ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2496 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تەلتۆكۈس ياشاڭ
دوستلىشىش
چۆل~ئوغلى
مۆھتىرەم ئۇستاز
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 539
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 124
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
تۆھپىسى: 63
پۇلى: 250 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 129
ياخشى باھا: 250
توردا: 61(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-18
ئاخىرقى: 2012-03-11
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-08 12:46

تەلتۆكۈس ياشاڭ

تەلتۆكۈس ياشاڭ
بىركىلىي لوئىس(شۋېتسىيە)
           ئۆمرىڭىزنىڭ چەكلىك ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز؟ سىزنىڭ ھاياتىڭىز باشقىلارنىڭكىدىن قىسقا بولۇشى ياكى باشقىلارنىڭكىدىن ئۇزۇن بولىشى مۈمكىن. لېكىن ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ياشىيالمايسىز . ھامان بىر كۈنى سۈبھى بىلەن كەچكى شەپەقنىڭ گۈزەللىگىنى قايتا كۆرەلمەيسىز. سۆيۈملۈك دىلبىرىڭىزنىڭ جامالىنى قايتا كۆرەلمەيسىز  ۋە ئۇنىڭغا يۈرەك سىرلىرىڭىزنى ئېيتالمايسىز . تەبىئەتنىڭ پىچىرلىشىنى ئاڭلىيالمايسىز . ئامراق مۇزىكىڭىزنى قايتا ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولالمايسىز .تۇرمۇشنىڭ لەززىتىدىن قايتا بەھرىمان بولالمايسىز .چېغىر يوللاردا سەيلە قىلالمايسىز .مەزىلىك تائاملارنى قايتا تېتالمايسىز .قۇش تۇخۇملىرىنى ئىزلەپ ، بالىلاردەك ئوينىيالمايسىز . سالقىن شامالنىڭ يۈزىڭىزنى سۆيۈشىدىن قايتا ھوزۇر ئالالمايسىز . يىغلىيالمايسىز، كۈلەلمەيسىز ، ناخشا ئېيتالمايسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەقەت تىرىك ئادەملا قىلالايدۇ .شۇڭا بۇلارنى قەلبىڭىزگە مەھكەم پۈكۈپ ياشاڭ. تەبىئەت دۇنياسىدا كېچە بىلەن كۈندۈز ئالماشقاندىن، تېمپىراتورا ئۆزگەرگەندىن، يەر تەۋرىگەندىن باشقا، زىمىننىڭ ھېچقانداق ۋاقىت قارىشى يوق . شۇڭا تەبىئەت ئۆزىنىڭ ئاخىرى بىر كۈنى ھالاك بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، شۇنداقلا ئالدىن پىلان تۈزۈپ، بەزى ئىشلارنى قىلىۋالالمايدۇ .
          تەبىئەت ئۆزىنىڭ گۈزەل پەيتلىرىدىن ھوزۇر ئېلىشنى بىلمەيدۇ . يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلارنى كەينىگە سۈرەلمەيدۇ . پەقەت ئادەملا ھاياتىدىن لەززەت ئېلىپ ياشىيالايدۇ .
         ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت . بۈگۈنكى ھەر- بىر مىنۇت ۋاقىت ئنتايىن قەدىرلىكتۇر. شۇڭلاشقا كۆز ئالدىڭىزدىكى ھەر -بىر مىنۇت ۋاقىتنىڭ تەمىنى تېتىپ ياشاڭ. ئۇنىڭ كىچىككىنە بىر تامچىسىنىمۇ قولدىن بېرىپ قويماڭ. ئىشلەشكە ، ئويناشقا، كۈلۈشكە سۆيۈشكە- سۆيۈلۈشكە ۋاقىت چىقىرىڭ .
        پۈتۈن كۈچىڭىزنى چىقىرىپ ھاياتىڭىزنىڭ مېغىزىنى چېقىپ ، تەلتۆتۈس ياشاڭ .
[ چۆل~ئوغلىتەرىپىدىن2011-07-08 13:13قايتا تەھرىرلەند ]
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 190
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 472
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە472دانە
تۆھپىسى: 51
پۇلى: 173703 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 113
ياخشى باھا: 573
توردا: 131(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-03-08
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-08 19:25

ۋاقتىڭ كەتتى-بەختىڭ كەتتى.ۋاقىت - بىباھا گۆھەر.
يىللارغا جاۋاپ
لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.

ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق،
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر تال يۇپۇرماق.

يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە-بولىدۇ قاخشال.
يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىپ بېرىدۇ،
قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.

بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
مەيلى ئۆتىۋەرسۇن، ئۆزىنىڭ يولى.
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.

يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
قاراب باق ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە… بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.

كۆرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۆرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخىت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.

مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا

قېرىماسمەن كۆرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
ئۆلۈم پەستە قېلىش كۆرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەريان يادىمدا.

ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.
كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
كۈرەش بىلەن كىلىپ چىقىمىز كەڭ غالىب يولغا.

يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى.

يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب.
كۆزۇڭنى ئاچ
ئەسلىڭنى ئۇنۇتما
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 195
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 154
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە154دانە
تۆھپىسى: 18
پۇلى: 220 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 26
ياخشى باھا: 185
توردا: 45(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-14
ئاخىرقى: 2012-03-12
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-09 15:14

شۇنداق نۇرغۇن نتەرسىلەرنىڭ ھەتتا شۇ گۈزەل تەبىئەتنىڭمۇ ھاياتى قىسقىراۋاتدۇ، ئۇنىڭدىن بەھىر ئالالايدىغان بوشلىقىڭىز بارغانسىرى تارىيىۋاتدۇ،ئەپسۇس سىز يەنىلا شۇ تۇرمۇش ھەلەكچلىكىدە بۇلاردىن بەھىر ئىلىش ھوقوقىڭىزدىن،ئاللانىڭ سىخىيلىق بىلەن بىزلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلىردىن پايدىلىنىشنى ئۇنتىۋاتسىز.ھەق،سىز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش بولىشڭىز بەرھەق،لىكىن سىز شۇ ئالدىراشلىق ئىچىدىمۇ،ئەتىراپىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىپ،يوقىتىۋاتقانلىرىڭىزدىن بەھىر ئىلىۋىلىڭ،ئۇنىڭغا بەلكىم بىر مىنۇت ھەتتا بىر دەقىقە ۋاقتىڭىزمۇ كۇپايە قىلىشى مۇمكىن.
دوستلىشىش
ئوغۇلچاق
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 666
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 46
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 52 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 52
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-09
ئاخىرقى: 2011-11-29
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-10 13:11

شۇنداق نۇرغۇن نتەرسىلەرنىڭ ھەتتا شۇ گۈزەل تەبىئەتنىڭمۇ ھاياتى قىسقىراۋاتدۇ،
.........................................................................................................
يەنە 20يىلدىن كېيىن 1000ياشقا كىرىدىغان ئادەملەر دۇنياغا كېلىدىكەن  
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 190
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 472
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە472دانە
تۆھپىسى: 51
پۇلى: 173703 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 113
ياخشى باھا: 573
توردا: 131(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-03-08
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-10 16:29

قالايمىقان كەلگۈسىگە ھۆكۈم قىلماڭ.كەلگۈسى اللەغا باغلىق.اللە غايىپ قىلغانغا ئېسىلماڭ.بۇ ھېلىقى چەتئەللىك ساراڭنىڭ خىيالىغۇ؟
كۆزۇڭنى ئاچ
ئەسلىڭنى ئۇنۇتما
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 195
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 154
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە154دانە
تۆھپىسى: 18
پۇلى: 220 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 26
ياخشى باھا: 185
توردا: 45(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-14
ئاخىرقى: 2012-03-12
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-11 00:55

ئىشلىتىش
引用第3楼ئوغۇلچاق于2011-07-10 13:11发表的  :
شۇنداق نۇرغۇن نتەرسىلەرنىڭ ھەتتا شۇ گۈزەل تەبىئەتنىڭمۇ ھاياتى قىسقىراۋاتدۇ،
.........................................................................................................
يەنە 20يىلدىن كېيىن 1000ياشقا كىرىدىغان ئادەملەر دۇنياغا كېلىدىكەن  


تەبىيكى يىڭى نەرسىلەرنىڭ پەيدا بولىشى كونا ھەم ئەسلىدە بار بولغان نەرسىنىڭ ئۆمىرىنى قىسقارتىشى مۇقەررەر ئىش بولوپ قالدىغۇ؟سىز دىگەندەك بولسا ھەقىقى يىشى بىلەن ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ قىسقىراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەمدۇ؟شۇڭا مۇشۇ 100ياشقا يەتمەي تۇرۇپ ئۆلگەن قىرىنداشلىرىمىزنى كۆپىرەك قەدىرلىۋىلىشمىز،كۆپىرەك كۆرۋىلىشمىز كىرەك،بۇلارمۇ سىز دىگەن دەۋىر كەلگەندە  ئاسار ئەتىقە بولوپ قىلىشى مۇمكىن.