ئەلكۈيى تورى خەۋىرى:يېققىندا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىدىكى بىر ياخشى نىيەتلىك قېرىندىشىمىزنىڭ ئەلكۈيى تورىغا تېلېفۇن قىلىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا ئاق قان راكى كېسەللىكى سەۋەبلىك داۋالىنىۋاتقان بىر سەبىي قىزنىڭ خەۋىرىنى بەردى ھەمدە بۇ قىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدە بىزگە قىسقىچە بايانلارنى سۆزلەپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن شىركىتىمىز دەرھال ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ كېسەللىك ئازابىنى تارتىۋاتقان كىچىك سىڭلىمىز ئايگۈزەل ياسىننى يوقلاپ باردۇق ھەمدە ئۇنىڭغا بولغان ھېسداشلىقىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى.
ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرىپ «ئاق قان راكى»غا گىرىپتار بولغان سىڭلىمىز ئايگۈزەل ياسىن
ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن، بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق خۇشاللىقىنى كۆرمىگەن كىچىك سىڭلىمىز ئايگۈزەل كېسەللىك ئازابىدا ئىڭراۋاتاتتى.ئۇ ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن بولۇپ ئايگۈزەلگە قارىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلماي قالمايدۇ.ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلەشكە تېگىشلىك بۇ سەبىي سىڭلىمىز ئۆزىگە كەلگەن كېسەللىك ئازابى سەۋەبىدىن ئانا قۇچىقىدا ئەمەس،كېسەل كارۋىتىدا ئوكۇل ۋە داۋالاش قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.ئەپسۇس ئانا قۇچىقىدا ئەللەيلىيەلمىگەن بۇ سىڭلىمىز داۋالاشتىمۇ ئۆزىگە كەلگەن قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ نېمە ئىشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلەلمەي ئانسىغا قاراپ ياتىدۇ... سۆزلىسەك بۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمىز،كۆز ئالدىڭىزغا ئىككى ياشقا كىرگەن بىر سەبىي قىزنىڭ داۋالاشقا پۇلى يەتمەي قالغان ھالىتىنى كەلتۈرسىڭىز ھەممىنى ھېس قىلالايسىز،سىز بىلەن بىزنىڭمۇ يۈرىكىمىز گۆشقۇ؟ سىز بىلەن بىزنىڭمۇ بالىلىرىمىز ،ئىنى - سىڭىللىرىمىز بارغۇ؟
ئىگىلىنىشچە،ئايگۈزەل ياسىن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى كورلا شەھەر لوپنۇر ناھىيىسى ئاقسۇپا يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرە- كىرمەي قىزىنىڭ مىجەزىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقىغان ئاتا-ئانىسى ئۇنى دوختۇرخانىغا تەكشۈرگىلى ئاپارغاندا سەبىي قىزىنىڭ «ئاق قان راكى»غا گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقاپ ئۆزىنىڭ جىمى بىساتىنى ئېلىپ قىزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بىناسى 7-قەۋەت 35-كارۋاتقا ئورۇنلاشقان.دوختۇرلارنىڭ جىددىي دىئاگنوز قويۇشى ۋە ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرىشىچە،ئايگۈزەل ياسىن «ئاق قان راكى»سەۋەبىدىن ئىچكى ئەزالىرى چوڭىيىپ كېتىش،قۇرساققا سۇ چۈشۈش ۋە يىلىكى سۇيۇقلاپ كېتىش قاتارلىق بىر قاتار ئەگەشمە كېسەللىكلەرگىمۇ دۇچار بولغان.
دوختۇرلارنىڭ ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، سىڭلىمىز ئايگۈزەلنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن جىددىي قىزىل ۋە سېرىق قان لازىم بولغاندىن سىرت زور مىقداردا داۋالىنىش چىقىمى كېتىدىكەن.ئەپسۇس بۇ سىڭلىمىزنىڭ داۋالىنىشقا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قۇربى يەتمىگەچكە، نۆۋەتتە پەقەت يۈرەك تەكشۈرۈشتىن باشقا داۋالىنىش توختاپ قالغان،باشقا تۈردىكى داۋالاشلارنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىغا قەرز ھېسابىدا داۋالانغان بولسىمۇ ئۇمۇ داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان.داۋاملىق ئۈزۈلدۈرمەي داۋالىمىسا ئىككى ياشلىق بۇ سىڭلىمىزنىڭ ھاياتى ئېغىر خەۋپ ئىچىدە ئىكەن.دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرىشى ۋە بالىنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ سۆزلەپ بېرىشى، شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەمممىسى بىرلىشىپ كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياشلارنى ئېلىپ كەلدى.ئۇلۇغ ئاللادىن سىڭلىمىزغا ئامانلىق ۋە ياخشىلىق تىلەش بىلەن بىرگە بۇ ئىشنى ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق بۇ كىچىك سىڭلىمىزنىڭ كېسەللىك ئازابىدىن بارلىق ياخشى نىيەتلىك قېرىنداشلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ئاتىغىنىنى ئايىماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمىز.
ئايگۈزەل نۆۋەتتە پەقەت مۇشۇ يۈرەك تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدىن باشقا داۋالىنىشقا پۇلى يەتمەي داۋالاش توختاپ قالغان.
دوختۇرخانىنىڭ ئەلكۈيى تورى مۇخبىرىغا چىقىرىپ بەرگەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتى

بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى توغرىلىق جىق سۆزلىگىمىز،تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇ سىڭلىمىزغا ياردەم قۇلىنى سۇنۇشقا سەپەرۋەر قىلىش ئارۇيىمىز بولسىمۇ مۇشۇنچىلىك سۆزلىيەلىدۇق،جىق سۆزلىگەنسىرى ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدىكەن،بىز بالىنىڭ ئاتا- ئانىسىغا تەسەللىي ۋە كۈچ - قۇۋۋەت تىلەپ بۇ ئىشلارنى ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق كەڭ جەمىيەتكە ئېلان قىلىپ، ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنى سەپەرۋەر قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ بالىنىڭ ياتىقىنىڭ تېلېفۇن نومۇرى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك كارتا نۇمۇرىنى يېزىۋېلىپ يېنىپ كەلدۇق.كەڭ تورداشلارنىڭ خەيرى-ساخاۋەتلىك قوللىرىنى ئايىماسلىقىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە رەھىم شەپقەتلىك رەببىمىزنىڭ كىچىك سىڭلىمىزنىڭ كېسىلىنىڭ تېزراق ساقىيىپ كېتىشىگە ئاسانلىق بىرىشىنى تىلەيمىز!
ئايگۈزەل ياسىن تۇرۇشلۇق ياتاق بىناسى ئادرېسى:
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بىناسى 7-قەۋەت 35-كارۋات
ياتاقنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرى: 8521864-0991
ئايگۈزەل ياسىننىڭ ئانىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك بانكىسى كارتا نومۇرى:
6228482500140184612
كارتا ئىسمى:阿瓦汗衣.不拉音
مەنبە :ئەلكۈيى تورى
[ زىمىستانتەرىپىدىن2011-06-08 00:36قايتا تەھرىرلەندى ]