ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻼﺭ
Ihlas Ilani

دىيارىم مۇنبىرى » ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ » ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻼﺭ
بۇ بەتتىكى تېما: ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻼﺭ پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 902 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق Hush_Puraq
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2615<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2384
UID نۇمۇرى : 30
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 2591
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2591دانە
شۆھرەت: 310 نۇمۇر
پۇل: 5072 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 5 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-22

ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻼﺭ

بۇ يازمىنى Hush_Puraq تەھرىرخانادىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2007-10-18)

ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻼﺭ


ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ _ ﺳﻪﻟﯩﻤﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﮭﻪﻕ ﻛﺎﻣﺎﻝ







ﻣﻪﻥ ﻗﻪﺑﺮﻩ _ ﻣﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﺧﺖ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﭼﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻡ ﺋﯚﺭﺗﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.........

ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﻡ ﮔﯜﻝ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺑﯩﻤﺎﻻﻝ ﻛﯩﺮﻩﻟﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﺑﺎﻍ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺩﯗﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﭘﻴﯧﺸﯩﻞ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻳﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﻳﻮﻝ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯘﺯﯗﺭﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ.......
ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﺳﻨﯩﻘﯩﺪﺍ ﮬﯚﭘﭙﯩﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﯩﻠﭙﯩﻞ ﮔﯜﻝ، ﺳﺎﻟﺪﺍﺕ ﮔﯜﻝ، ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺳﻪﺑﺪﻩ، ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻝ، ﻗﯩﺰﯨﻠﮕﯜﻟﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ _ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﺎﺧﺘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﭼﯜﺷﺘﻰ:


ﺋﺎﻟﯟﺍﯕﻐﺎ ﺳﯜﺭﯛﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ،
ﻳﺎﻳﻰ ﻗﺎﻣﭽﯩﻼﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ.
ﺑﯘ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻱ،
ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ.

ﺋﻮﻥ ﻗﻪﺩﻩﻣﭽﻪ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﺎﻕ:

ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﻢ ﻳﺎﻣﺎﻥ،
ﺋﻮﻧﺒﻪﺵ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ،
ﺩﯙﯓ ﻳﺎﻣﯘﻟﻐﺎ ﭘﺎﻻﻧﻐﺎﻥ.

ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ:

ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﭼﯧﺮﯨﻚ ﭼﯩﻘﺘﻰ،
ﻣﯩﻨﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺷﻘﺎ.
ﭼﯧﺮﯨﻚ ﺋﺎﺗﯩﺪﯗ ﺗﺎﺷﻘﺎ،
ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺋﺎﺗﯩﺪﯗ ﺑﺎﺷﻘﺎ.


ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﻤﻪﻥ، ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﻤﻪﻥ. ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ << ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻥ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ >> ﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﻪﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻣﺎﯕﯩﻤﻪﻥ.
ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﻐﯩﻨﻪ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﯨﻢ. ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﭽﻪ ﭘﺎﺳﯘﻧﺪﺍ ﺳﯘﭘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﻪ ﭼﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﭼﺎﻕ _ ﭼﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭘﯘﭼﯘﻟﻐﺎﻥ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺳﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﭼﻜﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﯜﻛﯜﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻗﻪﺑﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻳﺎﻧﻤﯘ _ ﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﻮﺑﻠﯩﺖ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ، ﻗﻪﺑﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯜﭺ ﻛﻮﺑﻠﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﻮﺑﻠﯩﺖ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ، ﻗﻪﺑﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﻮﺑﻠﯩﺖ..... ﻗﻪﺑﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ 10 ﻛﻮﺑﻠﯩﺖ ﻗﻮﺷﺎﻗﻨﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ. ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ، ﺧﻪﻟﻘﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺭﻭﮬ ﺋﯘﺭﻏﯘﺳﺎ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﺱ، ﺷﯩﺮ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺯﺍﺗﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ << ﻣﺎﻧﺎ ﻣﻪﻥ! >> ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘﯓ _ ﺯﺍﺭﻯ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺘﺘﻰ.

ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻗﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯘﯞﺍﻟﻐﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ، ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻧﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﯩﻢ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ، ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻟﻐﺎﻳﺪﻯ.

1990 _ ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻥ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ، ﻟﯧﻨﯩﻨﮕﺮﺍﺩ ( ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻟﯧﻨﯩﻨﮕﺮﺍﺩﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺳﺎﻥ _ ﭘﯧﺘﯩﺮﺑﻮﺭﮒ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ ) ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ. ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ << ﻳﯧﯖﻰ ﭘﻪﺭﻯ >> ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ << ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ >> ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ. ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﯩﻤﻮﻟﯩﻨﯩﺴﻜﻰ ﭼﯧﺮﻛﺎﯞﯨﻐﺎ ﻳﺎﻧﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻼﻧﻤﺎ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻗﺎﭘﺎﺭﺗﻤﺎ ﮔﯜﻝ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﭼﯧﺮﻛﺎﯞ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺑﻪﺵ ﻳﯘﻣﯘﻻﻕ ﻣﯘﻧﺎﺭ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﯨﺪﺍ ﺗﺎﯞﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﭙﻼ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺗﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭘﻪﻟﻪﻛﻜﻪ ﺗﺎﻗﺎﺷﻘﺎﻥ ﻛﺎﯞﭼﯘﻙ ﺩﻩﺭﻩﺧﺰﺍﺭﻟﯩﻘﯩﺪﺍ، ﻗﯩﻴﯩﻨﺰﺍﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﮬﻪﻳﻜﻪﻝ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﻪﭘﯩﺲ ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺗﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﺘﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ، ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻪﺩﯨﺐ _ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺘﻠﯩﺮﻯ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻟﯩﺮﻯ...... ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﻣﻪﻥ: ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﻟﯜﭖ _ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﻻﺭ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﻰ......... ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭘﻤﯘ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.

