پەخىريە دوختۇرلۇقنى ئۇقۇماڭ
تەشۋىقاتلار ئارقىلىق تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالى ھەتتا پۇتۇن مەملىكەتتە كۇچلۇك ئىپتىخارلىق تەسىر پەيدا قىلغان پەخىرلىك قىزىمىز پەخىريە نىڭ بۇ قېتىـملىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بىزنىڭمۇ بۇگۇنكى ئاغېنىلەر ئولتۇرىشىمىزنىڭ قىزىق تېمىسى بۇلۇپ ، بۇ قىزنىڭ كەسىپ تاللاش ئارزۇسى توغرىسىدا، ئارىمىزدا تالاش تارتىشىش ۋە مۇنازىرە قىززىپ كەتتى .
ـــــــــــــــ پەخىريە دوختۇرلۇقنى ئوقىسا بولمايتى ؟ تېلىۋېزوردا ئۇ قىزنىڭ دوختۇرلۇقنى ئوقۇيمەن ، كېيىن دوختۇر بۇلىمەن دېگەن ئارزۇلىرىنى ئاڭلاپ ،قەيداپ تېلىۋېزورنى ئوچۇرۇپ ئاچچىغىمدا تالاغا چىقىپ كەتتىم ، قېنى سىلەر دەپ بېقىڭلار؟----پەخىريە دوختۇرلۇقنى ئۇقىسا بۇلامتى؟ دەپ سوئال قويغان ئاغېنىمىزنىڭ بۇ سۆزى سورۇنمىزدىكى مۇنازىرنى يەنىمۇ ئەۋجىگە كۈتەردى
ـــــــــــــ نىمىشكە دوختۇرلۇقنى ئوقۇسا بولمايتى؟ ئۇ قىز ئىككى يىل بۇرۇن نىشان بىكىتىپ يىللىق، ئايلىق ،ھەتتا كۇنلۇك پىلانلىرىنى تۈزۈپ ،ئاخىردا ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرپتىغۇ، ئۆز ئارزۇسى بۇيىچە ئۇقۇپ» دېگىنىدەك دوختۇر بۇلۇپ ، ئالىم بۇلۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ئۇچۇن ھەسسە قوشسا ، ئۇيغۇرلار
ئارىسىدىكى بۇ بوشلۇقنى يەنىمۇ تولۇقلىسا ياخشى ئەمەسمۇ ؟ دەپ ئىتىراز بۈلدۈردى . يەنە بىر ئاغېنىمىز
---- بولمايدۇ؟ ـــــــــــ دەپ ئورنىدىن قوپۇپ قارشى تەرەپنى ئۇرىدىغاندەك ئەلپازدا ئۆزىنىڭ بۇ گېپىنى قىلدى. ئۇ ئاغىنىمىز ـــــــــــــــ ئۇيغۇرلار ئارسىدىكى ھەقىقى چوڭ بوشلۇقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن ، دوختۇرلۇقنى ئۇقۇپ بەلگۈلۈك نەتىجە
قازانغان نۇپۇزلۇقلاردىن خىلى ساناپ بېرەلەيمەن، قېنى سەن ماتېماتېكا ئىلمىدىن نوپۇزلۇق دەپ قارىغان بىرقانچىسىنىڭ ئىسمىنى ساناپ باققە ؟ شۇڭا ئۇقىز ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەبىئى تالانتى بۇيۇنچە ماتېماتىكا كەسىپىدە تەربىيەلەنسۇن؟ھەم ھۆكۈمەت مەخسۇس تەربىيلىسۇن؟ ئۇيغۇرلار ئارسىدا ماتېماتىكىدا تولۇق نۇمۇرئىلىش تېخى ھازىرقى قەدەر كۆرۈلۈپ باقمىغان، بۇ نەتىجە مۆجىزەدەك چوڭ بىر ئىش. مانا بۇ ئۇ قىزنىڭ تەبىئى تالانتىنىڭ نەتىجىسى، باشقا كەسىپتە ئۇقۇتۇش ئۇ قىزنىڭ تەبىئى تالانتنى ئىسىراپ قىلغانلىق بۇلىدۇ. ئۇ قىز ماتېماتىكا كەسپىدە ئۇقۇپ ئالىم بولسۇن، مەن تېلفۇن نۇمۇرىنى بىلسەم‹‹ پەخرىيە دوختۇرلىقنى ئۇقۇماڭ›› دەپ تېلفۇن قىلغان بۇلاتىم . ـــــــــــــــــ دەپ
قايناپ كەتتى ئۇ ئاغېنىمىز .