ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا!
قاراخان
كۆزۈڭ تۇرۇپ ئىنكار قىلدىڭ تەڭرى بەرگەن نىمەتنى،
تىلىڭ تۇرۇپ قىلالمىدىڭ ھەق يولىدا دەۋەتنى،
نەپسىڭ بولدى ئاسماننىمۇ يۇتماق بولغان ئەجدىھار،
ئادەم تۇرۇپ قۇلاقىڭدا تۇتالمىدىڭ ھېكمەتنى.
‹‹تۆشۈك ئېغىز›› مۇشرىكلار دىن چىققان قۇرۇق غەيۋەتكە،
ئىشىنىپسەن، بۇ گۈناھىڭ بولماس ‹‹شېرىك›› ئەبەتكە.
قىيامەتنى بەندە قانداق بىلەلەيدۇ پال سېلىپ ،
پەيغەمبەرمۇ دىيەلمىگەن تۇرسا ئۇنى ئۈممەتكە.
بۈگۈن ئەللىك ئەلگە تاراپ كەتتى‹‹ ساختا-جىڭ ››خەۋەر،
لاپنى قاپ دەپ ‹‹مۆتىۋەر››لەر، قاپتۇ غەمدە مىڭ شەھەر.
ئالدىن بېلەت زاكاس قىپتۇ ئۇچار كېمە كورسىغا،
قىيامەتتە قاچماق بولغان، باغلاپ بەلگە چىڭ كەمەر .
توۋا! دىدىم، بارماق قىيىن ئىكەن قازى ئالدىغا،
‹‹گۈناھسىز››مۇ جاننى بۇدەم ئالدى ئالقان، دالدىغا،
ئار-نومۇستىن قورقمىغانلار ‹‹سوت››تىن قورقۇپ يۈرگىچە،
نوچى بولساڭ ‹‹سوت››نى سۈرۈپ باقمامسىنا ؟ ئارقىغا.
ئوغرى بولماي توغرى بولساڭ، قىيامەتتە نە ئىشىڭ،
ھالال نەپسى ،دۇرۇس نىيەت بولساڭ ئاغرىمتى بېشىڭ.
ئەزۋەيلىدىڭ قىيامەتنى بولمايدۇ دەپ غەپلەتتە،
قىيامەتتە ئەسقاتامدۇ مالۇ-دۈنيا سىردىشىڭ؟
مەيلى بولسۇن راست قىيامەت ياكى بولسۇن بىشارەت،
جىمى جانلىق –جانسىز ئۈچۈن بېرىلگەن جان ئامانەت،
جاۋاپ بەرگىن نىمە بەردىڭ ،نىمە ئالدىڭ ئېلىڭدىن،
ئاڭا ھېساپ بېرەلمىسەڭ ،دەل قىيامەت-خىيانەت!
ۋاي سېنىڭ ھالىغا!* -‹‹قۇرئان كەرىم››75-سۈرە،33-ئايەت،582-بەت
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى