ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مۇنبەرداشلار:
ئارام كۈنلىرىڭلارنىڭ ياخشى ئۆتىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە ئەتىگەنلىك<<سالمان تىز خەۋەرلىرى>>دىن
دۇنيادا بولىۋاتقان يىڭىلىق ئاجايىپ ئىشلاردىن سىلەرنى قىسقىچە خەۋەرلەندۇرىمىز.
ئەمسە گەپنى جۇڭگۇنىڭ مائارىپ،پەلسەپە پىشىۋاسى كوڭزىنىڭ76 – ئەۋلاد نەۋرە قىزىنىڭ توي خەۋىرى
بىلەن باشلايمىز.
كوڭزىنىڭ 76 – ئەۋلاد نەۋرە قىزى ئىتالىيەلىك رەسسام بىلەن توي قىلدى
1. 2 – نويابىر، كوڭزىنىڭ 76 – ئەۋلاد نەۋرە قىزى كوڭ لىڭشيەن بىلەن ئىتالىيە رەسسامى فرانسېسكو توي قىلدى، بۇ ئىككىيلەن خەنزۇچە كىيىم كىيىپ، فۇجۇدىكى كوڭمياۋ بۇدخانىسىدا كوڭ ئائىلىسىنىڭ ئۆرپ ئادىتى بويىچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشتى.

2. 2 – نويابىر، كوڭزىنىڭ 76 – ئەۋلاد نەۋرە قىزى كوڭ لىڭشيەن بىلەن ئىتالىيە رەسسامى فرانسېسكو توي قىلدى، بۇ ئىككىيلەن خەنزۇچە كىيىم كىيىپ، فۇجۇدىكى كوڭمياۋ بۇدخانىسىدا كوڭ ئائىلىسىنىڭ ئۆرپ ئادىتى بويىچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشتى.
(كۇڭ ئاقساقال بۇ ئەجنەبى كۇيئوغلىغا قانداق قارايدۇ بۇنى ھىچكىم پەرەز قىلالمايدۇ،بۇ نەۋرە قىزى ئاقساقالنىڭ
روھىنى قورۇندۇرۇپ قويمىسىلام بولاتتىغۇ؟
)
####################################################################
ئەمدى ماۋۇ كارامەتنى كۆرۇڭ

قوش رەڭلىك چوڭ راك
دانا دۇخايىم ئىسىملىك بىر ئامېرىكىلىق بېلىقچى يېقىندا ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ دېڭىز ياقىسىدا، ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان، قوش رەڭلىك بىر چوڭ راكنى تۇتۇۋالغان. بوستوندىكى يېڭى ئېنگلاندقا جايلاشقان سۇ جانلىقلىرى سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دىدى، بۇ چوڭ راكنىڭ ئېغىرلىقى بىر قاداق (تەخمىنەن 0.45 كىلوگرام) كېلىدۇ، بۇ راكنىڭ تېنىنىڭ سول يېرىمى قارا رەڭدە، ئوڭ يېرىمى توق سېرىق رەڭدە، بۇ ئىككى خىل رەڭ شۇنداق سىممېتىرىك كەلگەن. بۇندىن باشقا، بۇ قوش رەڭلىك چوڭ راك يەنە ئۇرغاچى راك بىلەن ئاتىلىق راكنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تەڭلا ھازىرلىغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل غەلىتە راك – راك تۇخۇمى ئۇرۇقلانغاندا، ھۈجەيرىنىڭ پۈتۈنلەي پارچىلىنىشىدىن پەيدا بولىدىكەن.
(ئىشىنەمسىز ئىشەنمەمسىز ئىختىيار ئۆزىڭىزدە،قارىسىغۇ بىر سەنئەتكار نىڭ كەم -كۇتسىز ئىجادىيىتىدەك قىلىدۇ.
