-تۇخۇمەك گۈل چىيى
تۇخۇمەك گۈلىنى قۇرۇتۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن، كەچلىرى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىىچپ بەرگەندە يۇقىرى قان بىسىم، سەكتە، ھەرخىل قاناش، گىمىروي قاتارلىق كىسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2-ئۈچقات گۈل چىيى
ئۈچقات گۈلىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە ئىسسىقنى ھەيدەپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ. ھەرقانداق يەللىككە پايدا قىلىدۇ. سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، سولۇق ئىششىقنى ياندۇرىدۇ. شامالداشتىن بولغان زۇكام، گال ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.
3-جۇخارگۈل چىيى.
جۇخار گۈلىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە، ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ، جىگەرنى قۇۋەتلەيدۇ. كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ. ھەرخىل يارىغا، يۇقۇملۇق زۇكامغا پايدا قىلىدۇ، كىسەل مىكروپلىرىغا قارشى تۇرالايدۇ. باش قىيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىشقا شىپا بولىدۇ. تال، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.
4-يەسىمەن گۈل چىيى
ھەركۈنى 10-20 تال يەسىمەن گۈلىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە، يەلدىن بولغان سانجىق ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ. بەدەندىكى ھۆللىكنى ھەيدەيدۇ، ئۇزۇن مەزگىل ئۈزمەي ئىچىپ بەرسە ئاستا خاراكتىرلىك ئاشقازان يەللىكىگە شىپا بولىدۇ.
مەنبە : شىنجاڭ ئاياللىرى