تۇخۇمدىكى شېئىر چېچەكلەيمەن تىكەن تىلىدا ، يۇمشىغىم يوق قاۋان ئالدىدا . كېچىلەرنىڭ يۇلتۇزى ئۈچۈن، جان بېرىمەن سەھەر قولىدا .
ئەمەن قوراي رەڭگىدە ياشاپ ، بىر ئازگالغا بېرىمەن مېھىر . ئەنئەنەمگە ئاسىي بولمايمەن، باشقا رەڭلەر قىلسىمۇ سېھىر .
تېپىلغىنىم ئەۋلادىم رىزقى ، چېچەكلەيمەن پەسىل تاللىماي . ئەتەم ئۈچۈن مەغرۇر ياشايمەن تاۋىقىنى خەقنىڭ يالىماي.
ئەرلىكىمنىڭ كىملىكى ئۈچۈن ، باش ئەگمەيمەن ساختا سىناققا . ئائىلەمنىڭ كۆكلىشى ئۈچۈن ، ۋەدە چەكتىم ھەر بىر قۇلاققا .
پاقا بولسام بۇ كۆل مېنىڭكى ، تىمساقلارغا ئارام بەرمەيمەن . بەدەل بىلەن يىغاي تېرىقنى تۈكۈرگەننى ھەرگىز تەرمەيمەن.
يەر ئاستىغا ھۆكۈمران سازاڭ ، موھتاج ئەمەس ئىكەن قۇياشقا. رىزقىمىزنى سېتىپ بەزىلەر نىچۈن ئامراق ساختا بوياشقا ؟
تېپىلىشتىن جاق تويدۇم بۈگۈن ، پارچىلىدىم ئاجىز سايەمنى . ئىككى بالام كۈلكىسى ئۈچۈن، بەك سېغىندىم ئۇلۇغ ئايەمنى.
يىلتىزىمنىڭ سۇ دىمەسلىكى ، ياخشىلىقتىن ئەمەس بىشارەت . مومىياغا ئايلانغان بوۋام ، چاڭ توزاندا قىلار ئىبادەت.
ئەسلىمىگە چۆككەن يۈرەككە ، سالام بەرسەڭ كېتىدۇ چۆچۈپ. تارىخ دىگەن قۇمغا يېزىلسا ، ئەسىر توشماي قالىدۇ ئۆچۈپ.
تاشلىمىدىم كىچىكلىكىمنى ، سېغىنغاندا شاپاق غاجايمەن . ئاسمىنىمنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن ، سەبىي تىلدا يۇلتۇز سانايمەن.
قاۋىمايمەن قېرىندىشىمغا ، خۇراپاتقا ئوت كەتسۇن ئەمدى . چۈشلىرىمدە كۆرىمەن قۇياش ، ئامەتلىرىم كەلگەندۇ ئەمدى ؟
ساق چىشىمنى قۇرۇت يىمىسۇن ، چاققىنىمنىڭ تەمىنى شوراي . ناخشا ئېيتىپ كەلگەن يىلاننىڭ ، قامچا بىلەن ئالدىنى توراي.
خاتىرجەملىك ئىچىدە بۇۋام ، مۇقام چېلىپ بەرسۇن مومامغا . ئۆتمۈشلەرنى قالاپ زەھەرلەي ، شەپەرەڭلەر كەلسە مورامغا.
ئايىقىمنى كىيىپ چىڭڭىدە ، ئىگەيمىكىن يەرنىڭ بېلىنى . بوغازمىكىن ئەتىگە ۋاقىت، يوغىناپتۇ تۇرمۇش يېلىنى.
قاراڭغۇنى ۋاراقلاپ باقسام ، چالا ئىكەن بەش ۋاق تاپشۇرۇق . داستان يازغان شائىر بازاردا ، ئاچ قورساقكەن ، يانچۇقى قۇرۇق.....
ئا. مۇھەممەت باغۋەن شېئىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-27 23:53
|