ئادالەت ۋە خەلقپەرۋەرلىك
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻕ » ئادالەت ۋە خەلقپەرۋەرلىك



بۇ بەتتىكى تېما: ئادالەت ۋە خەلقپەرۋەرلىك پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 123 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق kuysoyar
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى <br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 327<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 272
UID نۇمۇرى : 2407
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 280
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە280دانە
شۆھرەت: 314 نۇمۇر
پۇل: 1583 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 8 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-04-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

ئادالەت ۋە خەلقپەرۋەرلىك


بىر سائەتلىك ئادالەت ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئىبادىتىدىنمۇ ياخشىراقتۇر. چۈنكى ھەقنىڭ خەلققە قىلغان رەھمىتى، ئەلگە كەلتۈرگەن خاتىرجەملىك ۋە ئامانلىقى ئادىل پادىشاھ سەۋەبى بىلەن بولىدۇ.
- مەھبۇبۇل - قۇلۇب تىن
زالىم، نادان، پاسىق پادىشاھ زۇلۇمنى ياخشى كۆrىدۇ، بۇزۇقچىلىقنى دوست تۇتىدۇ. مەملىكەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، دىلى خاتىرجەم، ئەل بېشىغا پاراكەندىچىلىك كەلسە كۆڭلى ئەلەم چەكمەيدۇ. ئۇنىڭ زۇلمىدىن ئاۋات جايلار ۋەيران بولۇپ، كەپتەر ئۇۋىلىرى ھۇقۇشقا ماكان بولىدۇ. بەزمىلەردە شاراب كەلكۈنى دولقۇنلايدۇ، بۇ كەلكۈن ئەلنى ۋەيران قىلىدۇ.
- مەھبۇبۇل - قۇلۇب تىن
شاھ بىلەن ئۇنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئىشلىرىدا ئوخشاشلىق بولىدۇ. پادىشاھ ئادىل بولسا، خەلنىڭ ئىشلىرىدىمۇ ئادالەتنىڭ ئالامەتلىرى بولىدۇ. ئەكسىچە بولسا، خەلنىڭ زۇلۇمدىن قورقۇنچى تۈەىمەيدۇ. دانالار ئالىملارنى ئۇلۇغ دەريا سۈيىگە، خەلقنى دەريا ئەتراپىدىكى ئېرىق - ئۆستەڭلەرگە ئوخشىتىدۇ. دەريا سۈيىدە قانداق خاسىيەت ۋە ھالەت بولسا، ئېرىك - ئۆستەڭنىڭ سۈيىدىمۇ شۇنداق خفسىيەت ۋە ھالەت بولىدۇ. ئۇ ئاچچىق بولسا، بۇمۇ ئاچچىق، ئۇ تاتلىق بولسا، بۇمۇ تاتلىق بولىدۇ. ئۇ لاي بولسا، بۇمۇ لاي، ئۇ سۈزۈك بولسا، بۇمۇ سۈزۈك بولىدۇ.
- مەھبۇبۇل - قۇلۇب تىن
زالىم، نادان شاھلارغا نالايىق ئىش ياقىدۇ، خەلققە ياققان ئىش ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، بەلكى ئەيىب سانىلىدۇ. ھەرقانچە كۆپ خىزمەت ئازىنا سەۋەنلىك بىلەن يوققا چىقىرىلىدۇ. بىلىم ئەھلىنىڭ ھەرقانچە كۆپ توغرا ئىشلىرى كىچىككىنە خاتالىق بىلەن بىكار قىلىنىپ، ئۇلارغا مالاللىق يەتكۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ خاتا پىكرىگە باشقىلار قوشۇلمىسا )ھەتتا ئۇنىڭدىن خەۋەرسىزلەرمۇ(، قۇرۇق تۆھمەتكە قالىدۇ. خاتا پىكرىدىن نەتىجە كۆرۈلمىسە، قوشۇلمىغانلارغا، بەلكى خگۋەرسىزلەرگىمۇ ئازاب قىلىنىدۇ. ھاياتلىق سۈيىنى زەھەر دېسە، قوشۇلمىغان كىشى گۇناھاكر، قۇياش نۇرىنى قاراڭغۇ دېسە، ئاپىرىن دېمىگەن كىشى مۈشكۈلگە دۇچار بولىدۇ... ئەلگە ئۆز جېنىنى قۇربان قىلغان كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا بىر يارماقچە ئەمەس. ئەگەر ئۇ قارا قاغىنى ئاق شۇڭغار دېسە، غازنى ياخشى ئالىدۇ دېمىگەن كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئەگەر ئۇ يورۇق كۈننى قاراڭغۇ دېسە، يۇلتۇز كۆرۈنۈۋاتىدۇ دېمىگەن ئادەم گۇناھكار.