دىيارىمز شىنجاڭ ئۆزىنىڭ سىرلىقلىقى، مەپتۇنكارلىقى، تارىخنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن خەلقئارادىكى ھەر ساھە ئىلىم ئەھلىلىرنىڭ قىزىقىش نوقتىسى بولۇپ كەلگەن، ئۇيغۇر مىللىتىمز بوستانلىق مەدەنىيتنى ئاساس قىلىپ تەدېرىجى شەھەر مەدەنىيتىگە ئۆتكەندى. بوستانلىق مەدەنىيتى دەل دەريا-ئېقىنلار نىڭ بويىدا ماكان تۇتۇشتىن ئاپرىدە بولغان، ئالايلۇق تارىم، يەركەنىت،تۇمەن چاقماق،كۇسەن، يۇرۇڭقاش قاتارلىق دەريا ۋادىلىرى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تەدىرجى شەكىىلەنگەن ماكانلىرىمىز دىن بېرى. ئالدىنىقى كۇنى ماقالە كۆرۋېتىپ يەنە «زەرەپشان دەرياسى»دېگەن مەۋھۇم ئاتالغۇغا كۆزۇم چۇشتى ، شۇنىڭ بىلەن قاراشلىىىرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم.
***************
يەركەن دىيارى ئۆزنىڭ قەدىمى، مىللىي پۇرىقىنىڭ كۈچلۇكىلىكى، يات مەدەنيەت تەسىرىدە بۇلغانمىغانلىقى،مۇھىمى تارىختىا بىر قانچە قېىمى ئاستانە بولغانقىدەك تارىخى رىياللىقى بىلەن باشقا ئۇيغۇر يۇرىتلىرىدىن پەرقىنىلىنىپ تۇرىدۇ، ئەزىم دەريا- يەكەن دەياسى بۇ مۇنبەت بوستانلىقنى سۇغىرىش ۋەزىپىسىنىى ئۈسىتگە ئالغان ، ھالا بەزىلەر تەرپىدىن بۇ دەريا نامى ھېلىغىچە خاتا ئاتىلىپ كەلمەكتە .
1. زەرپشان دەرياسىمۇ ياكى ياركەنىت دەرياسىمۇ؟
زەرەپشان دەرياسى دېگەن بۇ دەريا سوۋېت ئىتتىپاقىدا، زەرەپشان دېگەن گەپنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى---زەر- ئالتۇن. ئەپ- توشۇغۇچى، شان - ئېقىن دېگەن مەندە ئومۇملاشتۇرغاندا«ئالتۇن توشۇغۇچى دەريا دېگەنلىك بولىدۇ.
(1)خەنزۇچە叶尔羌 بولسا ياركەنىت دېگەن نامنىڭ خەنزۇتىلىدىكى ئەينەن ئىپادىلنىشى بولۇپ، ھەرگىزمۇ زەرەپشان دېگەن مەننى بىلدۇرمەيدۇ، بۇقاراش دېيارىمز يەركەندىكى ئاتاقلىق تىلشۇناس، تەتقىقاتچى سۇلتان مامۇت ئەپەندى قەشقەر ئەدەبياتىدا ماقالە ئېلان قىغان.
بۇلاردا زەرەپشان نامىنى قەتئئ يوقىتش ھەققىدە پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىدى، ئاتىمىز مەھمت قەشقەرىمۇ ئەسەرلىرىدى تارىمنڭ بۇ دەسلەپكى ئېقىننى زەرەپشان دەپ ئاتىمىغان ،
(2)خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردە« يەركەنىت سەئىديە خانلىقى »دېگەن ئاتالغۇ«叶尔羌王国» دەپ ئېلىنىدۇ، بۇيەردىكى 叶尔羌 ھەرگىزمۇ «زەرەپشان »دەپ ئېلىنمايدۇ.
(3) تارىخقا قارساق يەركەن دەرياسى ، يۇرۇڭقاش دەرياسىغا ئوخشاش قاشتېشى چىقدىغانلىقى بىلەن مەشھۇر ئىكەنلىكى قەيىت قىنغان شۇڭا بۇدەريا ئەرەپچە « زەرئەپشان » دەپ تەرپىلەنگەن، بۇدېگنى « قاشېشى توشۇيىغان دەريا » دەريا دېگنى ئىكلەنكى لوغەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن قارىغاندا پاكىتقا ئۇيغۇن.
(4)تارىخىتكى ياركەنت شەھىرى ھەقىقەتەنمۇ ئۈچ دەيا ۋادسنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان شۇڭا ئەسلىدىكى «ساكرائول» نامى «ياركەنىت»(دەيا بويىدىكى شەھەر دېگەن مەنىدە) دەپ ئۆزگەرتىلگەن، بۇندىن 2000يىل بۇرۇن يەركەن بىر شەھەر دۆلىتى-ساكرائولنىڭ پايتەختى ئىدى، بۇ ۋاقىتتا يەركەن ئەتراپىدا تېخى باشقا يۇرىتلار شەكىللەنمىگنلىكى تارىخى تەزكىرلەردە يىزىلغان، شۇنداق بولغان ئىكەن بۇ دىياردىكى چوڭ دەريا يەركەن دەرياسى دەپ ئاتىلىشى كېرەك. ھازىر كىشلەرنىڭ مەيلىچە بولغاندا بۇدەريا قەشقەر شەھرىدە--زەرەپشان. تاشقورغاندا گەز، مەكىتتە دولان دەرياسى دەپ ئاتىلشى كېرەك ئەمما مومكىنمۇ تاشقۇورغاندىن ئاقسۇ ئاۋاتقىچە سوزۇلغان بۇدەريانى ئۆز مەيلىمىزچە ئاتۋالساق قاملىشارمۇ. يەكەن بۇ دەريا ۋادىسىدىكى ئەڭ قەدىمى، ئەڭ چوڭ، دېيار بولۇش سۇپىتى بىلەن بۇدەريانى يەكەن دەرياسى دەپ ئاتىساق ئىلمىيىل بولىدۇ دەپ قارايمەن.
(5)ئامانساخان زادى قەيەردە تۇغۇلغان؟
1500-يىللار بىزنىڭ ئەقىللىق دانىشمەنلىرىمىز ئانا تىلىمز ئۇيغۇر تىلىنى قوپال، مۇكەمملە ئەمەس دەپ قاراپ ئەرەپ تىلغا بېقىنىشنى ئوتتۇرغا قويىدى بۇنىڭ بىلەن ئانا تىلىمز تاشلىنىپ قالدى، كىتىن مىللەتپەرۋەر كىشىلەر> خاقانلارنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا ئانا تىلىمز قايتا مەيدانغا چىقىتى . ئەمما ئۇ ئەرەپ پارسى تىللىرى بىلەن ۋالغتلىشىپ كەتكەن ئىدى ،مۇھىمى ئەرەپ تىلى ئسلام دىننىڭ بۆيۈك تىلى بولغاچقا يەنىلا ئانا تىلىمز بىلەن تىركەشتى مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا «ياركەنەت دەرياسى» دېگەن چىرايلىق نام «زەرەپشان دەرياسى »قىلىپ ئۆزگىرىپ كەتتى، شۇنداق قىلپ تارىخقا «زەرەپشان »دەپ پۇكۇلدى،
ئاماننىساخان زەرەپشان دەرياسى بويىدىكى بىر ئوتۇنچىنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان دېگەن تارىخ مەلۇمات 1992-يىلغا كەلگەندە ئادىل مۇھەممەت تۇران قاتارلىق مەكىت ئەدىپلىرنىڭ يازمىسىدا«زەرەپشان-مەكىت ناھيىسىدىكى بىر دەريا شۇڭا ئاماننىساخان مەكتىىتىن » دېگنگە ئوخشاش يەكۇنلەر مەيدانغا چىقىتى ھەتتا قاغىلىق ناھيىسىدىمۇ ئاماننىساخاننىڭ ئۆز يۇرتىدىن ئىكەنلىكى تارقالدى.
