بەدەن تىلى ۋە دەرىسخانا ئوقۇتۇشى
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭ » بەدەن تىلى ۋە دەرىسخانا ئوقۇتۇشى

بۇ بەتتىكى تېما: بەدەن تىلى ۋە دەرىسخانا ئوقۇتۇشى پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 165 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق matimatika

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 98
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1
UID نۇمۇرى : 12496
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 90
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە90دانە
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
پۇل: 217 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-20
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

بەدەن تىلى ۋە دەرىسخانا ئوقۇتۇشى

ئوقۇتقۇچى دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى تەشكىللەش جەريانىدا تىل سەنئىتىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىشتىن سىرىت ، زور مىقتاردىكى غەيرى نۇتۇق ئالاقە ۋاستىلىرىدىن ، جۇملىدىن بەدەن تىلىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانسا ، ئوقۇتۇش سۇپىتىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇشتە تېخىمۇ ياخشى ئۇنۇمگە ئىرىشەلەيدۇ .
بەدەن تىلى دېگىنىمىز ___ ئوقۇتقۇچىنىڭ قول ئىشارىتى ، بەدەن قىياپىتى، چىراي ئىپادىسى ۋە كۆز ھالىتى قاتارلىق مەلۇم ئۇچۇر يەتكۇزۇپ ئالاھىدە مەنا ئىپادىلەيدىغان بىر يۇرۇش « بەلگىلەر سېستىمىسى » دىن ئىبارەت .ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۇنى تىل بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتسىمۇ ياكى ئايرىم ئىشلەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ . ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئۆز - ئار چۇشۇنۇش ، ئۆز- ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ، بىلىم بىرىش ۋە بىلىم ئىلىش قاتارلىق ئالاقە جەريانىدا بەدەن تىلى ئۆزىگە خاس پەۋقۇلئاددە مۇھىم رول ئوينايدۇ . ئوقۇتۇش جەريانىدا ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشەنچىگە تولغان نۇرلۇق كۆزلىرى ، تەبەسسسۇملۇق چىرايى ، مۇئايەنلەشتۇرۇش خاراكتېردىكى بۈاش لىڭشىتىشى ئوقۇغۇچىلارغا زور روھىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ . ئوقۇتقۇچى دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى ئۇنۇملۇك باشقۇرۇش ئۇچۇن باش، قول ئارقىلىق مۇناسىپ كۆرسەتمە ئىشلىشى ، دەرىسنى لىكسىيە قىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ، ئالاھىدە ئىما- ئىشارەت ياردىمىدىن پايدىلىنىپ چۇشەندۇرۇش قېيىن بولغان مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشى ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېققىتىنى جەلىپ قىلىپ ، ئوقۇتۇشنى ياخشى تەشكىللەش مەقسىتىگە يېتىشى تولىمۇ زۆرۇر.
ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ خىل بەدەن تىلى پۈتكۇل ئوقۇتۇش جەريانىغا سىڭگەن بولۇپ ، ئۇ ئاساسلىقى « كۆز تىلى » ، « چىراي تىلى » ، « قول تىلى » دىن ئىبارەت.