بۇ ئىجاتكارنىڭ نامىنى توغرا ئىيتىپ بەرگەن بىرىنچى توردىشىمىزغا ئاز بولسىمۇ 10مۇنبەر ياۋرۇسى كۆڭلىمىز بار)گۇچۇڭدىكى ئېشەك ھارۋىدا كېلىنچەك يۆتكىگەن«جاپاكەش يىگىت»
قىزلار توي قىلغاندا ئاپپاق توي كۆينىكىنى كىيىپ ئېسىل ماشىنىلاردا ھەممە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتقان ھالدا تويى كۆچۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇ كۈنى توي قىزى ئەڭ گۈزەل ھەم ھەممە ئادەمنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولىدۇ، بۇ نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئارزۇسى، چۈنكى بۇ قۇتلۇق كۈن ئۆمرىدە بىر قېتىم كېلىدۇ، بۇ كۈن كىشى ئۆمرىدىكى ئەڭ خاتىرىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم كۈن. لېكىن 10-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ سانجى گۇچۇڭ ناھىيەسىدە مۇنداق بىر مەنزىرە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، يەنى كاتتا ئېسىل ماشىنىدا ئەمەس بەلكى ئېشەك ھارۋىسىدا تويى كۆچۈرۈلگەن قىز كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، توي يىگىتى ئېشەك ھارۋىسىنى يېتىلىگەن بولۇپ، ھارۋىغا تېخى بايراق ئورنىتىلغانىدى، يېڭى تويى بولغان قىز-يىگىت قاراشتا ناھايىتى خۇشال بولۇپ چىرايىدىن خۇشاللىق ھەم بەخت جىلۋىلىنەتتى، بۈگۈنكىدەك تويلارنى كاتتا ماشىنىلاردا يۆتكەش ئومۇملىشىپ كەتكەن كۈنلەردە بۇ ھەقىقەتەن ئالاھىدە كېلىن يۆتكەش ھېسابلىنىدۇ. دېمىسىمۇ نۇرغۇن ماشىنىلارنى سېلىپ كاتتا توي يۆتكىگەنگە قارىغاندا مۇھىت بۇلغىمايدىغان ھەم ئالاھىدە بولغان بۇ خىل توي يۆتكەش ئۇسۇلىمۇ خېلى قالتىستەك تۇرىدۇ. قېنى تۆۋەندە بۇ بىر جۈپ بەختلىك قىز-يىگىتنىڭ كېلىن يۆتكەش سەپىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ!
(بۇ توي ئەمدى بەزەن پىخسىقلارغا مودا بولىدىغان بولدىدە
)ئەمدى ئاخىرىدا بۇ غەلىتە خەۋەرلەر بىلەن كۆرسىتىشىمىز ئاخىرلىشىدۇ
يەر شارىدىكى ھاياتلىق 2 مىليارد 800 مىليون يىلدىن كېيىن يوقايدىكەن
يەر شارى ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرى گې يۈەنفېن خەۋىرى: ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشچە، يەر شارىدىكى ئەڭ ئاخىرقى جانلىق ئىككى مىليارد 800 مىليون يىلدىن كېيىن يوقايدىكەن، ئۇلارنى كۆپۈپ ئەڭ چوڭ قىزىل يۇلتۇزغا ئايلانغان قۇياش كۆيدۈرۈۋېتىدىكەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەخمىنەن بىر مىليارد يىل ئىچىدە، يەر شارىدا بىردىنبىر ھايات قالغان نەرسە تاق ھۈجەيرىلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ قالىدىكەن.

ئەنگلىيە «يېڭى ئالىملار» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 1- نويابىردىكى سانىدا ئېيتىلىشچە، قۇياش ئۆزگىرىشىنىڭ يەر شارىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ئاساسەن، ئەنگلىيە سان ئاندرېۋس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يەر شارىدىكى ھاياتلىق مەزگىلى ۋاقىت جەدۋىلىنى ھېسابلاپ چىققان. قۇياشنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، يەر شارى بارغانسېرى ئىسسىپ، مۇرەككەپ جانلىقلار ـــ ئۆسۈملۈك، سۈت ئەمگۈچى ھايۋان (ئادەمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بېلىق ۋە ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى تەدرىجىي يوقاپ كېتىدىكەن. دېڭىز- ئوكيان پارغا ئايلىنىپ، بۆلەكلەر قۇرۇلمىسى ئاستا- ئاستا توختاپ قالىدىكەن، پەقەت مىكرو جانلىقلارلا ئامان قالىدىكەن، ئۇلار يەر شارىغا بىر مىليارد يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدىكەن، ئەمما ئاخىرىدا ئۇلارمۇ يوقىلىشقا يۈزلىنىدىكەن.
