بىر ئۇلۇغ ئىنسان
مەن ئۇلۇغ!
مىنى تاج قىپ كىيگەن بۇغراخان،
مىنىڭ كۈلكەم ئۇنىڭ كۈلكىسى،
ئۇنىڭ قېنى قېنىمغا تامغان.
ئۇ ياۋلارغا قىلىچ ئۇراتتى،
مەن بولاتتىم ئۇنىڭغا قالقان.
مەن ئۇلۇغ!
شېرىننى دەپ پەرھاد مەن بىلەن،
قىلغان ئىدى تاغلارنى تالقان،
مۇھەببەتكە سادىق بىر يۈرەك،
ئۇندىن ماڭا مىراس بوپ قالغان.
مەۋجۈت مەندە شۇ ئۇلۇغ يۈرەك،
ئېيتمايمەن يالغان.
مەن ئۇلۇغ!
نەۋائىي «خەمسە»، كاشغەر«دىۋان»نى
مەن ئۈچۈن يازغان،
مىنىڭ ئۈچۈن سۆزلەر كانىدىن
گۆھەرلەر قازغان.
مەن شۇنداق ئۇلۇغ،
ئۇلۇغ بىر ئىنسان.
مەن ئۇلۇغ!
ساتارىمەن ئاماننىسانىڭ،
ئۇ مەن ئۈچۈن ئىلغۇ ياساتقان،
مۇقامنىمۇمەن بولغاچ پەقەت،
ئەۋجىدە چالغان.
مەن شۇنداق ئۇلۇغ ،
ئۇلۇغ بىر ئىنسان.
مەن ئۇلۇغ ئەۋلاد
ئەجدادلىرىم مەنچۈن ياشىغان،
مىنىڭ ئۈچۈن قاينايدۇ ۋىجدان،
دۇنيا مەن دەپ سالىدۇ چۇقان.......
چۈنكى مەن-
ئۇلۇغ بىر ئەۋلاد،
بىر ئۇلۇغ ئىنسان!
شەھەرلىك7-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3-يىللىق 5- سىنىپ.
[ ھونتەرىپىدىن2011-08-18 12:17قايتا تەھرىرلەندى ]