ئىشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بارغان قۇربان تۇلۇم ھىكايىسىنىڭ داۋامى چىقتى.
1-ئاينىڭ 22-كۈنى قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرە قىزى رۇقىيە ،يۇرتداشلىرى بىلەن خوشلىشىپ،گۇاڭدوڭ خۇمىندىكى جەنۇبىي دېڭىز فلوتتىننىڭ مەلۇم مەشىق بازىسىغا يېتىپ كېلىپ شەرەپلىك دېڭىز ئارمىيىسىدە يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىغان.
رۇقىيەنىڭ ئەسكەر بولىشى بۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئارزۇ قىلغان ئەسكەر بولۇش ئويىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن دىرەك بىرىدىكەن.
بالىلىق چاغلىرىدا باينىڭ قوي -كالىسىنى بېقىپ،كىيىن ئېكسپلاتسىيە قىلىنىشقا ئۇچىراپ قۇل قىلىنغان ، ياۋا ئالما يەپ ھاياتىنى ساقلىغان قۇربان تۇلۇم شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن كىيىن قەددىنى رۇسلاپ ئۆزىگە ئىگە بولۇپ،1958-يىلى ئۆزىنى قۇللۇق تۈزۈمدىن ئازاد قىلغان ماۋزىدۇڭ جۇشى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بېيجىڭغا ئىشەك مىنىپ بارغان ھەمدە ماۋزىدوڭ جۇشى بىلەن جۇڭنەنخەيدە كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
ئارمىيە تور بەتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا،رۇقىيە ھەربىي بازىدىكى مەشىقنى تاماملاپ«لىئاۋنىڭ>> ناملىق ئاۋىياماتكىدا ئەسكەرلىك ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان.

ماۋجۇشى بىلەن قۇربان تۇلۇمنىىڭ كلاسسىك رەسىمى

رۇقىيە سەپداشلىرى بىلەن بىرگە


خوشاللىققا چۆمگەن رۇقىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن مومىسى


رۇقىيە ئاۋىياماتكىغا چىقىش ئالدىدا
مەنبە:ئارمىيە تورىدىن ئىلىندى(كەڭ ساي تەرجىمىسى)