راست سۆزلىگۈچىگە جاننىڭ خاتىرى، ياخشىلىققا باشلىغۇچىغا ئۆلۈم خەۋپى تەييار. ئۇنىڭ ئالدىدا ھەقىقەت يالغان، ئۇنىڭ نەزىرىدە دانالار ئەخمەق - نادان. ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئەلگە بولغان ئۆچ - ئاداۋەت گويا ئۇنىڭ مەخپىي خەزىنىسىدىكى دۇنيا - دەپىنگە ئوخشاش يوشۇرۇندۇر.
- مەھبۇبۇل - قۇلۇب تىن
ئادىل پادىشاھ گويا مەملىكەت بېغىنى ئاۋات قىلىدىغان يامغۇرلۇق بۇلۇت، مەملىكەت خەلقىنىڭ كۆزىنى روشەنلەشتۈرىدىغان نۇرلۇق قۇياشتۇر.
- مەھبۇبۇل - قۇلۇبتىن
ئادىل پادىشاھ باھار يامغۇرى بىلەن قۇياشتەك گۈللەرنى ئېچىلدۇرىدۇ، مەملىكەت خەلقىنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن - گۆھەرلەرنى چاچىدۇ. كەمبەغەل - ئاجىزلار ئۇنىڭ مۇلايىملىقى ۋە ماداراسىدىن ئارام تاپىدۇ. زالىم، تەلۋىلەرب ولسا، ئۇنىڭ سىياسەت تىغى ۋەھىمىسىدىن ھالزى ۋە پەرىشان.
- مەھبۇبۇل - قۇلۇب تىن
بېشىڭغا پەلەكتىن تاشلار ياغسىمۇ، ئەل خىزمىتىدىن باش تارتما. ئەگەر ئۇ تاشلار بىلەن بېشىڭ يېرىلىپ، تاتۇق بولۇپ، قالسا، ئۇ بەخت - سائادەتنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغۇسى.
- مەھبۇبۇل - قۇلۇب تىن
كىمكى ئۆز ئۆمىرىنى ئەل خىزمىتىگە سەرپ قىلسا، گەرچە ئۆمرى كەتسىمۇ، مەڭگۈلۈك ئۆمۈرگە ئېرىشكەن بولىدۇ. ئۆزۈڭنى بۇ توپتىن يىراق تۇتما، بېشىڭ كەتسىمۇ بۇ مۇددىئانى ئۇنتۇما.
- مەھبۇببۇل - قۇلۇب تىن
ئەلدىن ھەسرەت يەتمىسە، ئەلنىڭ مۇكاپاتىدۇر.
- مەھبۇبۇل - قۇلۇب تىن
ئەگەر سەن ئادەم بولىدىغان بولساڭ، خەلقنىڭ غېمىنى يېمىگەن كىشىنى ئادەم دېمە.
- ھەيرەتۇل - ئەبرار دىن
ئەگەر سەن سۆز بىلەن بولسىمۇ كىشىلەرگە نەپ يەتكۈزەلمىسەڭ، كۆڭلۈڭدە بولسىمۇ ياخشىلىق قىلىشنى ئويلا، سېنىڭ كۆڭلۈڭ باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىدىن شادلانسۇن، ئەگەر باشقىلارنىڭ كۆڭلى ناخۇش بولسا، سېنىڭ كۆڭلۈڭمۇ پەرىشان بولسۇن.
- ھەيرەتۇل - ئەبرار دىن
بىراۋادا رۇستەمچە كۈچ - قۇۋۋەت، ھاتەمچە ھىممەت، قارۇنچە مال دۇنيا بولدىمۇ، خەلقنىڭ رازىلىقىنى تاپماي بەكمۇ مۈشكۈلدۇر.
- ھەيرەتۇل - ئەبرار دىن
باشقىلارنى ئۆزۈڭدىن خاتىرجەم قىل، ئۆزۈڭنى شادلىق ماكانىدا تۇت.
- ھەيرەتۇل - ئەبرار دىن
ئەي كىشى، گەرچە سەن شاھ بولساڭمۇ خەلقنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلمىساڭ، ئۆزۈڭنى ئۇلۇغراق شاھقا ھاجەتمەن دەپ بىلگىن.
- بەدايىئۇل - ۋەسەت تىن
خەلقنىڭ سۇدەك ساپ كۆڭلىنى ئايا، سۇنىڭ ئۈستىدىكى كۆپۈكچە نەپەس بىلەن سۇنىپ كەتكەندەك ئۇلارنىڭ كۆڭۈل كۆپۈكچىسىمۇ نازۇكتۇر.
- بەداپىئۇل - ۋەسەت تىن
دانالار شاھنى قۇياش دەپتۇ، ئۇنىڭ سېخىيلىقى قۇياشقا ئوخشاش جاھان خەلقىگە ئومۇمىي بولغانلىقى بۇنىڭغا دەلىلدۇر. قۇياشتىن نۇر ئالغاچقا ئايدا ئىنساپ يوق، شۇڭا ئۇ گاھىدا يېرىم بولۇپ، گاھىدا يوقىلىدۇ. بىر كېچە - كۇندۇزدە دەۋران گاھ قاراڭغۇ، گاھ يورۇق بولىدۇ، پەكەك بىر ئايلانغاندا گاھ سۈبھى يورۇپ، گاھ قاراڭغۇ چۈشىدۇ. قۇياشنىڭ ھالىتى بۇنداق ئىكەن، پادىشاھنىڭ مىجەزىمۇ گاھ مۇلايىم، گاھ ھۈرككەك بولسا ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
- بەدايىئۇل - ۋەسەت تىن
خەقتىن ھەرقانداق ئەسكىلىكلەر كەلسە، يەنىلا ئۆزۈڭنى خۇش تۇت، ئاللاغا مەن ئۈچۈن باشقا خەلق يارىتىپ بەر دېگىلى بولمايدۇ - دە.
- فەۋايىدۇل - كىبەر دىن
خەلق كىمدىن قاچسا ئۇنى ئادەمنىڭ يامىنى بىل، ئۇنىڭ ئەھۋالىدا بەختسىزلىك نىشانى بار دەپ بىل. ئۇنى خەلقنىڭ جېنىغا بالا - قازا كەلتۈرىدىغان خۇيى بار دەپ بىل، قىسقىسى ئۇنى ئالەم خەلقىنىڭ ئەڭ يامىنى دەپ بىل.
- فەۋايىدۇل - كىبەر دىن
ئەگەر شاھ ئادالەتنى كەسىپ قىلسا، قۇياشتەك جاھاننى بىردەمدىلا يورۇتۇۋېتىدۇ. ئەگەر ئۇ زۇلۇم قىلسا، كېچە قاراڭغۇلۇقىدەك شۇ دەمدىلا ئالەمنى قاراڭغۇلۇق قاپلايدۇ.
- بەدايىئۇل - ۋەسەت تىن
پادىشاھنىڭ خۇي - پەيلى پۇقرا بىلەن قوشۇنلىرىغا تەسىر قىلىدۇ، رەسۇلىللاھمۇ خەلق - پادىشاھنىڭ ئېتىقاتچىسىدۇر دېگەنىدى. دانالارمۇ شاھنى دېڭىزغا، قوشۇنىنى ئېرىققا ئوخشىتىدۇ. ئۇ ئاچچىق بولسا، بۇمۇ ئاچچىق، ئۇ تاتلىق بولسا، بۇمۇ تاتلىق بولىدۇ.
- غەرايىبۇس - سىغەر دىن
جاھاندا مەنسەپ - مەرتىۋە پانىي، ياخشى ئات باقىيدۇر، ئۆزۈڭنى ھۆكۈمران بىلگەن ئىكەنسەن خەلقنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىل.
- غەرايىبۇس - سىغەر دىن
بۇ دۇنيادا مەنسەپ ۋاقىتلىق، ياخشى نام مەڭگۈلۈك. ھوقۇقىڭ بار ۋاقتىدا ئەلنىڭ دەردىگە دەرمان بول.
- غەرايىبۇس - سىغەر دىن
ئەگەر سەن خەلقتىن ئەيىبلەش سۆزىنى ئاڭلىغان بولساڭ، سەن خەلق ئالدىدا ئەيىبكارسەن
بىشى ۋە  داۋامى http://bilqut.com/bbs  دە
مەنبە :بىلقۇت باغچىسى

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرەت:+5(manggutax)
  • ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت
    تېما تەستىقلىغۇچى : manggutax
    تەستىقلىغان ۋاقىت: 2008-03-23, 03:36
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 11:28 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
    بۇ ئەزا توردا يوق adalatparwar

    تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى <br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 398<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 201
    UID نۇمۇرى : 17689
    دەرىجە: سەپ بىشى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 388
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە388دانە
    شۆھرەت: 209 نۇمۇر
    پۇل: 928 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27


    ئەخداتلارنىڭ ھىكمەتلىك سۆزلىرىنى قەلبىدە مەككەم ئەستە تۇتساق چوقۇم بەخت قۇچاق ئاچىدۇ

    داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
    ئۇيغۇرچە پاراڭلىشى دىتالى مەرھەممەت:http://www.barhan.cn/barhan
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 12:04 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
    دىيارىم مۇنبىرى » ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻕ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 03-28 09:12
    Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation