‹‹بوزقىر بالىلار ئەسەرلىرى مۇكاپاتى››نىڭ نەتىجىسىنى تورداشلار يېزىپ بولدى ،مەن ئەمدى مۇكاپات تارقىتىش نەق مەيدان خاتىرە سۈرەتلىرىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم .ھوزۇرلايغايسىزلەر .
رىياسەتچى ئاكىمىز قىسقا ئەمما مەزمۇنلۇق سۆزلەر بىلەن بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلىق پائالىيەت جەريانلىرى خۇلاسىلىدى .
بوزقىر مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىغا ۋەكالىتەن بوزقىر ئەپەندى تەبرىك سۆزى قىلماقتا .
مۇنبەر باشلىقى مېنى يالغۇز تارتماپتۇ دەپ قالمىسۇن دەپ 5دىيوملۇق قىلىپ تارتىپ قويدۇم . ئىككى ئايدىن بۇيان مۇشۇ پائالىيەت ئۈچۈن چېپىپ پالاقشىپ يۈردى .
سۈرەتتە رىياسەتچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرئاپتورلىرى تىزىمىنى ئېلان قىلماقتا (يانداشما سۈرەت :مۇكاپات تۈرى كۆپ ،چۈشۈپ قالمىسۇن ئاداش ،ھەممىسىنى بىرمۇ بىر ئوقى )
ۋىيىتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتيى ،مېنىڭ ئىسمىم چىقمايۋاتىدا ،نېمەبولۇپ كەتكەندۇ ،سەل ساقلاپ باقاي....
مەنمۇ ئەسەر يازغان بولسام ،مۇنەۋۋەر ئەسەر بولسىمۇ باھالىنىپ ئىۋۇ قىزىل تاشلىق رومانلاردىن بىرگە ئېرىشەتتىم ئەمەسمۇ ،پۇرسەت .تىرىشچانلارغا ،ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ دېگېنى ھەق ئىكەن جۇمۇ مۇئەللىمنىڭ .(چاقچاق)
قايسى بىر ناخشىچى تاماشىبىنلارغا :سىلەر قولۇڭلاردىن قان چىققۇدەك چاۋاپ چېلىپ رىغبەت بەرسەڭلار ،بىزمۇ جان چىققۇدەك ناخشا ئوقۇيمىز .دەپتىكەنتۇق .
مانا ھەر بىر مۇكاپاتلانغۇچى ئېلان قىلىنغىنىدا ھەممەيلەن قىزغىن چاۋاكلار چېلىپ تەبرىكلەشتى ،خۇشھال بولۇشتى .
مۇكاپات بويۇملىرى تارقىتىلماقتا
ئوڭ تەرەپتىكى ئىرپان كىتاپ:
ئەسلى بۇ بالىلارغىمۇ نەق پۇل بەرمەي 200 كويلۇقتىن كىتاپلا بېرىدىغان ئىشتى دە .ھەي ،بوپتۇ ئاستا ئاستا ،ئاستا ئاستىدىن دەپتىكەن .كېلەر قېتىملىقىنى كۈتىلى .....
مۇنبەر باشلىقى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتنى تارقاقماقتا .
سول تەرەپ :ئاپلا ،مۇشۇنداق قىلىشمىساق بولىتى جۇما ،قولام باماتىدا مېنىتتتتتتتتتتتتتتتتتڭ ماۋۇ پۇلنى ئېلشقا .
ئارقا سول تەرەپ تىرەنكام مۇنبەر باشلىىقىغا قاراپ :ما بوزقىر ئۇكام مەخسۇس يىغىنلاردا مۇكاپات تارقاتسا بولامدۇ نېمە ،سەھنىلىكى باركىنا بۇنىڭ !
توختىسىلا ئۇكام ،مۇكاپاتنى ئېلىپلا قاچمىسىلا ، رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قىلىۋالىلى مانداق ،كىيىنچە يوغان يوغان رومان كىتاپلارنى يازىدىغان كاتتا شائىر بولاپ كەتسىلە "سىز بىلەن بوزقىردا سۆھبەت "دەپ فىلىم ئىشلەپ مۇنبەرنى ئاۋات قىلىدىغان گەپ ئەمەسما ...
رىياسەتچى ئاكىمىزنىڭ ئېلان قىلىشى بىلەن قىزغىن چاۋاكلار ئىچىدە ئاپتور 1-لىككە ئېرىشكەن ئەسىرىنى يىغىن ئەھلىگە ئوقۇپ بەرمەكتە .
