ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى تارىخىدىكى يىغىنى تارىخىدىكى غەلىتە چېمپىيونلار
1. خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ھەيدەلگەن چىمپىيون : 1896 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ، ئامېرىكىلىق كونناللى ئۈچ تاقلاپ يىراققا سەكرەش مۇسابىقىسىدە غەلبە قىلىپ ، ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى تارىخىدىكى تۇنجى چېمپىيونغا ئايلانغان . ئەمما ئۇ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ھەيدەلگەن . يېرىم ئەسىردىن كېيىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى خاتالىقىنى تونۇپ ، كونناللىقىغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن .
[size=5]پەللىدىن چىقىش قىياپىتى سەۋەبلىك مەسخىرىگە قالغان چېمپىيون: 1896- يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ، 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە مۇقىم پەللىدىن چىقىش قىياپىتى بېكىتىلمىگەن بولغاچقا ، تەنھەرىكەتچىلەر ئۆرە تۇرۇپ ، ئولتۇرۇپ ، بېلىنى ئېگىپ دېگەندەك ھەر خىل قىياپەتتە پەللىدىن چىققان . نەتىجىدە زوڭزىيىپ تۇرۇپ پەللىدىن چىققان ئامېرىكىلىق ماھىر توماسسون بورك چېمپىيون بولغان . كېيىن كىشىلەر ئۇنى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ چېمپىيون بولغان ، دەپ مەسخىرە قىلغان . ئەمما بۇ خىل زوڭزىيىپ پەللىدىن چىقىش كېيىن ئومۇملاشقان .
3. مۇسابىقىگە بېلەت ئېلىپ قاتناشقان چىمپىيون : 16- نۆۋەتلىك مېلبۇرن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكىلىق 16 ياشلىق ئېگىزگە سەكرەش ماھىرى دۇماسنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسى ئادەتتىكىدەك بولغاچقا ، تېرىنېر ئۇنىڭغا ئېتىبار بەرمىگەن . مۇسابىقە باشلىناي دېگەندە دۇماس ئەترەتتىن ئايرىلىپ قېلىپ مەيدانغا كىرەلمەي قالغان . ئۇ ئىلاجسىز بېلەت ئېلىپ مەيدانغا كىرگەن . مۇسابىقە باشلانغاندا ئۇ تاماشىبىنلار ئورنىدىن چۈشۈپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، چېمپىيون بولغان .
5. دېسكا ئېتىپ باقمىغان دېسكا ئېتىش چىمپىيونى : 1896- يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكىلىق جاررېتنىڭ سەنئەتكە ئالاھىدە ئىشتىياقى بولۇپ ،« دېسكا ئاتقۇچى » دېگەن ھەيكەلنى تۇتىيا بىلەتتى . ئۇ ئافېنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا دېسكا ئېتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ، ئەمما ئەينى
چاغدا ئامېرىكىدا بۇ تۈر بولمىغاچقا ، جاررېت مۇسابىقىدىن ئىلگىرى ھەيكەلگە قاراپ ، ئۆيدە ئانچە - مۇنچە مەشىق قىلىپ ئافېناغا بارغان .
ئويلىمغان يەردىن ئەزەلدىن ھەقىقىي دېسكىنى كۆرۈپ باقمىغان جاررېت چېمپىيون بولغان . كېيىن ئۇ يەنە چويۇن توپ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان .
6. تۇنجى يالغان چېمپىيون : 1904 - يىلى 3- نۆۋەتلىك سان لۇئس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئامېرىكىلىق ماھىر فلوئود 12 كىلومېتىر يۈگۈرگەندىن كېيىن پۇتىنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىپ ، مۇسابىقىسىن ۋاز كەچكەن . ئۇ ئاپتوموبېل بىلەن تەنھەرىكەت مەيدانىغا قايتقان ۋە 17 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن ئاپتوموبىل بىلدىن چۈشۈپ داۋاملىق يۈگۈرگەن .ئۇ مەيدانغا كىرگەندە تاماشىبىنلار ئۇنى چېمپىيون ، دەپ قاراپ ئۇنى ئالقىشلىغان . زۇڭتۇڭنىڭ قىزىمۇ ئۇنىڭغا ئالتۇن مېدال بەرگەن كېيىن باشقىلارنىڭ پاش قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ چېمپىيونلۇق سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان . ئۇ « ئەينى چاغدا مەن كىيىمىمنى ئېلىش ئۈچۈن مەيدانغا كىرگەن ، كىرىشىمگىلا ئالقىش سادالىرى ياڭراپ كەتتى ، ئۆزەمنى چۈشەندۈشكە ئۈلگۈرەلمەي قالدىم » دېگەن . [/size]
مەنبە : شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى[ بۇ يازما islam~1400 تەرپىدىن 2008-03-03 15:28 دە ق ]