« كۆز تىلى » __ كۆزنىڭ تۇرلۇك ھالىتى ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۇزىدىغان بىر خىل بەدەن تىلى ۋاستىسىدىن ئىبارەت بولۇپ ، تىكىلىش، كۆز يۇگۇرتۇش ، ئالىيىش ، كۆز قىسىش ... قاتارلىق ھالەتلەرنى ئاساسىي بەلگە قىلغان . كۆز تىلى ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن بەك مۇھىم ، چۇنكى كۆز « كېشىلەر قەلبىنىڭ دېرىزىسى » بولۇپ ، چۇشەنگىلى بولىدىغان ، لىكىن تىل بىلەن ئىپادىلەش تەس بولغان نازۇك ھېسسىياتلارنى ئىپادىلەشتەك ئالاھىدە رولغا ئىگە. ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆزىنىڭ نۇرلۇق چوڭ ئىچىلىشى ياكى نۇرسىز كىچىك ، يىرىم ئېچىلىش ھالىتى ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىگە نىسبەتەن مۇئايەنلەشتۇرۇش ياكى خاتالىقلارغا نىسبەتەن ئىنكار پازىتسىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ . ئەگەر كۆز تىلى مۇۋاپىق ھالدا ئېغىز تىلى بىلەن ماسلاشتۇرۇلسا ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسخانىدىكى ھېسسىيات ئالماشتۇرشىغا ، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەل ۋاقتىدا مۇناسىپ ئەكىس ئۇچۇرغا ئېرىشىشىگە پايدىلىق . شۇڭا ئوقۇتقۇچى دائىم جانلىق ، نۇرلۇق ، ئويناق ياكى جىددىي ھالەتتىكى كۆز تىلى ئارقىلىق بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا دېققەت بىلەن ئوموميۇزلۇك يۇزلىنىپ دەرىس ئۆتىشى كىرەك.
« چىراي تىلى » __ ئوقۇتقۇچىنىڭ يۇز قىسمىدىكى تۇرلۇك ئۆزگۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇم ئۇچۇر يەتكۇزىدىغان بەدەن تىلى ۋاستىسىدىن ئىبارەت . ئوقۇتقۇچىنىڭ چىرايىدا ئىپادىلەنگەن خۇشال بولۇش ، ھاياجانلىنىش، ئاچچىقلىنىش ...قاتارلىق « تىل » لار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدا بەلگىلىك يىتەكچىلىك رول ئوينايدۇ . ئوقۇغۇچىلارغا بىر ئازادە ، خۇشال ئۆگىنىش مۇھىتى ھازىرلاش ، ئۇلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش ، تەپەككۇر يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش ئۇچۇن ئوقۇتقۇچى بۇ خىل « چىراي تىلى » دىن دەرىسخانىدا ئۇستۇلۇق بىلەن پايدىلىنىشى كىرەك .
« قول تىلى » __ قولنىڭ ھەركىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ھەر خىل ئۇچۇر يەتكۇزىدىغان بىر خىل بەدەن تىلى ۋاستىسىدىن ئىبارەت . مەلۇمكى ، « قول تىلى » ئوقۇتقۇچىنىڭ مەقسەت مۇددىئاسى ۋە ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشتە مۇھىم رولغا ئىگە ياردەمچى ۋاستىدۇر . مۇۋاپىق ئىشلىتىلگەن قول ئىشارىتى ئېغىز تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۇنۇمىنى ئاشۇرالايدۇ . دەرىسخانىدا قول تىلىنى دەرەس مەزمۇنىغا ماسلاشقان ، تەبىئى ، ئوبرازلىق توغرا ھالدا ئىشلەتسە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىغا ئۇيغۇن كەلسە تېخىمۇ ياخشى ئوقۇتۇش ئۇنۇمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ، بەدەن تىلىدىن ياخشى پايدىلىنىش دەرىسخانا ئوقۇتۇش ئۇنۇمىنى ئاشۇرۇشتىكى بىر مۇھىم ئاساسىي ماھارەت . بۇنى بەدەن تىلىنىڭ دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدىكى بىر نەچچە مۇھىم ئالاھىدە رولى بەلگىلىگەن. (1) ئۇ تاۋۇشلۇق تىلنىڭ رولىنى ئۆتەيدۇ __ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا دەرىس سۆزلەش ، بىلىم بېرىش ، ئۇچۇر يەتكۇزۇشتە مەيلى تاۋۇشلۇق تىلنى ياكى بەدەن تىلىنى قوللانسۇن ، ھامان بەلگىلىك دەرىجىدە ئوبېيىكتىپ چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ . شۇڭا بەزىدە تاۋۇشلۇق تىلنى ، بەزىدە بەدەن تىلىنى ئىشلىتىشكە توغرا كىلىدۇ .ئالايلۇق ، ئوقۇغۇچىلار تىپ - تىنچ ئولتۇرۇپ دەرىسخانىدا تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە ، بىر ئوقۇغۇچى قول كۆتۇرۇپ سىرىتقا چىقىپ كىرىشنى ئىلتىماس قىلسا ، ئوقۇتقۇچى پەقەت باش لىڭشىتىش ئارقىلىق ماقۇللىقىنى بىلدۇرسە بولىدۇ . ئەگەر ئوقۇغۇچىمۇ ، ئوقۇتقۇچىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنى تاۋۇشلۇق تىل ئارقىلىق ئۇقتۇرماقچى بولسا ، سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېققىتىنى بۇزۇپ قويىدۇ . ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرىس سۆزلەۋېتىپ مەلۇم ئوقۇغۇچىنىڭ قېشىغا كىلىپ ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ بىر نەچچە مېنۇت تۇرىشى ، شۇ ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن دەرىسنى ئەستايىدىل ئاڭلاشقا بۇيرىغانلىق بولىدۇ . ئەگەر بۇ ھەركەتنى تاۋۇشلۇق تىل بىلەن ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە ، دەرىس سۆزلەشنى ۋاقىتلىق توختۇتۇشقا ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل دەرىس ئاڭلاۋاتقان كەيپىياتىنى بۇزۇشقا توغرا كىلىدۇ. (2) تاۋۇشلۇق تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۇنۇمىنى ئاشۇردۇ __ ئوقۇتقۇچى دەرىس سۆزلەش جەريانىدا ئادىيلا ھالدا مەزمۇنلارنى بايان قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ ، سۆزنىڭ ئىنتۇناتسىيىسى ، ئۇرغۇ - ئۇدارىغا ماس ھالدا چىراي ، كۆز ، قول ۋە باشقا بەدەن ھەركەتلىرى ئارقىلىق دەرىس مەزمۇنىغا ئۆز ھېسسىياتىنى سىڭدۇرۇشكە ئىتىبارسىز قارىسا ، دەرىس مەزمۇنىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى ۋە قايىل قىلىش كۇچى ئاجىزلىشىپ كىتىدۇ . ئوقۇتۇش ئۇنۇمىمى كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيدۇ . ئوقۇتقۇچى دەرىس سۆزلەش بىلەن بىرگە يەنە مۇۋاپىق بەدەن تىلى ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇلارنى ماسلاشتۇرۇپ قوللانسا ، تاۋۇشلۇق تىلدا ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىدىيىنىڭ ، دەرىس مەزمۇنىنىڭ چۇشۇنۇشلۇك بولىشىغا پايدىلىق بولىدۇ. (3) ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇچۇر يەتكۇزۇش مىقتارىنى ئاشۇردۇ __ دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئۇنىمى قانچە ياخشى بولسا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىق ئۇچۇرنى ئۆزلەشتۇرۋېلىش مىقتارىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئىگىلىۋېلىشى ئۇچۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۇچۇر يەتكۇزۇش مىقتارىنى ئاشۇرىشىغا توغرا كىلىدۇ . ئەگەر ئوقۇتقۇچى تاۋۇشلۇق تىل ئارقىلىق نورمال ئۇچۇر يەتكۇزۇش بىلەن بىرگە، بەدەن تىلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەزگۈ سېستىمىلىرىغا تەسىر كۆرسەتسە ، پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن ئېيىتقاندا ، يەككە - يىگانە ھالدا تاۋۇشلۇق تىل ئارقىلىق ئارقىلىق دەرىس سۆزلىگەنگە قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىرىپلىرىنىڭ كۆپلەپ تەپەككۇر پائالىيىتىگە قاتنىشىشى ، چوڭ مېڭە پوسىتلاق قەۋېتىنىڭ قوزغىلىشى ئاسان بولۇپ ، ئۇچۇر ئىگىلەش ئۇنۇمنى يۇقۇرى كۆتۇرۇشكە ، شۇ ئارقىلىق دەرىسخانا ئوقۇتۇش ئۇنۇمىنى ئۆستۇرۇشكە بولىدۇ.

