تېتانىك ناملىق پاراخوت
تېتانىك ناملىق پاراخوت بولۇپ،
سوقۇلدۇم بەختنىڭ مۇزدەك كۆكسىگە.
سۆيگۈگە لىق تولغان ئېغىر بىر يۈرەك،
چۆكمەكتە ھېجراننىڭ چەكسىز تەكتىگە.
قېنى ئۇ تېتانىك ناملىق پاراخوت؟
يەر شارى مىسالى كۆپكۆك بىر دېڭىز.
قېنى ئۇ تەڭرىگە ئوقۇلغان دۇئا؟
روھلارنىڭ تەكتىگە كۆمۈلدى بىر ئىز.
ئەكبەر! دەپ بىل مېنى سۆيۈملۈك روسسىي،
ئىككىمىز تەقدىرداش بوپ قالدۇق مانا.
مەڭگۈلۈك بىر سالام ئوقۇيمەن شۇڭا،
ئاسىيا-ئامېرىكا قىتئەسى ئارا.
سۆيگۈ بايرىقى
مەن سۆيگەن بىر قىز ۋە مەن يازغان شېئىر،
چىرايلىق ئورالغان بىر ئورام ھەسرەت.
سۆيگۈ ئۇ ئەرلەرگە قۇرۇلغان توزاق،
قىز دېمەك گويا بىر گۈزەل جاراھەت.
قىزلارنىڭ يۇلتۇزى تۈننى يورۇتار،
ئاسماندىن قوغلىنار ئەرنىڭ يۇلتۇزى.
ئەرلەرنى مەنزىلگە يەتكۈزمەيدۇ ھېچ،
قىزلارنىڭ ئوت كەتكەن سۆيگۈ پويىزى.
مەن سۆيگەن بىر قىز ۋە مەن يازغان شېئىر،
بۇ ماڭا بېرىلگەن ئۆلۈم يارلىقى.
بىر كۈنى مەن سۆيگەن قىزنى يىغلىتىپ،
قەبرەمدە كۆكلەيدۇ سۆيگۈ بايرىقى.
جۇدالىق كۈيى
يېنىڭدىكى ئېيتقىنە كىم ئۇ؟
لەۋلىرىڭدە پورەكلەپتۇ گۈل.
چولپان بولۇپ كۈلسىمۇ كۆزۈڭ،
لېكىن قەلب باغىڭ بوپتۇ كۈل.
بىز ئىككىمىز يۈرگەن باغچىلار،
توزۇتماقتا رەيھانلىرىنى.
چەيلەنمەكتە سۆيگۈ گۈللىرىم،
قىيان قىلىپ كۆز ياشلىرىمنى.
قولۇڭدىكى جۈپ ئالتۇن ئۈزۈك،
ساڭا بەخت، ماڭا دەرت-ئەلەم.
ئاق شايى تون كىيىسەن بىر كۈن،
مەن تويۇڭدا تۇتىمەن ماتەم.