﻗﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ << ﺧﯘﻱ >>، << ﻣﯩﺠﻪﺯ >>، << ﻗﯩﻠﯩﻖ >>، << ﺧﯘﻟﯘﻕ >> ﯞﻩ << ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.
ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯩﻠﯩﻢ، ﺗﺎﻻﻧﺖ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯜﭺ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﯓ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ ﺗﺎﻳﺎﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺪﯨﺌﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯘﺗﯘﻗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﯓ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﻜﯩﺮﻧﻰ ﯞﻩ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻨﻰ، ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﺳﻪﻙ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﻪﺳﻜﻰ_ ﺗﯜﺳﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ. ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﺎﻻﻧﺘﺘﯩﻜﻰ ﻳﯩﺘﻪﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﺎﻻﻧﺘﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻙ، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯜﭺ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ، ﺑﯩﻠﯩﻢ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻗﻪﺩﺭ_ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻤﯘ ﺩﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﺎ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﺎ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﻪﺷﻜﻪﻥ. ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺭﯨﻢ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ، ﺋﻪﺭﻩﺏ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﺱ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ، ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻮﺗﻼﺭ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻤﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﻰ ﺋﯩﺪﻯ. 19- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﯞﻩ 20- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﻮﺯﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻨﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻳﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﺮﺯﯨﺴﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ، ﻓﻮﻧﺪﻯ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ، ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﻣﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﺷﻪﺭﻩﭖ ﯞﻩ ﻏﯘﺭﯗﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﻰ ﺋﻮﭘﯩﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻳﯘﻧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻜﯩﺪﺍ، ﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭ ﮬﻮﻗﯘﻗﺘﺎ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﻼﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺪﺍ، ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﻻﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺗﺎ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﻻﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺘﺎ، ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﺩﯨﻨﺪﺍ، ﺗﯜﺭﯛﻛﻠﻪﺭ_ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ << ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ: ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺋﯩﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﯘﻡ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻡ. ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﻮﯞﻣﮕﻪ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﻪﻧﺴﻪﻡ، ﺗﯜﺭﯛﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻤﻪﻥ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ << ﺑﯘ ﮬﺎﻝ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ >> ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺍﮬﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯜﭺ_ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﻳﻪﻧﻪ << ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ، ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ، ﺋﻮﭼﯘﻕ ﭼﯩﺮﺍﻱ، ﺋﻪﺩﻩﭘﻠﯩﻚ، ﻗﯧﺮﯨﻼﺭﻧﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺩﺩﻯ_ ﺳﺎﺩﺩﺍ، ﻛﻪﻣﺘﻪﺭ، ﺩﺍﺩﯨﻞ، ﻣﻪﺭﺕ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻥ_ ﺳﺎﻧﺎﻗﺴﯩﺰ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ >> ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺑﺎﺷﻘﯩﺮﺕ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﺎ. ﺯﻩﻛﯩﻲ ﯞﻩﻟﯩﺪﻯ ﺗﻮﻏﺎﻧﻤﯘ << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﺎ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ. ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ >> ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺧﻼﻕ_ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﺴﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯚﺯ، ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ، ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ، ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺶ، ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ، ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ_ ﻳﻮﺳﯘﻥ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ_ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ_ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻗﻮﺷﺎﻕ_ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺧﻪﻟﻖ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻗﻤﯘ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. 20- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 30- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻳﺎﺳﺎﭖ، ﺑﯩﺮ << ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯜﭺ >> ﻧﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ << ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﺩﻩﯞﺭﻯ >> ﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎﻟﯩﺪﯗﺭ.
ﺷﯘﻧﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ، ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﻰ، ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻧﻮﭘﯘﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﮬﻮﻗﯘﻕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﺰﻟﯩﻖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﺳﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻟﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻝ_ ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ << ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﻰ ﮔﯚﮬﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺗﯜﻙ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺘﻪﻛﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ >> ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻧﺴﯜﭖ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ << ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﻳﺎﭘﺮﺍﻕ، ﺋﻪﺩﻩﻡ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺋﻪﺧﻼﻕ >> ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ << ﮬﺎﻳﯟﺍﻥ >> ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﻤﯘ ﺩﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﺎ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﻩﺭﺭﯗ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ، ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ، ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯜﻣﯜﺩﺳﯩﺰﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﺳﺎ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻗﻪﺩﯨﺮ_ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺳﺎﭖ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻖ، ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ، ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯧﮭﺮﻯ_ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﺋﺎﯓ ﺗﯩﻜﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ_ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﺮﻩﻙ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﯞﻩ ﺑﻪﺧﯩﺘﻠﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻤﯘ ﺩﻩﻝ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﮔﯘﺭﯗﮬﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭﻟﯘﻕ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻕ ﺋﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ، ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ، ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﯞﻩ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ. ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩﮬﯩﻤﻪ ﯞﻩ ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﺎﭘﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮﯗﻡ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻐﺎ ﺑﺎﻏﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﻰ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ 2500 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ، ﻳﻪﻧﻰ ﭘﺮﻭﺗﺎﮔﻮﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﻧﯧﺘﺰﯨﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﮬﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ << ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ >>، << ﻣﻪﻧﭙﻪﺗﭙﻪﺭﻩﺳﻠﯩﻚ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ >>، ( ﮬﯧﺪﻭﻧﯩﺰﻡ )، << ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ >>، << ﭘﻪﺭﯞﺍﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ >>، << ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ >> ﻏﺎ ﯞﻩ << ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﻰ>> ﮔﻪ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺷﻪﺭﻗﻨﯩﯔ << ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ >> ﻏﺎ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺗﯩﭙﯩﺪﻩ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭙﻘﺎ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ، ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺵ ﺳﺎﻙ ﯞﻩ ﮬﯘﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﻩﻝ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪﺕ، ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ، ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ، ﻗﻪﺩﯨﺮ_ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ، ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ، ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻜﻪ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻜﻪ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ، ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ، ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻠﯩﻖ ( ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ) ﻧﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰﻛﻰ، ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ، ﺋﯚﺯ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﮕﻪ، ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ، ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺕ، ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ، ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ، ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﺵ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺵ ﺋﯩﺪﻯ. ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻥ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﺘﻰ. << ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ >>، << ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ >>، << ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﻪﮬﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ >>، << ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﮓ >>، << ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ >>، << ﺋﻪﺗﻪﺑﻪﺗﯘﻝ ﮬﻪﻗﺎﻳﯩﻖ >>، << ﻣﻪﮬﺒﯘﺑﯘﻝ ﻗﯘﻟﯘﺏ >>، << ﺋﻪﺧﻼﻗﯘﻝ ﻣﯘﮬﺴﯩﻨﯩﻦ >>، << ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺟﻪﻣﯩﻠﻪ >>، << ﺳﯩﺪﺩﯨﻘﻨﺎﻣﻪ >>، << ﻛﯘﻟﻠﯩﻴﺎﺗﻰ ﻣﻪﺳﻨﻪﯞﯨﻲ ﺧﻪﺭﺍﺑﺎﺗﻰ >>، << ﺋﻪﺩﻩﭖ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻰ >> ﯞﻩ << ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﻰ ﺋﺎﻣﻤﺎ >>........ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﺎﻣﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻘﻼﺭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﺮﺍﺱ_ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﻰ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ << ﺋﻪﺧﻼﻕ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﻰ >> ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ، ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﯨﺌﺎﻝ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ، ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻏﯘﺭﯗﺭ، ﺷﻪﺭﻩﭖ ﯞﻩ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﻮﺭﺍﻝ، ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯗ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻗﯩﺰ_ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﯞﻩ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﺰ_ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺷﻪﺭﻩﭖ، ﺋﻪﺧﻼﻕ، ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮔﻪﺭ ﺩﯨﺰﻯ << ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ( ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ) ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ>> ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻗﯩﺰ_ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﺮﺯﯨﺴﻠﻪﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻛﻜﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﻧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﺪﺍ ﺋﺎﻓﺮﻭﺩﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﯟﺍﻧﯩﻴﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﯘﺯﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﺴﻪ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻣﺎﻱ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺰﯨﺖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺭﻭﮬﻼﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﻰ ﺋﯩﻼﮬﻼﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻗﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻤﯘ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ << ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺩﯨﻨﻰ>> ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺩﯨﻨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﺎ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﻲ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ، << ﺋﻪﺧﻼﻗﺸﯘﻧﺎﺱ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯗ.داۋامى بار