ئەل ئۇغلىغا ئەل ئالقىش
(پۇتبول سۆيەر ئەزمەت ئابدۇلغەنى تۇرسۇننىڭ شەنىگە بېغىشلاپ)
ئەل ئوغلىغا ئەل ئالقىش
ئى.ئى. ئىبنۇرى
<<ئەرنىڭ غېمى ئەلدە>>دەپ بوۋىلارمۇ ئەن سالغان،
قىل يۆتكىسەڭ ئەل ئۈچۈن تارىخ بۇنى تونىغان.
يۈرسەڭ نەپنىڭ كويىدا شەيتان كەبى گۇگۇمدا،
ئەخلەت،چاۋا-تاشلاندۇق مىسال كەبى توزىغان.
بارچە ئەلنى سۆيدۈرەر يېگىت قىلغان ئېسىل ئىش،
مۇنار تىكلەش ئىشىدا لازىم ئىكەن پىششىق خىش.
بولسا شۇنداق ئوغلانلار ئىكەن لازىم قەۋىمگە،
باھار بولۇپ تۇيۇلار ئۇندا جۇدۇن،سوغ ھەم قىش.
تالايلىغان ئەر زاتى ئۆتتى ئەلنىڭ كۆزىدە،
نامى-نىشان قالمىدى باسقان ھەر-بىر ئىزىدە.
ئەلگە يۆلەك دائىما زەپەردەست ئەزمەت،
تەنھا چۆلدە يۈرسىمۇ ئەل سۆيىدۇ قەلبىدە.
دىلغا-دىللار بولسا مەلھەم يايراپ كېتەر تۈمەن جان،
قەۋىم گۈللەپ،تاپسا روناق شاتلىنىدۇ بەگ ھەم خان.
سايرام كۆكسى زۇمرەت سۇ، يېشىللىقتا يىگانە _
شۇ چىملىقتا تەپسە توپ ئەۋلات يۈرەر خەندانە.
ئۇنۇتمايدۇ ئەل-ئاۋام جەسۇر يېگىت-قىزىنى،
پۇشمىنىڭدا ئېگىپ بەل،پۈكمە بىر جۇپ تىزىڭنى.
زەر ئالتۇندا باغلايدۇ بۇ ئەۋلاتلار رېشتىڭنى،
خاڭداپ قاتتىق چىڭدايدۇ تېگى نەملىك ئۇلۇڭنى.
بەدەل تۆلەپ تولدۇرار نېسى قالغان قەرزىڭنى،
نۆۋەت كەلسە ئۆلۈمدىن گۈلگە پۈركەر قەۋرەڭنى.
كۆتەر باشتا ئاھ ! خەلقىم زەپەر قۇچقان غېنىنى،
ياشاپ كەتكىن قېرىنداش ئەجىر بوشقا كەتمەيدۇ،
ئەۋلات ھەر _ بىر تىنىقنى تارىخ قىلىپ يازىدۇ،
ھەركەت قىلغان زۇمرەت سۇ سېسىمايدۇ-قۇرمايدۇ،
توپنى تەپكەم شۇ پۇتلار ئىزنى يەرگە ئويىدۇ،
چاۋاك چالغان جۇپ قولدىن گۈلدۈرماما ياڭرايدۇ!
قىلسۇن دۇئا پاكلىقتىن قۇرئان تۇتقان دا موللام،
گۇۋاھ بولغاچ شەنىڭگە ئايەم كۈندە ئەل-ئاۋام،
گۈلدۈرلىگەن ئالقىشتىن سۈزۈلگۈسى كۆك ئاسمان،
غەلبەسېرى ئىلگىرلە تىل تەگمىسۇن! سۆز تامام.
ئەل ئۈچۈن تەۋرەتتىم خالىس بۇ قەلەم،
خەيرىلىك بۇ ئىشتا چەكمەيمەن ئەلەم.
مەنبە؛ھېكمەتلىرىم.
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-09-29 12:35قايتا تەھرىرلىدى ]