مۇناپىقلار بەك ھېلىگەر ھارامزادە بولۇپ ،داۋاملىق ئۆزىنى نىقاپلاش ئارقىلىق ياخشىلارغا زىيان سالىدۇ.ئازغىنا مەنپەئەتنى دەپ ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرىگە ياردەم قىلىپ بىگۇنا مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىدۇ؛شۇڭا پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بۇ خىل سۈپەتتىكى كىشىلەردىن بەك نەپرەتلىنىدۇ؛تۆۋەندىكىلەر مۇناپىقلىقنىڭ تۈرلۈك ئالامەتلىرى بولۇپ ،شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللا ئۆزىنىڭ كىتاۋىدا مۆئىمىنلەرنى ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىككە ،ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈشكە ئاگاھلاندۇرىدۇ.
1. يالغاندىن ياخشى ئىشلارنى قىلغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ ،ئەمىلىيەتتە چىن يۈرىگىدىن باشقىلارغا يامانلىق ئويلايدۇ.
2. گەپ سۆزگە شۇنداق ئۇستا بولۇپ ،يالغان سۆزلەشكە ماھىر.
3. ياخشىلارنى كۆرسىلا ئالدايدۇ ،مۆئىمىنلەر ئاسانلا ئۇلارنىڭ قىلتىغىغا چۈشىدۇ.
4. يالغاندىن مۆئىمىنلەر تەرەپتە تۇرىۋاتقاندەك بولىۋالىدۇ ،ئەمىلىيەتتە ئاستىرتىن دۈشمەنلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرىدۇ.
5. دائىم نام -ئاتاققا بېرىلىپ ،سۆھرەتپەرەسلىك قىلىدۇ.لېكىن ئىبادەتلەرگە بولسا سۇسلۇق قىلىدۇ ،نامازلارنى خوشياقماسلىق بىلەن ئوقۇيدۇ.كىشىگە كۆرسۈتۈش ئۈچۈن ئىبادەت قىلىدۇ .كىشى كۆرمىگەن سورۇنلاردا بولسا دىنغا مۇخالىپ ئىشلارنى قىلىۋېرىدۇ.
6. ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىدۇ ،لېكىن خۇراپاتلىققا بىدئەت ئىشلارغا چىڭ ئېسىلىۋالىدۇ.
7. دوس بىلەن دۈشمەن ئىككى قۇتۇپ ئارىسىدا ئىككىلىنىپ تۇرىشىدۇ .كىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىسە شۇ تەرەپكە ئۆتۈۋالىدۇ.
8. قەسەمخور بولۇپ ،قۇرۇق گەپنى جىق قىلىدۇ.ياسالمىلىق قىلىدۇ.
9. خاتالىقلىرىنى يېپىش ئۈچۈن دائىم باھانە ئىزدەيدۇ،ئىشلىرىدا خاتالىق كۆرۈلسە باشقىلارغا ئارتىپ قويىدۇ.
10. تاشقى قىياپىتى شۇنداق ھەيۋەتلىك سالاپەتلىك بولۇپ ،گەپ قىلسا ھەيۋەتلىك دەب-دەبىلىك گەپلەرنى قىلىپ كىشىلەرنى ئاغزىغا قارىتالايدۇ.لېكىن قەلبىدە زەررىچە سەمىمىلىك ۋە ئىمان يوق.
11. مۆئىمىنلەر نۇسرەت قازانسا ئۇلار غەمكىن بولىشىدۇ ،ئەگەر مۆئىمىنلەرنىڭ بېشىغا كۈلپەتلەر ياغسا ئۇلار ئەكسىچە خوشال بولىشىدۇ.
12. ساختىپازلىك قىلىش ئۇلارنىڭ ئادىتى بولۇپ ، باشقىلارنى مەسخىرە قىلىشقا ئامراق ، دائىم باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدەيدۇ.
13. قىيىنچىلىقلارغا چىدامسىزبولۇپ ،دۈشمەن كەلسە قاچقىلى ئاران تۇرىدۇ ،پىتنە- پاسات تېرىپ مۆئىمنلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزىدۇ.
14. ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايدۇ ،دۇنيا مەنپەئەتىنىلا كۆزلەيدۇ.
15. ئۇرۇشۇپ قالسا ئاغزىنى بۇزىدۇ ،يامان گەپلەر بىلەن باشقىلارنى تىللايدۇ.
16. ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ ،سىرلىرىڭىزنى باشقىلارغا ساتىدۇ.