ئاجايىپكەن  تور  دېگەن 
               تۇرسۇنجان ئەمەت  ( قوشاقچى )
زامانىمىز ئۈچۇر دەۋرى ، راست ئىكەن ، 
تورغا چىقىپ تۇرساڭ ئەجەپ ياخشىكەن . 
يېڭى ئۇچۇر ، يېڭى دوستلار كۆپ ئىكەن ، 
بەزى تېخى شوخ قىزلارمۇ بار ئىكەن ، 
توۋا دەيمەن ، ئاجايىپكەن تور دېگەن . 
ئۇچۇر كۆرۈپ ئولتۇرغانتىم بىر كۈنى ، 
تىت - تىت قىلغان ئاۋاز بۆلدى زىھنىمنى . 
بىر  چېكىپلا  لىپىلدىغان   كۆزنەكنى ،
قوشىۋالدىم    QQرىمغا  بىر  قىزنى ،
توۋا دەيمەن ، ئاجايىپكەن  تور دېگەن . 
ياخشىمۇسىزدىن  باشلانغانتى پارىڭىمىز ، 
تاڭ ئاتقۇچە  تۈگىمەپتۇ  گېپىمىز .
كامىرادا ئېنىق تۇرسا جامالىمىز  ، 
كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشتۇق ھەر ئىككىمىز ،
توۋا دەيمەن ، ئاجايىپكەن تور دېگەن . 
شۇندىن بۇيان تورغا بولۇپ مەستانە ، 
قىز ئىشقىدا بولۇپ قالدىم دىۋانە ، 
كۆرەلمىسەم، كۆڭلۈم بولۇپ غەمخانە ، 
ئۆز - ئۆزۈمنى سېزىپ قالدىم يىگانە ، 
توۋا دەيمەن ئاجايىپكەن تور دېگەن .
ئەمەل قىلىپ ۋەدىمىزگە ئىككىمىز ، 
كۆرۈشۈشكە  ئاجرىتىلدى ۋاقتىمىز ، 
كۆرۈشكەندە بەكمۇ تاتلىق كېپىمىز ، 
ئەھمىيەتلىك ئۆتتى دېدۇق شەنبىمىز ،
توۋا دەيمەن ئاجايىپكەن تور دېگەن . 
شۇندىن بۇيان ھەر شەنبىدە كۆرۈشۈپ ، 
تاڭسىخانا ، رېستۇراندا  سۆرۈشۈپ ، 
بەزى پىنھان ، قاراڭغۇدا سۆيۈشۈپ ، 
ئەر - خوتۇندەك بولۇپ قاپتۇق كۆيۈشۈپ ، 
توۋا دەيمەن ، ئاجايىپكەن تور دېگەن . 
 بىر شەنبىسى كۆرۈشكەندە چاتاق چىقتى ، 
ھەيران قالدىم تۇلۇمدىن ھەم توقماق چىقتى ، 
قىز دەپ يۈرسەم بۇ توردىشىم جۇۋان چىقتى ، 
مەن يولدىشى دەپ  بىرىدىن  زۇۋان چىقتى ، 
رېستۇراندا جەڭگە - جىدەل چوقان چىقتى ، 
مۇش - پەشۋادا ئېغىزىمدىن قىيان چىقتى ، 
رەسۋا بولدۇق، بىز توغۇرلۇق ئېلان چىقتى ،
توۋا دەيمەن ، چاتاق ئىكەن تور دېگەن . 
مەنبە :  ئىجادىيىتىم