مېنىڭ كىتاپ ئوقۇش تارىخىم
مەن كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ ئۆيدىكى دۆۋە-دۆۋە كىتاپلار ئارىسىدا ئۆمۈلەپ يۈرۈپ چوڭ بولغاچقىمىكىن، مەندە كىتاپقا نىسبەتەن چوڭقۇر مۇھەببەت بار. راستىنى دېسەم بىزنىڭ ئۆيدە يازنىڭ بەزىلىرىدە تاۋۇز بولماي قالسىمۇ كىتاپ بولماي قالمايتى. تاۋۇزنى يەپ بولغاندىن كېيىن تاشلىۋىتەتتۇق، لېكىن كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ تاشلىۋەتكىلى بولمايدىكىن. شۇڭا كىتابنى قايتا ـ قايتا يىگىلى بولىدىغان قەغەز تاۋۇزمىكىن دەپ ئويلايمەن. ئاپامنىڭ دەپ بېرىشىچە بىر نەرسىلەرنى تۇتقىدەك بولغان ۋاقتىمدىن باشلاپلا دادامنىڭ كىتاپلىرىنى سۆرەپ يۈرىدىكەنمەن. بەزىدە كىتابلارنى يىرتىۋىتىدىكەنمەن. بەزىدە بولسا كىتاپلارغا قالايمىقان سىزىقلارنى سىزىپ قويىدىكەنمەن. لىكىن مەن سىزىپ قويىدىغان سىزىقلار ھېچ نېمىگە ئوخشىمىسىمۇ كىتابلارغا قالايمىقان سىزىقلارنى سىزىپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدىكەنمەن. شۇنىڭ بىلەن دادام كىتاپلارنى تارتىۋالسا مەن يىغلايدىكەنمەن. دادام بولسا ئامال يوق قولۇمغا ئۆزى تارتىۋالغان كىتابلارنى يەنە قايتا تۇتقۇزۇپ قويۇش بىلەن مېنىڭ يىغامنى باسىدىكەن. راستىنى دېسەم بۇلارنىڭ بىرىنىمۇ ھازىر بىلمەيمەن. ماڭا ئۇنداق ئىشلار زادى بولۇپ باققاندەك بىلىنمەيدۇ. شۇڭا كىتاپ سۆرەپ ئوينايدىغان ئىشلىرىم ماڭا نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ئىشىكىدەكلا قىزىق تۇيۇلىدۇ. بىراق ئاپام شۇنداق دەيدۇ ھەم كىچىك بالا كىچىك ۋاقتىدىكى ئىشلارنى ئېسىدە ساقلىيالمايدۇ، دەيدۇ. شۇڭا ئاپام دەپ بېرىدىغان مېنىڭ ئىسىمدە قالمىغان ئىشلارغا ئىشىنىمەن. چۈنكى مېنىڭ ئاپام يالغان سۆزلىمەيدۇ.
كىيىن مەن مەكتەپكە كىردىم. مەكتەپتە خەت يىزىش، كىتاپ ئوقۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئۈگەندىم. ئېلىپبەدىكى خەتلەرنى ئۈگۈتۈپ ساۋادىمىزنى چىقىرىشتا ئېلىپبە مۇئەللىمىم شەمشىنۇر مۇئەللىم بىزنى خۇددى يالغۇز <<ا>>دەك تىككىدە قىلىۋىتەتتى. شۇڭا تەييارلىق سىنىپنىڭ بىرىنچى مەۋسۈمىدىلا بىز بىر سىنىپ بالىلارنىڭ ساۋادى چىقىپ بولغان ئىدى. ھازىر بىز كىتاپلارنى شەمشىنۇر مۇئەللمىمىزدەك راۋان ئوقۇپ تېخى قىسقىچە بايانمۇ قىلىۋىتەلەيمىز. ئەمما مۇئەللىم دېگەن مۇئەللىمدە. مۇئەللىم بىزنى ھازىرمۇ گاھىدا تىككىدە قىلىپ تۇرىدۇ. ئۆيدە بولسا دادام جوزىغا مۈكچەيتىپ قوياتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە دادامنىڭ مېنى ئەستايىدىل يىتەكلىشى بىلەن كىتاپ ئوقۇشۇم ھازىر ئالاھىدە ياخشىلاندى. كىتابنى ئىچىمدە ئوقۇسام ئاۋازىم سۇدەك چىققىنى بىلەن تېشىمدا ئوقۇسام ئاۋازىم لايدەك چىقىدىكەن. بۇنى كۆرۈپ دادامنىڭ ئىمانى ئۇچۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ تەتىلنىڭ بېشىدا مېنى ئۈچ كۈن يۇقۇرى ئاۋازدا كىتاب ئوقۇشقا سالدى. ئادەم كىتابنى تېشىغا چىقىرىپ ئوقۇسا ئۇسساپ كىتىدىكەن. بىراق بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قالدىم. لىكىن مەن كىتاپلارنى تاللاپ ئوقۇمايمەن. ئۆيدىكى كىتاپ جازىسىدىكى كىتاپلار ئىچىدىكى كۆزۈمگە قايسىسى يېقىملىق كۆرۈنسە شۇنى ئوقۇپ باقىمەن. باشتا كىچىك-كىچىك كىتاپلارنى ئوقۇدۇم ۋە كىتاپ ئوقۇش شۇنچىلىك ئاسانمىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم؟ چۈنكى كىتاپ ئوقۇسام خوشنىلىرىمىز دېگەندەك زېرىكىش ھېس قىلمايتىم. بۇلتۇردىن باشلاپ دەرسلىك كىتاپلىرىمىزدىكى تېكستلەردە بايان قىلىنغان داڭلىق شەخسلەر ھەققىدە يېزىلغان چوڭ-چوڭ رومان-پوۋىست، ھىكايە-چۈچەك، مەسەللەرنى ئوقۇدۇم. بولۇپمۇ مەن ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ياقتۇرغان كىتابىم <<كىرورانلىق بالىلار>> دېگەن بالىلار رومانى بولدى. بۇ رومان كىتاپ ھەققىدە بىر پارچە كىتاپ ئوقۇش تەسىراتىمۇ يازدىم. ھازىر بولسا << ياغاچ قۇلاق>> دېگەن كىتاپنى ئوقۇشنى باشلىدىم. خۇدايىم بۇيرىسا بۇ كىتاپنىمۇ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بۇ كىتاپ ھەققىدىمۇ كىتاپ ئوقۇش تەسىراتى يازماقچىمەن. تۆۋەندىكىسى مەن ئوقۇغان قىسمەن كىتاپلانىڭ ئىسمى
مەن ئوقۇغان كىتاپلار
1)<<كىرورانلىق بالىلار>> بالىلار رومانى
2)<<ياغاچ قۇلاق>> بالىلار رومانى
3)<<ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرى>>
4)نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدىكى يۈرۈشلۈك كىتاپلار
4)مازاخور مازاقتا ئۆلەر
5)ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى
6)ئەنجەنباي (رومان)
7>سادىر پالۋان ھەققىدە ھېكايىلەر
8> چاشقانلارنىڭ قايغۇسى
9> چەتئەل يۇمۇرلىرى
10>سەلەي چاققان لەتىپىلىرى
11> ھېكايەتلەر
12> ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە ھېكايىلەر
13> لۇتپۇللا مۇتەللىپ
14> مەسەللەر
15>سىراس ۋە قارا گىر ئات
16>ئانا يۇرت (3قىسىملىق بۇ كىتاپنى ھازىر ئوقۇۋاتىمەن)
17)گۈلچىراي ئانا <<شېئىر كىتاپ)
17> 007 ــــ تېرورلۇق
بەزى كىتاپلارنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. شۇنداق بولسىمۇ تەتىلىڭ بېشىدا مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان كىتاپ ئوقۇش پائالىيىتىگە يازغان بۇ كىتاپ ئوقۇش ھەققىدىكى تەسىرات ماقالەمنى ئەۋەتتىم. كىچىك بالىنىڭ گىپىكەن دېمەي ھەم زېرىكمەي ئوقۇپ باقاسىلەر.
بورتالا شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى: يۇلتۇز بالا
[ ھونتەرىپىدىن2011-09-01 14:33قايتا تەھرىرلەندى ]