بۇ تېما « شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى» نىڭ 1998- يىلى 7-ئاينىڭ 7- كۇنىدىكى
سانىغا بىسىلغان « بەدەن تىلى ۋە ئۇنىڭ دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا قوللىنىلىشى توغرىسىدا »
دېگەن ماقالەمدىن قىسقارتىپ يوللاندى.

[ بۇ يازما matimatika تەرپىدىن 2008-02-29 16:59 دە ق ]

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
تېما تەستىقلىغۇچى : baturjangqi
تەستىقلىغان ۋاقىت: 2008-02-29, 07:08

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-29 14:21 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا يوق TILISKOP
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2794
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2205
UID نۇمۇرى : 13111
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2667
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2667دانە
شۆھرەت: 475 نۇمۇر
پۇل: 129 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز، رەخمەت، ئەدەبىيات دەرسلىكىدە مۇشۇ مەزمۇندا دەرس كىرگۈزۈلگەن.

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
ئاجىزلارنىڭ چىقىش يولى باھانە - سەۋەب تېپىش بولسا، كۈچلۈكلەرنىڭ چىقىش يولى چارە - تەدبىر تېپىشتىن ئىبارەت.
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-29 15:34 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق arkinh

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 440
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 159
UID نۇمۇرى : 12025
دەرىجە: سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 425
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە425دانە
شۆھرەت: 188 نۇمۇر
پۇل: 880 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

ئەمىلى قىممىتى زور بولغان يوللانما بوپتۇ ، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-29 16:40 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Quyash
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1780
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3219
UID نۇمۇرى : 106
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1652
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1652دانە
شۆھرەت: 1259 نۇمۇر
پۇل: 6 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز . دىمىسمۇ ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن قانداق دەرىس بېرىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىنى قانداق قىلغاندا ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈش ، قانداق قىلغاندا ئۈتىلگەن دەرىسنى ئوقۇغۇچىلارغا سىڭدۇرۇش دىگەندەك جەھەتلەردە بەدەن تىلى بىلەن تىل جەھەتتىكى قابىلىيىتى بەك مۇھىم رول ئوينايدۇ .

تېما ئىگسىگە رەخمەت !

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
قۇياش

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-29 17:11 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق galwang

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 31
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 68
UID نۇمۇرى : 23253
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 23
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە23دانە
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 197 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

پايدىلىنىش قىممىتى بار تېما يوللاپسىز، سىزگە كۆپ رەھمەت!

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-29 21:10 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق otyak
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 3178
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1821
UID نۇمۇرى : 17978
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 3085
ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3085دانە
شۆھرەت: 2656 نۇمۇر
پۇل: 9299 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

قىممىتى بار تىما بوپتۇ. ئوقۇتقۇچىلار كۆرۈپ قويۇڭلار !

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-29 21:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق karima-0997
ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2939
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2060
UID نۇمۇرى : 16853
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2811
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2811دانە
شۆھرەت: 2949 نۇمۇر
پۇل: 114 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 20 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08

تەربىيىۋى قىممىتى يۇقىرى تىمىدىن بىرنى يوللاپسز!

QiQan Uyghur Ulinix Tori
ئەگەر قەلبىمىز ساپ بولسا ،«ئايال»دېگەن سۆز بىز ئۈچۈن ئۇلۇغۋارلىققا تولغاندۇر.
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-01 00:38 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Ardawil

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 234
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 65
UID نۇمۇرى : 7230
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 205
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە205دانە
شۆھرەت: 221 نۇمۇر
پۇل: 1116 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-17
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

بۇ خىلدىكى مەزمۇنلار، پىداگۇگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ،پىداگۇگىكا دەرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان  ،ھەر بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ  ،قەتئى بىلىشكە تىگىشلىك بولغان زۈرۈر ئۇقۇشلۇقى .ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تىل قابىليىتى ، يۈرۈش تۇرۇشى ، رەتلىك كىيىنىشى ،دەرىسخانىدىكى چىراي ئىپادىسى ، ئۇقۇغۇچىلارنى ئۇقۇتقۇچى سۆزلەۋاتقان مەزمۇنغا تەبئى قىزىقتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .بۇلۇپمۇ ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بۇ نوقتىنى داۋاملىق تەكىتلەش موھىمدۇر .

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
مەن كىم؟
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-01 01:56 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭ

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 03-08 08:44
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation