ئۇيغۇر مۇزىكانت سۇجىپ
سۇجىپ - كۈسەنلىك،ئېلىمىزنىڭ قەدىمى دەۋرىدىكى مەشھۇر مۇزىكانتى.سۇجىپ مۇزىكانىت ئائىلىسىدە تۇغۇلغان،ئۇنىڭ ئاتىسى غەرىبىي يۇرتتىكى مەشھۇر باربىتچى ئىدى.سۇجىپ كىچىكىدىن تارتىپلا ئاتىسىدىن باربىت چېلىشنى ئۆگۈنىپ ماھىر باربىتچى بولۇپ يېتىلىدۇ ۋە مۇزىكا نەزىريىسىنى پۇختا ئىگەللەيدۇ.567-يىلى سۇجىپ كۈسەن،سۇلىدىكى مۇزىكانتلاردىن تەشكىللەنگەن 300 نەچچە كىشلىك غەربىي يۇرۇت ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى تەركىبىدە چاڭئەنگە كەلدى.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سۇجىپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇزىكا ساھەسىنى جانلاندۇرۇپ،ئۆزىنىڭ ئورۇنداش ماھارىتى ۋە كۈسەن مۇزىكا نەزىريەسىنى تارقىتىش ھاياتىنى باشلىدى.
سۇجىپ باشچىلىقىدىكى كۈسەن سازەندىللىرى غەرىبىي يۇرتنىڭ زور كۆلەمدىكى ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى بىلەن چاڭئەنگە بارغاندىن كېيىن ئوردىدىلا ئويۇن قويۇپ قالماي،كوچا-كويلاردىمۇ ئويۇن قويۇپ،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەقنى غەرىبىي يۇرۇتنىڭ مول مەزمۇنلۇق ناخشا-ئۇسۇلىدىن بەھرىلەندۈردى.ئۇلار يەنى ئۇ جايدىكى خەقلەرگىمۇ ماھارەت ئۈگەتتى.غەرىبىي يۇرۇتنىڭ ناخشا-ئۇسۇللىرى بىر مەزگىل چاڭئەننى لەرزىگە سالدى.
سۇجىپ غەرىبىي يۇرۇتنىڭ كۈسەن مۇزىكىللىرىنىڭ يەتتە ئاھاڭ نەزىريىسىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئېلىپ بېرىپ،ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ مۇزىكا نەزىريىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەنبە؛.<<شىنجاڭ>>دەرىسلىگى.