شىنجاڭ پەنلەر ئاكادىمىيسى،تارىخ ،تەتققات ئورنى بۇ سەزگۇر مەسىلىگە قارىتا پىكىر ئېلان قىلپ:ئاماننىساخان ئۇيغۇر ئۇ يەكەن دەريا ۋادىسىدا تۇغۇلغان مەيلى قەيەرلەك بولشىدىن قەتئئي نەزەر بىزنڭ پەخرىمىز دېدى.
ئەپسۇس دولان قىزغىنىلىق ئەۋىج ئالغان مەزگىلدە مەكىت ناھيىسى . ئوزنى دولان يۇرتى، ئاماننىساخاننىڭ يۇرتى دېگەندەك ناملار بىلەن مەتبۇئات، تېلىۋىزىيەدە ئۆزنى تەشۋىق قىلدى،
2005.يىلى مۇقام خەلقئارا مەدنىيەت مىراسى تىزنىملىكگە كىرگۇزۇلدى ، مۇقامنىڭ ئەسلى يۇرتى بولغان يەكەن تۇنجى قېمىلىق مۇقام بايرىمىدا مۇتەخىەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئاماننىساخاننىڭ يەكەن قارا سۇدىكى تۇرالغىسىنى قايتىدىن بەرپا قىلدى، ھەم پاكىتلارغا ئاساسەن ئاماننىساخاننىڭ يەركەن قارسۇ يىزا شاپتۇل كەنىتىدە تۇغۇلغانلىق جاركارلانىدى، مانا شۇندىلا زەرەپشان، دولان ئۇقۇملىرى ئېچىپ بېرىلىشكە باشلىدى. يەنى :
1.莎车 بولسا يەكەننىڭ قەدىمكى نامى ساكرائولنىڭ خەنزۇچە نامى.
2.叶尔羌 بولسا يەكەننىڭ ئسلامىيەتىىن كىينىكى خەنزۇچە نامى.
3.زەرەپشان- دېيارىمىز غا يات بولغان ئاتالغۇ، شاللىنىش كېرەك.
4. دولان مەكىت، مارالبىشى، ئاۋات، يەركەن .ئاقسۇ لارنى مەركەز قىلغان جەنۇپ ئۇيغۇرلىرنىڭ يەنە بىر خىل ئاتلىشى دېگەندەك.
5.قازاقىستاندىكى يەركەنىت شەھرى بىلەن جۇڭگۇدىكى يەكەن ناھيىسى قانداقتۇ ئىسمى ئالمىشىپ قالغان شەھەرلەر ئەمەس ، قازاقىستاندىكى يەركەنىت شەھىرى يەنىلا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان كىچىك ئۆتەڭ شەھەر، جۇڭگۇدىكى يەكەن(ياركەنىت) تارىخى مەشىھۇر شەھەر ....قاتارلىقلار
6.مومكىن بولسا يەكەن دىيلمەي ھېچ بولمىغاندا {يەركەن} دەپ ئاتاش ئادەتكە ئايلاندۇرۇلسا.
يەكەن خەلىق مەيدانىدىكى10 مىڭ كىشلىك مەشرەپ ئۇسۇلى
دېمەك ئەمدى يەنە زەرەپشان دەياسى ، دولان دەريا سى دېگەندەك تارىخ ۋە چىنلىققا ئۇيغۇن بولمىغان ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىش نۇرمال، ئۆز مىللىتى ۋە ئىلىمدارلارنىڭ قىلدىغان ئىشى ئەمەس.
پايدىلانمىلار:
قەشقەر ئەدەبياتى:2007.يىل، سۇلتان مامۇن.
قەشقەر پىدا گىگوگكا ئىنىستتىتوتى گېزىتى 2006.يىل. ئابدۇقادىر
يەركەن تارىخى تەزكىرە ماتىرياللىرى.
2006-يىلى يەكەن مۇقام بايرىمى ئېچېلىش مۇراسىمى نوتىقى
ئاپتۇرى: ئابلەت زىيىت. مارالبېشى تاشيول ئوچاستكىسى
2008.يىل 28.فېۋرال ، مارالبېشى ناھىيسى[/color][/h3]
[ بۇ يازما islam~1400 تەرپىدىن 2008-03-01 03:12 دە ق ]