سېمونتلانغان ئىككى مېتىرچە كەڭلىكتىكى پىيادىلەر يولىدا سۇلتان خۇجانۇر تاغام بىلەن بىللە بىر توپ ئادەملەرگە قوشۇلۇپ قەبرىستانلىققا ئىچكىرىلىدىم. قەبرىلەر رەت ‏- رېتى بىلەن قوپۇرۇلغان، ئارچا ‏- قارىغايلارمۇ رەتلىك تىكىلگەن ئىدى. قەبرىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاق ياكى قارا مەرمەر تاشتىن قوپۇرۇلغان، مەشھۇر يازغۇچى ن.ۋ.گوگول،ئا.پ.چىخوپ، ماياكوۋىسكى قاتارلىق بىزگە تونۇش شەخىسلەرنىڭ قەبرىلىرى بار ئىدى. خېروششېۋنىڭ قەبرىسى، قەبرە سۇپىسىلا ئەمەس، سۇپا ئۈستىدىكى ئۇنىڭ ھەيكىلىنىڭمۇ پىشانىسى، قېشى، بۇرنى، ئاغزىنىڭ ئوتتۇرىدىن تەڭ نىسبەتتە ئىككىگە بۆلىنىپ، تاكى بەدىنىگىچە يېرىمى ئاق، يېرىمى قارا مەمەردىن قاتۇرۇلغان ئىكەن.
‏- نېمە ئۈچۈن مۇنداق ئىككى خىل رەڭدە قاتۇرغاندۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالىمغا تاغام:
‏- چۈشەندۈرگۈچى دەل مۇشۇ رەڭ ئۈستىدە توختىلىپ،
‏- .... چۈنكى خېروششېۋ ئاق بىلەن قارىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان كىشى ئىدى، دەۋاتىدۇ،‏- دېدى.
قەبرىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۈستىدىكى يېڭىلا يېغىپ توختىغان قارلار سۈپۈرۈلگەن، چىرايلىق لوڭقىلارغا چىلانغان، دەستىلەنگەن گۈللەر، قاچا گۈللەر قويۇلغان.....
ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى بىر قەبرىنى تازىلاۋېتىپتۇ، مەن قاراپ تۇردۇم. ئۇ قارا مەرمەر سۇپىنى پاكىزە تازىلاپ بولۇپ، يۈكۈنۈپ ئولتۇردى،‏-دە، شىلەپىسىنى قولىغا ئالدى.
مەن ئالدىغا ئىككى قەدەم تاشلاپلا بىر قەبرە ئۈستىدە ياتقان ئاققۇنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇزۇنلىقى بىر مېتىرچە كېلىدىغان، ئاق مەرمەردىن ياسالغان ئاققۇ قاناتلىرىنىڭ بىرىنى ئالدىغا، بىرىنى ئارقىسىغا كەڭرى ئېچىپ، ئۇزۇن بوينىنى ئالدىدىكى قاناتلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئۇخلاۋاتاتتى. ئاققۇ ھەيكىلىگە قاراپ بۇ يەرگە چوقۇم بىر داڭدار بالېت ئۇستىسى كۆمۈلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم. دېگەندەك قەبرە تېشىغا: مەشھۇر بالېت ئۇستىسى‏- داۋىدوۋا دەپ يېزىلغانىكەن. ئاجايىپ نەپىس ئاققۇدىن بېشىمنى كۆتۈرگىنىمدە سۇلتان ئاكام خېلى ئۇزاپ كېتىپتۇ. مەن يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن قەدەملىرىمنى تېزلەتتىم. ئېھ! شۇ چاغدا ماڭا تونۇش قىزنى << كۆرۈپ >> قالدىم. ئۇ كۆڭلەكلىرى يىرتىلغان، بەدەنلىرى كۆكەرگەن، چاچلىرى چۇۋۇلغان، قوللىرى كەينىگە قايرىلىپ قاتتىق باغلانغان، پۇتلىرى تىزىدىن پۈكۈلگەن ھالەتتە كۆزلىرىنى قەھرى‏ - غەزەپ بىلەن دۈشمىنىگە تىككەن پېتى دارغا ئېسىقلىق تۇراتتى.

مەن قەبرە تېشىدىكى بىر تال ھەرىپكە قاراپ قويماي ئۇنى ‏- سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى ‏- زويا كوسمودىميانىسكايانى تونۇۋالدىم. ئۇنىڭ ئىنىسى شورا بىلەن ۋەتىنىنى، ھۆرلۈكنى قوغداش يولىدا دۈشمەن بىلەن مۇرەسسەسىز كۆرەش قىلغان ئاجايىپ باتۇرلۇق ھېكايىلىرى ئېسىمگە تولۇق چۈشۈپ بولدى. شۇ چاغدا ئۆزۈمدە بىر خىل نورمالسىزلىقنى سەزدىم: مەن بىر چەت ئەللىك تۇرۇپ روس خەلقنىڭ قەھرىمان قىزى زويانى شۇنداق پىششىق بىلىمەنكەنۇ، ئۆز قەھرىمانىمىز رىزۋانگۈلنى ئەجەب زوياچىلىك پىششىق بىلمەيدىكەنمەنا؟ ئۇنداقتا ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلىرىمىز تېخى رىزۋانگۈل ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيدۇ دېسەك توغرا بولىۋەرگىدەك.
روس ئەدىبلىرىگە ‏- زويانىڭ ئانىسىغا بارىكاللا! ) چۈنكى زويا ۋە شورا ناملىق ئەسەرنى ئۇلارنىڭ ئانىسى يېزىپ يېزىپ چىققان ( ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمانلىرىنىڭ ھاياتىنى، ئۆلۈمىنى يېزىپ، تارىخىي ھۆججەت سۈپىتىدە تارقاتقان ئىكەن!)
خىيال بىلەن بېشىم چۈشۈپ كەتتى. كۆكۈش مەرمەر ياتقۇزۇلغان قەبرە سۇپىسى ئالدىغا كەلگەندىلا بېشىمنى كۆتۈردۈم. سۇپىنىڭ ئوتتۇرىغا ئۈچ مېتىرچە ئىگىز مەرمەر تۈۋرۈك ئورنىتىلغان. تۈۋرۈك ئۈستىگە شۇ خىل مەرمەردىن ئايروپىلان مودىلى ياسالغان. ئۈستى ئوچۇق ئايروپىلاندا رولنى چىڭ تۇتقان، تۈرۈلگەن قوشۇمىلىرى ئارىسىدىن قەھرى ‏- غەزىپى تۆكۈلۈپ تۇرغان لىئوتچىك يىگىتنىڭ كۆزلىرىنى بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە تىككەن ھەيكىلى. مەن چۈشەندىم: ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى قەھرىمان ھەربىي ئۇچقۇچىلاردىن بولسا كېرەك.
قىياسىم توغرا ئىكەن. قەبرە تېشىغا << ۋەتەن ئوردېنى >> ئويۇقلۇق تۇراتتى.
چۈشەندۈرگۈچىنىڭ لىئوتچىك يىگىت ھەققىدىكى قىسقا ئىزاھاتى تۈگىدى. شۇ چاغدا توپ ئارىسىدىن سېرىق چاچلىق، 20 ياشلاردىكى بىر قىز چىقىپ يانچۇقىدىن چىرايلىق قاتلانغان گۈللۈك قولياغلىقنى چىقاردى ‏- دە، ياغلىقنى قاتلانغان پېتى قەبرە تېشىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ بىردەم سۈكۈتتە تۇردى، ئاندىن تېز مېڭىپ توپ ئارىسىغا كىرىپ كەتتى.
مەن ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن قولياغلىققا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. پۇتلىرىم ئېغىرلىشىپ كەتتى، خەلق قەھرىمانلىرىنى ئىززەتلەش ئېڭىمىزدىكى پەرقنى ھېس قىلىپ قالغىنىمدا ھەسەتخورلۇقتىن ئىچىمگە ئوت كەتتى......
روسلار مەشھۇرلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىنى مەدەنىيەتكە، تارىخقا گۇۋاھ بولغۇچى مۇزىي قىلىپ قۇرغان. بۇ يەردە چۈشەندۈرگۈچىلەر ھەر بىر ساياھەتچىگە مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىكى قىزىقارلىق كەچۈرمىشلىرىنى، نەتىجىلىرىنى، تۆھپىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويىدىكەن. ئۇلارنىڭ جاراڭلىغان ئاۋازى ئىپتىخارلىقىنى نامايەن قىلىدىكەن. روسلار بۇ يەرنى تاۋاپ قىلىش، سۈپۈرۈش، بۇ يەرگە گۈلدەستە قويۇشنى مۇقەددەس ئىش دەپ بىلىدىكەن. روسىيىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشلۇقىدا مۇشۇ قەبرىستانلىققا ئائىت مەزمۇنلار بار ئىكەن، تارىخ ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ يەردە بالىلارغا دەرس ئۆتىدىكەن....
ئەينى چاغدا مەن ئۆز ‏- ئۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ھالدا: بىز نېمە ئۈچۈن مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ تىرىكىنىمۇ، ئۆلۈكىنىمۇ قەدىرلىمەيمىز؟ دەپ قايتا ‏- قايتا سورىغان ئىدىم. كاللام پىرقىراپ كەتكەن ئىدى...
قەبرىستانلىقتىن، ياق، بۇ جايدىكى ئۈستى ئوچۇق بۇ گۈزەل سەنئەت << مۇزىي >> ئىدىن چىققاندا گويا بىر مەكتەپنى ‏- تارىخي ئۇلۇغ شەخىسلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەكتىپىنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەندەك بولغان ئىدىم....

**************
خېلى كۈچلۈك ئابرال شامىلى ئۇرۇپ، ئېتەكلىرىمنى ئۇچۇردى، چاچلىرىمنى چۇۋۇدى، شۇ چاغدىلا ئېسىمنى يىغىپ كىيىملىرىمنى تۈزەشتۈردۈم. سادىر پالۋانغا ئاتىغان بىر تۇتام گۈلنى سىقىمداپ تۇتقان قولۇم تەرلەپ كەتكەن ئىدى.
مەن سادىر پالۋانغا گۈلنى تۇتتۇم، توغرىسى قەبرىنىڭ كەڭ سۇپىسىغا چىقىپ، باتۇرنىڭ مۇبارەك نامى يېزىلغان قۇببە ئالدىغا قويدۇم. ئاددىي توپا ‏- كېسەكتىن قوپۇرۇلغان قەبرە ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرغىنىمدا خەلق قەھرىمانلىرىنى سۆيۈش، خەلق قەھرىمانلىرىنى قەدىرلەشنىڭ يېقىملىق تۇيغۇلىرىغا چۆمدۈم. ئاشۇ توپا ‏- كېسەكلەر، ئاشۇ پۇچۇلغان چاقچۇقلار ماڭا مەرمەردىن قىممەتلىك كۆرۈندى، ئۆزۈمنى مەغرۇر سەزدىم.

*************
قەبرىدىن قايتىپ كۆلىمى 60 كۋادىرات مېتىرچە كېلىدىغان ئۆيگە << سادىر پالۋان خاتىرە ئۆيى >> گە كىردىم. كۆزۈمگە ئاۋۋال چېلىققىنى ئىسمائىل ئەھمەد، مىجىت ناسىر قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ << خاتىرە ئۆيى >> نى كۆزدىن كەچۈرگەندە سادىر قەبرىسى ئالدىدا چۈشكەن سۈرىتى، يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىلىرى بولدى.
‏- سادىر پالۋان مەنچىڭ ئەمەلدارى مىڭروينىڭ ئىلى خەلقىگە سالغان ئېغىر ئالۋاڭ ‏- سېلىقى، زۇلۇمىغا قارشى چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ لى زېچېڭى. ئۇ نەچچىلەپ قەلئەنى ئازاد قىلغاندا مەنچىڭ خاندانلىقى ئالاقزادە بولۇپ، چارروسىيىدىن ياردەم سورىغان. چارروسىيە گېنىرالى كالپاكوۋېسكى سادىرنى، دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قوشۇن باشلاپ ئىلىغا كىرگەن، ئەمما ئۇ كۆكتاش قەلئەسىدە سادىر قوشۇنلىرى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان.

چۈشەندۈرگۈچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋېتىپ، ئۈرۈمچىدىكى بىر قېتىملىق << سادىر خاتىرە ئۆيى >> نى كېڭەيتىش، سادىر پالۋان ھەيكىلىنى ئورنىتىش ئۈستىدىكى كېڭىشىش يىغىلىشى ئېسىمگە كەلدى. يىغىلىشتا ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى:
سادىر پالۋاننىڭ قوشۇنى كالپاكوۋېسكىنىڭ تاجاۋۇزچى ئەسكەرلىرىنى تاكى قورغاسقىچە قوغلاپ بارغان. سادىر پالۋان يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە قوزۇق قاققۇزۇپ چارروسىيە تاجاۋۇزچى ئەسكەرلىرىنىڭ كاللىسىنى قوزۇققا قاداپ ماڭغان... دېگەن ئىدى. مانا بۇنى يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەت دېسە ئەرزىيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم شۇ چاغدا.
مەن << سادىر پالۋان خاتىرە ئۆيى >> دىكى قىممەتلىك رەسىملەر، بويۇملارنى ئالدىرماي، تەپسىلىي كۆردۈم. 105 پارچە قىممەتلىك رەسىم ئىچىدە 429 يىللىق تارىخقا ئىگە قۇنتەيجى راۋىقى چۈشۈرۈلگەن بىر پارچە سۈرەت ( سىزما رەسىمدىن تارتىلغان بولۇشى مۇمكىن ) بار ئىدى. يەنە سادىر پالۋاننىڭ گىرۋەكلىرى كەشتىلەنگەن ئاق مالخاي كىيگەن، قويۇق قارا قاشلىرى ئارىسىدىكى بىر جۈپ كۆزى يىراققا تىكىلگەن، يارىشىملىق بۇرۇتى ئاستىدىكى لەۋلىرى چىڭ ھىمىرىلگەن يېرىم بەدەنلىك قىياپىتى چۈشۈرۈلگەن باج ماركىسى بار ئىدى. ( بۇ باج ماركىسى ۋە سادىرنىڭ يېرىم بەدەنلىك، ئۆلچەملىك پورتىرىتى توغرىسىدا ئازىراق تارىخىي مەلۇمات بېرىشنى لايىق كۆردۈم.)
بۇ رەسىم سادىر پالۋان ھايات ۋاقتىدا سىزىلغان بولماستىن، بەلكى ئۇ ۋاپات بولۇپ 74 يىلدىن كېيىن، يەنى 1945 ‏- يىلى قازاقىستانلىق قازاق رەسسام ئەبىلقان قاستىيوۋ سىزغان رەسىمدۇر. بۇ ھەقتە قازاقىستاندا ياشىغان مائارىپچى، شائىر، دراماتورگ قادىر ھەسەنوۋنىڭ 1982 ‏- يىلى نەشىر قىلدۇرغان << ھايات ئاڭلىرى >> دېگەن كىتابىدا مۇنداق مەلۇماتلار بار:
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى، جەڭچىسى، ھازىر جاۋاب قوشاقچىسى سادىر پالۋاننىڭ رەسىمى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساقلىنىپ قالمىغان ئىدى. بۇ ئىشنى دەسلەپ 1920 ‏- يىللىرى ئۇيغۇر رەسسامى ئابا شەمىس تۇتقان. ئۇ سىزغان سادىر پالۋان رەسىمى 1934 ‏- يىلى ئالمائاتادا ئېچىلغان بىر قېتىملىق كۆرگەزمىگىمۇ قويۇلغان. لېكىن ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ بۇ ئەسەر ئىزسىز يوقۇلۇپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن 1945 ‏- يىلىغا كەلگەندە ئاندىن سادىرنىڭ رەسىمىنى سىزىش، ئەۋلادلارغا ئۇنىڭ سىماسىنى قالدۇرۇش ئىشى يەنە قولغا ئېلىندى. شۇ يىللىرى مەن ئالمائاتادا چىقىدىغان << قازاق ئېلى >>، << يېڭى ھايات >> ژورنىلىدا رېداكتور ئورۇنباسار بولۇپ ئىشلەۋاتاتتىم. ئۇيغۇرشۇناس س. شاكىرجان ئىككىمىز سادىرنىڭ رەسىمىنى سىزىش ئىشىنى مەسلىھەتلەشتۇق. قايسى رەسسامغا سىزدۇرۇش كېرەك؟... ئاخىرى قازاقىستاننىڭ خەلق رەسسامى ئەبىلقان قاستىيوۋغا سىزدۇرماقچى بولدۇق. سەۋەبى، قاستىيوۋ ياركەنتلىك، ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆسكەن. ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، مىجەز ‏- خۇلقى ۋە تارىخىي ئۆتمۈشى، قەھرىمانلىقى تونۇش ئىدى. 1945 ‏- يىللىرى سادىرنى بىلىدىغانلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئارىسىدىكى ئايشەم جېلىل قىزى توقمان شەھىرىدە تۇراتتى. يېشى 120 لەردە بولۇشى مۇمكىن ئىدى. س. شاكىرجان ئۇ موماي بىلەن سۆزلەشكەندە موماي: << مەن سادىرنى كۆرگەندە ئىككى ‏- ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى ئىدىم. سادىر ئېگىز بويلۇق، ئۆتكۈر كۆزلۈك، پىشانىسى كەڭ، قاڭشارلىق ئادەم ئىدى >> دېگەن. ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ توغرىلىقىنى مەسۇم بوۋا ھەمدۇ ئوغلى تەستىقلىگەن. بۇ كىشى سادىرغا نەۋرە ھەم كېيىنرەك بالاغەتكە يەتكەندە كۈيئوغۇل بولغان. سادىرنى ئوبدانلا ئېسىدە ساقلىغان: مەن بوۋامنىڭ ئالدىدا يۈرگەندە 11 ~12 ياشلاردا ئىدىم، شۇڭا ئۇنىڭ قىياپىتى تولۇق ئېسىمدە،‏- دەيدۇ ئۇ.
بېشكەك شەھىرىدە ( ئەسلىدىكى فرونزى ) ئولتۇرۇشلۇق گۈلجامال چورۇق قىزىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى ئېيتىپ بەردى. سادىرنى نۇرغۇن قېتىم كۆرگەن، سۆھبەتلىرىدە بولغان، ئالمائاتادا ئولتۇرۇشلۇق سادىق بوۋا ھەسەن ئوغلى سادىرنى ئاخىرقى قېتىم 32 يېشىدا قورغاستا كۆرگەن ئىكەن. سادىق بوۋا 1944 ‏- يىلى 100 ياشقا كىرىپ ۋاپات بولدى. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئۆز دەۋرىدە بىلال نازىم يازغان << غازات دەر مۈلكى چىن >> ، مۇسا سايرامىنىڭ << تارىخىي ئەمىنىيە >> لىرى، چۇقان ۋە لىخانوۋنىڭ تەتقىقاتلىرى ۋە خەلق ناخشا ‏- قوشاقلىرىنىڭ سادىرنىڭ قىياپىتىنى بەلگىلەشتە چوڭ ياردىمى تەگكەن ئىدى. قاستىيوۋ بۇ ئىشقا نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈردى. ئۇنىڭ دەسلەپتە سىزغانلىرىنىڭ بىر نەچچە ۋاريانتى يۇقىرى كىشىلەرگە كۆرسىتىلىپ ئۇلارنىڭ مەسلىھەتلىرى بويىچە يېڭىباشتىن سىزىلدى. شۇنداق قىلىپ، سادىرنىڭ پورتىرىتى 1945 ‏- يىلى << قازاق ئېلى >> ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. بۇ رەسىم ھازىر پۈتۈن مەدەنىي ئالەمگە مەشھۇر بولۇپ كەتتى....
بۇ باج ماركىسىنى ۋە ئىلى يامۇلىنىڭ رەسىملىرىنى << سادىر پالۋان خاتىرە ئۆيى >> نى قۇرغان، سادىر پالۋاننى << تىرىلدۈرۈپ >> ئارىمىزغا قايتۇرۇپ كېلىشكە 30 يىللىق ئۆمرىنى سەرپ قىلغان، سادىر پالۋان ھەققىدە تۆت كىتاب يېزىپ ئۇنى جۇڭگوغا، دۇنياغا تونۇتقان تۇرسۇن ياسىن ئەپەندى ئالمائاتادىكى << سادىر پالۋان كۆرگەزمىخانىسى >> دىن سېتىۋالغان.
بۇ يەردە يەنە بۇنىڭدىن 300 يىل ئىلگىرى ئىلىدا ئىشلەنگەن << ئالمىلىق >> دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن دۇنيا خەرىتىسى، پالۋاننىڭ تارىخىي كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلغان قوشاقلىرىغا ئاساسەن سىزىلغان ماي بوياق رەسىملەر بار. يەنە كەم دېگەندىمۇ 40 يىللىق تارىخقا ئىگە سۈرەتلەردىن ‏- سادىر پالۋاننى، ئۇنىڭ قەھرىمانلىقلىرىنى بىلىدىغان يۇرت چوڭلىرىنىڭ ئەينى چاغدىكى پائالىيەتلىرى ، سادىرنىڭ قەبرىسىنى ئىزدەش، بېكىتىش جەريانىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ پائالىيەت كۆرۈنىشلىرى، سادىرنىڭ نەۋرە ‏- چەۋرىلىرى، پەي نەۋرىلىرىنىڭ سۈرەتلىرى بار ئىدى.....

*************
غۇلجا ناھىيىسىنىڭ موللا توختى يۈزى يېزىسىدىكى بارات مەھەللىسى‏- سادىر پالۋان تۇغۇلغان، بالىلىقىنى، ياشلىقىنى ئۆتكۈزگەن تەۋەرۈك مەھەللە. سادىر پالۋان مەقبەرىسى مۇشۇ مەھەللىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قوللىشى بىلەن مۇشۇ يەرگە سادىرنىڭ ئەسلى قەبرىسىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان. مېنىڭ قەبرىنىڭ تېپىلىشى، جەزىملەشتۈرۈلۈشى جەريانىنى بىلگىم، ئېنىقراق مەلۇمات ئاڭلىغىم كەلدى. << سادىر پالۋان خاتىرە ئۆيى >> دىن چىقىپ تۇرسۇن ياسىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدىم.
‏- سادىر پالۋاننىڭ قەبرىسى، تارىخىنى تېپىش، جامائەتكە تەقدىم قىلىش ئۇنچىلىك ئاسان بولغان ئىش ئەمەس ئۇكام،‏- دېدى ئۇ ھەمدە ئۇزۇن يىللىق سادىر تەتقىقاتى جەريانىدا ئۆزى ناھايىتى پىششىق ئىگىلىگەن سادىر تارىخىدىن باشلاپ سۆزلىدى:
... غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئاقئۆزەن يايلىقىدا بىر ئۆڭكۈر بار. بۇ ئۆڭكۈرنى خەلق << سادىرنىڭ ئۆڭكۈرى >> دەپ ئاتايدۇ....
تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، سادىر پالۋان مانجۇ چېرىكلىرى بىلەن ئېلىشىپ ئېغىر جەڭلەردە قايتقاندا شۇ ئۆڭكۈرنى ماكان قىلغان، چېرىكلەر ئۇنى تۇتماقچى بولغاندا شۇ ئۆڭكۈردە پاناھلانغان. بەزىدە قورال ‏- ياراقلارنى يوشۇرغان، ساقلىغان. سادىر پالۋان ئۆڭكۈرنىڭ ئۇچلۇق تاشلار ساڭگىلاپ تۇرغان نەم تورۇسىغا قاراپ يېتىپ جەڭ پىلانلىرىنى تۈزگەن، خوتۇن ‏- بالىلىرىنى، مەھەللىسىنى سېغىنىپ ئۇيقۇسىز تۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن. بەزىدە شۇ ئۆڭكۈردىكى پىدائىلىرى بىلەن مىڭروي قوشۇنلىرىنى رازۋىدكا قىلغان، ئۇ تۇرپانيۈزى، روزىمەتيۈزىدىن قورغاس يېزىلىرىغىچە بېرىپ قوشۇن توپلىغان. ئۇ دۈشمەن ئارىسىغا بەزىدە بوۋاي سىياقىدا، بەزىدە ياش بالا سىياقىدا ياسىنىپ كىرگەن. ھەتتا ئىت سىياقىدا ياسىنىپ تۆت ئاياغلىنىپ قورغانلارغىچە كىرگەن ئىدى. ئۇ يەنە بەزىدە مانجۇ چېرىكلىرى سىياقىدا ياسىنىپ، مانجۇلارنىڭ << ئەرخاڭ >> ناخشىسىنى توۋلاپ چېرىكلەر سېپىگە قۇشۇلىۋالغان. ئۇ ھەقىقەتەن باتۇر، چارە ‏- تەدبىرگە تولىمۇ باي سەردار بولغان، خەتەرگە كۆپ قېتىم تەۋەككۈل قىلغان بۇ ئەزىمەت كۆپ قېتىم تۇتۇلغان، دەھشەتلىك قىيىن ‏- قىستاققا ئېلىنغان. چېرىكلەر ئۇنىڭ بۇرنىغا خۇددى ئۆكۈزنىڭ بۇرنىغا ئۆتكۈزگەندەك تۆمۈر شۈلۈك ئۆتكۈزۈشكەن، ئوڭ چېكىسىگە قىزىتىلغان تۆمۈر تامغا بېسىشقان، گەۋدىسى شۇنچە زور بولغان باتۇرنىڭ باشمالتاق قوللىرىغا كىرمەك سېلىپ دارغا ئاسقان.

بىر قېتىمدىلا ئۇنىڭ ئوڭ قولىنىڭ باشمالتىقى ئۈزۈلۈپ كەتكەن. ئۇ قانغا مىلەنگەن قولىنى بېلىدىكى پوتىسىدىن يىرتىپ چىڭ باغلاپ شۇ كېچىسى يەنە ئاقئۆزەندىكى ئۆڭكۈرگە قاچقان.....
‏- سوئالىڭىزنىڭ نەق جاۋابىغا كەلسەك،‏- دېدى تۇرسۇن ئەپەندى،‏- سادىرنىڭ قەبرىسى ئۇنىڭ جەسەت سۆڭىكىدىكى ئۈزۈلگەن بارمىقى بىلەن ئوڭ چېكىسىگە بېسىلغان پولات تامغىنىڭ ئۇستىخاندا قالدۇرغان ئىزىغا ئاساسەن جەزىملەشتۈرگەن...
شۇنداق قىلىپ ئاددىي قەبرىنىڭ ئاستىدىكى سادىر پالۋاننىڭ ئانا يەرلىك توپىسىغا سىڭىپ كەتكەن جىسمىنى پۈتۈنلەپ چىقىش مۇمكىن بولمىغىنى بىلەن ئۇنىڭ روھىنى << تىرىلدۈرۈش >> موللا توختىيۈزىدىكى دېھقانلار، سادىر پالۋاننىڭ چەۋرە، پەي نەۋرىلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ قوللىشى ھەمدە پىداكار تۇرسۇن ياسىن ئەپەندىنىڭ ۋاقىت، زېمىن، جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىسادىي كۈچ سەرپ قىلىشى بىلەن مۇمكىنچىلىككە ئېرىشكەن.
‏- ھازىر بۇ يەرگە كېلىدىغان ئېكىسكورسىيىچى ئوقۇتقۇچى ‏- ئوقۇغۇچىلار، ئىچكى ئۆلكىلەر، جەنۇپ، شىمالى شىنجاڭدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. << سادىر پالۋان مەقبەرىسى >> بىلەن << سادىر پالۋان خاتىرە ئۆيى >> ئەۋلادلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بېرىدىغان بازىغا ئايلاندى. مەندىمۇ چوڭ ئارمان قالمىدى،‏- دېدى تۇرسۇن ئەپەندى.
‏- ئەمىسە كىچىك ئارمانلار تېخى بار ئىكەن‏- دە؟
‏- سادىر پالۋاننىڭ مۇشۇ ئاددىي قەبرىسى، خاتىرە بويۇملىرى كۆرگەزمىخانىسى مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارمىنىمنى قاندۇردى. تېخى ئارمان دېگەن كۆپ، ئۇنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇراي دېگەنىدىم.

ۋاھ! بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئوپالدىكى مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىزنىڭ، يەكەندىكى مەلىكە ئاماننىسانىڭ ھەيكىلى كۆز ئالدىمغا كەلدى. يەنە 1941 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنىدىن 1944 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 17 ‏- كۈنىگىچە گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن قامال قىلىنغان لېنىنگراد ( سان ‏- پېتىربورگ ) نى ئازاد قىلىش جەڭلىرىدە ئاجايىپ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن روس ئوغۇل ‏- قىزلىرى ئۈچۈن لېنىنگراد شەھەر مەيدانىغا قاتۇرۇلغان ئېگىزلىكى 10 مېتىرچە كېلىدىغان << ۋەتەن ئانا >> ھەيكىلىنىڭ باتۇر پەرزەنتلىرىگە گۈل ئۆرۈمىسى سۇنۇپ تۇرغان قىياپىتى ( << ۋەتەن ئانا >> نىڭ ئالدىغا سوزۇلغان ئىككى قولىغا ئۈچ ‏- تۆت گۈل بىر رەت قىلىپ ئۆرۈلگەن ئۇزۇن گۈل ئۆرۈمىسى تۇتقۇزۇلغان، خۇددى ئىككى ئۇچى چېتىلمىغان سامساق ئۆرۈمىسىنىڭ شەكلىگە ئوخشاش ) ، تۇنجى بولۇپ ئايغا قونغان گاگارىننىڭ موسكۋادىكى ھەم ئېگىز ھەم زور سۈنئىي ھەمرا بىلەن بىللە قاتۇرۇلغان ھەيكىلى، ئۆزبېكىستاندىكى ئەمىر تۆمۈرنىڭ جەسۇر قىياپىتى، قازاقىستاندىكى غېنى باتۇرنىڭ ھەيكىلى ( بۇ يەردە شۇنى قىستۇرماي ئۆتەلمىدىم: غېنى باتۇر 60 ‏- يىللارنىڭ بېشىدا ئائىلىسى بىلەن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۆمرى ئاخىرلىشىپ سەكراتقا چۈشكەندە بۇرادەرلىرىگە: مېنى يەرلىكىمگە ئېلىپ كىرگەندە يۈزۈمنى قىبلىگە ئەمەس، غۇلجىغا قارىتىپ ياتقۇزۇڭلار، يۇرتۇمنى كۆرۈپ ياتاي! دەپ ئىلتىماس قىلغان ئىكەن. بۇرادەرلىرى ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى ئورۇندىغان ھەمدە ھەيكىلىنى، قەبرە تېشىنىمۇ غۇلجىغا قارىتىپ ئورناتقان ) ... مۇ تىزىلىپ خىيالىمدىن ئۆتتى.
‏‏- مىستىن قاتۇرۇلغان ھەيكەللەر ھەم كۆركەم، ھەم چىداملىق بولىدىكەن. لېنىنگرادتىكى نېۋا دەرياسىنىڭ بويىغا نىكولاي 2نىڭ ئات مىنىپ تاغدا كېتىۋاتقان ھەيكىلى بار. ئۇنىڭ ئېتىنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ ئاستىدا بېشى مىجىلغان يىلاننىڭ تولغۇنۇپ ياتقان ھەيكىلى ئىپادىلەنگەن. مۇشۇ كۈنگىچە يىلاننىڭ كۆزلىرىگىچە شۇنچە ئېنىق، نەپىس پېتى بۇزۇلماي تۇرۇپتۇ. يەنە نېۋانىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى 100 گە يېقىن چەۋەنداز ۋە ئات ھەيكىلىنىڭ ھەممىسى مىستىن ياسالغان بولغاچقا، بەزىلىرى ئۈچ ئەسىرگە يېقىن بوران ‏- چاپقۇنلۇق كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ يەنىلا ناھايىتى مەزمۇت، ھەيۋەتلىك تۇرۇۋېتىپتۇ،‏- دېدىم مەن.
‏- مېنىڭمۇ مىس ھەيكەل قاتۇرغۇم بار، گەج ھەيكەل كۆركەم بولىدۇ. لېكىن ئۆمرى ئۇزۇن بولمايدۇ. مانا بۇ مىس ھەيكەلنىڭ لاھىيىسى،‏- تۇرسۇن ئەپەندى ئۈستەلگە قەغەزنى يېيىپ ماڭا پۈتۈپ بولغىنىغا بەش يىل بولۇپ قالغان، ئەمما قەغەز يۈزىدىلا قېلىۋاتقان لاھىيەنى كۆرسەتتى،‏- 60 مىڭ يۈەن بولسا، قالغىنىغا يېنىمدىن قوشسام پۈتۈپ كېتەتتى. بۇ خاتىرە ساراينى قۇرۇش، سادىر پالۋان قەبرىسىنى باغلاشتۇرۇش.... لارغا 200 مىڭ يۈەن پۇل سەرپ قىلىندى. شۇڭا ئىقتىسادتا سەل ئۈزۈكچىلىك بولىۋاتىدۇ...‏- ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتۈپ كەتتى. تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئەپسۇسلۇقتا قالغان چىرايى كۆز ئالدىمدا ھېلىغىچە بار، سادىر پالۋاننىڭ مىس ھەيكىلى ھېلىغىچە يوق!

سادىر پالۋاننىڭ مىس ھەيكىلىنى قاتۇرۇشقا كەملەپ قالغان 60 مىڭ يۈەننى بىر ئويلىسام تاپقىلى بولمايدىغاندەك كۆپ پۇل بىلىنىدۇ. يەنە بىر ئويلىسام ناھايىتى ئاسانلا، ھېچقانداق كۈچىمەيلا يىغقىلى بولىدىغاندەك ئاز پۇل بىلىنىدۇ. بەلكىم كېيىنكى ئويۇم توغرىدۇ، يەنىلا باشقىلارنىڭ مەشھۇر شەخىسلەرنى ئۇلۇغلاشتا قوللانغان ئاددىي، ئەمما ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى مېنى مۇشۇ قاراشقا كەلتۈرۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن.

1997 ‏- يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 5‏- كۈنى يەكشەنبە ئىدى. كانبېررادىكى << ئاۋىستىراليە ھەربىي مۇزىي >> نىڭ ناھايىتى كەڭرى قورۇسىنىڭ بۈك ‏- دەرەخزارلىقىدىكى ۋېتناملىق، ئامېرىكىلىق، ئاۋىستىرالىيىلىك... ئەسكەرلەر ئۈچۈن ئورنىتىلغان نۇرغۇن ھەيكەللەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئېغىر يارىلانغان سەپدىشىنى ھېرىپ ھالى قالمىغان ئورۇق ئېشەككە ئارتىپ ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر يارىدار جەڭچىنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا توختاپ قالدىم.

نېمىشقا؟
مەن مۇشۇ كۈنگىچە تارىخى كىتابلاردىن، كىنولاردىن جەڭ مەيدانلىرىدا پەقەت ئاتلارنىڭلا ئەسقاتىدىغانلىقىنى كۆپ كۆرگەن. ئېشەكنىڭمۇ باتۇر جەڭچىلەرگە ۋاپادارلىق كۆرسەتكىنىنى ئۇچراتمىغان ئىدىم. كۆزۈمگە ئاتنىڭ ئالدىدا ناھايىتى كۆرۈمسىز كۆرىنىپ كەلگەن بۇ ھايۋاننى ئاشۇ بىر ھەيكەل تۈپەيلى شۇنىڭدىن بۇيان ھەر قانداق جايدا ئۇچراتسام، جەڭ مەيدانىدىكى ئاشۇ ئۇلۇغ << ئېشەك >> كە سېلىشتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم. توۋا دەيمەن، بىر ھەيكەلمۇ ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىغا ئاشۇنداق چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىكەن‏- ھە؟!

ئادەم مەنىۋىي ئوزۇققا مۇھتاج بولغاندا بىر ھەيكەل ( يەنى ئېسىل بىر ئەدەبىي ئەسەر ) ئىستېتىك زوق بېغىشلاش قىممىتىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن. ئۇ چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن مەڭگۈلۈك روھىي ئوزۇق بولالايدىكەن. ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ باتۇرلىرىغا، ئۇلۇغلىرىغا بىرىدىن ‏- بىرى ھەيۋەتلىك ھەيكەللەرنى قاتۇرىشىمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئىكەن ‏- دە!
ھەربىي مۇزىيدىكى يۇمۇلاق شەكىللىك ( ئۈستى گۈمبەز شەكلىدە يېپىلغان ) مەركىزىي كۆرگەزمە زالىنىڭ بەش مېتىرچە ئېگىزلىكتىكى سىرتقى تېمى پۈتۈنلەي قارا رەڭدە سىرلانغان. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە 2‏- دۇنيا ئۇرۇشىدا، سول تەرىپىدە 1‏- دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارنىڭ نامى مىستا قۇيۇلۇپ تامغا ئورنىتىۋېتىلگەن، ئىسىملار شۇنچىلىك كۆپكى دۇنيادا ئادەم قالمىغاندەك..... قاپقارا، ھەيۋەتلىك تامغا ئورنىتىۋېتىلگەن بەزى ئىسىملارنىڭ ئۈستىگە ياكى ئۇدۇلىغا قىزىل، ئاق چېچەكلەرنىڭ قىستۇرۇلغانلىقىغا ھەيران قالدىم. 90 يىلنىڭ ئالدىدىكى 1‏- دۇنيا ئۇرۇشىدا جەڭ مەيدانىدا قازا قىلغان سەپدىشىنى، قېرىندىشىنى، ئاتىسىنى، ئانىسىنى ياكى بوۋىسى، مومىسىنى ياد ئېتىپ ئۇلارنىڭ روھىدىن ئوزۇق، تەسەللى ئىزدەپ بۇ يەرگە كېلىدىغانلار كۆپ ئىكەن ‏- دە!
قۇربانلار ئىسىملىكى تېمىدىن كەتتىم، نۇرغۇن باسقۇچلۇق پەلەمپەيدىن چۈشۈپ ئۇزۇنلىقى 25 مېتىر، كەڭلىكى بەش مېتىر كېلىدىغان سېمونت كۆلچەك بويىغا چىقىپ قالدىم. كۆلچەكتە سۈپسۈزۈك سۇ جىمىرلاپ تۇراتتى. كۆلچەكنىڭ تۆرىگە سۇنىڭ ئىچىگە ‏- يوغان مىس داس ئورنىتىلغان. داستا قىپقىزىل ئوت لاۋۇلدايدۇ، ئۇلار دېمەكچى ‏- قەھرىمانلار ئۆلمەيدۇ!

مەن كۆلچەككە ئېڭىشىپ قارىدىم: خالىس تەڭگە پۇللار سۇغا چىلىشىپ ياتاتتى. چۈشەندىم: خالىس ئىئانە. ئۇ مۇزېينىڭ رېمونت ئىشلىرى، كېڭەيتىلىشى، ئاسرىلىشى، يېڭى ھەيكەل تۇرغۇزۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ‏- چوقۇم!
شۇ چاغدا 10 ياشلاردىكى بىر قىزچاق ئانىسى ئۇنىڭغا بىر دوللار تەڭگە بەردى. قىزچاق ئۇنى سۇغا تاشلىدى. يالغۇز تەڭگە سۇنىڭ ئاستىدا دۆۋىلىنىپ كەتكەن تەڭگىلەرگە قوشۇلغاندىن كېيىنلا ئۇ خاتىرجەم بولۇپ نېرى كەتتى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، دېمەكچى بولغانلىرىمنى چۈشەندۈرەلىدىممۇ ‏- يوق! يەنە يېشىپ بەر دېسىڭىزمۇ مەيلى يېشەي:
ئاۋات شەھەرلىرىمىزنىڭ ھەربىر كوچىسىدىن ھەربىر كۈندە موكىدەك چېپىپ ئۆتۈشۈپ يۈرۈپ پۇل تېپىۋاتقان، پۇل خەجلاۋاتقان كىشىلەر بىر تالدىن ئاليومىن تەڭگە ئاتىسىمۇ سادىر پالۋاننىڭ ھەيكىلى، ئالىملىرىمىزنىڭ، ئەدىبلىرىمىزنىڭ ھەيكىلى، يەنە دېسەم ئۇدا بەش يىل بوكس پادىشاھى بولغان ئابدۈشۈكۈرنىڭ، ئۇيغۇر نامىنى تۇنجى قېتىم ئولىمپېك تارىخىغا ئېلىپ كىرگەن ئابدۇراخماننىڭ.... ھەيكىلى ئارقا ‏- ئارقىدىن پۈتۈپ قەد كۆتۈرىۋەرمەسمىدى؟!
بىز ئۆزىمىزنىڭ تارىخى مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىمۇ، دەۋرداش مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىمۇ تونىمىساق، چۈشەنمىسەك، دۇنيانى تونىغىنىمىز، دۇنيانى چۈشەنگىنىمىزنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ مەن سادىر پالۋاننىڭ قەبرىسىدىن قايتقان كۈنى ئاشۇنداق ئارمانلارغا غەرق بولدۇم.
ھازىرمۇ شۇنداق ئويلايمەن: ئۇقمىدىم، قاچان، قايسى كۆلچەككە ئاشۇ ئۇلۇغ ئىش ئۈچۈن تەڭگە پۇل تاشلاشنى كىم، قايسى ئەقىللىق ئىنسان باشلاپ بېرەركىن؟
مەن شۇ كۆلچەككە ھەركۈنى بىر تال تەڭگە تاشلاشقا رازى ئىدىم.


(ئاپتور: << شىنجاڭ گېزىتى >> ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە )
مەسئۇل مۇھەررىر: ئەسئەت ئابدۇرېشىت
ئىلى دەرياسى ژورنىلى 2003‏- يىلى 6‏- سانىدىن ئېلىندى.

ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﮬﺎﯞﺍﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻳﻮﻟﻼﻧﺪﻯ.

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرەت:+10(nawa717)
  • Diyarim Xirkiti Hizmetchi Kobul kilidu
    بۇ يوللانما دىيارىم مۇنبىرىگە تەۋە، خالىغانچە باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىماڭ. << باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىش ئەڭ ئۇلۇغ شەرەپ!>>
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-16 18:59 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
    بۇ ئەزا توردا يوق musapr

    تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 91<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 8
    UID نۇمۇرى : 12152
    دەرىجە: Ordinary Member
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 88
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە88دانە
    شۆھرەت: 11 نۇمۇر
    پۇل: 207 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-11
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-22


    رەخمەت سىزگە!!

    Diyarim Xirkiti Hizmetchi Kobul kilidu
    ??????
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-18 20:32 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق xademanxat

    تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى <br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 318<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 281
    UID نۇمۇرى : 10487
    دەرىجە: سەپ بىشى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 316
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە316دانە
    شۆھرەت: 27 نۇمۇر
    پۇل: 660 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-27
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-22


    سادىر پالىۋان مىللتىمىز ئېچىدىن چىققانلىقىغا پەخىرلەنسەك بولىدۇ. رەخمەت سىزگە.

    Alamart Bio Technic
    ??? ????? ???????? ???????? ?????? ?? ?????? ??????? ???????? ?????. ??????? ???? ????? ???????? ?????? ??? ?????? ??????? ?????.
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-18 21:11 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق kurax818



    تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 53<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 46
    UID نۇمۇرى : 20183
    دەرىجە: Ordinary Member
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 45
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە45دانە
    شۆھرەت: 45 نۇمۇر
    پۇل: 438 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-18
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-23


    بىز قەھىرمانلىرىمىزدىن پەخىرلىنىش بىلەن قانائەتلىنىپ ئىزىنى بىسىشنى ئويلىشالمىدۇق ، تىما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۇر

    QiQan Uyghur Ulinix Tori
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-19 00:47 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق yolbaxqi-ksg
    ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 4618<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 381
    UID نۇمۇرى : 12972
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 4593
    ئۇنۋان:19 دەرىجە ھازىرغىچە4593دانە
    شۆھرەت: 74 نۇمۇر
    پۇل: 5635 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-30
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-23


    كونۇپكا تاختىسى ئالدىدىكى مۇبارەك قوللىرىڭىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي !

    QiQan Uyghur Ulinix Tori
    پەرزەنتنىڭ جىنى خۇدادىن ، ۋۇجۇدى ئاتا - ئانىدىن ، ئىستىقبالى مەرىپەتتىن كىلىدۇ .
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-19 01:09 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق ئاتا
    ئالاھىدە تۆھپە
    تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى <br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 355<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 244
    UID نۇمۇرى : 19329
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 324
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە324دانە
    شۆھرەت: 116 نۇمۇر
    پۇل: 1288 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-24
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-23


    كونا مۇنبەردىكى «سادىرپالۋان مەقبەرىسىدە زىيارەت » ناملىق ،سۈرەتلىك زىيارەت خاتىرەمنى بۇ تېمىغا ئۇلىنىش قىلسام بولارمۇ؟

    Diyarim Xirkiti Hizmetchi Kobul kilidu

    تورخاتىرىسى : http://blog.sina.com.cn/ayqut
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-19 01:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق guzalayat

    تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى <br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 531<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 69
    UID نۇمۇرى : 5253
    دەرىجە: سەپ بىشى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 531
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە531دانە
    شۆھرەت: 7 نۇمۇر
    پۇل: 700 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-06-16
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-22


    رەخمەت سىزگە.