ما بالا راس بەلەن يېزىپتۇ جۇما .قاراڭ يىغىن ئەھلىنىڭ دېققەت بىلەن ئاڭلاشلىرىغا .تېخى نەچچىسى تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكەن چىراي
توۋا ،ما بالىلار راستىنلا قىپقىزىل پۇللارنى تارقىتىۋاتىدا ،ئېسىت ، "جېكنىڭ شئېر يېزىش قانۇنى"غا سېلىپلا شئېردىن بىرنى يېزىپلا بالام يۈكسەلجاننىڭ نامىدا ئېلان قىلسام ،ھەممىسى ئۆز بالىلار بولغاندىن كىيىن ئاغزىنى مايلاپلا....ھەي ...
شۇنداق قىلىپ يىغىن تۈگىدى ،يىغىندىن كىيىن يىراق يېقىندىن كەلگەن ئەھلى جامائەت بىلەن بىر ۋاق ئاددى غىزاغا داخىل بولدۇق .مۇنبەر باشلىقى ئۆزى ئاش تارقاتماقتا .
سەھرالىخ ئاكىمىز :جاراڭلىق ئاۋازدا -يولداشلار تىرىشايلى ،يولداشلار ئىچەيلى ........
ئاكا ،رەسىمگە تارتمىڭا بولدى ،1-لىككە ئېرىشىپ ھاياجانلىنىپ كېتىپ جىق يەپ ساپتىمەن .ئەسلىغۇ تامىقىم ئازتى بولمىسا :
_يە ئۇكام يە ،ھازىر ۋەزىيەت ياخشى ،تۇرمۇش پاراۋان بىز سەندەك ھەۋەسكار قاپىيە بولۇپ يېزىپ يۈرگەن چاغلاردا نەدە بۇنداق تور ،مۇسابىقە ،مۇكاپات دەيسەن ،شۇ يېزىپ يېزىپ ئۆزىمىزدىن باشقا بىرى كۆرمەي ھازىر يەر ئاستى ئۆيلەردە ئىشكاپلاردا تۇرمامدۇ توپا بېسىپ .شۇڭا ۋاقىتنى قەدىرلەپ ئوقۇ ،ياز .ئوقۇيلى ،يازايلى . سەن بىز كەتسەك شۇ يازمىلار قالىدۇ .شۇڭا تىرىشىپ ،بىلىمىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشقا تىرىش ،تىرىشايلى !

شۇنداق قىلىپ تۇنجى قېتىملىق مۇكاپاتلىق ئەسەر باھالاش پائالىيىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك تامام بولدى .مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلغان مۇنبەر باشلىقى ۋە ئۇنىڭ ياردەمگە تەييار دوس-يارەنلىرىگە ،ئەسەرلەرنى رەتلىگەن ،باھالاشقا قاتناشقان .قىسقىسى مۇشۇ پائالىيەتكە بىر تامچە تەر ئاققۇزغان بارلىقىڭلارغا رەھمەت .ئەلبەتتە كېرەكلىكتە مۇسابىقە دېگەندە تاللاش ۋە تاللىنىش ،شاللىنىش بولىدۇ .لىكىن قاتناشقاننىڭ ئۆزى غەلبە ،ئۆزى نەتىجە .بۇ جەرياندا ۋە مۇسابىقە ئاخىردا قىسمەن گەپ سۆزلەر ،كۆڭۈل رەنجىشلىرى،نازۇككىنە ئاغرىنىشلار بولۇنىشى تەبىئى ئەھۋال . ئۈمۈدۈم شۇكى ناۋادا شۇنداق بولسا بىر بىرىمىزنى ئەپۇ قىلىلى ،كەچۈرەيلى ،ھەممىمىز ئىنساندۇمىزكى خاتالىقتىن خالىي بولالمايدىغان !
ھەم داۋاملىق تىرىشايلى ،يازالايدىغانلىرىمىز يېزىپ تۇرىلى ،ئوقۇيالىغانلىرىمىز بولسا ئىلھام بەخىشلەر بېرىپ ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىلى ،سېخى قوللۇق بايلىرىمىز ،كارخانىچى سودىگەر ئاكىلىمىز مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىلى .قىسقىسى "ئىرادىمىز چىقسۇن گۆرىدىن "دېگەن شئېرنىڭ باشلانمىسى بولغان :
قول تۇتۇشۇپ باسايلى ئالغا ،
مىللەت ،ۋەتەن خەلقىمىز ئۈچۈن "دېگەندەك ،يۇقارقى رەسىمدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان ئەشۇ قىزىل گۈللەردەك خۇشپۇراقلار چاچايلى .
---------------------------------------
ئىشلەتكەن ئاپاراتىم ئادەتتىكى ئاپارات بولغىنى ئۈچۈن سۈرەتلەر نىڭ سۈپىتى سەل ناچار بولۇپ قاپتۇ ،ئەپۇ قىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىپ كۇنۇپكا تەۋرەتكۈچى شەھرى بورتالادىن ۋاپادارىم912