جىڭ يىغلايدۇ بوۋام قېنى دەپ...
(مەرھۇم‹‹ ئوسمان كومپىيوتور››غا مەرسىيە)
قاراخان
فولكىنۇر* چوققىسى يىغلايدۇ ئۆكسۈپ ،
تاپالماي جىڭ دەريا ئېقىنلىرىنى.
بۇلبۇل ،بوز تورغاينىڭ ئۈنلىرى ئۆچۈپ،
يادىغا ئالدى ئەڭ يېقىنلىرىنى.
قەدىمى ئۆتەڭدىن بىر ‹‹ئۆردەك››* ئۇچۇپ،
كەتتىغۇ قالدۇرۇپ تەلقىنلىرىنى.
ماڭغانغا كۆۋرۈك-ئۇ،تۇرغانغا تۈۋرۈك،
يىقىلسا دەست تۇرغان كەتمىگەن ئۆڭۈپ.
بوستان ياق چۆلدىمۇ ئۈنى مىڭ تۈرلۈك،
مىڭ ئۆي››نىڭ ئىشقىدا يۈرگەن جىڭ كۆيۈپ.
مەنزىلى ‹‹ئىزدىنىش››، يۇرتىغا كۆيۈك،
يېزا ،قىر ،قىشلاقنى ئۆتكەن چىن سۆيۈپ.
جىڭ ،قورغاس،قۇمۇلغا ،گۈزەل خوتەنگە،
ئۇچقان ئۇ تەۋەرۈك ۋەسىقە ئىزدەپ.
كۆمۈلۈپ ياشىغان چۇقان سۈرەنگە،
ئەقلىنى غاپىلنىڭ تېشىغا بىلەپ.
ئوخشىغان جا ئەمەس‹‹ جىڭ››لىق ئەرەنگە!...
‹‹دان››ئۈچۈن نەپسىنى قىلمىغان بىزەپ.
باقىدىن نەۋرۇزنىڭ تەكلىپى كېلىپ،
خوشلاشتى بىز بىلەن يەرنى قۇچاقلاپ.
خىزىرنىڭ بىتۇيۇق لەۋزىنى ئېلىپ،
كەتتى ئۈ چۈش كەبئى بىزدىن يىراقلاپ.
يەتتە ياش، يەتمىش ياش قالدۇق ئۈن سېلىپ،
سامادا بىر يۇلتۇز كەتتى چاراقلاپ.
تىلىمۇ،دىلىمۇ كۆيگەن ئېلىم دەپ،
شۇ‹‹ ياغاچ كۆۋرۈك››تەك ئەسلى قىسمىتى.
قېرىنداش قىرغىز دەپ ئۆتتى نە سەۋەپ،
بۇمۇ بىر ئەدىپلىك، ئېسىل خىسلىتى.
ئۇنىڭسىز گېپىڭنىڭ تۇزى كەم ئەجەپ،
بىلەمسەن ئۇنىڭكى نەدە قىممىتى؟!
ئەي بوۋاي! چىچەن ،مەرت،ئەزىمەت بوۋاي،
بىزدە كەم سەندە بار غەيرەت -جاسارەت.
كۆڭۈلگە سەن سۆرەپ كىرگەن سىر تالاي،
يېشىمى ئەۋلاتقا نۇسرەت-سائادەت.
سەن ئەلنىڭ قەلبىدە يېشىل قارىغاي،
ھېجرانىڭ بىزلەرگە ئېغىر نادامەت!
2013-يىلى 3-ئانىڭ 17-كۈنى
[ بۇ يازمىنىqarxan 2013-03-18 13:14قايتا تەھرىرلىدى ]