(ۋاي توۋا،ئامرىكىلىقلار دۇنيانىڭ قانۇنىنى بىز تۇزىمىز دىسە،ئەنگلىيەلىكلەر يەرشارىنىڭ قاچان ۋەيران بولىشىنى
بىلەمدىكەن؟ ئىگىسى بار جاھان بۇ!!!!!!!)ئالىملار روھنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئائىت قايىل قىلارلىق ئىسپات تاپتى
يەر شارى تورىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ھاياتلىق داۋاملىشامدۇ- يوق دېگەن مەسىلىگە قارىتا ھەر قايسى ساھەلەردە توختىماستىن تالاش- تارتىش قىلىنماقتا. رۇسىيە «سەھەر گېزىتى» نىڭ 30- ئۆكتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابى جەزىملەشتۈرۈلدى، ئالىملار ئادەمنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ روھىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئائىت قايىل قىلارلىق دەلىل- ئىسپات تاپتى.
تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئادەمنىڭ روھى دائىملىق نېۋروندىنمۇ مۇھىم بولغان مەلۇم نەرسىدۇر. تېببىي پروفېسسورنىڭ قارىشىچە، ئاڭ ئالەمدە مەۋجۇت بولغان، ھەمدە ئالەم پارتلاش مەزگىلىدە باشلانغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەمنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغاندا، ئادەم مېڭىسىدە ساقلانغان ئۇچۇرلار يوقاپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئالەمدە تارقىلىپ يۈرىدۇ. ئالىملارنىڭ نۇقتىئىنەزىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ نەزەرىيە سەكراتتا ياتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ «ئۇزۇن تونىلدا» تۇرۇۋاتقانلىقى ياكى «بىر ئاق نۇر» نى كۆرگەنلىكىنى ئەسكە ئالغانلىقىدەك ھادىسىنى چۈشەندۈرەلەيدۇ.
ئالىملار مۇنداق بىلدۈردى: ئادەمنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ، قان ئايلىنىشتىن توختىغاندا، مىكرو نەيچىلەر كۋانت ھالىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ، ئەمما كۋانتلاردا ساقلىنىپ قالغان ئۇچۇرلار بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار ئالەمدە تارقىلىپ يۈرۈيدۇ. ئەگەر ئېغىر كېسەلنى كۆزىتىش ئۆيىدىكى بىمارلار ھايات قالسا، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى «بىر ئاق نۇر» نى ياكى ئۆزىنىڭ «روھىنىڭ قانداق ئايرىلغانلىقى» نى كۆرگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ؛ ئەگەر بىمار ئالەمدىن ئۆتسە، كۋانتتىكى ئۇچۇرلار ئېنىقسىز مۇددەت ئىچىدە ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ روھتۇر.
ئامېرىكا نېرۋا تاشقى كېسەللىك پروفېسسورى ئالېكساندېرمۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ «جەننەتنىڭ دەلىلى» ناملىق كىتابىدا ئۆزىنىڭ «پانى ئالەمدىكى سەپىرى» نى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن ئەينى چاغدا ھۇشسىز ھالدا بولۇپ، ئۆزۈمنى جەننەتتە دەپ ھېس قىلدىم، ئەتراپىمدا كېپىنەكلەر پەرۋاز قىلىپ يۈرەتتى، يەنە پەرىشتىگە ئوخشايدىغان جىسىملار بار ئىدى.»
(بۇلارنىڭ ئىلىم-پەندە ئىلگىرلىشى بەك ئاستىمۇ قانداق؟بىز رەھنىڭ مەۋقۇتلىقىنى 1400نەچچەيىللار ئىلگىرى ۋۇجۇتقا
كەلگەن ساماۋى كىتاپتىن بىلىپ بولغان)[s:11]
خەۋەرلىرمىز مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى،يىڭى خەۋەر بولسا داۋاملىق يوللايمىز.
دىكتور:سالمان888
خەۋەر مەنبەسى:توردىن مۇخبىرلىرمىز توپلىغان.