ئەھەد ئىسمائىل تەركى شېئىرىلىرى
يورۇيدۇ قۇياشنىڭ قەۋرىستانلىقى
كۈتۈشلەر بەك ئۇزاق تاشلىدى مېنى،
قايىتمىدىم سۈكۈتلەر زېرىككەن جايدىن.
ئىچىمدە بولۇتنىڭ قاسىرقى ياتار،
ئاينى كىم ياسىغان پاقىراق لايدىن.
بىلمەيمەن مۇھاببەت نەدىن باشلانغان،
يوللارنىڭ ئەستىرى سۆكۈلدى جاندىن.
ئايدىڭنىڭ كالىچى يىرتىلدى ئايدا،
ئاسماننىڭ پارچىسى ئۆرلەيدۇ سايدىن.
چۈزگۈنلەر توقۇيدۇ ئىمكانىيەتنى،
دەردىمنى قوندۇرۇپ يۇمران ئۇچىغا.
يۈرۈيدۇ قۇياشنىڭ قەۋرىستانلىقى،
مۇھاببەت نۇر بولۇپ چىقسا كوچىغا.
دۈشەنبە
ئېچىلدى
بارماقلىرى يوشۇرۇنغان قول
ئويغاندى
چالا ئۇيقىدىن
بېشىمدىكى گىرە-گىرە يول
چىقماقتا ھەسىرەپ ئالدىراش دۇنيا
ئۇۋىسىدىن چۆمۈلىلەرنىڭ...
ئۈنسىز تىۋىش
ئۈنسىز بىر تىۋىش
كېلەر ئاستا يېقىنلاپ
قېنىق دەملەنگەن چايسىمان ھەسرەت
كۆيدۈرمەكتە شولىسىنى سۈكۈتنىڭ.
بىر تاش كۆيەر
ئۈستۈمدىكى بوشلۇقتا
ئەلەڭگۈيدۇ
يوچۇن بىر سايە
قەلبىمدىكى يوچۇقتا.
[ بۇ يازمىنىشامال 2013-03-25 10:00قايتا تەھرىرلىدى ]