كۆكتات ئارقىلىق كېسەل داۋالاش

يۇمغاقسۈت : يۇمغاقسۈتنى ئۇششاق توغراپ سۇدا قاينىتىپ ، (ھەر قېتىمدا 500 گرام سۇدا قاينىتىلىدۇ) قىزىق ۋاقتىدا مەقئەتكە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە ، سۆڭى چىقىپ قېلىشنى ئۈنۈملۈك داۋالىغىلى بولىدۇ .
يېسىۋىلەك (بەسەي) : يېسىۋىلەكنى يۇيۇپ يۇمشاق توغراپ ، قايناۋاتقان شوۋىگۈرۈچكە سېلىپ ، ياغ ۋە تۇز سېلىۋېتىپ ئىچسە ، قەۋزىيەتنى ئۈنۈملۈك داۋالىغىلى بولىدۇ .
پالەك :پالەكنى ئۇششاق توغراپ قايناۋاتقان شوۋىگۈرۈچكە سېلىپ ئىچسە ، ئىشتىھاسىزلىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ .
كۈدە : كۈدىنى يۇيۇپ ، ئۇششاق توغراپ سىقىپ سۈيىنى ئىچسە (ھەر قېتىمدا بىر ئىستاكان) ، ئىسسىق ئۆتۈپ قۇسۇپ ، كۆڭۈل ئېلىشىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ .
غولپىياز: ئېقىنى سۇدا قاينىتىپ (ھەر قېيىمدا 1500 گرام) مەقئەتنى يۇيۇپ بەرسە ، گېمروينى داۋالىغىلى بولىدۇ .
پىدىگەن (چەيزە): ئۇنى ئېزىپ ئىششىغان جايغا سۈرتۈپ بەرسە ، ئىششىقنى تېز داۋالىغىلى بولىدۇ ، سۈيىنى سىقىپ ئىچسە ، گال ئاغرىقىغا تېز مەنپەئەت قىلىدۇ .