    Alamart Bio Technic
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-19 12:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق bugratekin



    تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى <br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 376<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 223
    UID نۇمۇرى : 12935
    دەرىجە: سەپ بىشى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 356
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە356دانە
    شۆھرەت: 62 نۇمۇر
    پۇل: 1057 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-29
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-22



    بۇنى قوشۇمچە قىلىپ تەشەككۇرىمنى بىلدۈرەي دىدىم.

    Alamart Bio Technic
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-19 22:29 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق Hush_Puraq
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2615<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2384
    UID نۇمۇرى : 30
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 3
    يازما سانى: 2591
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2591دانە
    شۆھرەت: 310 نۇمۇر
    پۇل: 5072 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-22


    Quote:
    بۇ مەزمون 5 - قەۋەتتىكى ئاتا نىڭ 2007-10-19 01:14 دە يوللىغان يازمىسى“”:
    كونا مۇنبەردىكى «سادىرپالۋان مەقبەرىسىدە زىيارەت » ناملىق ،سۈرەتلىك زىيارەت خاتىرەمنى بۇ تېمىغا ئۇلىنىش قىلسام بولارمۇ؟


    ئەلۋەتتە بولىدۇ ئاتا ئەپەندىم. ئېسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.

    Alamart Bio Technic
    بۇ يوللانما دىيارىم مۇنبىرىگە تەۋە، خالىغانچە باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىماڭ. << باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىش ئەڭ ئۇلۇغ شەرەپ!>>
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-19 22:30 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [8 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق Hush_Chiray
    دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 3088<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1911
    UID نۇمۇرى : 72
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 3072
    ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3072دانە
    شۆھرەت: 197 نۇمۇر
    پۇل: 4750 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-12
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-23


    كونا مۇنبەردىكى نادىر تىماڭنى يۈتكەپ كەپسەندە ئاداش ؟

    Alamart Bio Technic
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-20 00:50 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [9 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق Ar-ohoz
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2341<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2658
    UID نۇمۇرى : 17206
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 2336
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2336دانە
    شۆھرەت: 258 نۇمۇر
    پۇل: 4803 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-16
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-21


    تارىخچى تارىخچىنىڭ قاياشى

    Alamart Bio Technic
    كىمنىڭ ئوغلىسەن ،ئويلىساڭچۇ...!
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-20 01:39 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [10 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق MATRIX
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2044<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2955
    UID نۇمۇرى : 17262
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 2027
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2027دانە
    شۆھرەت: 261 نۇمۇر
    پۇل: 4630 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-18
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-23


    Quote:
    بۇ مەزمون 9 - قەۋەتتىكى Hush_Chiray نىڭ 2007-10-20 00:50 دە يوللىغان يازمىسى“”:
    كونا مۇنبەردىكى نادىر تىماڭنى يۈتكەپ كەپسەندە ئاداش ؟

    راس ھازىر كونامۇنبەردىكى تىمىنى بەس بەستە يوللاش مۇسابىقىسى باشلاندى .. . .

    QiQan Uyghur Ulinix Tori
    ﮬﻪﺭﺑﯩﺮﺟﺎﻧﺪﺍﺭ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﺗﯩﺘﯩﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-20 06:36 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [11 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق xahla
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1589<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3410
    مەزھەپ:88888888 88888888
    UID نۇمۇرى : 4496
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1562
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1562دانە
    شۆھرەت: 202 نۇمۇر
    پۇل: 3283 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-23
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-23


    ئاجايىپ ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز، رەخمەت سىزگە!

    Alamart Bio Technic
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-20 13:07 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [12 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق otyak
    ئىجاتچان ئەزا
    تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1163<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3836
    UID نۇمۇرى : 17978
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 1149
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1149دانە
    شۆھرەت: 135 نۇمۇر
    پۇل: 2491 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-22


    خەلق قوزغىلىڭىنىڭ سەركەردىسى، خەلق قوشاقچىسى، خەلق قەھرىمانى سادىر پالۋان ھەققىدە
    ياخشى تىما يوللاپسىز . ئەجرىڭىزگە رەخمەت.

    QiQan Uyghur Ulinix Tori
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-20 13:46 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [13 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق lutpulla2

    تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 74<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 26
    UID نۇمۇرى : 11378
    دەرىجە: Ordinary Member
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 74
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە74دانە
    شۆھرەت: 1 نۇمۇر
    پۇل: 108 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-22
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-21


    ناھايتى ياخشى تىما يوللاپسىز!

    QiQan Uyghur Ulinix Tori
    ????? ????? ?????????? ?????? ?????? ? ?? ????? ??? ????? ????? ????????. ????? ????? ??? ??????? ????? ??????. ?? ????? ??? ????? ????? ???????...
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-20 14:56 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [14 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق narhan

    تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 191<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 108
    UID نۇمۇرى : 18316
    دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 187
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە187دانە
    شۆھرەت: 28 نۇمۇر
    پۇل: 431 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-21
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-22


    رەخمەت سىزگە!  

    Diyarim Xirkiti Hizmetchi Kobul kilidu
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-20 16:55 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [15 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق qayqikiz

    تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 169<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 130
    UID نۇمۇرى : 15251
    دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 168
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە168دانە
    شۆھرەت: 13 نۇمۇر
    پۇل: 303 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-17
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-22


    بۇرۇن پالۋان باتۇر  قەھرىمان  نوچى دىگەنلەر ئۈزۈلۈپ قالماي چىقىپ تۇرىدىكەندۇق ھازىر ۋەزىيەت چوڭ- چوڭ ياخشى بولغاشقا ،ئۇنداق نامغا ئىرىشىش پۇرسىتى يوق-تە ؟

    Alamart Bio Technic
    ???????? ????? 2007-???4-?????? 17-????
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-21 21:40 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [16 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق Hush_Puraq
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2615<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2384
    UID نۇمۇرى : 30
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 3
    يازما سانى: 2591
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2591دانە
    شۆھرەت: 310 نۇمۇر
    پۇل: 5072 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-22


    Quote:
    بۇ مەزمون 9 - قەۋەتتىكى Hush_Chiray نىڭ 2007-10-20 00:50 دە يوللىغان يازمىسى“”:
    كونا مۇنبەردىكى نادىر تىماڭنى يۈتكەپ كەپسەندە ئاداش ؟

    بۇ تېما ھەقىقەتەن يۆتكەپ كەلگۈدەك تېما ئاداش. ئاز ئەجىرىم كىرمىگەن شۇڭا چىدىماي يۆتكەپ كەلدىم.

    Diyarim Xirkiti Hizmetchi Kobul kilidu
    بۇ يوللانما دىيارىم مۇنبىرىگە تەۋە، خالىغانچە باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىماڭ. << باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىش ئەڭ ئۇلۇغ شەرەپ!>>
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-10-21 22:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [17 -قەۋەت]
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 10-23 09:39
    Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2003-07 UyPW Corporation